Skip to content

لاگېر قۇربانلىرى ئارخىۋى تۇرغۇزۇشقا ئاۋاز قوشۇڭ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدە جازا لاگىرى قۇرۇپ، مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىچى زۇلمەت بىلەن تولغان ئۆلۈم لاگېرلىرىغا سولىماقتا.
بەزىلەرنى بۇ ئۆلۈم لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرغان بولسا، بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا كەيپى سوت ئېچىپ قاماق جازاسى بەرمەكتە ۋە ئۇلارنى ئىچكى خىتايغا يۆتكەپ كېتىپ ئىز – دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىپ بارىدۇ.
بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئۆلۈم لاگېرلىرىدىكى زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەي بۇ دۇنيادىن بىمەھەل خوشلاشماقتا.
يېقىن تارىخىمىزدا بۇ خىل ئېغىر پاجىئەلەرنى ئىككى قېتىم باشتىن ئۆتكۈزدۇق. گەرچە غۇلجا قىرغىنچىلىقى بولۇپ ئۆتكىنىگە بۇ يىل 22 يىل، ئۈرۈمچى قېرغىنچىلىقى بولغانلىقىغا 10 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ قىرغىنچىلىقتا ئايرىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارخىۋى ئەتراپلىق، تەشكىلىي ھالدا تۇرغۇزۇپ چىقىلمىدى.
يېزىلمىغان تارىخ ئەپسانىگە ئايلىنىدۇ، ئەپسانە ئۇنتۇلۇشقا مەھكۇمدۇر.
بۇ سەۋەپتىن تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۈگۈن بىز شاھىت بولىۋاتقان قىرغىنچىلىققا گۇۋاھ بولغان، غايىپ بولغان ۋە بىمەھەل بىزدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارخىۋىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولماقتا.
ئۇيغۇريار فوندىمىز بۇ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق فوندىغا ئىلتىماس قىلغانىدى. ئىلتىماسىمىز مەزكۇر فوند تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ بەلگلىك ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى.
بىر مەزگىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتى ئىستانبۇلدا باشلاندى. خەلقئارا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەتلەر، مەتبۇئاتلار ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بۇ سەۋەپتىن تۇتقۇنلار، غايىپلار، ھۆكۈم ئېلان قىلغانلارنىڭ ئارخىۋىنى تۇرغۇزۇش زۆرۈر. قېرىنداشلارنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىقىنى، يېقىندىن ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى، قېرىنداشلىرى ۋە مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇريار فوندى دائىمىي ھەيىئىتى
ۋاتساپ نۇمۇرى:00905525568419
ئېلخەت ئادرىسى: [email protected]

ئىستانبۇل سىرتىدىكىلەر تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىپ، تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، جەدۋەلنىڭ رەسىمىنى بىزگە ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

چۈشۈرۈڭ: گۇۋاھلىق جەدۋىلى

 

3 thoughts on “لاگېر قۇربانلىرى ئارخىۋى تۇرغۇزۇشقا ئاۋاز قوشۇڭ”

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ،ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ۋەتەنداشلىرىم مېنىڭ بۇيەرگە يېزىپ ئولتۇرشىمدىكى مەقستىم ئۆزەم ۋە ئائىلەم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى دوس بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن ، گۈل لالە ئىسملىك بىر قىز بار ئىدى ،يۇرتى غۇلجىدىن ، 2017ئاپىسنىڭ (كەلگەن ، قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق )دىگەن سۆزى بىلەن ئىستانبول ئاتا تۈرۈك ئايرودۇرۇمىدىن كەتكەن ئىدى ،مانا ھازىرغىچە يۇرتقا بېرىپ ئۈندىداردا گەپ قىلمەن دەپ ھازىرغىچە گەپ سۆزى يوق ،قىزنىڭ رەسمى بار قولۇمدا ، خالمۇراتقىمۇ دىگەن ئىدىم ، ئەمما ھازىرغىچە جاۋابى كەلمىدى . يەنە كورلا شەھەرلىك خېجىڭ ناھىيىسدىن دىلشات ۋە سانىيە ئاپاش ئىككسى مانا ھازىر غىچە ئىزدىرەكسىز ،خەۋەرىنى ئالالمىدۇق . ھازىرچە ئىنكاسىم مۇشۇنچىلىك ،كۆپ رەھمەت سىلەرگە ، ھۆرمەت بىلەن لەيلا

Comments are closed.