Skip to content

توققۇزىنچى باب «قورققانغا قوش كۆرۈنەر»

The Gift
ھەدىيە
ئېدىس ئېگىر (Edith Eger)
توققۇزىنچى باب «قورققانغا قوش كۆرۈنەر»
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life
Edith Eger
Chapter 9 ARE YOU EVOLVING OR REVOLVING?

توققۇزىنچى باب «قورققانغا قوش كۆرۈنەر»

ۋەھىمە تۈرمىسى

ئالىي مەكتەپكە قايتىپ پىسخولوگىيەدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىشنى قارار قىلغىنىمدا، ئېلپاسودىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرس ئۆتۈۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىل بولغان، «يىللىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىپمۇ باققانىدىم. ماگىستىرلىق ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ بىر كۈنى كلىنىلىكىلىق يېتەكچىم ماڭا: «ئېدىي، سىز چوقۇم دوكتۇر بولۇشىڭىز كېرەك» دېگەنىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەنىدىم ۋە: «دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغۇچە 50 ياشقا كىرىپ كېتىمەن» دېگەنىدىم.

«دوكتۇرلۇقتا ئوقۇمىسىڭىزمۇ 50 ياشقا ھامىنى كىرىسىز» دېگەنىدى ئۇ ماڭا جاۋابەن.

بۇ مەن شۇ ۋاقىتقىچە باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئەڭ دانا سۆز بولغانىدى.

قەدىرلىكىم، سىز نېمىلا قىلماڭ يەنىلا 30 ياشقا، 60 ياشقا ۋە ھەتتا 90 ياشقا كىرىسىز، شۇڭا ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلىپ باققىنىڭىزنىڭ ھېچ يامىنى يوق. سىز ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلارغا تۇتۇش قىلىپ بېقىڭ. ئۆزگىرىش بولمىغۇچە ئۆسۈپ يېتىلىشمۇ بولمايدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن كونا سەنەمگە دەسسەشنىڭ ئورنىغا يېڭىلىقلارنى سىناپ بېقىشىڭىز كېرەك.

كىچىك چېغىمدا لاتىنچە ئۆگەنگەنىدىم، شۇنداقلا لاتىنچىدىكى «بىز ۋاقىت بىلەن تەڭ ئۆزگىرىمىز» دېگەن جۈملىنى ياقتۇراتتىم. بىز ئۆتمۈشتە – بىر ئىزىمىزدا قالالمايمىز، ئەكسىچە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاۋاتىمىز، نېمىگە چىڭ ئېسىلىش، نېمىدىن ۋاز كېچىش ۋە نېمىگە ئېرىشىش ئەركىنلىكى يەنىلا ئۆزىمىزدە.

*   *   *

گىلورىيە ھەمىشە ئېغىر روھىي بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇ تۆت يېشىدا ئائىلىسى بىلەن سالۋادۇردىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى ئاپىسىغا ئىزچىل زوراۋانلىق قىلىدىغان بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەنىدى. گىلورىيە 13 يېشىدا سالۋادۇردىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يوقلىغىلى بارغاندا، پوپ تاغىسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. تاغىسى روژدېتسىۋا ھارپىسىدا ئۇنىڭ ئىپپىتى بىلەن قوشۇپ ئېتىقادىنى، شۇنداقلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى نابۇت قىلىدۇ. گىلورىيە بۇ ئىشنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتقان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. باسقۇنچى  تاغىسى بولسا پوپلىقىنى قىلىپ نورمال ھاياتىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ

_ مەن ئاشۇ ئازاب ۋە يارىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتىمەن. ھەممە نەرسىگە قورقۇنچ بىلەن نەزەر سالىمەن. ئۆتمۈشۈم تۈپەيلى يولدىشىم ۋە بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن. ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما قانداق ئۆزگەرتىشنى، قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن،_ دەيدۇ گىلورىيە.

گىلورىيە دەسلەپتە جەمئىيەت خىزمىتى ساھەسىدە دىپلوم  ئېلىشنى ھاياتىنىڭ مەناسىنى تېپىشقا ۋە ئۆتمۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشقا پايدىلىق، دەپ ئويلايدۇ، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاش ئۇنى ئۈمىدسىزلىك ۋە چارىسىزلىق پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر تىقىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ دېپلوم ئېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. گىلورىيە مەغلۇبىيەتكە، شۇنىڭدەك بالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قىينىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈشىگە ئۆچ ئىدى. ئۇ ھازىر ئۆتمۈشنىڭ ئازابى بىلەن بىرگە بالىلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش زىيان زەخمەتكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدۇ.

_ مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن، لېكىن ئۇلارنى مەڭگۈ قوغدىيالمايمەن، ئۇلارنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ياشىشىنى، قورقۇنچلىرىمنىڭ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى خالىمايمەن،_  دەيدۇ ئۇ.

لېكىن قىزىنى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئاپىرىپ قويۇشتەك ئاددى ئىشمۇ گىلورىيەنى ئەنسىز قىلاتتى.

قىزىمغا بىر ئىش بولۇپ قالارمۇ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدە خەتەرگە يولۇققانمىدۇ؟ دېگەندەك دەككە – دۈككە ئىچىدە كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقىمەن،_ دەيدۇ ئۇ يەنە.

بىخەتەرلىك ۋە ئادالەتنى ئىزدەشتىن مەڭگۈ توختاپ قالماسلىقىمىز لازىم. ئۆزىمىزنى، سۆيگەنلىرىمىزنى، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى شۇنداقلا ئۆزىمىزگە ئوخشاش باشقا ئىنسانلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قوغدىشىمىز كېرەك. ۋەھىمىنىڭ كۆلەڭگىسىدە ياشاش ياشىماسلىق ئەركىنلىكى ھامان يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولىدۇ.

ۋەھىمە «ئەگەر مۇنداق بولۇپ قالسىچۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش قۇتراتقۇچى سۆزلەر، ئويلار بىلەن بىزگە توختاۋسىز پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇرىدۇ. ساراسىمىگە چۈشكەندە،  ئاللىبۇرۇن ساقىيىپ بولغان جاراھەتلىرىڭىز ئېچىلىپ سىزنى قايتىدىن يۈتۈۋەتمەكچى بولغاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۆز قولىڭىز بىلەن ۋەھىمىڭىزنى پەپىلەپ تۇرۇپ: «قورقۇنچۇم، مېنى قوغدىماقچى بولغانلىقىڭغا رەھمەت، لېكىن ئۆتمۈش كەلمەسكە كەتتى، بۇ دېگەن ھازىر» دەڭ. بۇ گەپنى نەچچە رەت قايتىلاڭ. ئۆز قوللىرىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى قۇچاقلاڭ ۋە «سەن نېمدېگەن قالتىس، مەن سىېنى سۆيىمەن» دەڭ.

ئەتراپىڭىزدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيسىز. بىراۋنىڭ ھاقارىتى، ئۇشتۇمتۇت ئېتىلغان مۇشت، ۋاپا قىلىنمىغان ۋەدە، خىيانەت، بومبا ھەتتا ئۇرۇش… قانداق زىيانلارغا ئۇچرايدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. سىزگە «ئەتىدىن باشلاپ بۇ دۇنيا رەھىمسىزلىك، زوراۋانلىق، يەكنەزەرلىك، باسقۇنچىلىق، پەسكەشلىك ۋە ئېرقى قىرغىنچىلىقلاردىن خالىي بىر جايغا ئايلىنىدۇ» دېيەلىشىمنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ئىنتايىن خەتەرلىك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەھىمە بىزگە سەپەرداش. سىزنىڭ بېخەتەرلىكىڭىزگە ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

لېكىن ۋەھىمە بىلەن مۇھەببەت تەڭ مەۋجۇد بولالمايدۇ. ۋەھىمىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلىۋالمىسىمۇ بولىدۇ.

ۋەھىمىلىرىڭىزنى قويۇپ بېرىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ.

*   *   *

بىز زىيانكەشلىك ياكى خىيانەتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولساق،  قايتا ئازابقا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلماسلىق ئاسانغا چۈشمەيدۇ.

قورقۇنۇچىمىزنىڭ ئەڭ ئامراق سۆزلىرى «ساڭا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم. ساڭا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىڭنى ئېيتقان ئىدىم. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك دېمىگەنمىدىم. ئىشلار ياخشى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىمغۇ»… دېگەنلەردىن ئىبارەت.

بىز پەرىزىمىزنىڭ توغرا چىقماسلىقىنى ياقتۇرمايمىز.

بىز ۋەھىمىگە ئۆگىنىپ قالىمىز، ئۇنى بىزنى قوغدايدۇ دەپ ئويلايمىز. لېكىن نەتىجىدە قورقۇنۇچ ئۆز ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر دەۋرىيلىككە ئايلىنىدۇ. ئازاب ئوقۇبەتتىن قوغدىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزىڭىزنى قانداق سۆيۈش ۋە ئەپۇ قىلىشنى بىلىشتۇر. ئۆزىڭىزگە بېخەتەر ئىچكى دۇنيا يارىتىڭ. تۇرمۇشتا ساقلانغىلى بولمايدىغان خاتالىق، ئازاب ئوقۇبەتلەر ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ، جازالىماڭ.

يولدىشى سىرتقا قاراپ قالغاندىن كېيىن كەسىلىن بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا، ئۇ دەل مۇشۇ نۇقتا ئۈستىدە ئىچكى توقۇنۇشقا پېتىپ قالغان ئىكەن.

كەسىلىن 12 يىللىق تۇرمۇشىدىن ئىزچىل مەمنۇن بولۇپ، يولدىشى قاملاشقان ۋە ئىقتىدارلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق توختاپ كىچىك ئوغلىنى بېقىۋاتقان مەزگىلدە، تۇيۇقسىز بىر تېلېفۇن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. تېلېفۇن قىلغۇچى كەسىلىن تونۇمايدىغان، شەھۋانى سودا قىلىدىغان بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە كەسىلىننىڭ يولدىشى قول ئاستىدىكى بىر ئايال بىلەن ناتوغرا مۇناسىۋەتتە ئىكەن. ئەگەر كەسىلىن ئۇ كىشنىڭ دېگەن پۇلىنى بەرمىسە، يولدىشىنىڭ سەتچىلىكىنى ئاشكارلاش ئارقىلىق كەلگۈسىنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھتىت سالىدۇ. بۇ كەسىلىن ئۈچۈن يىرگىنىچلىك، قاباھەتتەك رېئاللىق ئىدى. ئۇ يولدىشىدىن بۇلارنى سورىغاندا، يولدىشى قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

كەسىلىن بۇ ئىشتىن ناھايىتى چۆچۈپ كېتىدۇ. بەدىنىگە تىتىرەك ئولۇشۇپ تاماقمۇ يېگۈسى كەلمەيدۇ. دۇنيا ئۇنىڭغا ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ. كەسلىن تېزلا ھوشيار ھالەتكە ئۆتۈپ، يولدىشىنىڭ قىلمىشىنى توغرا چۈشۈنۈش ئۈچۈن يىپ ئۇچى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋە نىكاھ مەسلىھەتچىسىنىىڭ ياردىمى بىلەن يولدىشىنىڭ خىيانىتى ئۇلارنى تۇرمۇشى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىدىغان، ئارىدىكى يېقىنچىلىقنى ئەسلىگە قايتۇرىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىملىشىپ يولدىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەستايىدىل ۋە رومانتىك تەسىر بېرىشكە باشلايدۇ. تۇرمۇش ئۇلارغا قايتىدىن ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ. ئۇلار روژدېتسىۋا ھارپىسىدە ئۆيىدە چوڭ زىياپەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا يولدىشى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن كەسىلىننى ئويغىتىپ، ئۇنى لامپۇچكىلار ۋە ئەتتىرگۈللەر بىلەن بېزەلگەن پەلەمپەيگە يېتىلەپ كېلىدۇ. ئۇلار پەلەمپەيدە بىر بىرىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلىشىدۇ. تۇرمۇشتىكى شېرىن تۇيغۇ ۋە ئىشەنچ قايتا ئويغىنىدۇ.

ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي يولدىشى ياش بىر خىزمەتدىشى بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولۇشقا باشلايدۇ. كەسىلىن بۇنى نەچچە ئاي ئۆتكەندە يولدىشىنىڭ ئاشنىسىغا يازغان شېرىن شېكەر خېتىدىن بايقاپ قالىدۇ.

يولدىشى قايتا تالاغا قاراپ ئىككى يىل ئۆتكەندە كەسىلىن مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى. كەسىلىن نىكاھ مەسلىھەتچىسىدىن ياردەم سوراپ، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، يولدىشى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشقا بەل باغلىغان ئىكەن. كەسلەن ماڭا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. يولدىشى قەلىب ئىشىكىنى ئېچىپ، كەسىلىننى قۇچاغلاپ، سۆيۈپ يېقىنچىلىق قىلىدىغان، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدىغان، خىزمەتتە تۇرۇپمۇ كەسىلىنگە تېلېفۇن قىلىپ ئەھۋال سورايدىغان بولىدۇ. يولدىشى ئۆزىنىڭ ناشايان ئىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆز مەپتۇنلىقىدىن ھەممىگە ئېرىشىش ئىستىكىنى باسالمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

لېكىن كەسىلىن يەنىلا ۋەھىمىنىڭ تۈرمىسىدىن ئازات بولالمايدۇ.

«مەن ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببەتلىك، ئىنچىكە ئەرگە ئېرىشتىم. لېكىن مەن بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىدىم، ئۇنىڭغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن. كۈن بويى كاللامغا ھەرخىل خىياللار كېلىۋالىدۇ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ يەنە قانداقتۇر بىر ئىشنىڭ چىقىشىدىن، يولدىشىمنىڭ يەنە تالاغا قاراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. بۇنداق قىلسام ھاياتىمنى ئىسراپ قىلىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭغا قايتا ئىشىنىشىم كېرەكلىكىنىمۇ بىلىمەن. دىققىتىمنى ھازىرنىڭ ئۆزىگە بېرىشكە تىرىشىۋاتىمەن. لېكىن ۋەھىمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتىمەن. يولدىشىمنى دائىم كۈزىتىپ دىققەت قىلىپ تۇرۇشتىن ئۆزۈمنى توختىتالمايۋاتىمەن» دېدى كەسىلىن.

بىز گۇمان ئىچىدە ياشىغىنىمىزدا قورقۇنچىمىزنى باسىدىغان ياكى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى ئەتراپىمىزدىن ئىزدەيمىز. لېكىن سىرتتىن ھەرقانداق نەرسىنى ئىزدەشتىن بۇرۇن ئىچكى دۇنيارىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز كېرەك.

« سىزنىڭ گۇمانلىنىۋاتقىنىڭىز يولدىشىڭىز ئەمەس، بەلكىم ئۆزىڭىز. بىردەمدىلا تۆت قېتىم <مەن قىلالمايمەن>دېگىنىڭىزگە دىققەت قىلدىم» دېدىم كەسىلىنگە.

ئۇنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى.

«سىز ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك ئىشەنمەيۋاتىسىز. شۇڭا بىز دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىڭىزگە بولغان گۇماننى ھەل قىلايلى».

ۋەھىمە تۈرمىسى ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە كۈچلىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدىغان كاتالىزاتورغا ئايلىنالايدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تىلىمىز ئەڭ كۈچلۈك قورالىمىز بولالايدۇ.

«ئالدى بىلەن <قىلالمايمەن، ئېتەلمەيمەن> دېگەن گەپتىن باشلايلى. بۇ قېپقىزىل يالغان گەپ. قىلالمايمەن، ئېتەلمەيمەن دېگەنلىك مەن ئامالسىز، چارىسىز دېگەنلىكتۇر. سىز بىر بوۋاق بولمىسىڭىزلا ئامالسىز، چارىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالمايسىز» دېدىم كەسىلىنگە.

«قىلالمايمەن» دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە «قىلمايمەن» دېگەنگە باراۋەر. مەن رېئاللىقنى قوبۇل قىلمايمەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ۋەھىمىنىڭ تۈرمىسىدىن ئازات بولمايمەن. يولدىشىمنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشتىن توختىمايمەن. قورقۇنچۇمىزنى قارشىلىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرىمىز. لېكىن قارشىلىق داۋاملاشسا، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشنى ئىنكار قىلىمىز. ئۆزگۈرۈشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز.

مەن كەسىلىندىن «قىلالمايمەن» سۆزىنى ئەمدى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدىم.

ئەگەر سىز بىر ئادىتىڭىزدىن ۋاز كەچمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر ئادەتنى يېتىلدۈرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كوكتېل ھارىقىنى تاشلىماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئىچىملىك ئىچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز ئالدىنقى بابتىكى روبېندەك ھەمراھىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىشتىن توختىماقچى بولسىڭىز، دائىم سىرتقا چىقىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا ئۆيدە تۇرۇشنى، ھەمراھىڭىزغا مېھىرلىك بېقىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز بولىدۇ.

مەن كەسىلىنگە «ھەرقېتىم <قىلالمايمەن> دېمەكچى بولغىنىڭىزدا ئۇنىڭ ئورنىغا <قىلالايمەن> سۆزىنى ئىشلىتىڭ» دېدىم. مەن ئۆتمۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالايمەن. مەن ھازىردا ياشىيالايمەن. ئۆزۈمنى سۆيىمەن ھەم ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن دەڭ.

مەن يەنە كەسىلىن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان، ۋەھىمىدىن كېلىپ چىققان «تىرىشىۋاتىمەن، قىلىشىم كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئەسكەرتتىم.

«سىز ماڭا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاشقا تىرىشىۋاتىمەن دېدىڭىز. لېكىن تىرىشىۋاتىمەن دېگەن يالغان گەپ. سىز بىر ئىشنى قىلىسىز ياكى قىلمايسىز. تىرىشىۋاتىمەن دېگەندە ئۇ ئىشنى قىلمىساممۇ بولىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىسىز. سىز بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە كەينىگە چېكىنىدىغان ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ قويىۋاتىسىز. ئەمدى ئۇنداق يالغان سۆزلەردىن ۋاز كېچىدىغان، نىشانلىرىڭىزنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى» دېدىم كەسىلىنگە.

نۇرغۇنىمىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن بۇرۇن «مۇنداق قىلىشىم كېرەك» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىمىز. بۇ ئاڭلىماققا نىشان ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. كەسىلىن تۇرمۇشىدىكى ئاخىرى چىقماس ۋەھىمە ۋە ھوشيارلىقىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ-يۇ، «يولدىشىمغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشىم كېرەك» دەيدۇ.

«ئەمما بۇمۇ بىر يالغانچىلىق. بىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان نەپەسلىنىش، ئۇخلاش، يېيىش بولمىسا ياشىيالمايمىز» دېدىم كەسىلىنغا.

ھاجەتسىز نەرسىلەرگە «مەن ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق» دېيىشنى توختىتىش ئارقىلىق زىممىمىزدىن يۈكنى يېنىكلىتىپ ئۆزىمىزگە بېسىم قىلىشنى توختىتالايمىز. تاللاشنى مەجبۇرىيەت دەپ تونۇشتىن ساقلىنىشمىز كېرەك.

«سىزنىڭ يولدىشڭىزغا ئىشىنىشكە ئېھتىياجىڭىز يوق، بەلكى شۇنداق ئىستىكىڭىز بار. ئادەم تىلىگىنىنى تاپىدۇ» دېدىم يەنە كەسىلىنغا.

بىز مەلۇم ئىشقا زورلانغان، ئۆزىمىزنى مەجبۇرىيىتىمىز بار ياكى ئامال – چارىسىز دېگىنىمىزدە ھەقىقەت راست شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز، ۋە شۇنىڭغا لايىق ھەرىكەتتە بولىمىز. نەتىجىدە ۋەھىمىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ «مۇنداق قىلىشىم كېرەك»، «مۇنداق قىلغۇم بار ئىدى، لېكىن قىلالمايمەن» دېگەن سۆزلەر ئېغزىمىزدىن چۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ۋەھىمىنىڭ تۈرمىسىدىن ئازات بولۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. «قىلالمايمەن، تىرىشىۋاتىمەن، قىلىشىم كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى جىق ئىشلىتەمسىز يوق زەن سېلىپ بېقىڭ. ئەگەر شۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئىشلەتسىڭىز ئۇلارنىڭ ئورنىنى «قىلالايمەن، مەن شۇنداق قىلىشنى تاللىدىم، مەن رازى» دېگەن سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇڭ. بۇلار بىزنى ئۆزگىرىشكە يېتەكلەيدىغان سۆزلەردۇر.

كەسىلىن يولدىشىنىڭ قايتا تالاغا قاراپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئاجراشقان تەغدىردىمۇ كەلگۈسى ھەمراھىنى ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلمايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ. ئەمما  كەسىلىن ۋەھىمىنىڭ تۈرمىسىدىن ئازات بولىدىغان ئاچقۇچقا ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان ئىدى.

*   *   *

سىزنىڭچە ئارزۇ – نىشانىڭىز بىلەن ئالغان قەدەملىرىڭىزنىڭ بىردەك بولماسلىقىغا كىم سەۋەبچى؟ بىر بېمارىم يېتەرلىك ئۇخلىيالىسىلا خىزمەتتە ئۈزۇپ چىقالايدىغانلىقىنى، ئۆيدىكىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىيالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ – يۇ، كۈنىگە بەش ئىستاكان قەھۋە ئىچىدۇ. يەنە بىر بېمارىم مۇقىم بىر رومانتىك مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ – يۇ، ھەمىشە شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرىدۇ. بۇ بېمارلىرىمنىڭ مۇددىئاسى بىلەن قىلىۋاتقان تاللاشلىرى ئۆزئارا زىت. مەقسەت مۇددىئاغا يېتىش ئۈچۈن ئوي – پىكىرلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىش-ھەرىكەتمۇ بولىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە مۇددىئايىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغان ئۈنۈمسىز ئىشلاردىن قول ئۈزۈشنىمۇ بىلىشىمىز لازىم.

ئۆزگىرىشكە قارشىلىق قىلىش ئۆزىمىزگە قاتتىق قول بولىشىمىزدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بىر بېمارىم ئورۇقلىغۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ – يۇ، مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە ۋاقىتنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆزىنى ئەيىبلەشكە زايە قىلىۋېتىدۇ. ئۇ ماڭا «مەن ماروژنى ۋە تورتنى بولۇشىغا يەۋاتىمەن» دەيدۇ. لېكىن بىز ئۆزىمىزنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن ۋاقتىمىزدا ھەرگىزمۇ ئۆزگىرەلمەيمىز. ئورۇقلىيالمىدىم دەپ ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىگەننىڭ ئورنىغا «بۈگۈن قەھۋەرىمگە شېكەر سالمايمەن» دېسىڭىز ئۆزگىرىشكە قاراپ بىر قەدەم ئالغان بولىسىز. ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆگىنىش ۋە ئەسلىگە كېلىش مانا مۇشۇنداق ئۆز خاھىشىڭىز بىلەن ئالغان كىچىك قەدەملەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

قارىماققا ناھايىتى ئەرزىمەس كىچىك ئۆزگىرىشلەرمۇ بەزىدە چوڭ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. يىللارچە ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان مېشىل دائىم دونات پىرەنىكى يىيىشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. مېشىل دوناتتىن بىرنى يەپ قالسىلا بىر كاروپكىنىڭ ھەممىنى يەۋېتىشىدىن، بىر چىشلەم يېسە شۇ ئەسنادا سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ  ھوزۇرلىنىشقا پۇرسەت يارىتىلسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقاتتى.

لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كونا ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىسا تۈرمىگە كىرگەندىن پەرىقسىز ھالەتتە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىر كۈنى سەھەر مېشىل بىر پىشىرۇق دۇكىنغا بارىدۇ. ھەتتا ئىشىكتىن كىرگەندە چېلىنغان قوڭغۇراق ئاۋازى ۋە دۇكان ئىچىدىكى مەززىلىك پۇراقمۇ ئۇنىڭدىن سوغ تەر چىقىرۋېتىدۇ. مېشىل ئىككى پارچە دونات پېچىنىسى سېتىۋېلىپ داۋالاش ئورنىغا بارىدۇ. بېخەتەر موھىتتا داۋالىغۇچىنىڭ تەجىربىسى ۋە تەسەللىيسى بىلەن مېشىل ۋەھىمىسىگە، يەنى تاشقى قىياپىتى ۋە ئۆز قىممىتىگە بولغان ئەندىشىسىگە يۈزلىنىدۇ. داۋالىغۇچى بىلەن ئىككىسى بىرلىكتە دونات يەيدۇ. مېشىل شېكەرنىڭ تىلىدا ئېرىگەنلىكىنى، يۇمشاش پىرەنىكنىڭ تاتلىق تەمىنى ھېس قىلىدۇ. شېكەر ئۇنىڭ قېنىغا ئېقىپ كىرگەندە، ۋەھىمىنىڭ ئورنىنى ھاياجان ئېگەللەيدۇ.

*   *   *

بىزدە تۇغما ۋەھىمە بولمايدۇ. بىز ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا قورقۇشنى ئەتراپىمىزدىن ئۆگىنىمىز.

مەن ئاۋدۇرى 10 ياشقا تولغان شۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئۇ كۈنى ئاۋدۇرى بىر دوستى بىلەن ھۇجرىسىدا ئويناۋاتاتتى. مەن كىر – قاتلارنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ھۇجرىسى ئالدىدىن ئۆتۈشۈمگە، ئۈنلۈك سېگىنال بەرگەن قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز ھازىرغىچە مېنى بىسەرەمجان قىلىدۇ. شۇ ئەسنادا ئاۋدۇرىنىڭ يۈگىرەپ بېرىپ كارۋىتىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىشى مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى. دوستىمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن گاڭگىراپ قالغان ئىدى. قىزىم مېنىڭ كۈچلۈك گۈدۈك ئاۋازلىرىدىن چۆچۈپ مۆكۈنگىنىمنى كۆرگەچكە قورقۇشنى مەندىن ئۆگەنگەندەك قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ ۋەھىمەمنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ئىدى.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىزگە سىڭىپ كەتكەن ھېسسىي ئىنكاسلار ئۆزىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئۆگەنگەن ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇللىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ۋەھىمە ئالدىدا «بۇ مېنىڭ ۋەھىمەممۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ؟» دەپ سوراپ بېقىڭ. ئەگەر ۋەھىمە ئاتا – ئانىڭىز ياكى بوۋا – مومىڭىزنىڭ بولسا سىزنىڭ ئۇنى داۋاملاشتۇرشىڭىز ھاجەتسىز.

ئەمدى ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە تەۋە ۋەھىمىلىرىڭىزنى تىزىملاپ چىقىڭ.

مانا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ۋەھىمىلىرىڭىزگە توغرا يۈزلىنەلەيسىز. ۋەھىمىگە قارشىلىق قىلىش ياكى ئۇنىڭىدىن قېچىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.

كەسپىي ناخشىچى بولغان بېمارىم ئەلىسىن بىلەن ۋەھىمە مەشىقى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئاجىراشقاندىن كېيىن روھىي ۋە جىسمانىي ئازابلاردىن قۇتۇلالمايۋاتاتتى. بۇلار ئۇنىڭ ئويۇن قويىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى. ئەلىسىننىڭ ۋەھىمە تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە ئىدى:

يالغۇز قېلىش

كىرىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى

نامراتلىق ۋە ئۆي ماكانسىز قېلىش

ئاغرىپ قېلىش ۋە شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغان بىرىنىڭ بولماسلىقى

باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماسلىق

مەن ئەلىسىنگە بۇ ۋەھىمە تىزىملىكىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، قانچىسىنىڭ رېئال ۋەھىمە ئىكەنلىكىنى ئايرىشنى، رېئال بولمىغانلىرىنى ئۆچۈرۋېتىشنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئەسەر ھەققى ۋە ئىجارىگە بېرىش ھەققى قوشۇلۇپ خېلى يىغىپ قويغان پۇلى بار ئىدى. ئۇنىڭ يېقىنقى ئويۇن قويۇش پىلانلىرى ئەمەلدىن قالغان تەغدىردىمۇ ئۆي ماكانسىز قالمايتتى. شۇڭا ئەلىسىن «نامرات ۋە ئۆي ماكانسىز قېلىش» دېگەن ۋەھىمىنى ئۆچۈرۋەتتى. ئۇ يەنە «باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماسلىق» دېگەن تۈرنىمۇ ئۆچۈرۋەتتى. ئەلىسىننىڭ تۇرمۇشىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ناخشىچى ۋە قەدىردان دوست ئىكەنلىكى راست. تېخىمۇ مۇھىمى باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش قىلىنماسلىق ئۆزىنىڭ كونتروللىقىدىكى ئىش ئەمەسلىكىنى ئۇ تونۇپ يەتكەن ئىدى.ئۇ ئۆزىنى سۆيۈشنى ئۆگەندى، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا كەلسەك ئۇ باشقىلارنىڭ ئىشى ھېسابلىناتتى.

ئاخىرىدا يالغۇز قېلىش، كىرىمى ئۈزۈلۈش ۋە ئاغرىپ قالغاندا ياردەمسىز قېلىشدىن ئىبارەت ئۈچ ۋەھىمە تىزىملىكتە قالدى.

مەن ئەمدى ئەلىسىندىن بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىنى قوغداش ۋە ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشلار تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدىم. ئەگەر ئۇ يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرەپ مۇھەببەتلىشىشكە ئىنتىلسە يېڭى كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشقا تەشەببۇسكار بولسا بولىدۇ. ئاغرىپ قالغاندا ياردەمسىز قېلىشتىن ئەنسىرىسە ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان سەھىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالدىن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. بىز ۋەھىمىلەرنى بىردىنلا  يوق قىلىۋېتەلمەيمىز. ۋەھىمىلەرنىڭ بىزنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلىۋېلىشىغا يول قويمىساقلا شۇ كۇپايە.

*   *   *

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىر جايدا قاپسىلىپ قېلىشىمىز قانداق قىلىشنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى قىلالماسلىقىمىزدىن ئەنسىرگەنلىكىمىز تۈپەيلىدىن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى تەنقىدلەشكە، يۇقىرى تەلەپ قويۇشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرىمىز. ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئىنتىلىمىز، ۋە خاسىيەتلىك ئادەم بولۇش بىزنى شۇ مۇددىئاغا يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايمىز. لېكىن سىز مۇكەممەللىك تەرەپتارى بولسىڭىز توختىماي ئىشلارنى ۋاقتىدا ئورۇندىماي ئارقىغا سوزىسىز، چۈنكى سىز مەڭگۈ مۇكەممەل بولالمايسىز.

بۇنى بىز يەنە بىر نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ باقايلى. ئەگەر سىز ئىشلارنى كەينىگە سوزىۋاتقان بولسىڭىز تەڭرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن سىز خاتالىقتىن مۇستەسنا بولالمايدىغان ئاددى ئىنسان. تەڭرىنى مەغلۇپ قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، چۈنكى تەڭرى ھەرزامان بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىدۇ.

مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش بىزدىن ھېچقاچان جاسارەت تەلەپ قىلمايدۇ، جاسارەت تەلەپ قىلىدىغىنى ئوتتورھال بولۇش. يەنى «مەن ھازىرقى ھالىتىمدىن مىننەتدار، مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك» دېيىشكە جۈرئەت قىلىش.

*   *   *

بەزىدە بىزنىڭ ۋەھىمىم ىز ئازابلىق ھەقىقەت بولىشى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا قۇربىمىز يەتمەسلىكى مۇمكىن.

40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، 2 نارسىدىنىڭ ئاپىسى لاۋرېن ھازىر دەل مۇشۇ ھالەتتە بولۇپ، ئۇ يېقىندا راك كېلىسى بىلەن دىئاگنوز قويۇلغان ئىدى. كېسەللىك ئۇنىڭ تۈرمىسىگە ئايلانغان بولۇپ، لاۋرېن كەلگۈسىدىن، ئۆلۈمدىن، بالىلىرىنىڭ ئانىسىز چوڭ بولىشىدىن قورقاتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا نېمىدىن ئەڭ قورقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ياشاپ باقمايلا ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇۋاتاتتى. لاۋرېىن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان تۇرمۇشقا قاپسىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ بالىلىرىنى قوغداپ، يولدىشىنىڭ زومىگەرلىكىدىن قۇتۇلۇشنى خالايتتى. لېكىن بۇ ھازىرقى ئەھۋالدا مۇمكىن بولمايتتى. چۈنكى كېسىەللىك ئۇنى جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپ ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ئىش بولىۋاتاتتى. يولدىشىدىن ھازىر ئايرىلىپ كېتىشنىڭ بەدىلى تولىمۇ ئېغىر ئىدى.

لاۋرېن ئىككىمىز بېسىم بىلەن ئازاب ئارىسىدا پەرق مەۋجۇد ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى مۇنازىرە قىلدۇق.ئازاب بولسا ئۈزلۈكسىز، توختاۋسىز تەھدىت ۋە ئېنىقسىزلىق. بۇ خۇددى ئاۋسىۋېتىس لاگىرىدا يۇيۇنغىنىمىزدا مونچا تۇربىسىدىن زەھەرلىك گاز ياكى سۇ چىقىشىنى بىلمىگەنلىك ھېسياتىغا ئوخشايدۇ. ئازاب زەھەرلىك بولىدۇ. بۇ خۇددى قاچان ئۆگزىڭىزگە بومبا تاشلىنىش ۋەياكى ئۆي ماكانسىز قېلىشڭىزنى بىلمىگەن روھىي ھالەتكە ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بېسىمنى يامان نەرسە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ بىزدىن رىقابەتكە توغرا يۈزلىنىپ، ئىجادى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىشنى، ئۆزىمىزگە ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئادەتكە ئايلانغان، ئۈزلۈكسىز خورلۇقتىن قۇتۇلۇش ئاسانغا توختىمايدۇ، نۇرغۇن ئاياللار ھەققىي ئازاتلىققا چىقىشتىن بۇرۇن قايتا قايتا خورلانغۇچى ھالىتىگە قايتىپ كېتىدۇ. بۇ لاۋرېن ئۈچۈنمۇ چوڭ باش قېتىنچىلىقى بولغان ئىدى. ئۇ يولدىشىدىن ئايرىلىپ كەتسە ئازغىنە مۇئاشى بىلەن بالىلىرىنى بېقىش، يالغۇز ئانا بولۇش، ئائىلىنى باشقۇرۇش ۋە داۋالىنىش قاتارلىق مۈشكۈلاتلارغا دۇچار كېلەتتى. لېكىن ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ كۈندە زوراۋانلىق تەھدىتى ئاستىدا ياشىمايتتى. زوراۋانلىق ئېلىپ كەلگەن ئازابتىن قۇتۇلاتتى.

بىراق يولدىشىدىن ئايرىلىش ئۇنى پەرەز قىلالايدىغان رېئاللىقتىن ئېنىقسىز بىر رېئاللىققا باشلايتتى. ئېنىقسىز كەلگۈسى كۆپىنچىمىزنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن توسۇپ قالىدۇ. بىز ئېنىقسىز كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىن كۆرە ئۆزىمىز بىلىدىغان ئازاب ۋە ھالسىزلىقنى تاللاشنى ئەۋزەل كۆرىمىز.

تەۋەككۈل قىلغاندا سىزنى قانداق نەتىجىنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىز. نەتىجىدە ئارزۇلىغىنىڭىزغا ئېرىشەلمەسلىكىڭىز، ھەتتا ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلاپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ يەنىلا سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى تەۋەككۈلچىلىكنىڭ تۈرتكىسىدە ۋەھىمە ئويدۇرۇپ چىققان مەۋھۇم تەسەۋۇردا ئەمەس، ھەقىقىي رېئال تۇرمۇشتا ياشاشقا مۇيەسسەر بولىسىز.

لاۋرېن ئاخىرى ئېرىدىن ئايرىلىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ، ئۇ «يەنە قانچىلىك ئۆمرۈمنىڭ قالغىنىنى بىلمەيمەن. شۇ قالغان ئۆمرۈمنى بولسىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن <ئەرزىمەس> ئاتىلىدىغان تۇرمۇشقا ئىسراپ قىلغۇم يوق» دېدى.

بىمارلىرىمنىڭ ئۆزىنى نابۇت قىلىش قاينىمىغا چۆكىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولغىنىمدا، ئۇلاردىن «نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىشنى تاللايسىز؟ ئۆلۈشنى ئىستەمسىز» دەپ سورايمەن.

ئۇلار «بەزىدە شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئۆلۈممۇ كۆرۈممۇ؟ بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن جاۋاب بېرىش تەس بولغان بىر سوئال.

مەن سىزنىڭ دائىم ھايات قېلىشنى تاللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ھېچكىم ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.نېمە ئۈچۈن كەلگۈسىگە، ھاياتنىڭ سىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ كۆرمەيسىز؟

تۇرمۇشتا قىزىقىش ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ تەۋەككۈل قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. ۋەھىمە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئۆتمۈش ياكى تېخى كەلمىگەن كەلگۈسىدە ياشىۋالغىنىمىز سەۋەبىدىن بولىدۇ. بىزدە قىزىقىش بولغاندا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشايمىز، كېيىنكى قەدىمىمىزدە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغىنىنى بىلىشكە ئالدىرايمىز. خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆسۈپ يېتىلىش ھەتتا مەغلۇپ بولۇش، مەڭگۈ كەلگۈسىدە نېمە يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ۋەھىمىگە قاپسىلىپ قېلىشتىن مىڭ ئەۋزەلدۇر.

سىزنى ۋەھىمىدىن ئازات قىلىدىغان ئاچقۇچلار:

  • مەن قىلالايمەن. مەن رازى. بىر كۈنىڭىزدە قانچە قېتىم «قىلالمايمەن، قىلىشىم كېرەك، تىرىشىۋاتىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزغا زەن سېلىپ بېقىڭ. «قىلالمايمەن» دېيىش «قىلمايمەن» دېگەن بىلەن باراۋەر، «قىلىشىم كېرەك» دېگەنلىك تاللاش ئەركىنلىكىمىزدىن ۋاز كەچتۇق دېگەنلىكتۇر. «تىرىشىۋاتىمەن» دېمەك يالغانچىلىقتۇر. بۇ سۆزلەرنى لۇغىتىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ. بۇ سۆزلەرنىڭ ئورنىغا باشقا سۆزلەرنى ئىشلەتمىگۈچە ئۇلاردىن قۇتۇلالمايسىز. سىزنى ۋەھىمىگە يېتەكلەيدىغان شۇ سۆزلەرنىڭ ئورنىغا مەن قىلالايمەن، مەن ئېھتىياجلىق، مەن رازى، مەن شۇنداق قىلىشنى تاللايمەن دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ.
  • ئۆزگىرىش دېمەك ئۆسۈپ يېتىلىش دېمەكتۇر. بۈگۈن بىر ئىشىڭىزنى تۈنۈگۈنكىدىن پەرقىلىق قىلىڭ. كۈندە ئوخشاش بىر يول بىلەن ئىشقا ماشىنا ھەيدەپ بارسىڭىز، بۈگۈن باشقىچە بىر يول ۋە ياكى ۋېلسىپىت ياكى ئاپتوبۇستا ئىشقا بېرىپ كۆرۈڭ. ھەرقېتىم نەرسە كېرەك سېتىۋالغاندا پىركازچىكقا گەپ قىلىشقا ئېشىنالمىغان بولسىڭىز بۈگۈن ئۇنىڭ كۆزى قاراپ پاراڭلىشىپ بېقىڭ. ئائىلە كىشىلىرىڭىز دائىم ئالدىراشچىلىقتىن بىللە تاماق يېيەلمىسە، تېلېۋىزۇر ياكى تېلېفۇنغا قارىماي ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يەڭ. گەرچە بۇ كىچىك قەدەملەر ئەرزىمەس ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىچان قىلىپ چېنىقتۇرالايسىز، ھەرقانداق ئىشنىڭ قېلىپسىز ئىكەنلىكى، تاللاش ۋە مۇمكىنچىلىقلارنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيسىز.تۇرمۇشىڭىزغا قىزىقىشىڭىز تەشۋىشىڭىزنى ھاياجانغا ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئوخشاش بىر ئورۇندا، بىر خىل كىملىك ۋە ئىشقا قاپسىلىپ قېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. تۇرمۇشىڭىزغا ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى باشلاپ كىرىڭ.
  • ۋەھىمىلىرىڭىزنى ئىلغا قىلىڭ. ۋەھىمىلىرىڭىزنى تىزىملاپ چىقىڭ. ھەربىرىنى يازغاندا ئۆزىڭىزدىن «بۇ مېنىڭ ۋەھىمەممۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ؟» دەپ سوراڭ. ئەگەر ئۇ باشقىلاردىن سىزگە مىراس قالغان ۋەھىمە بولسا ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ. ۋە ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. ئۇ ئارتۇق يۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قالغان ۋەھىمىلىرىڭىزنىڭ قانچىسى ھەقىقىي يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلار، ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ. رېئال ۋەھىمە دەپ قارىغانلىرىڭىز سىزگە بېسىم ئېلىپ كەلدىمۇ ياكى سىزنى ئازابلاۋاتامدۇ؟ ئازاب ئاستا خارەكتېرلىق خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر سىز ئازاب ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىڭىز مۇمكىن قەدەر بېخەتەر ۋە ھايات قېلىش ئېھتىياجىڭىزغا ماسلىشىش. قۇربىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئۆزىڭىزنى قوغداش. ئەگەر ۋەھىمە سىزگە بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، بېسىمنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىڭ. بېسىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشڭىزغا پۇرسەت يارىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئاخىرىدا رېئال دەپ قارىغان ۋەھىمىلىرىڭىز ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە ئارزۇدىكىدەك تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشلار تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىڭ.

Chapter 9 ARE YOU EVOLVING OR REVOLVING?

The Prison of Paralyzing Fear

 I’d been teaching psychology at a high school in El Paso for a few years—and had even been awarded teacher of the year—when I decided to return to school for a master’s in educational psychology. One day my clinical supervisor came to me and said, “Edie, you’ve got to get a doctorate.”

I laughed. “By the time I get a doctorate I’ll be fifty,” I said. “You’ll be fifty anyway.”

Those are the smartest four words anyone ever said to me.

Honey, you’re going to be fifty anyway—or thirty or sixty or ninety. So you might as well take a risk. Do something you’ve never done before. Change is synonymous with growth. To grow, you’ve got to evolve instead of revolve.

In America, the slang term for a psychologist is shrink. But I like to call myself a stretch! To meet survivor to survivor, and guide you to release your self-limiting beliefs and embrace your potential.

I studied Latin as a girl, and I love the phrase Tempura mutantur, et nos mutamur in illis. Times are changing, and we are changing with the times. We aren’t stuck in the past, or stuck in our old patterns and behaviors. We’re here now, in the present, and it’s up to us what we hold on to, what we let go, and what we reach for.

*  *  *

Gloria is still carrying a heavy burden. She fled the civil war in El Salvador when she was four, grew up in an extremely violent household where her mother was repeatedly beaten by her father, and then, when she was thirteen and visiting family in El Salvador, was raped by her pastor uncle, the man who had christened her. He assaulted her on Christmas Eve, destroying her faith along with her sense of safety. No one believed her when she came forward about the assault, and the uncle who raped her is still a practicing pastor.

“I’m holding on to so much anguish and hurt,” she said. “Everything is covered in fear. I don’t want to lose my husband or children to the past. I need things to change, but I just don’t know how to change, or where to start.”

She thought that pursuing a degree in social work might help her find purpose in the present and unlock the hold of the past, but hearing her clients’ experiences of victimization only deepened her sense of despair and helplessness, and she abandoned the degree. She hated feeling defeated, hated that her children saw her struggling. Now, along with the frequent intrusions and feeling of panic from the past, she lives every day terrified that her children will be harmed the way she was.

“I do my best to make sure they’re safe,” she said. “But I won’t always be there to protect them. I don’t want them to live in fear. I don’t want to pass on the fear.”

But everyday events, like dropping her daughter off at camp, provoke enormous fear. “I’m up all night, thinking, ‘What’s going to happen to her? Is something happening to her right now?’”

We should never stop seeking safety and justice, doing everything in our power to protect ourselves, our loved ones, our neighbors, our fellow humans. But we have a choice how much of our lives we give over to fear.

Fear uses the most insistent, relentless, provocative words: what if, what if, what if? When fear comes like a panic storm, and your body shakes and your heart races and the trauma you already survived threatens to swallow you, take your own precious hand and say, “Thank you, fear, for wanting to protect me.” Then say, “That was then, this is now.” Say it over and over again. You already made it. Here you are. Wrap your arms around yourself and rub your own shoulders. “Attagirl,” you say. “Love you.”

You never know what’s coming from the outside. You can’t predict who might show up to cause harm—yell an insult, throw a punch, break a promise, betray your trust, drop a bomb, start a war. I wish I could tell you that tomorrow the world will be safe from cruelty and violence and prejudice, from rape and depravity and genocide. But that world may not ever come. We live in a world with danger, and so we live in a world with fear. Your safety isn’t guaranteed.

But fear and love don’t coexist. And fear doesn’t have to rule your life.

Releasing the fear starts with you.

*  *  *

When we’ve been hurt or betrayed, it isn’t easy to let go of the fear that we’ll be hurt again.

Fear’s favorite words are “I told you so.” I told you you’d regret it. I told you it was too risky. I told you it wouldn’t turn out well.

And we hate to disappoint our hunches.

We hold on to fear, thinking vigilance will protect us, but fear becomes a relentless cycle, a self-fulfilling prophecy. A better protection against suffering is to know how to love and forgive yourself, to be safe for yourself, to not punish yourself for the mistakes and hurt and pain that are inevitable parts of life.

This was Kathleen’s struggle when I spoke with her in the aftermath of her husband’s affair.

She’d been happily enjoying her twelfth year of marriage to a handsome, accomplished doctor, taking a pause in her career to focus on their young sons, when she got the phone call. A man she’d never heard of claimed to run an escort service and threatened to expose her husband’s affair with one of the escorts and ruin his career if she didn’t pay up. It was sordid and outlandish, the stuff of soap operas and nightmares. But when she confronted her husband, he said it was true. He’d engaged the services of an escort. The man who’d called Kathleen was her pimp.

Kathleen went into a state of shock. She shook uncontrollably, she couldn’t eat or sleep. Her world was upside down and inside out. How had she been so oblivious to the truth? She entered a state of perpetual vigilance, prodding her life for clues that would help her understand why her husband had cheated, and for evidence that he might be straying again.

But over time—and with lots of help from a marriage counselor—the infidelity became an opportunity for her and her husband to rediscover their marriage, to rekindle intimacy. As they regained stability, he surprised her by becoming more attentive and romantic. Their marriage felt more joyful. They hosted a giant Christmas party, their house full of light. On Valentine’s Day, her husband woke her before dawn and led her down the dark hall to the staircase bedecked in rose petals and twinkling tea lights. They sat in their robes together and cried. Sweetness and trust had returned to their relationship.

Little did she know he was weeks away from another destructive decision—the start of another affair with a young colleague—or that in a few months she would stumble on a passionate letter that he’d written to his lover.

Kathleen and I spoke two years after the devastating discovery that he’d betrayed her again. She chose to stay in the marriage, and once more they engaged in intensive couples therapy and rebuilt their relationship, from the ground up. She told me that in many ways their bond feels stronger than ever. Her husband is less walled off, less prone to edginess, more affectionate—he hugs and kisses and comforts her, checks in frequently, video calls her from work or dials out from his work phone so she knows he’s really where he says he is. He’s open about why he cheated again—“I was a powerful narcissist, trying to have it all,” he says—and speaks his heartfelt regret.

But Kathleen is still imprisoned by fear.

“I have the loving, attentive husband I’ve always wanted,” she said. “But I can’t accept it. I can’t believe it. I play the mind movies all day, reliving the past, waiting for the other shoe to drop, for him to cheat again. I know that I’m robbing myself of my own life. I know I need to learn to trust him again. I’m trying to stay in the present. But I can’t escape the fear. I can’t stop policing and monitoring him.”

When we’re living with a lot of doubt, we’re on the lookout for signs that will calm

—or confirm!—our fears. But whatever we’re looking for on the outside, we need to address within.

“Maybe it’s not your husband that you’re doubting,” I said. “Maybe it’s you. I heard you say four times, ‘I can’t.’”

Her bright eyes filled with tears.

“You’re not giving yourself enough credit. So let’s work on dissolving that self- doubt.”

The prison of fear can become a catalyst for growth and empowerment. To enact this transformation, language is one of our most powerful tools.

“Let’s start with that ‘I can’t,’” I told her. “First of all, it’s a lie. I can’t means I’m helpless. And unless you’re an infant, that simply isn’t true.”

When we say “I can’t,” what we’re really saying is “I won’t.” I won’t accept it. I won’t believe. I won’t escape the fear. I won’t stop policing and monitoring him. The language of fear is the language of resistance. And if we’re resisting, we’re working very hard to ensure that we go nowhere. We deny growth and curiosity. We’re revolving, not evolving, shutting down opportunities for change.

I asked Kathleen to eliminate I can’t from her vocabulary.

If you’re going to take away something, you’ll be more successful if you can replace it with something else. If you’re skipping a cocktail, replace it with another beverage you enjoy. If you want to stop withdrawing and hiding from a loved one, like Robin in an earlier chapter, replace the habit of leaving the room with staying, with regarding your partner with a smile and kind eyes.

I told Kathleen, “Anytime you start to say ‘I can’t,’ replace it with ‘I can.’” I can let go of the past. I can stay in the present. I can love and trust myself.

I pointed her to two more fear-based phrases she’d used back-to-back in the first minute of our conversation: I’m trying and I need to.

“You said you’re trying to live in the present,” I said. “But trying is lying. You’re either doing it or you’re not.” If you say, “I’m trying,” you don’t actually have to do it. You let yourself off the hook. “It’s time to stop trying and start doing.”

When we’re on the cusp of taking action, many of us use the phrase “I need to.” It sounds like we’re identifying goals and setting priorities. Kathleen wanted to change the relentless fear and vigilance in her marriage, and she said, “I know I need to learn to trust him again.”

“But that’s another lie,” I told her. “Needs are things without which we can’t survive. Breathing, sleeping, eating.”

We can stop burdening and pressuring ourselves, telling ourselves that something is necessary for our survival when it isn’t. And we can stop looking at our choices as obligations.

“You don’t need to trust your husband,” I said. “You want to. And if you want to, you can choose to.”

When we talk as though we’re forced or obligated or incapable, that’s how we’re going to think, which means that’s also how we’ll feel, and consequently, how we’ll behave. We become captives to fear: I need to do this, or else; I want to do that, but I can’t. To free yourself from the prison, pay attention to your language. Listen for the I can’t, the I’m trying, the I need to, and then see if you can replace these imprisoning phrases with something else: I can, I want, I’m willing, I choose. This is the language that empowers us to change.

Kathleen doesn’t have any guarantees that her husband won’t cheat again. If she leaves the marriage, she has no foolproof armor against being betrayed by someone else. But she has tools to free herself from paralysis.

*  *  *

Whose responsibility is it if your dreams and behaviors aren’t aligned? One patient said he felt he would be more on top of things at work and more patient with his family if he had better sleep habits—but he was still drinking five cups of coffee. Another patient longed for a stable, committed relationship, but she kept waking up in a different man’s bed. These patients’ goals and choices didn’t match. I’m all for positive thinking, but it goes nowhere unless it’s followed by positive action.

And we can stop working so hard to go nowhere.

One of the ways we resist change is by being hard on ourselves. A patient told me she wanted to lose weight, but when she came to see me she’d spend half the session berating herself. “I’m pigging out on ice cream,” she’d say. “I’m pigging out on chocolate cake.” The minute you put yourself down, you’re never going to change. But if you say, “Today I’m not going to put sugar in my cappuccino,” then you’re doing something about it. This is how growth and learning and healing happen—by what you do, little by little, on your own behalf.

Sometimes seemingly trivial changes can have a big impact. Michelle, who had struggled for years with anorexia, had always avoided doughnuts. She’d been afraid of them her whole life—afraid that if she ate one, she’d eat the whole box. Afraid that if she let herself indulge in even one small bite, she’d become fat in an instant. Afraid that she would lose control. Afraid that if she gave herself permission to experience pleasure, if she dared to let go, she’d fall apart.

But she knew that as long as she lived in fear of an old-fashioned glazed, she was still in prison. One morning she summoned her courage, walked into a bakery—even the jingly bell on the door and the smell of sugar made her sweat—and bought two doughnuts and brought them to her therapy session. In a supportive place, with the comfort of her therapist sharing the experience, Michelle let herself feel the fear, all those deep-seated anxieties about her self-image and self-worth, about losing control. And then she got curious about the experience. Together, she and her therapist took bites of doughnut. Michelle felt the crunch of the glazed icing on her tongue. The soft, cakey texture when she bit in. The rush of sugar flooding her body. She turned her anxiety into excitement!

*  *  *

We aren’t born with fear. Somewhere along the way, we learn it.

I’ll never forget the day when Audrey was ten. She had a friend over and they were playing in her room. Just as I walked past her open door with a basket of laundry, an ambulance screamed by, siren blaring, a sound that even now continues to startle me. I was amazed to see Audrey dive straight under her bed. Her friend stared at her, baffled by her reaction. Somehow, probably by seeing me jump at the sound of a siren, my daughter had learned to be afraid. She’d internalized my fear.

Often the emotional responses that get ingrained in us aren’t even our own— they’re ones we’ve learned from watching others. So you can ask yourself, “Is this my fear? Or someone else’s?” If the fear really belongs to your mother or father or grandparent or spouse, you don’t have to carry it anymore. Just put it down. Release your hold. Leave it behind.

Then make a list of the fears that remain.

This is how you begin to face your fears, rather than fighting them, or running from them, or medicating them.

I did this fear exercise with my patient Alison, the professional singer. She was struggling in the wake of a divorce, and dealing with some physical ailments—a vocal tremor, back pain—that hindered her ability to perform. Her list of fears included:

Being alone. Losing my income.

Being poor, possibly homeless.

Being sick and not having anyone there to help me. Not being accepted by others.

I asked her to go over her list and decide how realistic each fear was. If it was realistic—a valid concern given the facts of her life—she circled it and put an R next to it. If the fear was unrealistic, she crossed it off her list. She discovered that two of her fears weren’t realistic. With income from royalties and retirement savings, she had a safety net. Even if she lost income, which was likely given the tours she’d had to cancel, it wasn’t likely that she’d lose her house and end up on the streets. She crossed off being poor, possibly homeless. She also crossed off not being accepted by others. Events in her life showed a different truth—that she was an admired performer, a cherished friend. More important, she realized that whether or not she was accepted by someone else wasn’t up to her. She was learning to love herself. What others thought about her was up to them.

The three remaining fears got Rs: being alone, losing my income, and being sick and not having anyone there to help me.

I asked her to generate a list of things she could do today on her own behalf to protect herself and build the life she wanted. If she was afraid of being alone and wanted to be in a relationship again, she could sign up on a dating app, spend a day making eye contact with strangers (you never know who you’ll meet!), go to a Codependents Anonymous meeting so she could enter a new relationship in a healthier place than she’d been when she married her ex. To face her fear of being sick with no one to take care of her, she could research resources available should she be in need of care. What home health organizations were in the area? What did they cost? Were they covered by insurance? And so on. It’s not that we make our fears go away. We don’t let them dominate. We invite the other voices in the room to do some talking. And then we do something. We take charge. We ask for help.

*  *  *

Often when we’re stuck it’s not that we don’t know what to do. It’s that we’re afraid we won’t do it well enough. We’re self-critical. We hold high standards. We want others’ approval—most of all, our own—and think we can earn it by being Superman or Superwoman. But if you’re perfectionistic, you’re going to procrastinate, because perfect means never.

Here’s another way to think about it. If you’re perfectionistic, you’re competing with God. And you’re human. You’re going to make mistakes. Don’t try to beat God, because God will always win.

It doesn’t take courage to strive for perfection. It takes courage to be average. To say, “I’m okay with me.” To say, “Good enough is good enough.”

*  *  *

Sometimes our fears are painfully realistic, our resources for meeting them limited.

This was the case for Lauren, the mother of two young children who, in her early forties, was diagnosed with cancer. Her disease was its own prison. Her fears about the future—about dying, about her children growing up without her—became a second set of bars. One day she told me what scared her most of all—that she would die without having really lived. She was trapped in an emotionally and physically abusive marriage. She longed to protect her children and live free from her husband’s control and violence. But it seemed impossible to leave. Cancer had rendered her physically and financially vulnerable, compounding an already dangerous situation. To leave seemed too big a risk.

We explored the fact that there’s a difference between stress and distress. Distress is constant threat and uncertainty, like we had in Auschwitz—when we took a shower, we never knew what was going to come out of the spigot, water or gas. Distress is toxic. It can mean never knowing when a bomb will drop on your house, never knowing where you will sleep each night. Stress, on the other hand, is actually a good thing. It requires us to face a challenge, to find creative solutions, to trust ourselves.

It is so challenging and dangerous to leave the cycle of abuse that most women return multiple times to their abuser before breaking free—if they ever do. It would no doubt be challenging for Lauren, too. She would likely struggle—to feed her children on a limited income, to manage a household and her treatment regimen as a single parent. But she would no longer be living every day under the threat of violence. She would no longer be in distress.

Yet leaving would require her to exchange a known reality for an unknown one. This is usually what stops us from taking risks. We’d rather stick with what we know, painful or untenable as it is, than face what we don’t know.

When you risk, you don’t know how it will turn out. It’s possible that you won’t get what you want, that things will be worse. But you’ll still be better off, because you’ll be living in the world as it is, not in an imaginary reality created by your fear.

Lauren decided to leave her husband. She said, “I don’t know how much time I have left. I’m not going to spend the rest of my life being told I’m worthless.”

When I witness patients going nowhere, spinning on a relentless merry-go-round of self-destructive behavior, I confront them.

“Why are you choosing a self-destructive life? Do you want to die?” They say, “Yes, sometimes I do.”

It’s a profoundly human question: To be or not to be?

I hope you always choose to be. You’re going to be dead anyway someday, and you’ll be dead for a very long time. Why not become curious? Why not see what this life has to offer you?

Curiosity is vital. It’s what allows us to risk. When we’re full of fear, we’re living in a past that already happened, or a future that hasn’t arrived. When we’re curious, we’re here in the present, eager to discover what’s going to happen next. It’s better to risk and grow, and maybe fail, than to remain imprisoned, never knowing what could have been.

KEYS TO FREE YOURSELF FROM PARALYZING FEAR

  • I can. I want. I’m willing. For one day, keep track of every time you say I can’t, I need, I should, and I’m trying. “I can’t” means I won’t. “I need” and “I should” mean I’m abdicating my freedom of choice. And “I’m trying” is lying. Eliminate this language from your vocabulary. You can’t let go of something unless you replace it with something else. Replace the language of fear with something else: I can, I want, I’m willing, I choose, I am.
  • Change is synonymous with growth. Do one thing differently today than you did yesterday. If you always drive the same way to work, take a different route—or ride your bike or take a bus. If you’re usually too rushed or preoccupied to chat with the checker at the grocery store, try making eye contact and conversation. If your family is usually too busy to eat together, try sitting down to a meal together without the TV on or cell phones at the table. These small steps might seem inconsequential, but they actually train your brain to know that you’re capable of change, that nothing is locked in stone, that your choices and possibilities are endless. And getting curious about your life helps turn your anxiety into excitement. You don’t have to stay where you are, how you are, doing what you’re doing. Mix things up. You’re not stuck.
  • Identify your fears. Make a list of your fears. For each fear, ask, “Is this my fear? Or someone else’s?” If it’s a fear you’ve inherited or taken on, cross it off your list. Let it go. It isn’t yours to carry. For each remaining fear, decide how realistic it is. If it is a valid concern given the facts of your life, circle it. For each realistic fear, decide if it causes you distress or stress. Distress is chronic danger and uncertainty. If you’re living in distress, your foremost responsibility is to tend to your safety and survival needs, to the degree that this is possible. Do whatever is in your power to protect yourself. If the fear is causing you stress, acknowledge that stress can be healthy. Notice how stress might be giving you an opportunity to grow. Finally, for each of the realistic fears, generate a list of things you could do today on your own behalf to strengthen yourself and build the life you want.