Skip to content

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى

ئۇيغۇريار فوندى قىلغان خىزمەتلەردىن قىسقا خۇلاسە. بىزگە ياردەملىشىپ، ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بارلىق دوستلارغا رەھمەت، ياردەمنى سىز قىلدىڭىز، بىز پەقەت يەتكۈزۈپ بەردۇق.

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلە، ئېھتىياج ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىدائىيىلىق پىلانىدۇر. بۇ پىلان ھىچبىر ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە دۆلەتكە باغلانمىغان بولۇپ، ئىشتىراكچىلار پىدائىيىلىق، خالىسلىق ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىقتىساد، ئىقتىدار ۋە ئىلىملىرىنى سەرپ قىلىپ ياردەم قىلىدۇ. بۇ پىلان نورۋىگىيەدە رەسمىي تىزىملىتىلغان بىر خەلقئارالىق فوندى جەمئىيەت شەكلىدە جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى تۆۋەندىكى تۈرلەردىن تەشكىل تاپىدۇ:

1.ئوقۇشقا ياردەم تۈرى

2. يېتىملار تۈرى

3. موھتاجلار تۈرى (تۇل، قېرى، ئاجىز، مېيىپلارغا ياردەم قىلىنىدۇ)

4. مەسلىھەتچىلىك تۈرى (ئوقۇش، ئىشلەش، نىكاھلىنىش، پاناھلىنىش، قوغدىنىش، ۋىزا بېجىرىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىلىدۇ)

5. ئىگىلىك تۈرى (بۇ تۈردە چەت ئەللەردە ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار تاللىنىپ ئىقتىدارلىقلار بىلەن ئىقتىساسلىقلار ئۇچراشتۇرىلىدۇ ۋە دۆلەتلەرنىڭ قانۇن، قائىدە ۋە بازار ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇمات بېرىلىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇلىدۇ)

6. ئاتا-ئانىلارغا ياردەم تۈرى (بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنت تەربىيەسى، دىن تەربىيەسى، ئانا تىل تەربىيەسى، دەرسلەرگە يېتەكچىلىك قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىلىدۇ)

7. ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى

8. ئۇيغۇرلار زۆرۈر كىتابلارنى تارقىتىش تۈرى

9. ئانا تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت، مائارىپىغا يېتەكچىلىك تۈرى (بۇ تۈردە كۇرسلارغا مەسلىھەت بېرىش، تەشكىللەش، ئانا تىل، دىن، تارىخ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ئاساس قىلىنىدۇ)

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانىنىڭ 1-،7-8-9-تۈرلىرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۈرلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى تۈر تۆۋەندە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ. «ئۇيغۇرغا ياردەم» پىلانىغا قاتناشماقچى بولغانلار ئىقتىدار، ئىقتىساد، ئىلىم، ۋاقىت ۋە كۈچ قاتارلىق ئامىللارنىڭ خالىغان بىرىنى چىقىرىپ ئىشتىراك قىلسا بولىدۇ. ئىقتىساد چىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم بىر ھىساب نومۇرى ئېچىپ بېرىلىدۇ، ھەر ئايدا بىر قېتىم كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىلىدۇ. مالىيە ئىشىدا، بوغالتىر، كاسسىر، نازارەتچىلەر ئايرىلغان بولۇپ، ئىسىملىكى ساخاۋەتچىلەرگە ئېلان قىلىنىدۇ ۋە شۇلارنىڭ تەستىقى بىلەن ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ. پىلاننىڭ لايىھەلىگۈچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بولۇپ، پىلاننىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى پىكىرلەرنى ئىجراغا كەلتۈرىدۇ، ئەمما پۇل تۇتمايدۇ، خىراجەت قىلمايدۇ، مالىيەدە پەقەت نازارەت قىلىدۇ، يېتەكچلىك قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.
ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى ئىچىدىكى ئوقۇشقا ياردەم تۈرى 2016-يىلى 10-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە باشلانغان بولۇپ، بىر ئوقۇغۇچى مەزكۇر ياردەم بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇماقتا. ھازىر قولىمىزدا 295 ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىملىكى بار.
يېتىملار تۈرى تەييارلىق باسقۇچىدا بولۇپ، تىزىمغا ئېلىنغان يېتىم بالا 52، بۇنىڭ ئىچىدە ئانىسى يوق بالا 5، دادىسى يوق بالا 13، ئاتا-ئانىسى يوق بالا 34.
نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم تۈرى، يېتىملار تۈرى ۋە ئاتا-ئانىلارغا ياردەم تۈرىنى تۈركىيە دۆلىتىگە مۇراجەت قىلىپ دەستەك ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما، تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى نەتىجە بېرىشى ناتايىن. شۇڭا، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىگە موھتاجمىز.
شوئارىمىز، ساخاۋەتتە ئاشكارىلىق ۋە تەرتىپ بولسۇن!

تۆۋەندە ئاللىقاچان باشلانغان ئوقۇشقا ياردەم تۈرى ھەققىدە توختىلىمىز.

1.ئوقۇشقا ياردەم تۈرى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

2016-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ تۈركىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرغا ياردەم توپلاپ غەلىبە قىلىندى. تۈركىيە، ئامېرىكا، نورۋېگىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان، ھەتتا ئۆمرۈمدە ئۇچرىشىپ باقمىغان ئۇيغۇرلار ۋاتساپ ئارقىلىق تونۇشۇپ ياردەمگە ئاۋاز قوشتى. ئونغا يەتمىگەن كىشى خەۋەر تاپقان بىر چاقىرىقنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەت بولغىنى، ئۇيغۇردىكى خالىسلىق، پىداكارلىق ۋە مەرتلىكنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلىدى. شۇندىن كېيىن، ياردەمگە موھتاج ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ئىزدىنىلىپ 295 ئوقۇغۇچى تىزىمغا ئېلىندى. بۇ جەرياندا، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان، ئازراقلا ياردەم سۇنۇلسا، ئازراقلا نەپسىمىزدىن كەچسەك ئىستىقباللىق ھاياتقا قەدەم قويىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلۈكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيەگە ۋەتەندىن ۋىزىنىڭ قولاي بولۇشى، مەدەنىيەتتىكى ئورتاقلىق سەۋەبلىك كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپەيمەكتە. شۇنىڭغا ماس ياردەمگە بولغان ئېھتىياجمۇ ئاشماقتا، شۇڭا ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشىمىز تەخىرسىزدۇر. بەلكىم باشقا ئەللەردىمۇ بىر- ئىككى ئايلىق قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالغان ئىنى-سىڭىللىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر دوستلارنىڭ خالىسانە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىدۇر. بۇ خالىسانە ياردەم ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك، ئىزچىل، كېڭىيىشچان قىلىش ئۈچۈن بىر پىلانغا ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. بۇنداق زۆرۈرىيەتكە ئاساسەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسمىنى «ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى» دەپ ئاتىدى، قىسقارتىپ «ئۇيغۇريار» دېيىلىدۇ. بۇ پىلانغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن ئاۋال ياردەمگە ئاۋاز قوشقۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئايدا قانچىلىك مىقدارنى ئۆلچەم قىلىپ، «ئۇيغۇريار» پىلانىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. ئاندىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە ئۇلارغا لازىم سومما، پىلان ئىشتىراكچىلىرىغا يوللىنىدۇ. يىغىلغان ياردەمنىڭ مىقدارىغا، ئېھتىياجلىقلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ياردەم تارقىتىلىدۇ.
ياردەم قىلغۇچىلار پىلانغا ئىسىملىك قاتناشسىمۇ، ئىسىمسىز قاتناشسىمۇ ياكى ھاۋالىلىك قاتناشسىمۇ بولىدۇ. ياردەم ئالغۇچى چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم، قانۇنى كىملىك ۋە كېپىل بولغاندىلا پىلانغا كىرەلەيدۇ. ياردەم ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەلىپى بولمىغان ئەھۋالدا كۆرۈشتۈرۈلمەيدۇ ۋە شەخسىي ئۇچۇرلار ئۆزئارا ئورتاقلىشىلمايدۇ. ياردەم ئالغۇچى مەخسۇس تەييارلارنغان ئىلتىماس جەدۋېلىنى راستچىل تولدۇرۇشى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى ۋە كېپىلنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن پىلانغا ئىشتىراك قىلالايدۇ. ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئوقۇشتا يولۇققان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ھەل بولغاندىن كېيىن، «ئۇيغۇريار» پىلانىنىڭ ئىشتىراكچىسىغا ئايلىنىشى ۋە «ئۇيغۇريار» پىلانىغا ماددىي كۈچ ۋە مەنىۋى ئىمكانلىرى بىلەن مەدەت بېرىشتەك ئەخلاقىي بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
«ئۇيغۇريار» پىلانىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى، يەنى دوختۇرلۇق، ئىنژېنېرلىق، بىلگىسانار (كومپىيۇتېر)، دورىگەرلىك، يۇمتال،بازارلاشتۇرۇش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، ئاپتوموبىل شۇنداقلا ئاخبارات، قانۇن، باشقۇرۇش، ئىقتىساد، بوغالتىرلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە ۋە ئىلاھىيەت قاتارلىق كەسىپلەردە ئادەم تەربىيەلەش بولۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇلايدىغان كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ئەل ۋە ساھەلەردە ئۇتۇقلۇق كىشىلەردىن بولۇشىغا يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت.
ئادەتتە مەۋجۇت ياردەم ئورگانلىرى پەقەت ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىز تېخنىكا مەكتەپلىرى، تىل كۇرسلىرى ۋە باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىمۇ تاللاپ ياردەم ئوبيېىكتى قىلىمىز. ياردەمگە ئېرىشكۈچى بىلەن خىزمەت تاپقاندىن كېيىن، ياردەم ئالغۇچىدىن ياردەم بەرگۈچىگە ئايلىنىش توختامى تۈزۈلىدۇ.
ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانىغا قاتناشماقچى بولغانلار ئىقتىدار، ئىقتىساد، ئىلىم، ۋاقىت ۋە كۈچ قاتارلىق ئامىللارنىڭ خالىغان بىرىنى چىقىرىپ ئىشتىراك قىلسا بولىدۇ. ئۇيغۇريار پىلانىغا قېتىلماقچى بولغانلار مۇنۇ ئېلىخەتكە خەت يازسا بولىدۇ.
[email protected]