يىپيېڭى ئۇيغۇرچە جۈپ ئىسىملار
قىز ۋە ئوغۇللارغا ئۇيغۇرچە جۈپ ئىسىملار
ئۇيغۇرلاردا ئىسىمنى ماسلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئادەت بار. مەسىلەن، تۇنجى ئوغۇلنىڭ ئىسمى تاشقىن بولسا يەنە بىر ئوغۇلنىڭ ئاشقىن بولۇدۇ. ئىككى قىزى بولۇپ چوڭىغا سايرا ئىسمىنى قويسا كىچىكىگە يايرا دېگەن ئىسىمنى قويىدۇ. مۇشۇ ئادەتنى كۆزدە تۇتۇپ بىر قىسىم تاللانغان ئىسىملارنى نەزەرىڭلەرگە سۇندۇق.
ياغدۇ-يابغۇ، ياغدۇ كونا ئۇيغۇرچىدا نۇر، يورۇق، زىيا دېگەن مەنلەردە كېلىدۇ. بۇ قىزلارغا ماس كېلىدۇ. يابغۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىز باسار ئورنىدا كېلىدىغان ئەمەل نامى، قوشۇندا قوللانغاندا قۇماندان
ئەركە-بەركە، ئەركە دېگەن سۆزنىڭ مەناسى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا تونۇش، ئەمما بەركە ئۇنتۇلغان، بۇ سۆز بەرك دېگەن سۆزدن كەلگەن بولۇپ، مەزمۇت، غەيرەتلىك، پۇختا، مىقتا دېگەن مەنالارغا ئىگە.
تارخان-تۈركان، تارخان ئوردا ئەمەلدارى، تۈركان ئاياللارغا كۆپ قويۇلغان ئىسىم. 11-ئەسىردە ياشىغان ۋە باغداتتا ياشىغان تۈركان خانىش مەھمۇت قەشقەرىگە پاسىبان بولغان.
ئاغۇش-چاۋۇش-ئاغۇش قۇچاق، باغىر، چاۋۇش ئەسكەرى بىرلىكتە بىر قۇماندانلىق مەرتىۋەسى
ئالغۇن-سانغۇن، ئالغۇن كونا ئۇيغۇرچە باتۇر، قەھرىمان، دېگەن مەنىدە، سانغۇن گېنېرال، باش قۇماندان
سەنجەر-سەلكىن، سەنجەر تارىختا بىر باتۇر شاھنىڭ ئىسمى، سەلكىن مەيىن شامالنىڭ ئىسمى
تۇيغۇ-تۇيغۇن، تۇيغۇ قىزلارغا ماس كېلىدۇ، تۇيغۇنمۇ سەزگۈر دېگەن مەنىدە بولۇپ مەناسى رۇشەن.
تۇمار-خۇمار، تۇمارنى ئوغۇللارغا، خۇمارنى قىزلارغا قويۇشقا بولۇدۇ، جۈپلەپ قويۇشقا ماس.
ئارچىن-ئارغۇن، ئارغۇن تارىختا بۈگۈنكى سۈرىيەنى بويسۇندۇرغان بىر ئۇيغۇر قۇمانداننىڭ ئىسمى، ئارچىن نومۇسچان، ئۇياتلىق دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان ئىسىم، قىزلارغا ماس كېلىشى مۇمكىن
ئۇيسال-قۇتسال، ئۇيسال دېگەن ئۇيغۇن، ماس دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ، قۇتسال دېگەن مەنادا
ئۆزەت-ئۆزگۈ، ئۆزەت ئۇيغۇرچە روھ، جان، نەپىس دېگەن سۆز؛ ئۆزگۈ بولسا ئۆزىگە خاس، ئالاھىدە.
ئۈنچە-ئۈنال، ئۈنچە سۆزىنىڭ مەناسى ئېنىق، ئۈنال نام يايماق، داڭقىنى چىقارماق مەناسىدا
بەركىن-بەرچىن. بەركىن دېگەن بۇ سۆز بەرك دېگەن سۆزدن كەلگەن بولۇپ، مەزمۇت، غەيرەتلىك، پۇختا، مىقتا دېگەن مەنالارغا ئىگە. بەرچىن شەكلىمۇ ئوخشاش
ئىزگۈ-ئىزدەر-ئىزگۈ نەپىس، ئالىپتە، گۈزەل دېگەن سۆز، قىزلارغا ماس كېلىدۇ، ئىزدەر، ئوغۇللارغا ماسراق، مەناسى ئىزدەنگۈچى.
مارال-ئۇرال، مارال كېيىكنىڭ چىشىسى، قىزلارغا بەكرەك ماس نازاكەتنى بىلدۈرىدۇ. ئۇرال ئوغۇللارغا ماس جاسارەتنى بىلدۈرىدۇ.
بۇيان-ئۇران، بۇيان بەخىت مەناسىدا، قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز، ئۇرانمۇ جەڭلەردە ئىشلتىلىدىغان مەخپى بەلگە، پارول، كود مەناسىدا
ئىرەن-ئەرەن، ئىرەن ياغىچى ياراملىق، چىرايلىق ئۆسىدىغان بىر دەرەخ، ئەرەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە باتۇر.
ئاۋرال-قۇمال، ئاۋرال غۇلجادىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى، قۇمال قەشقەردىكى بىر تاغ ئىسمى
ئانار-ئاۋار، ئانار قىزلارغا ماس ئىسىم، ئاۋار بىر تۈرك قەبىلە ئىسمى، ئوغۇللارغا ماس
چىنار-ئاچار، چىنار قىزلارغا ماس كەلسە، ئاچار ئوغۇللارغا خاس، مەنىسى پەتىھ قىلغۇچى، ئازاتچى
ئۇلۇغ-سۇلۇغ، ئۇلۇغ ئوغۇللارغا ماس ئىسىم، سۇلۇغ چىرايلىق دېگەن مەنىدە، قەشقەردىكى يەر نامى
بايقال-ئەرقال، بايقال ئۇيغۇرلار ياشىغان سىبىرىيەدىكى بىر كۆل، ئەرقال ئەركەكلىك تەكىتلەنگەن سۈپەت
ئۆزەن-تۆزەن، ئۆزەندە ئۆزۈڭگە قايت دېگەن كەسكىنلىك، تۆزەندە يىلتىزىڭغا قايت دېگەن تەكلىپ بار
ئالغا-تامغا، ئالغا سۆزىدە بىر نىشان بار، تامغا سۆزىدە بىر مىزان بار
ئەرگەن-مەرگەن، ئەرگەن يېتىشكەن، پىشقان، تولغان دېگەن مەنىدە، مەرگەن ئوقچى
تىرەن-مىرەن، تىرەن چوڭقۇر، تىنىق دېگەن سۆز، ئۇيغۇرچە مىرەن بىر دەريانىڭ ئىسمى
كۈرشات-گۈرشات كۈرشات تاڭ خانلىقىنى يەڭگەن بىر قەھرىمان، گۈرشات كۈچلۈك باشلامچى
گۈلشات-نۇرشات، بىر جۈپ ئوغۇل قىزى بولۇشنى ئارزۇلىغانلارغا بۇ ئىسىممۇ تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئەلكىن-سەلكىن، ئەلكىن سەپەر قىلغۇچى، كەزگۈچى دېگەن سۆز، سەلكىن مەيىن شامال
بىلىك-ئىلىك، بىلىك بىلىم دېگەن سۆز، ئىلىك تۇنجى، ئەلنىڭ ئىگىسى
ئۈلكە-ئىلكە ئۈلكە غايە، مەنزىل مەناسىدا، ئىلكە مىزان، ئۆلچەم، پىرىنسىپ
ئەركىن-بەركىن، ئىككىلا ئىسىم كۈچ، قۇدرەت، قۇۋەت مەناسىدا، بەرك سۆزى ھازىرقى بەك، بەگ سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى.
ئىرەم-ئەردەم، ئىرەم ئىلاج، داۋا، شىپا مەناسىدا؛ ئەردەم پەزىلەت، ئىززەت
ئىجىل-سىجىل؛ بۇ ئىككىلا سۆز گۈزەل مەنىدە، پەرزەنتكە ئىزچىللىق ۋە ئىناقلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ
ئىمىل-ئىدىل، ئىمىل شىمالىمىزدىكى بىر ئانا دەريانىڭ ئىسمى، ئىدىل ۋولگا دەرياسىنىڭ ئۇيغۇرچەسى
ئەندەر-ئەنبەر، ئەندەر ئاز ئۇچرايدىغان دېگەن مەنادا، ئەنبەر ئىپارنىڭ بىر خىلى
ئىپار-مىڭار، مەھمۇد قەشقەرى مىڭارنى بۇلاق دېگەن، مىڭار تەلەپپۇزغا ئېغىر تۇيۇلسا مىنار دېيىلسە
سەچكىن-تەمكىن، سەچكىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە تاللانغان دېگەن سۆز، تەمكىننىڭ مەناسى ئېنىق
ساغۇن-ئاغۇن، ساغۇن قەدىمدە دوختۇر دېگەن مەنادا، ئاغۇن، ئاتەش مەناسىدا ئەر ئىسمى
تالاس-ماناس، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجداتلار ياشىغان جايلارنىڭ ئىسمى.
يامار-يابارقا، مەھمۇد قەشقەرىگە كۆرە يابارقا ياپۇنىيەنى كۆرسىتىدۇ. يامار دىۋاندىكى بىر دەريانىڭ ئىسمى
تىگىن-تىمەن، تىگىن تېكىن دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، مەناسى شاھزادە، تىمەن ساغلام
تەركەن-تارىم، بۇ ئىككى سۆز قاراخانلار خانلىقى زامانىدا ئاياللارغا بېرىلگەن ئۇنۋان
يۇلا-تۇنا، يۇلا مەشئەل دېگەن سۆز، تۇنا باتۇر، تۇڭا دەپمۇ ئېيتىلىدۇ
قىلىچ-قالاچ، قالاچ، قىلىچ قەدىمكى ئەر ئىسمى، قالاچ بىر تۈرك قەبىلەسىنىڭ ئىسمى
چىگىل-ئىزگىل؛ بۇ ئىككى سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلە ئىسمى
يارپۇز-ياپراق؛ يارپۇز مەھمۇد قەشقەرىگە كۆرە مېزىلىك پۇرايدىغان بىر ئۆسۈملۈك، بۈگۈنكى يالپۇز،
ئارتۇچ-ئاردىچ قارىغاينىڭ بىر تۈرى، مەھمۇت قەشقەرىگە كۆرە مۇقەددەس دەرەخ
چۈنۈك-سۈنۈك، ھەيۋەتلىك ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ، چىنار بولۇشى مۇمكىن
تۇغرۇل-توغراق، تۇغرۇل بۈركۈتكە ئوخشايدىغان بىر يىرىتقۇچ قۇش، توغراقنىڭ مەناسى ئېنىق
قارلىغاچ-ساندۇۋاچ؛ ساندۇۋاچ بۈگۈنكى بۇلبۇل سۆزىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچەسى
ئۇرۇمداي-بۇغداي، ئۇرۇمداي زەھەرلەنگەن كىشىنى قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل شىپالىق تاش
تۇرۇمتاي-ئەرتاي، تۇرۇمتاي دۈشمەن ئوردىسىدا تۇرىدىغان شاھزادە، ئەرتاي ئوغۇل ئىسمى
ئۆزكەن-ئۆتۈكەن، ئۇيغۇرلار ياشىغان قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ئىسمى
ئۆگۈز-ئەگۈز، قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ئۆگۈز دەريا دېگەن مەنىدە، ئەگۈز باھاردا كەلگەن تۇنجى سۇ
ئىلى-ئىرتىش؛ بۇ شىمالىمىزدىكى ئىككى دەريا،
ئىلبەر-ئىلتەبىر، قەدىمكى ئۇيغۇرچە كىشى ئىسمى. ئەلنى كۈچلەندۈرگۈچى
ئالپ-ئايا؛ مەھمۇد قەشقەرىگە كۆرە ئالىپ باتۇر مەناسىدا، ئايا ئەڭ ياخشى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ
ئىنال-ئىنانچ، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئەمەل نامى، دىۋاندا ئىنانچ بەگ شەكلىدە كەلگەن
ساۋاش-سۈنگۈ، ئۇرۇش، كۈرەش مەناسىدا
بەكتۇر-ئەرتۇر؛ بەكتۇر دىۋاندا تىلغا ئېلىنغان ئىسىم بولۇپ، ئىسىمدا ساغلام، ساق تۇرۇش ئارزۇلانغان
تىگىت-يىگىت؛ تىگىت تېكىن بىلەن ئوخشاش، شاھزادە مەناسىدا يىگىت ئەسكەر، باتۇر مەناسىدا
ئەرلەن-بەگلەن، مەھمۇد كاشغەرىگە كۆرە بەگلەن، بەگدەك بول دېگەن مەنادا ئىشلىتىلگەن
بۈكە-بۇدراچ، دىۋاندا تىلغا ئېلىنغان كىشى ئىسمى

