«قۇتادغۇ بىلىك»تىن قالغان ئىسىملار
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىن كېيىن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتىگە ئىسىم قويغاندا پايدىنىلىنىدىغان يەنە بىر يادىكارلىق «قۇتادغۇ بىلىك» تۇر. 11-ئەسىردە مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ئەسەر 13 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق بېيىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئىشلىتىلگەن سۆز 60 مىڭغا ئەتراپىدا. بۇ كىتاپتىن چوڭلارغا ئۈچۈن كېرەكلىك نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى، ئەقلىيەلەرنى ۋە تەمسىللەرنى تاپقاندىن باشقا پەرزەنتىمىز ئۈچۈن گۈزەل ئىسىملارنىمۇ تاپالايمىز.
بالىلارغا تارىختىن قالغان يادىكارلىقلاردا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملارنى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى تارىخى ئەسەلەرگە، تارىخقا، ئەجداتلارغا، ئۆڭمەس قىممەت قاراشلارغا باغلىيالايمىز. پەرزەنتلەرنى «قۇتادغۇ بىلىك»كە ئوخشاش يادىكار ئەسەرلەردىن قالغان ئىسىملار بىلەن ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارنى مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە سادىقلاشتۇرالايمىز.
«قۇتادغۇ بىلىك» بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنقى پارلاق قاراخانلار دۆلىتى زامانىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقىنى، ئۇيغۇر تەپەككۇرىنىڭ يەتكەن پەللىسىنى، ئۇيغۇرلار موھىتتىن، جەمئىيەتتىن، باشقا خەقلەردىن ئېرىشكەن مەلۇماتلارنىڭ يىغىندىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولغاچقا، بالىمىزغا قويۇشنى خالايدىغان ھەر قانداق مەنىلىك سۆزلەر، ئۈلگىلىك خاراكتېرلار ۋە ئوبرازلىق سىموۋۇللار تېپىلىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلار يېزىق ۋە ئەدەبىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان تارىختا بەرپا قىلغان چۈشەنچە، قازانغان تەجرىبە، ئېرىشكەن بىلىم، ھېس قىلغان قەدرىيەتلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان خەزىنە بولغاچقا بىز تاللىساق تاللىساق تۈگىمەيدىغان ئىسىملارنىمۇ ئۆزىگە يوشۇرغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ئەينەكتەك ئەكسلەنگەن بولغاچقا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ زوقىغا ماس ئىسىملارنىڭ چىقىدىغانلىقى مۇقەرەر.
«قۇتادغۇ بىلىك»تە چىقىدىغان كۈنتۇغدى، ئايتولدى، ئۇدغۇرمىش، ئۆگدۈلمىش تۆت ئاساسلىق ئوبرازنىڭ ئىسمىلا پەرزەنتلەر ئۈچۈن قويۇشقا بولۇدىغان ئەتىۋارلىق ئىسىملاردۇر. بۇ ئىسىملارنى كۈنتۇغ، ئايتول، ئۇدغۇر، ئۆگدۈل شەكلىدە قويۇشقىمۇ، كۈنتۇغان، ئايتولۇن، ئۇدۇن ۋە ئۆگۈن شەكلىدە قىسقارتىپ قويۇشقىمۇ بولۇدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىك» تە يۇقارقى تۆت پېرسۇناج ئىسمىدىن باشقا قۇمارۇ، كۈسەمىش، يۇمۇشچى دېگەن ئىسىملارمۇ بار. قۇمارۇ ئۇ ئۇدغۇرمىشنىڭ خىزمەتچىسى، بۈگۈنكى مەناسى ۋەسىيەت، مىراس، يادىكار. كۈسەمىش، كۈتۈلگەن، ئارزۇلانغان، سېغىنىلغان دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈدۇ. ئەسەردە ئۇ ئايتولدى ۋەزىرگە ياردەم قىلىپ پادىشاھ ۋە ھاجىپ بىلەن كۆرۈشۈشىگە ياردەمدە بولۇدۇ. يۇمۇشچى، خىزمەتچى، ئەلچى، خەۋەرچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەسەردە تۆت ئوبراز ئارىسىدا خەۋەر يەتكۈزگۈچى.
«قۇتادغۇ بىلىك»تە يەنە 32 قۇش ۋە 395 ھايۋاننىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قىلىپ قوللۇنۇلغانلىقى مەلۇم. بۈگۈنمۇ بۇلارنى پەرزەنتلەرگە ئىسىم قىلىپ قويۇش مۇمكىن. مەزكۇر ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ۋە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىسىملاردىن، ئارسلان، چاغرى، تۇغرۇل، بارس، قاپلان، بۇلبۇل قاتارلىقلار بار.
«قۇتادغۇ بىلىك»تە بالىلارغا قويۇشقا ماس كېلىدىغان سۆزلەر
- بىلگەر، بۇ كىتاپتا بىلگە ئەر شەكلىدە كەلگەن، مەناسى بىلىملىك ئىنسان
- سىلىگ، مەناسى مۇلاي
- ئامۇل، يۇمشاق خۇيلۇق، تەمكىن، مۇلايىم
- كۈر، جەسۇر، باتۇر، كىتاپتا كۈرەر شەكلىدە كەلگەن، مەناسى باتۇر ئەر
- تۈزۈن، توغرا، دۇرۇس، پاكىز، چىرايلىق
- تۆزۈن، ئېسىل، تۈزۈك، سىپتا
- ئىلك، ھۆكۈمدار، ئىلكەر ھۆكۈمدار ئەر
- بۇغرا، خانلارنىڭ ئۇنۋانى
- تاۋغاچ، ئۇلۇغ، كاتتا
- تۈكەل، مۇكەممەل، تولۇق
- يالۋاچ، ئەلچى، سۆزچى، خەۋەر يەتكۈزگۈچى، پەيغەمبەر، مۇھەممەت يالۋاچ
- سەۋىنچ، خۇشاللىق
- ئاۋۇنچ، شاتلىق، ھاياجان
- تونا، پىلنى يېڭەلەيدىغان بىر خىل ھايۋان
- ئالپەر، باتۇر ئەر، قەھرىمان
- ئالپەرەن قەھرىمانلار، باتۇرلار
- تېكىن، شاھزادە
- تارىم، خان جەمەتىگە مەنسۇپ ئاياللار
- تىلماچ بىلەن تىلمان بىر مەنىدە، تەرجىمەن دېگەن سۆز
- ياشىق، قۇياش، كۈن
- باقىر، مىس، مىستەك شەيئىلەر
- كۈرۈد، بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى، ئەرەپچىسى مەرخ
- ئوڭاي، يۇپتىر
- سەكەنتىر ئەرەپچە ئىسمى زۇھال
- سەۋىت، بىر يۇلتۇز، ئۇنىڭ ئەرەپچە ئىسمى زۆھرە يۇلتۇزى
- يالچىق، ئاي
- ئادغىر بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى
- ئەرەنتىر، بىر بۇرۇچنىڭ ئىسمى
- ئۈلكەر، بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى، ئۈكەرمۇ دېيىلىدۇ
- چىگىل، ئۇيغۇر قەبىلە ئىسمى
- ياغما، ئۇيغۇر قەبىلە ئىسمى
- بايات، تەڭرى مەنىسىدە
- ساۋچى، ئەلچى، پەيغەمبەر
- ئۇغان، تەڭرى، ياراتقۇچى
- لاچىن
- شۇڭقار
- ساندۇۋاچ ھازىرقى ئىسمى بۇلبۇل
- تۇتى
- سۇمۇرۇغ
- ئەنقا
- ئاققۇ
- تۇرنا
- ئارقۇن، ئاتنىڭ تۈرى
- ئارغۇماق، ئاتنىڭ بىر تۈرى
- بۇلاق، كىتاپتا ئاتنىڭ بىر تۈرى
- كۆچۈت ئاتنىڭ بىر تۈرى
- تاي
- توسۇن
- كەيىك
- ياغان، پىل
- ئاسرى، پارس، قاپلان
- ئەربۈز قاپلاننىڭ يەنە بىر تۈرى
- قورداي، قودايمۇ دېيىلىدۇ، قۇش تۈرى
- بىلىك
- ئۇقۇش
- ئەدگۈ
- ئۆزگۈ
- سەزگۈ
- ئۆۋگۈ
- كۆنى، كۆنەر، ئادالەتلىك ئەر
- ئاشرۇ، ئالدىن كۆرەر
- ئاقىل، مەرت، سېخى
- قىلىنچ، ئەدەپ، ئەخلاق
- ئەردەم، پەزىلەت
- تۇيغۇ
- ئاقچۇرا بىر قۇش تۈرى
- ئاراي، سوغۇققان
- ئالان، ھالرەڭ
- ئالتان، ئالتۇن
- ئارچىن، ئارتۇچ دەرىخى
- قورۇن، قورمال، ئورمان
- قايران، قۇدرەتلىك
- يوسۇن، قائىدە، سۈلكەت
- ئەكىن، زىرائەت، ئۆسۈملۈك
- ئەسىن، شامال
- مايا، خىيال، ئۇرۇق، چۈش
- ئەلچى، ئەلچىن، خەۋەرچى
- ئەردەن، قىممەتلىك تاش
- ئەركە، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك
- ئىرگەن، بارلىق
- مارال، بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى
- ئاۋۇن، خۇشال بول، ھاياجانلان
- بالبان، قۇشنىڭ بالىسى
- ياسۇتاي، قۇدرەتلىك
- ئاۋشار، بىر قەبىلە ئىسمى
- بايقار، بىر قۇشنىڭ ئىسمى
- چاۋۇش، بىر ھەربى ئۇنۋان، ئىناۋەتلىك
- دوغان، بىر قۇشنىڭ ئىسمى
- ئىدىل، دەريا
- ئىرغاي بىر دەرەخنىڭ ئىسمى
- تورغاي بىر قۇش ئىسمى
- ئۈنچە، مەرۋايىت، مارجان
- سەدەن، بىر دەرەخ
- چىنار، بىر دەرەخ ئىسمى
- كۆلمەن، كۆلچەك
- تالۇ باي، كەڭرى، تولۇق
- ئۇران، بەلگە، تۇتېىم
- بەرەن، باي، ئۈنۈملۈك
- ئوردۇ، ئوردا، ئەسكەر
- قارشى، قەلئە
- مەنگۈ، تەقدىر، ئەبەدى
- ئىلكە، بېكە، بۇلار ئىلك ۋە بەگ سۆزىنىڭ ئەكىلەتمە شەكلى
- ئەرىن، لەۋ، كالپۇك
- ئىسەن، سالامەت، ساغلام
- ئىمىل، بىر دەريانىڭ ئىسمى

