Skip to content

1% پىلانى ۋە ئۇيغۇر ئۆيى توغرىسىدا ماقالە

  • ماقالە

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە چەتئەلدە ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇرچە ياشاش مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن ئىككى پىلان بايان قىلىنىدۇ: 1) ھەر بىر ئۇيغۇر ساپ كىرىمىنىڭ %1 نى بېرىش ئارقىلىق ھەر دۆلەتتە مائاشلىق كەسپىي ئىشلەيدىغان بىر ئادەم تۇرغۇزۇش؛ 2) ھەر دۆلەتتە بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ھەم مەدەنىيەت مەركىزى بولغۇسى «ئۇيغۇر ئۆيى» قۇرۇش. ئۆزىڭىز قىلالايدىغان دائىرىدە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئەمەلىي ئىش قىلغىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا، بۇ ئىككى پىلاننى ئەستايىدىل ئوقۇپ خالىغىنىڭىزغا ھەسسە قوشۇڭ.

1_percent_we_uyghur_oyi_pilani

Qisqiche Mezmuni

Bu maqalide chet’elde Uyghurluqni saqlap qélish we Uyghurche yashash muhiti hazirlash üchün ikki pilan bayan qilinidu: 1) her bir Uyghur sap kirimining 1% ni bérish arqiliq her dölette maashliq kespiy ishleydighan bir adem turghuzush; 2) her dölette birlikte meblegh sélip, Uyghurlarning paaliyet hem medeniyet merkizi bolghusi “Uyghur öyi” qurush. Özingiz qilalaydighan dairide ashkara yaki yoshurun emeliy ish qilghingiz barmu? Undaqta, bu ikki pilanni estayidil oqup xalighiningizgha hesse qoshung.

1_percent_we_uyghur_oyi_pilani_uly

Қисқичә Мәзмуни

Бу мақалидә чәтәлдә уйғурлуқни сақлап қелиш вә уйғурчә яшаш муһити һазирлаш үчүн икки пилан баян қилиниду: 1) һәр бир уйғур сап кириминиң %1 ни бериш арқилиқ һәр дөләттә маашлиқ кәспий ишләйдиған бир адәм турғузуш; 2) һәр дөләттә бирликтә мәбләғ селип, уйғурларниң паалийәт һәм мәдәнийәт мәркизи болғуси “уйғур өйи” қуруш. Өзиңиз қилалайдиған даиридә ашкара яки йошурун әмәлий иш қилғиңиз барму? Ундақта, бу икки пиланни әстайидил оқуп халиғиниңизға һәссә қошуң.

1_percent_we_uyghur_oyi_pilani_usy

ساپ كىرىمىنىڭ % 1 نى ۋەتەن-مىللەت ئىشلىرى ئۈچۈن بېرىش ۋە ھەر دۆلەتتە بىردىن «ئۇيغۇر ئۆيى» قۇرۇش پىلانى

ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز قۇتقۇزايلى، كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە

تەۋسىيە قىلغۇچىلار: ئابدۇقادىر ئىسلام، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئايتۇرسۇن ئوسمانوۋا، ئەخمەتجان قادىر، ئەركىن دۆلەت، ئەقىدە تۇرسۇن، ئەكبەر قۇربان، لۇتپۇللا كۆكتۈرك (ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى)

2017- يىل ئۆكتەبىر

ئەسكەرتىش: بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بولغاچقا ماقالىنىڭ ھەجىمى چوڭراق. ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كىرىش سۆز

پۇل غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر تايانچىمىز ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا رولى چوڭ. پائالىيەتلىرىمىزنى كەسپىيلەشتۈرۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بويىچە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مالىيە ئاساسىمىزنى چىڭداشقا توغرا كېلىدۇ. بىر شەخس، بىر ئائىلە، بىر تەشكىلات
ياكى بىر دۆلەت مىقياسىدا بولسۇن مالىيە خامچوتىنى توغرا مۆلچەرلەش شۇ كۆلەمدە غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ ئەنە شۇ مالىيە-ئىقتىسادنى قورال قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ، چامى يەتمىگەن دۆلەتلەرگە خىرىس قىلىپ، رەزىل قولىنى ۋەتەن سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇزىتىۋاتقانلىقى ھەممىمىزنىڭ ئىچىنى پۇچىلىماقتا. بۇنىڭدىن 94 يىل مۇقەددەم، ئىپتىخارلىق شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ بىزنى ئەسكەرتكەن:

«ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر. »

ھالبۇكى، تاكى بۈگۈنكى قەدەر تېخىچە خەتەرلىك ھالەتتە تۇرماقتىمىز. سەندە مال بار، مەندە مال بار، دېمەك بىزدە مال بار! نېمە ئۈچۈن مالنى جۇغلاپ جېنىمىزنى قۇتقۇزمايمىز؟ ئۆزىمىزنى پەقەت ئۆزىمىزلا قۇتقۇزالايدىغىنىمىز قايتا ئىسپاتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر، ئوتيۈرەك قېرىنداشلىرىمىز ۋاقتىنى، خىزمىتىنى، ئائىلىسىنى، قېنىنى ھەتتا جېنىنى تىكىپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. بەزىلىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن چېكىنىشكىمۇ
مەجبۇر بولدى. ئۇلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن، ئەمما شۇنداق دەپ قويۇپلا ئولتۇرساق بولمايدۇ. چۈنكى قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ….

داۋامىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:

چۈشۈرۈڭ

چۈشۈرۈڭ (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى)

چۈشۈرۈڭ (ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى)

1 thought on “1% پىلانى ۋە ئۇيغۇر ئۆيى توغرىسىدا ماقالە”

Comments are closed.