Skip to content

ئوقۇش ياردىمى جەدۋىلى تولدۇرۇش يېتەكچىسى

  • ماقالە

ئۇيغۇريار ئوقۇش ياردىمى بېتىدىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

جەدۋەلنى تولدۇرۇش ۋە ئىمزالاش قولاي بولۇپ، بۇ يەرگە قارىماي تۇرۇپمۇ تولدۇرۇپ، ئىمزالىيالايسىز. بۇ يازما پەقەت بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز پايدىلىنىش بولۇپ قالسۇن دەپ قوشۇلدى.

يۇقىرىقى بەتتىن چۈشۈرگەن مىكروسوفت ۋورد ھۆججىتىنى كومپيۇتېردا مىكروسوفت ۋورد بىلەن ئاچسىڭىز، سىز تولدۇرىدىغان يەرلەرنىلا ئۆزگەرتەلەيسىز، باشقا خەتلەرنى ئۆزگەرتەلمەيسىز.

دەسلەپ ئېچىلغان ھالىتى

پەقەتلا سىز تولدۇرۇدىغان يەرلەرنى تاللاپ تولدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. (مەسىلەن: يۇقىرىقى رەسىمدىكى كۆك بويالغان يەردىكى تاللاشتىن سىزگە ماس كەلگەن بىرنى تاللاڭ، كۆپ تاللىسىڭىز ئىناۋەتسىز)

مەزمۇن قوشۇش ۋە رەسىم قىستۇرۇش

شۇ قىزىل بويالغان يەردىكى رەسىمنى چەكسىڭىز رەسىم تاللايدىغان كۆزنەك ئېچىلىدۇ، ئۇ يەردىن رەسىمىڭىزنى تاللىسىڭىز بۇ يەرگە قوشۇلىدۇ. باشقا نەتىجە، تەقدىرنامە ۋە تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنىمۇ مۇشۇنداق قوشالايسىز. رەسىم قوشقاندىن كېيىن، رەسىم بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك كۆرۈنۈپ قالسا، چوڭلۇقىنى تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ. كىرگۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ دېگەن خەتنى چېكىپ ماس مەزمۇنلارنى كىرگۈزەلەيسىز. يازغانلىرىڭىز كاتەككە ياكى قالدۇرۇلغان بوشلۇققا سىغمىسا، يېزىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز ئۆزى ئاپتوماتىك كېڭىيدۇ، يازىدىغان ئورۇن يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر قوشماقچى بولغان ھۆججەتلىرىڭىز كۆپ بولۇپ، بۇ يەردىكى بوش ئورۇن يېتىشمىسە، سىغمىغان ھۆججەتلەرنى ئېلخەتكە قوشۇمچە قىلىپ ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ھەممىنى تولۇق ۋە توغرا تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرقى ئىش ئىمزا قويۇش. ئىمزا قويۇش ئۈچۈن بىرىنچى رەسىمدىكى ئۈستى تەرەپتىكى سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش بالدىقى ئۈستىدىكى «ئىمزالارنى كۆرۈش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز يان تەرەپتە تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىلتىماس قىلغۇچى دېگەن خەتنىڭ گىرۋىكىدىكى كىچىك ئۈچ بۇرجەك بەلگىنى باسسىڭىز، بىر تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ئۇ تىزىملىكتىن ئىمزا قويۇشنى باسسىڭىز

ئىمزالارنى كۆرۈش

تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك چىقىدۇ.

ئىمزا قويۇش

بۇ كۆزنەكتىن «سۈرەت تاللاش…» دېگەن خەتنى باسسىڭىز، رەسىم تاللايدىغان كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆزىڭىزنىڭ قەغەزگە ئىمزا قويۇپ ساقلىۋالغان سۈرەتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئىمزالاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىمزالىيالايسىز.

دېققەت: ئىمزالىغاندىن كېيىن، ھۆججەت پەقەتلا ئوقۇغىلى بولىدىغان ھالەتكە ئۆزگىرەيدۇ. بۇ ھۆججەتنى ئېلخەت ئارقىلىق بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىڭىز لازىم. ئېلخەت ئادرېسى: [email protected]

ئۇنۇتماڭ: بۇ قېتىمقى ئىلتىماسنىڭ ئاخىرقى چېكى 30- سىنتەبىر