Skip to content

ئوقۇش ياردىمى ئېلانى

ئوقۇش ياردىمى ئېلانى

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ستۇدېنت قېرىنداشلار. ئۇيغۇريار فوندىنىڭ 2018 – 2019 – ئوقۇش يىلى يېڭى مەۋسۇملۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتماس قىلىش باشلاندى. ياردەمگە ئېھتىياجلىق ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات (ياردەم) پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل توشقۇزغاندىن سىرت، ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى ئوقۇش نەتىجىلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ.
تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەنلەر ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا دەرس نەتىجىلىرى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغان قېرىنداشلاردىن ئالدىنقى مەۋسۇملارغا مۇناسىۋەتلىك دەرس نەتىجىلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلمىي ماقالە يېزىش باسقۇچىغا كىرگەنلەر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن دوكتورا يېتەرلىك باسقۇچىدىن ئۆتكەن ياكى ماقالە يېزىش باسقۇچىدىكى قېرىنداشلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
ئىلتىماس قىلغانلاردىن ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، ئەمما ئۆزى تىرىشچان،كەلگۈسىدە ئۈمىد بار دەپ قارالغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سوممىسى: دوكتورانتلارنىڭ 1500 لىرا، ماگېستىرانتلارنىڭ 1200 لىرا، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنڭ 1000 لىرا بولىدۇ. 8 ئاي تارقىتىلىدۇ.
ئوقۇش ياردەم پۇلى سوممىسى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، 3 ئاي بولىدۇ.
بۇندىن باشقا، فوندىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەرەققىياتلىق ئەللەردە يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئىستىقبال ئوقۇش مۇكاپاتى (ياردىمى) تەسىس قىلدى. ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرى ۋە ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە، ئىسرائىلىيە، كورېيە، سىنگاپور، تەيۋەن، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئەللەردىكى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى 100 ئۇنۋېرستىت قاتارىغا تىزىلغان مەكتەپلەردىن چاقىرىق قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇيغۇريارنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغانلىرىغا مۇكاپات بېرىلىدۇ. باشقا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان، ئەمما مەكتەپكە كىرىشتە ئىقتىسادىي جەھەتتە قىينىلىپ قالغان تىرىشچان، ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىلىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمىغانلىقتىن، مۇكاپات ۋە قەرز سوممىسى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەللەردىكى مەكتەپلەردىن چاقىرىق قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

 ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى 30 – سېنتەبىرگىچە.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى جەدۋەلنى چۈشۈرۈپ، تولدۇرۇپ، ئىمزالاپ ئاستىدىكى ئىلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك. (جەدۋەلنى كومپيۇتېردا تولۇق تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈست تەرەپتىكى سېرىق بالداقتىكى ئىمزا قويۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىمزا قويۇشىڭىز لازىم، ئىمزا قويغاندىن كېيىن مەزمۇنلارنى قايتا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا تولۇق ۋە توغرا تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىمزا قويۇڭ.) ئەگەر تولدۇرۇشتا ياكى ئىمزا قويۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز بۇ بەتتىكى چۈشەندۈرۈشتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
ئىلتىماس جەدۋىلى: چۈشۈرۈڭ
تىزىملىتىش ئادرىسى: www.uyghuryar.org
ئىلخەت : [email protected]

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھىچ بىر شەكىلدە ئاشكارىلانمايدۇ، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئىلان قىلىنمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار خاتىرجەم ئىلتىماس قىلىۋەرسە بولىدۇ.

2 thoughts on “ئوقۇش ياردىمى ئېلانى”

  1. مەھبۇبە ئابدۇرېھىم

    men bu uqurni hazir kodum … buyil mar mara unwersitisiga kubul kilindim …
    iltimas kili wahti t
    oxup kaptu katti iltimas kilix pursitim yokmu ???

    1. ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ، بەلكىم كېيىنكى قىتىملىققا ياكى باشقا ياردەملەرگە ئىرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.

Comments are closed.