Skip to content

فامىلە ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى

ئۇيغۇرچە ئىسىم ۋە فامىلە ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى

فامىلە ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى، بۇ تۈردە ئۇيغۇرلاردا فامىلە قىلىپ قوللىنىشقا بولىدىغان ئۆرنەكلەر، گۈزەل ئۇيغۇرچە ئىسىملار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھەر ئايدا بىر قېتىم گۈزەل ئىسىم ۋە فامىلىلەر يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

مۇشۇ كۈنگىچە ئېلان قىلىنغان فامىلىلەر:
فامىلە تىزىملىكى (1)
1.يەر -جاي، تاغ-دەريا ناملارى
ئالتاي-ئالتاي تاغلارى، ئانا ماكان
مۇزارت-مۇزداۋان
قاراقۇرۇم-قاراقۇرۇم تاغلارى، قەدىمقى ئۇيغۇر پايتەختى
يارغول-يارغول قەدىمقى شەھرى
قۇرۇلۇن-قەدىمقى ئۇيغۇر يۇرتلارىدىكى دەريا
2.تارىخى شەخسلەر ، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى
ئاتتىلا(ئاتىللا)
بابۇر- بابۇر خاقان، ھىندىستاننى بويسۇندۇرغان، يولۋاس
ئەرتۇڭا- ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ئىسمى، قاپلاندەك ئەر
سۇتۇق(ساتۇق) -سۇتۇق بۇغراخان
قاراخان- ئۇلۇغ خاقان مەناسىدا، ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر خاقانلارىدىن بىرى
3. ئۇنۋان، ئەمەل مەنسەپتىن كەلمىش ئىسىملار
تەڭرىقۇت- ئىمپىراتور، تەڭرىنىڭ ئەركەسى، خاقانلارىمىز قوللانغان ئۇنۋان
خاقان- شاھ، خان، ھۆكۇمدار
خان- خاقانننىڭ باشقىچە ئاتالىشى، پادىشاھ
بەگ- بەگ، زېمىن ۋە ھوقۇق ئىگەلىرى، گراف
چاۋۇش- ئوفېتسېر، ھەربى باشلىقلار
4. ئۇرۇق-ئايماق، قەبىلە- بويلارىمىزدىن كەلگەن ئىسىملار
ئۇيغۇر- ئۇيغۇرلار، مەدەنىيەتلىك، ئەقىللىق دېگەن مەنالارى بار
ئوغۇز- ئوغۇزلار، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يادروسى،
كۆكتۈرك- ئۇيغۇرخاقانلىقىنىڭ ئالدىدىكى سۇلالەمىزنىڭ نامى،
قارلۇق- ئاساسى ئۇيغۇر قەبىلە(بوي)لەرىمىزدىن بىرى ، ھازىرقى ئۆزبەكلەرنىڭ 90٪ قىسمى ئۇيغۇر ۋە قارلۇقتىن كەلگەن
ئونئۇيغۇر- ياۋرۇپاغا باش بولۇپ كىرگەن ئاتتىلا قوشۇنى، ھۇنگىرلارنىڭ ئىسمى
5. ئۇيغۇر تىلىدىكى گۈزەل سۈپەتلەر ۋە مەدھىيەلەردىن كەلگەن ئىسىملار
ئالماس -ئالماس، ھەممەنى كېسەر
ئارىش-سۈزۈك، پاكىز، كىرسىز
ئاتامان-ئاتامان، باشچى، لىدېر
يۈكسەك – يۈكسەك، يۇقۇرى، ئۇستۈن
يەتۈك- تالانتلىق، كەم ئۇچرايدۇغان
6.تەبىئەتتىن كەلگەن ئىسىملارىمىز
ئايكۈن- ئاي ۋە كۈن، نۇرلۇق
ئۈكەر- يورۇق يۇلتۇز، چولپان
يەتىكەن- يەتتە يۇلتۇز، كۆكتىكى ساپلىققا ئوخشايدۇغان يەتتە يۇلتۇز
يىلدىرىم- چاقماق، چېقىن
كۆگەن- ھەسەن ھۇسەن، كۆكياي
سامانيولى- سامانيولى سېستىماسى
7. جەسۈرلۇق، باتۇرلۇقتىن كەلگەن ئىسملار
باشئەگمەس- باش ئەگمەس، بويسۇنماس
ئالپەر- ئالپ ئەر، قەھرىمان يىگىت
باھادىر-باھادىر، باتۇر، پالۋان
تىزپۈكمەس- تىز پۈكمەس، جەسۈر
ئالپاغۇت- يېڭىلمەس، باتۇر، قەھرىمان
8. مۇستەقىللىق، ئازادلىق، ھۆرلۈككە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار
ئۆزگۈر- ئەركىن ، ئازاد
باغىمسىز- ھۆر ، مۇستەقىل
ئەرك- ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئازادلىق
ئۇيغۇرداش-
مەڭگۈتاش-
9.ھايۋاناتلاردىن كەلگەن ئىسىملار
كۆكبۆرە- قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا مىللەت بەلگەسى، سىمۋولى
ئارسلان(خان)- شىر
بۇغرا(خان)- ئەركەك تۆگە، بۇغرا
تۇغرۇل(خان)- بۈركۈت جىسنسىدىكى قۇش، لاچىن
چاغرىبەگ-چاغرىبەگ، قارچۇغا سۈپەت ئەر
شۇڭقارتېكىن-شۇڭقاردەك تېكىن
10.دەل – دەرەخ، ئۆسۈملەكلەردىن كەلگەن ئىسىملار
قاراغاي-
يۇلغۇن-
ئارچا-
توغراق-
ئارتۇچ-

ئۇيغۇرسويئات(فامىلە) چاقىرىقى ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسىملار
فامىلە تىزىملىكى (2)
1.يەر -جاي، تاغ-دەريا ناملارى
بالاساغۇن-بالاساغۇن شەھرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇرتى
•بالاساغۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك نۇرغۇن ئالىم ۋە ئەزىزلەرنىڭ يۇرتى.
ئاناساي-قەدىمقى ئۇيغۇر يۇرتلارىدىكى ئانا دەريا،موڭغولىيەدە
•ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۇزاق قەدىمدە ئاناساي ۋە سەلىنغا بويلارىدا، شۇنداقلا ئۇرخۇن ۋاداسىدا ياشايتتى.
سەلىنغا -قەدىمقى ئۇيغۇر يۇرتلارىدىكى ئانا دەريا،موڭغولىيەدە
•سەلىنغا دەرياسى بۈگۈنكى موڭغولىيە ۋە رۇسىيەدە. ئۇنىڭ سۇلارى شىمالى مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ.
2.تارىخى شەخسلەر ، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى
كۆلبىلگە- كۆلبىلگە قادىرخان ، قاراخانىلار سۇلالەسىنىڭ قۇرغۇچىسى
•كۆلبىلگە قادىرخان قەشقەرنى ئوردۇكەنت قىلىپ قاراخانىلار سۇلالەسىنى قۇردى.
تۇنيۇقۇق -بىلگە تۇنيۇقۇق، تارىخىمىزدىكى ئەڭ دانىشمەن سىياسىيونلارنىڭ بىرى.120 ياشىدا تاڭ سۇلالىسىگە قارشى 27. قېتىم يۈرۈش قىلغان. ئۈچ ئەۋلات كۆكتۈرك خاقانى ۋە دەسلەپكى ئۇيغۇر خاقانىغا باش مەسلەھەتچى بولغان.
•مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق بولغانلىقىم ئۈچۈن، تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن ،تەڭرى رەھمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مىللەت يەنە باش كۆتۈردى.
قادىرخان(قېدىرخان)- قاراخانىلار خاقانى يۈسۈپ قادىرخان، قادىرخان( ئابدۇقادىردىن پەرقلىق سا ئۇيغۇرچە ئىسىم)قاتتىق، سۇنماس، ئېگىلمەس دېگەن مەنادا
•قادىرخان يەركەندى سەئىدىيە زامانىسىدىكى مۇقام ئۇستازى ۋە دۆلەت ئەربابى ئىدى.
3. ئۇنۋان، ئەمەل مەنسەپتىن كەلمىش ئىسىملار
تۆرە-تۆرە، كاتتا، يۇرت باشى
•ئەلىخان تۆرە ھەم تىۋىپ ھەم ئۆلىما كىشى ئىكەن.
يابغۇ-ۋەزىر، مىنىستېر
•ئىستەمى يابغۇ تۈرك خاقانلىقىنىڭ غەربىنى بالقاش كۆلىدىن تاكى كاسپى دېڭىزىغىچە باشقۇراتتى.
ئالپ- ئەلنىڭ باتۇرى، ھەربى ئۇنۋان
•ھەيدەر ئۆز ئادەملەرىنى تەشكىللەپ دۈشمەننى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن خەلق تەرەپىدىن ئالپ دەپ ئاتالىدۇغان بولدى.
4. ئۇرۇق-ئايماق، قەبىلە- بويلارىمىزدىن كەلگەن ئىسىملار
ئوققۇزئوغۇز- ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى باشقاچە ئاتالىشى
•بىلگە قاغان ھەسرەتلەنىپ :” توققۇز ئوغۇزلار ئۆز خەلقىم ئىدى، زامان ئەسكى بولغاچقا ماڭا دۈشمەن بولدى.” دەيدۇ.
قۇتئۇيغۇر- ياۋرۇپاغا باش بولۇپ كىرگەن ئۇيغۇر قەبىلەلەرىنىڭ بىرى
•ئاتىللانىڭ قوشۇنلارى ئىچىدە ئەڭ باشتا ياۋرۇپاغا كىرگەنلەر ئونئۇيغۇرلار ۋە قۇتئۇيغۇرلار ئىدى.
نايمان- قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلەلەرىدىن بىرى، تاتاتۇڭانىڭ قەبىلەسى
•چىڭگىزخان ئەمرىگە ئالغان نايمان مەلىكەسى قۇلاننىڭ چاچلارى ئالتۇندەك ئىدى.
5. ئۇيغۇر تىلىدىكى گۈزەل سۈپەتلەر ۋە مەدھىيەلەردىن كەلگەن ئىسىملار
ئارتۇر- ئارتىدۇغان، ئاشىدۇغان، ئۆرلەيدۇغان، ئۆسۈپ ماڭغان
•يۈسۈپجان ئارتۇر بۇ مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى.
تۈركەر- تۈرك ئەر، باتۇر يىگىت
•ئالىم تۈركەر بەشبالىغدا ئەدلىيە ئىدارەسىگە باش بوپتۇ.
ئۆتكۈر- ئۆتكۈر، ئىتتىك
•ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئۆلمەس شېئىرلەرى بىلەن خۇددى ھازىرمۇ ئارامىزدا ھاياتتەك.
6.تەبىئەتتىن كەلگەن ئىسىملارىمىز
سامانيولى- سامانيولى سېستىماسى
•ئەكرەم سامانيولى بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر قانالىنى باشقۇرىدۇ.
كۆك- ئاسمان، پەلەك
•ئىبراھىم كۆك گېرمانىيەدىن بىر ئۈسكۈنە ئەكىرگەن ئىكەن، پاختا دەگەننى بىردەمدىلا تەرىپ بولىدۇكەن.
دېڭىز- دېڭىز، ئوكيان
•تۇرغۇن دېڭىزنى شەھەر باشلىقى بولامىش دەيدۇ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى.
7. جەسۈرلۇق، باتۇرلۇقتىن كەلگەن ئىسملار
قورقماس- قورقماس
•ئادىل قورقماس شۇنداق ئەقىللىق ئادەم، شۇنى سايلاساق بولىدۇ زادى.
ئوتيۈرەك- ئوتيۈرەك
•بىلال ئوتيۈرەك كومپۇتېرنىڭ تىلى سۇدەك بىلىدۇ.
جەسۈر-جەسۇر
•ماۋۇ جەسۇر جەمەتىدىكىلەرنىڭ سۇلتان جەسۇر، زەپەر جەسۇر، سۇبات جەسۇر دەگەن ئادەملەرى بىر بىرىدىن يامان بىر نېمەلەر، چىشىغا تەگىپ قويماڭلار.
8. مۇستەقىللىق، ئازادلىق، ھۆرلۈككە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار
ئەلسۆيەر-ۋەتەنسۆيەر، ئەلسۆيەر
•قەلبىنۇر ئەلسۆيەر دەگەن ھېلىقى چىرايلىق قىز قاپچىغاي دەگەن بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان يەردە ئوقۇتقۇچى بوپتۇ. ئاجايىپ بىر قىز بولغان، بەك زايە كەتىپتۇ.
تەڭرىسۆيەر- تەقۋادار، دىندا مۇستەھكەم
•مەھمۇد تەڭرىسۆيەر ئىشلەگەن ھۆر ئادەم ناملىق فىلىم ئالقىشقا ئەرىشتى، شۇنداقلا تالاش تارتىشلارغ سەۋەپ بولدى.
كۆكيورۇق- ئاسماندىن تۆكۈلگەن نۇر، زىيا
•قاسىم كۆكيورۇق 3 مىليون خەجلەپ بىر كۇتۇبخانا ئاچتى ۋە جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئەرىشتى
9.ھايۋاناتلاردىن كەلگەن ئىسىملار
شۇڭقارتېكىن-شۇڭقاردەك تېكىن
•ئۇيغۇر شاھزادەسى شۇڭقار تېكىن دۈشمەن قوشۇنلارىنى تېرە پېرەن قىلىۋەتتى.
قۇشچى – پادىشاھنىڭ شۇڭقارىغا مەسئۇل كىشى، پادىشاھنىڭ يېقىن ئادەمى
•ئەلى قۇشچى يەتىشكەن ماتېماتىكلا ئەمەس، بەلكى بۈيۈك ئاسترونۇم ئىدى. ئۇلۇغبەگ ئۇنى ئوغلىدىنمۇ چارە كۆرەتتى.
بۈركۈت- بۈركۈت
•بۇ يېزادا ئەركىن بۈركۈتنى كىشىلەر تولىمۇ ھۆرمەتلەيتتى، ھەتتا ھۆكۈمەت ئادەملەرىمۇ ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتى.
10.دەل – دەرەخ، ئۆسۈملەكلەردىن كەلگەن ئىسىملار
سىغىنئوت- مىھرىگىياھ، ئادەمگىياھ
•ھازىر رېنسېڭنى ئادەمگىياھ دەپ ئاتايدۇ، قەدىمدە سىغىنئوت دەيىلەتتى، ھازىرمۇ قۇمۇل قاتارلىق نۇرغۇن يەرلەردە شۇنداق ئاتايدۇ.
زاغۇنلۇق -چەرچەن دىيارىدىكى بىر يېزا ئىسمى، بۇ يەردىن ئەجدادلارىمىز قالدۇرغان 3000 يىللىق مەدەنىيەت ئىزنالارى تېپىلغان.
•زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلارى دەپ قارالغان ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىكى يۇڭ كىيىملەرنىڭ سۈپەتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاەملەرنىڭ بويى ئىككى مېتېردىن ئاشىدۇ.
چىنار- دەرەخ ئىسمى، تىك، ھەيۋەت، ياغاچلارى ئېسىل بىر دەرەخ.
•چىنار دەرەخىدە سۇمرۇغ ئۇۋاسى بار دېگەن گەپلەر كىشىلەر ئاراسىدا كەڭ تارقالغان ئىكەن.

ئۇيغۇرسويئات(فامىلە) چاقىرىقى ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسىملار
فامىلە تىزىملىكى(3)
1.يەر -جاي، تاغ-دەريا ناملارى
1.بايقال – بايقال كۆلى، رۇسىيە تەۋەسىدە. بايقال كۆلى ئانا كۆللەرىمىزدىن بىرى.
*–ئال بۇنى، بۇ بايقال سۈيى ،_ دېدى رۇس بوۋاي قەتئىلىك بىلەن،_ بۇنى قانغۇچە ئىچ، بۇ سېنىڭ ئەجدادلارى ئىچكەن سۇ. سېنىڭ ئەجدادلارىڭ مۇشۇ سۇنى ئىچىپ باتۇر بولغان، ئاتلىرىمۇ مۇشۇ سۇنى ئىچكەچكە بولىشىچ چېپىپ ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا بېسىپ ئۆتكەن. بۇ خاسىيەتلىك سۇ. بۇنى ئىچكىنىڭدە قەھرىمان ئەجدادلىرىڭنىڭ قېنى تومۇرۇڭدا قايتىدىن دولقۇنلايدۇ. شۇ چاغدا مەن تارىختىكى سېنىڭ بوۋالىرىڭ–باتۇر تەڭرىقۇتنى ئوغۇزخاننى،مويۇنچۇرنى،سۇلتان سۇتۇقنى كۆرگەندەك بولىمەن!…
–”موسكۋا خىياللىرى”دىن
2.بالقاش-بالقاش كۆلى
* ئاھ، ئۇرۇپ شۇمتەك پىغان تۇزلۇق يېشىن دەريا قىلار،
تولسىمۇ مەيلى يەنە بالقاش بىلەن بايقال، گۈلۈم.
ئاشىقىنىڭ قارا ياشىدىن دېڭىز ھاسىل ئىدى،
ئەمدى بىز ئىچمەككە ھەقلىق بىز ئەبەدىي بال، گۈلۈم.
-ئابلاجان بوۋاقى
3.سايرام-سايرام كۆلى
*سايرام،
يا ئاقمايسەن ، يا تاشمايسەن،
يارىمنىڭ كۆزىدىكى ياشتەك.
2.تارىخى شەخسلەر ، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى
1.مەڭلىك تېكىن(پان تېكىن)- ئۇيغۇر شاھزادەسى ، 840.يىلىدىكى چوڭ كۆچۈشتە باش بولۇپ قاراقۇرۇمدىن بەشبالىققا كۆچۈپ ئۇيغۇر خاقانلىقىنى داۋام قىلغان.
2.كۈرشات(كۈرشاد)- ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۈيۈك قەھرىمان، جەسۈر، تەڭداشسىز باتۇر مەناسىدا
3.ئارتتېكىن- بارچۇق ئارتتېكىن، چىڭگىزخانغا كۈيئوغۇل ئۇيغۇر خاقانى
3. ئۇنۋان، ئەمەل مەنسەپتىن كەلمىش ئىسىملار
1.تارخان- ۋەزىرلىك ئۇنۋانى
*بۇ يازمامدا ئەبەيدۇللا تارخان بەگ(1700)دىن بىشىر ۋاڭغىچە (1949-يىلىغىچە) بولغان دەۋر ۋە قۇمۇل ۋاڭلىرى ھەم نەسەبلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
2.تاردۇش-ۋالى ۋە گاۋېرنېرغا تەڭ ھەربى، مەمۇرى ئۇنۋان
*«دەسلەپ سىر قەبىلسى تاردۇش قەبىلىسى بىلەن ئارىلىشىپ ياشايتتى، كېيىن سىر قەبىلىسى تاردۇش قەبلىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇلارنى قوشۇۋېلىپ، سىر-تاردۇش دەپ ئاتالدى. ئۇلار تۇرا(تېگرىك)قەبىلىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىدى، ئۆرۈپ-ئادىتى تۈركلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى»
–تاڭنامە
3.باشبۇغ- باش قوماندان
ئىلكەر باشبۇغ ھاۋا ئارمىىيەسىدىن دەم ئلىشقا چىققان قوماندان.
4. ئۇرۇق-ئايماق، قەبىلە- بويلارىمىزدىن كەلگەن ئىسىملار
1.تېگرىك- قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈرك خەلقىنىڭ ئومۇمى ئاتالغۇسىدىن بىرى، تۇرالار
2.ياغما- قاراخانىلارنى قۇرغۇچى ئاساسى ئۇيغۇر قەبىلەسى
3.ئادىز- جەسۇر ئۇيغۇر قەبىلەسى. بىلگە تۇنيوقۇق مۇشۇ ئادىز قەبىلەسىدىن چىققان دەپ قارىلىدۇ.
5. ئۇيغۇر تىلىدىكى گۈزەل سۈپەتلەر ۋە مەدھىيەلەردىن كەلگەن ئىسىملار
سۇيران- چوققا، پەللە، بىر نەرسەنىڭ ئەڭ ئۈستى
ئەردەم- پەزىلەت، ئەخلاق
تۇيغۇر- ھۇشيار، سەزگۈر، تۇيغۇن
6.تەبىئەتتىن كەلگەن ئىسىملارىمىز
ئۆگۈز- دەريا
يىلدىرىم-چاقماق
بۇلۇت-بۇلۇت
7. جەسۈرلۇق، باتۇرلۇقتىن كەلگەن ئىسملار
ئەرەن-قەھرىمان، يىگىت
ئەرىك- كۈچلۈك، ئىرادە ، ئىرادەلىك
بەرىك-ساغلام، مۇستەھكەم
8. مۇستەقىللىق، ئازادلىق، ھۆرلۈككە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار
تاڭيورۇق -سۈبھى، تاڭدىكى نۇر، ئاتقان تاڭ
*تاڭيورۇق ئۆزىنىڭ قىلىچتەك ئۆتكۈر شېئىرلارى بىلەن خەلقنى يېتەكلىگەن قەھرىمان ئىدى.
كۆكبايراق – كۆكبايراق، ئازادلىق تۇغى
*932.يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلادى ۋە قاراخانىلار سۇلالەسىنىڭ توققۈز شاخلىق ئارچا چۈشۈرۈلگەن ھال بايراقىنى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا ئالماشتۇردى. ئۇيغۇرلار كۆك رەڭنى قەدىمدىن مۇقەددەس بىلەتتى، ئاي يۇلتۇزلۇق بەلگە بولسا ئۇلارنىڭ قەدىمدىن ئىشلەتىپ كېلىۋاتقان سىمۋوللارىدىن بىرى ئىدى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شۇنداق قىلىپ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدۇغان، ھۆرلۈكنى جاندىن ئەزىز بىلىدۇغان خەلقنىڭ بايراغى ۋە ئۆزگۈر- مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.
ئاييۇلتۇز- ئاييۇلتۇز، مۇستەقىللق بەلگەسى
* قاراخانىلار سۇلالەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللەرىگە كەلگەندە قارا قىتانلارغا قارام بولۇپ قالدى. قارا قىتان خانى چۈلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىملەرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلەرىنى چەكلەدى. شۇ قاتاردا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چەكلەندى. ئۆزلەرىنىڭ ھۆرلۈك سىمۋولى بولغان بايراقىنى ئاشكارا ئاسالمايدۇغان بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى دوپپالارىغا تىكىپ بۇ مۇقەددەس بەلگەدىن كەچمەدى. چەكلەمەلەر تۈپەيلىدىن كۆك رەڭ قارا رەڭگە، ئاييۇلتۇزلۇق بەلگە بادام شەكلىگە ئۆزگەرتىلدى ۋە بۈگۈنكى بادام دوپپانىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى.
9.ھايۋاناتلاردىن كەلگەن ئىسىملار
1.بارس-سولۋاس
*ئالماتادىكى ئۇيغۇر ئاسارە-ئەتىقە توپلىغۇچى ئازاد ھېكىمبەگ(ھېكىمبەگ خوجانىڭ ئوغلى)مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئالىي ئوردىنى ھېسابلانغان «بارس» ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
2.قاپلان-قاپلان، يىلپىز
*قەشقەر قەدىمى شەھەر كامانداسى قازاقىستان قاپلان كامانداسىنى يەڭدى.
3.ساندۇلاچ-بۇلبۇل
*ساندۇلاچ چېمەندە سايرايدۇ،
سايرايدۇ ئۇ گۈل دەردىدە ھارمايدۇ،
سايرايدۇ،ھارمايدۇ، ئويناپ يايرايدۇ،
ساندۇلاچ گۈلۈمگە قونساڭچۇ ئاداش.
-سۇتۇق بۇغراخان رومانىدىن
10.دەل – دەرەخ، ئۆسۈملەكلەردىن كەلگەن ئىسىملار
1.سۆگەت-سۆگەت
*يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى ‹‹سۆگەت شاھى›› تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى سۇ قىسلىق ، قۇرغاقچىلىق بىلەن نام چىقارغان بايئاۋات يېزىسىدا ‹‹سۆگەت شاھى›› بايقالدى ، يەرلىكتە ھېچكىم ئۇنىڭ قانچىلىك ياشىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ ، 2011-يىلنىڭ ئاخىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆلچىشى نەتىجىسىدە بۇ سۆگەت 2100 ياشقا كىرگەن دەپ بېكىتىلىپ ، شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتىدىكى ‹‹ئەڭ قېرى سۆگەت›› گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى .
2.چېچەك-چېچەك، گۈل
*ھىدلىۋالدىم ئىسمىڭنى چېچەك،
سىرىڭ تولغان پىنھان بىر باغدا.
ئېھ، سەن كەبى ئۈنلىگەن تېلەك.
توزۇپ تۈگەر ئاستا ئۇ ئاستا.
– مۇجبۇل راخمان
3.تىۋىلغا-تىۋىلغا، ئېگىلەر ئەمما سۇنماس
*سۆز ئېچىپ ياغاچلارنىڭ خىسلىتىدىن،زوقلىنىپ ماختاشقاندا تىۋىلغانى،
بىرى ئۇنى «ئوسال ياغاچ »دېدى، ئەمەسمىش ياخشى خىسلەت ئېگىلگىنى،
ياق، ئۇنىڭ ئېگىلگىنى ئەيىپ ئەمەس ، گەپ شۇندا ئېگىلىشكە بەرداشلىقى،
تارتقىنى زوقىمىزنى شۇكى ئۇنىڭ، ھەقىقەت تەسۋىرىگە ئوخشاشلىقى.
-ت.ئېلىيوپ
ئۇيغۇرسويئات( فامىلە) چاقىرىقى ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسىملار
فامىلە تىزىملىكى(4)
1.يەر -جاي، تاغ-دەريا ناملارى
1.باغراش- باغراش كۆلى
*مۇھەممەت باغراش دەۋرىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلىرىدىن ئىدى.
2.كۈنچى-كۈنچى دەرياسى،كورلا تەۋەسىدە
*يىپەك يولىدىكى سىر- چۆللۈكتىكى مارتىن دېترىچ –‘كۈنچى دەريا گۈزەلى’. -RFA خەۋەرى
3.بەشبالىغ- قەدىمكى ئۇيغۇر شەھرى، بۈگۈنكى جىمىساردا
*بەشبالىغ قەدىمى شەھرى قاتارلىق 6 ئورۇن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلارى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. -uyghur.cntv.cn
2.تارىخى شەخسلەر ، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى
1.كۆلتېكىن- كۆكتۈرك ھۆكۈمدارى، ئەقلى دېڭىزدەك
*ھاجى ئەخمەت كۆلتېكىن 1942.يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.
2.ئېلتىرىش(ئىلتەرىش)- قۇتلۇق ئېلتىرىش خاقان، ئەلنى تىرىلدۈرگۈچى
*680.يىلى قۇتلۇق ئېلتىرىش قاغان ۋە تۇنيوقۇق شەرقى تۈرك خاقانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
3.كۆل ئەركىن- قەدىمكى ئۇيغۇر خانلارى قوللانغان ئۇنۋان، ھوقۇقى دېڭىزدەك
* قەدىمكى زاماندا ئىككى ئۇيغۇر دۆلەتى بولۇپ، بىرىنى ئسىمى ئەل-ئىلتەر، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى كۆلئەركىن ئىكەن.
3.ئۇنۋان، ئەمەل مەنسەپتىن كەلمىش ئىسىملار
1.سانغۇن- گېنېرال
*مۈھتەرەم سانغۇن، بۇ ئېشەكلەرگە ئوبدان قاراڭ، ئۇلار يىگىرمەدىن ئارتۇق جەڭگە قاتناشقان بولسىم يەنىلا ئېشەك.- دەپتۇ پادىشاھ.
ئىلىك- خان، ھۆكۈمدار
*كۈنتۇغدى ئىلىگ “قۇتادغۇ بىلىك” تىكى ئادالەت ۋە توغرالىق سىمۋولى.
3.تېگىن- شاھزادە ۋە خاقان ئوغۇللارى
*قوچقار تېكىن ھەققىدە ھېكايە –kitaphana.com
4. ئۇرۇق-ئايماق، قەبىلە- بويلارىمىزدىن كەلگەن ئىسىملار
1.ياغلاقار- ئورخۇن ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ خاقان قەبىلەسى
2.تۇران- قەدىمكى بۈيۈك ناملارىمىزدىن بىر، تۇران تۈركلەرگە، ئىران پارس تىللىق خەلقلەرگە ۋەتەن بولغان.
*ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى “شاھنامە”دە تۇران بىلەن ئىراننىڭ 3000 يىللىق تارىخىنى تەسۋىرلەيدۇ.
3.دولان- ئاساسلىق ئۇيغۇر قەبىلەلىرىدىن بىرى، دولان ئۇيغۇرلارى
5. ئۇيغۇر تىلىدىكى گۈزەل سۈپەتلەر ۋە مەدھىيەلەردىن كەلگەن ئىسىملار
1.ئەسەنگۈ- تېنچ ئامانلىق، سالام
* قەدىمكى ئۇيغۇرچەدە ‘ئەسەنگۈ بىتىگ’ سالام خەت دېگەننى بىلدۈرەتتى.
.ئارىغ- پاك، پاكىز، ساپ
* ئارىغ بۇقا موڭگۇل ئىمپىرىيەسىدىكى ئۇيغۇر قوماندان بولۇپ، 1285.يىلى ھىندىچىنىگە قوشۇن تارتقان.
.ئۇيغار- مەدەنى، مەدەنىيەتلىك
* سومېرلار ئەڭ قەدىمكى ئۇيغار مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.
6.تەبىئەتتىن كەلگەن ئىسىملارىمىز
1.ئەۋرەن-كائىنات، ئالەم
*تۈركىيەنىڭ 7. جۇمھۇرباشقانىنىڭ ئىسمى كەنان ئەۋرەن.
2.ئۈكەر- ھۈكەر، ئۈلكەر يۇلتۇزى
*بىپايان تىل كۆكىدە، چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى
. تۆمۈرقوزۇق-قۇتۇپ يۇلتۇزى
*ئۇيغۇرلار ئورنىدىن مىدىرلىمايدۇغان قۇتۇپ يۇلتۇزىنى تۆمۈر قوزۇق دەپ ئاتاپ، دۇنيانىڭ تۆت تەرەپىنى ئۇنىڭغا قاراپ بەلگەلەگەن
7. جەسۈرلۇق، باتۇرلۇقتىن كەلگەن ئىسملار
1.ئەرەن- ئەر، ئەركەك
*ئەرەن بىئو تېخنىكا شېركىتى ياۋرۇ ئاسىيا يەرمەنكەسىدە.
2.ئەركلىگ-كۈچلۈك، قۇدرەتلىك
*“ئەي ئەركلىگ سۇلتانى، ياخشى كۆڭلىڭىز بىزگە يەتتى.”
–مەۋلانە جالالىددىن رۇمىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلەرى
3.تۆلىك-جاسارەت، غەيرەت
8. مۇستەقىللىق، ئازادلىق، ھۆرلۈككە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار
1.ئاييۇلتۇز-ئاييۇلتۇز
* ئاييۇلتۇزلۇق بەلگەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى تەڭگە پۇللارىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.
2.ئادغانچىز-مۇستەقىل، ئەركىن
*ئازاد ئادغانچىز ياشاپ كۆنۈپ كەتكەن خەلق قانداقمۇ قۇللۇققا كۆنسۇن.
3.بوشۇغ-ئازادلىق، قۇتۇلۇش
*تەنلەرىمىز ۋە روھلارىمىز بوشۇغ تاپسۇن.
9.دەل – دەرەخ، ئۆسۈملەكلەردىن كەلگەن ئىسىملار
1.بادام-بادام
*ھەبىبۇللا بادام تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەر ياخشى چىققان.
2. ئارمۇت-ئارمۇت دەرەخى
3. تېرەك- تېرەك
10.باشقا ئىسىملار
1.ئابا- ئەجداد، ئاتا-بوۋا
*ئابا ئەجدادىمىزدىن بىز بۇ يەرنىڭ ئىگەلەرىبىز.
ئاتاساغۇن-تىۋىپ، ھۆرمەتلىك كىشى
3.ئاتيول-شۆھرەت، ئابروي
* ئاتيولۇڭ بىلىم ۋە ئىرادە بىلەن، ئىمان ۋە ئېتىقادىڭ بىلەندۇر.

ئۇيغۇرسويئات( فامىلە) چاقىرىقى ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسىملار
فامىلە تىزىملىكى (5)
1.يەر -جاي، تاغ-دەريا ناملارى
ئىدىقۇت- قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى
ئۆتۈكەن- قەدىمكى پايتەختىمىز، تاشقى موڭغۇلدا
كۆكئارت-پامىر
تەڭرىتاغ-تەڭرىتاغ
ئالتۇنتاغ- تارىمنىڭ شەرقىدىكى بۈيۈك تاغ
قوشساتما-تارىم ۋاداسىدىكى بىر قەدىمى يۇرت
ئېرتىش- ئېرتىش دەرياسى، ئىلى ئالتاي ۋە يەتتەسۇ ۋاداسىدا
تارىم- ئانا دەريا تارىم، تارىم ۋاداسى
ئىلى- ئىلى ۋاداسى، قەدىمكى ئۇيغۇر يۇرتلارىدىن بىرى
تۆپەئاتا- بۇغدا چوققاسىنىڭ باشقاچە نامى
تۆمۈرچوققا- تەڭرىتاغلارىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققالارنىڭ بىرى
يارىش- يارىش يازىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى
تەركلىماكان- تەركلىماكان، تەرك ئەتىلگەن ماكان
كۈنەس-بۈگۈنكى كۈنەس يايلاقىنىڭ ئىسمى، كۈنەش، ئاپتاپلىق
خانتەڭرى-تەڭرىتاغدىكى ئەڭ ئېگىز چوققالاردىن بىرى
قوچۇ- قوچۇ خاقانلىقى، ئىدىقۇت ئۈيغۇر دۆلەتىنىڭ پايتەختى
ئالمالىغ (ئالمائاتا)- قەدىمكى ئۇيغۇر شەھەرلەرىدىن بىرى، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ شەھرى، بۈگۈنكى ئىلى ۋاداسى ۋە ئالمائاتا
ئورخۇن- ئورخۇن دەرياسى، ئانا يەرلەرىمىزدىن بىرى، تاشقى موڭغۇلدا
ئۈرۈمچى- باش شەھەرىمىز
2.تارىخى شەخسلەر ، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى
باتۇر- باتۇر تەڭرىقۇت، ھۇن ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تەڭرىقۇتىدىن بىرى
ئۇلۇغبەك- تۆمۈرىلەر سۇلالەسىنىڭ ئىمپىراتورى، مەشھۇر ئاسترونوم، ماتېماتېكا ئالىمى
چىنتۆمۈر- چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئىسمى، چىنگىزخاننىڭ ئەسلى ئىسممىمۇ تۆمۈرچىن
قۇتتېكىن- ھۇن ئىمپىراتورلۇقىمىزدىكى خاقان
تۈمىد- تۈمىد خاقان، كۆكتۈرك خاقانلىقىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى
باھادىرخان(ئوبۇلغازى باھادىرخان)- خىۋە خانلىقىنىڭ خانى، ئۇيغۇر مىللەتىنىڭ ئىسمى ھەققىدە پەخىرلىنىپ مەلۇمات بەرگەن بىلىم ئىگەسى
بايقارا- ھۈسەيىن بايقارا ، تۆمۈرىلەر سۇلتانى، ناۋائىنىڭ دوستى
تۈمەن- تۈمەن دەرياسى، ھۇن خاقانى تۈمەن
بىلگەتېكىن- ئۇيغۇر خاقانىنىڭ ئىسمى، بىلىملىك شاھزادە مەناسىدا
ئاسېنا- كۆكتۈرك خاقان ئۇرۇقىنىڭ ئىسمى، خاقان ئىسمى
ئىستەمى- ئىستەمى خاقان، غەربى تۈرك خاقانى
ئوغۇزخان- ئەڭ قەدىمكى خاقانلاردىن بىرى، رىۋايەتتىكى ئوغۇزخان
ئىلتەبىر- تۈرك خاقان ئىسمى،
تۇغلۇق- تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسمى،
بەگتۇران- قەدىمكى ئۇيغۇر خاقان ئىسمى
قانىق- تۈرك-ئۇيغۇرقەبىلە ئىسمى، كۇشان ئىمپىراتورىنىڭ ئىسمى
ئەرتۇغرۇل- سالچۇقلار ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى
3. ئۇنۋان، ئەمەل مەنسەپتىن كەلمىش ئىسىملار
تۇتۇقبەگ- قوماندان، باش ھەربى ھوقۇقدار
تايانغۇ- دۆلەتنىڭ باش مەسلەھەتچىسى، خاس ھاجىپ، دۆلەتنىڭ يۆلەنچۈكى
ئاتابەگ- بەگلەر ئاتاسى، بەگلەر بەگى
ئاتاخان- خانلار خانى، خانلارنىڭ باشى
ئۆگە- دانىشمەن، مەسلەھەتچى، ئەلنىڭ ئەقىلدارى
بۆكە-باتۇر ، قەھرىمان
4. ئۇرۇق-ئايماق، قەبىلە- بويلارىمىزدىن كەلگەن ئىسىملار
بايىرقۇ- ئۇيغۇر قەبىلەسى
5. ئۇيغۇر تىلىدىكى گۈزەل سۈپەتلەر ۋە مەدھىيەلەردىن كەلگەن ئىسىملار
ئوتۇغات- تاج، شەرەپ، پەخىر
ئۇزمان- بىر ئىشنىڭ ئۇستاسى، ، پىرى، مۇتەخەسىس
كۈنتۇغدى- قۇتادغۇ بىلىكتىكى پادىشاھ
ئايتولدى- قۇتادغۇ بىلىكتىكى دانىشمەن ۋەزىر
ئۆگدۈلمىش- قۇتادغۇ بىلىكتىكى ئەقىل پاراسەت ۋەكىلى
ئودغۇرمىش- قۇتادغۇ بىلىكتىكى مەنىۋىيەت ۋە پاك روھ ۋەكىلى
ئايدىن- دىلى يورۇق، ئەقلى نۇرلۇق، ئەقىل ئىگەسى

6.تەبىئەتتىن كەلگەن ئىسىملارىمىز(ئالدىنقى قىسىمدا بېرىلگەن)

7. جەسۈرلۇق، باتۇرلۇقتىن كەلگەن ئىسملار(ئالدىنقى قىسىمدا بېرىلگەن)

8. مۇستەقىللىق، ئازادلىق، ھۆرلۈككە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار
بۆشۈك- بۆشۈك، ياراتىلغان، چىققان ماكان
تۆزيىلتىز- مەنبە، يىلتىز
ئوزغان- ئازاد بولغان، چىمپىيون
ئوزمىش- ئازاد بولغان، قۇتۇلغان
ئۇرۇغ- نەسىل، ئۇرۇق

9.ھايۋاناتلاردىن كەلگەن ئىسىملار(ئالدىنقى قىسىمدا بېرىلگەن)

10.دەل – دەرەخ، ئۆسۈملەكلەردىن كەلگەن ئىسىملار( ئالدىنقى قىسىمدا بېرىلگەن)

11. فامىلە( سويات) ئورنىدىكى لەقەملەر(1.بۆلەكتە بېرىلگەن)

12..فامىلە -سويات ئۈچۈن باشقا ئسىملار
ئاجۇن- ئاژۇن، دۇنيا
ئارماغان- سوۋغا، ھەدىيە
ئاسىغ-پايدا، مەنپەئەت
ئاسىل- ئېسىل، ئالىجاناپ
ئاشاي- غايە، مەقسەت
ئالان- پىشانە، ماڭلاي
ئالپاغۇت- يېڭىلمەس، باتۇر، قەھرىمان
ئالتاغ-قوللاماق، تەدبىر
ئالقىش-ئالقىش، ماختاش، مەدھىيە
ئاماچ-نىشان، مەقسەت
ئانچامان- جامائەت، خەلق
ئانۇغ- ئارزۇ، ئۇمىد
ئايات- ھۆرمەت، ئىززەت
ئايغۇچى- دانىشمەن، باياناتچى
ئەب- ماددا، مال
ئەدلىك- يېتىلگەن، باي
ئەرەن-قەھرىمان، يىگىت
ئەركلىگ-كۈچلۈك، قۇدرەتلىك
ئەرىك_ كۈچلۈك، ئىرادە
ئەزگۈ_ ياخشى، چىرايلىق
ئەزىز- ئېگىز، يۈكسەك
ئەلگۈن- ئەلكۈن، خەلق
ئەۋلىگ-خوجايىن
بارچىن- يىپەك رەختنىڭ بىر خىلى
بارس- يولۋاس
باشاد- باشلامچى
باشبوغۇن- ئەڭ ئاساسلىق، غول ئەۋلات
باشاغۇت- تاللاشنىڭ باشىدىكى، ياخشى كۆرگەن
باشبىتىگ- تىلخەت
بالىق- شەھەر، قەلئە
باياغۇت- دۆلەتمەن، باي
بايتۆمۈر-
بايرام- دۆلەت، باي، بايرام
بودۇن- خەلق، مىللەت
بەدىز- رەسىم، شەكىل، نەقىش
بەرىك- مۇستەھكەم، ساغلام
بوشغۇن-تەلىم، ساۋاق،دەرس
بۇردۇز- باغ، بوستان
بۆگدە- خەنجەر
بۆگۈ- دانىشمەن، بۆگۈخاقان
بۈتۈرمىش- شاھزادە، مەلىكەلەرنىڭ ئاتىلىشى، خان جەمەتىگە خاس
بۈگۈش-ئەقىل- پاراسەت
بىتىك- يازىق، ھەرپ، بەلگە، ئەلىپبە، كىتاب، ھۆججەت
ئالتۇن يارۇق- ئالتۇن يورۇق، نۇر ، ھىدايەت
تابار- تاۋار، مال، بايلىق
تاتۇ- تەبىئەت، مەۋجۇدىيەت
تاغام- توسما، تام
تانۇق- شاھىت، گۇۋاھچى
تەگىملىك- لايىق، لاياقەتلىك
تەڭرىلىگ- دىندار، مۆمىن
توغۇ- ئادەت، قانۇن، ئەنئەنە
تۆزۈن-كەلىپ چىقىشى ئېسىل
تۆگۈن- تامغا، بەلگە
تۆلىك- غەيرەت، جاسارەت
تىگىت- ۋەكىل، ۋەزىر، نازىر
چادىر- چېدىر
چېچەك- گۈل، چېچەك
چەرىگ- ئەسكەر، قوشۇن
چەۋىش- يول، تەدبىر، تاكتىكا
چىنقار- تۈز، توغرا، ئۇدۇل
سارت- كارۋان، سودىگەر
ساغ- ئەقىل، زېرەكلىك، ساغلام
ساقىنچ- تەسەۋۋۇر، پىلان، پىكىر
سالغار- ياردەم بەرگۈچى، تەقدىم قىلغۇچى
سانلاغ- ھۆرمەتلىك، سانالغان كىشى
ساۋ- خەۋەر، خەت، تەلىم، شۆھرەت
سەۋىگ-ئەزىز، ئاشىق
سەۋىت- چولپان يۇلتۇزى
سىلىك- پاكىز،سىلىق، يېقىملىق
قاتاغ- كۈچ مەنبەسى، ھاياتى كۈچ
قارشى- ساراي، خان سارايى
قاۋۇت- غورۇر، سائادەت
قۇتلۈغ-
قۇتۇن- بەخت سائادەتلىك
قۇرتۇلمىش- قۇتۇلغان، ئازاد بولغان
قۇرغاغ- قۇرۇقلۇق، قىتئە
كەرگەك- ئېھتىياج،لازىملىق ، كېرەكلىك
كېرىگ- پايانسىز
كەزىگ- ئىنتىزاملىق، مۇنتىزىم
كۆۋرۈك- كۆۋرۈك
كۆرك- چىراي، ھۆسۈن، جامال
كۆزۈش- ئارزۇ، تىلەك
كۆك- ئاسمان، كۆك، ، ساما، كۆك رەڭ
كۆڭۈل- تەپەككۈر، ئارزۇ، پىكىر
كۈسۈن- كۈچ، قۇۋۋەت
مەنلىگ-قۇتلۇقلۇق، خوشاللىق
نايۇت -دەۋر، چاغ
ئودۇغ-ئويغاق، سەگەك
ئوردۇكەنت- پايتەخت، قەشقەرمۇ مۇشۇ نامدا ئاتالغان
ئورناغ- تەخت، خانلىق ئورۇن
ئوغراق- نىشان، غايە، غەيرەت
ئوغۇرتا- زامان، پەيت، پۇرسەت
ئۇچقۇر- مۇتەخخەسىس، ئالىم،
ئۆتلۈگ- نەسىھەت
ئۆركى- ئالى، يۈكسەك. ئېسىل
ئۆگرەتىگ- تەلىم، تەربىيە، مائارىپ
ئۈزۈت- روھ، مەنىۋى كۈچ
ئىزداش- ئىزىدىن ماڭغان، يولى بىر
ئىلئالمىش- ئەل ئالغان، دۆلەت ئالغان
ئىمرەم- جامائەت