Skip to content

2-قىتىملىق «ئ‍ۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق بالىلار ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

«سىزنىڭ بالىڭىز ئۇيغۇرنىڭ بالىسى، ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكى، ھەممىمىزنىڭ بالسى» ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارنى تېخىمۇ ياراملىق تەربىيەلەشكە ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشۇش نىيىتىدە ئ‍ۇيغۇريار، ئاناتىل تېلۋىزىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئاداشلار گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ 2-قىتىملىق «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. پائالىيەت مۇنداق 2 چوڭ تۈر بويىچە بولىدۇ.

1- «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمسىدىكى رەسىملەر، قول-ھۈنەر بويۇملىرى، ھۆسىنخەت، ناخشا ئېيتقان ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان ئۈن-سىن

قاتنىشىش ئوبىيكتى: 3 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلار

بۇ بالىلار تۆۋەندىكىدەك 4 ياش گۇرۇپپىسى بويىچە باھالاشقا قاتنىشىدۇ.

بىرىنچى گۇرۇپپا: 3~6 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئىككىنچى گۇرۇپپا: 6~9 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئۈچىنچى گۇرۇپپا: 9~12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

تۆتىنچى گۇرۇپپا: 12~15 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىلنىدۇ.

ئەسەر مەزمۇنى: بالىلارنىڭ يۇرتى ياكى ۋەتىنىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەكىس ئەتسە بولىدۇ. مەسىلەن: يۇرتىنىڭ دەريا كۆللىرى، چىرايلىق جايلىرى، مەشھۇر كىشىلىرى، يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرىشلەر، ئۆزگىچە بايرام ياكى مەھسۇلاتلىرى دىگەندەكلەر ۋە داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرى، نەسىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىنسا بولىدۇ.

2- «ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى ماقالە، شېئىر ۋە نەسىرلەر

بۇ بالىلار تۆۋەندىكىدەك 4 ياش گۇرۇپپىسى بويىچە باھالاشقا قاتنىشىدۇ.

بىرىنچى گۇرۇپپا: 3~6 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئىككىنچى گۇرۇپپا: 6~9 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئۈچىنچى گۇرۇپپا: 9~12 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

تۆتىنچى گۇرۇپپا: 12~15 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى. بۇلاردىن 1- دەرىجە بىر نەپەر، 2- دەرىجە بىر نەپەر، 3- دەرىجە بىر نەپەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئەسەر ژانىرى: ھېكايە، ماقالە، نەسىر،ھۆسنىخەت، ناخشا ياكى شېئىر دىگەندەك ژانىرلاردا بولسا بولىدۇ.

ئەسەر مەزمۇنى: تۇرۇشلۇق دۆلىتى ۋە ۋەتىنىمىز

تەلەپ: بالىلار چوقۇم ئۆزى ئىجاد قىلغان، كۆچۈرمىگەن بولۇشى، ئەسەرگە ئاپتورنىڭ يېشى ۋە ئىسمى چوقۇم يېزىلىشى كېرەك.

ئەسەر قوبۇل قىلىش مۇددىتى: 10- ئۆكتەبىرگىچە

ئەسەر قوبۇل قىلىش شەكلى: ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېنىق ۋە رەتلىك رەسىمگە تارتىپ، مەسئۇل خادىمنىڭ ئېلخەت ئادىرسىغا ئەۋەتىشى ئەسەرنىڭ بىر بۇرجىكىگە چوقۇم ئاپتورنىڭ يېشى، ئىسم فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق دۆلىتى قاتارلىق تەپسىلاتلار يېزىلغان ھالدا رەسىمگە تارتىلىشى كىرەك.

ئەسەر قوبۇل قىلىش ئادرېسى: [email protected]

مۇكاپات ئەۋەتىش شەكلى: بىردەك پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

«ئۇيغۇرۇم ئانام» ئىلتىماسچىلىرىغا: قاتناشقان ھەممە بالىلارغا خاتىرە بويۇمى تارقىتىلىدۇ، قاتناشقانلار ئەجرىگە لايىق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، قاتنىشىشنىڭ ئۆزى غەلىبە، قاتنىشىشنىڭ ئۆزىلا مۇكاپاتتىن دېرەك بېرىدۇ.

مۇكاپاتلاش نەتىجىسىنى ئاناتىل تېلۋىزىيەسى ۋە ئۇيغۇريار تور بېتىمىزدە ئېلان قىلىمىز. مۇكاپاتلانغانلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىر ھەپتە ئىچىدە مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇكاپات ئەۋەتسەك قوبۇل قىلالايدىغان ئېنىق ئادرېسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق ۋە توغرا يېزىلغان، مۇكاپات ئەۋەتىش خىزمىتىمىزگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلمەيدىغان قىلىپ تەمىنلىشى كېرەك. نەتىجە ئېلان قىلىنىپ ھەپتە ئىچىدە ئالاقىلىشالمىغانلار ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ مۇكاپاتلاش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

كىچىككىنە ئەسكەرتىش: سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، بىز ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىلىرىغا ئايرىدۇق، شۇڭا ئامال بار بالىلار ئۆزى مۇستەقىل تاماملىغىنى ياخشى. بىز قوبۇل قىلغان بارلىق ئەسەرلەرنى ئامالنىڭ بارىچە رەتلەپ فېيسىبۇك بېتىمىزدە ئېلان قىلىمىز. بالىلىرىمىزغا بۇ پائالىيەتنى چۈشەندۈرگەندە ھەرگىزمۇ بۇنى قىلساڭ ساڭا مۇنداق مۇكاپات كېلىدۇ دەپ خاتا يوسۇندا يېتەكلىمەيلى. ئۇلار قىلغان ئەمگىكىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

بارلىق تەپسىلاتلار ئۇيغۇريار توربېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. تور بېتىمىزدىن پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە نەتىجىسىدىن خەۋەردار بولالايسىز.

تور بېكەت ئادرېسىمىز: www.uyghuryar.org

ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىڭىزنى ئېلخەت بىلەن ئەۋەتكەندە خەتنىڭ ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرۇم ئانام» – 2 قىلىپ يېزىشنى ئۇنۇتماڭ!