ئۇيغۇريارنىڭ يۇتۇپ قانالى ئېچىلدى.
ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىلىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى يېشىغا ماس مەزمۇن، كىملىكىگە خاس ئۇچۇرلار تەمىنلەش ئۈچۈن بىر يۇتۇپ قانالى ئاچتۇق. قانالنىڭ ئىسمى «بالا ئۇيغۇر». بىز مۇھاجىرەتتە بالىلارنىڭ قولىدىن تېلفوننى تارتىپ ئالالمايمىز، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمىز. پەرزەنتىڭىزنى تېلفون ئويناش جەريانىدا ئۇيغۇرچە بىلەن ئۇچراشسۇن دەپ بىز بۇ مەخسۇس بالىلار يۇتۇپ قانىلىنى قۇرۇپ چىقتۇق. قانالدا تۆۋەندىكىچە ئىشلارنى قىلىمىز:
1-ھەر كۈنى بىردىن باللار قوشاقلىرى ئوقۇپ بىرىش، قوشاق يادىلىغان بالىلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش.
2-ھەر كۈنى بالىلار تىپىشماقلىرى ئېيتىپ بىرىش. تېپىشماق تېپىپ ئوينىغان سىنلارنى ئىشلەپ قانالغا قويۇش.
3-ھەپتىدە بىر ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇش. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناۋاتقان سىنلارنى سۇنۇپ قانداق ئويناشنى ئۆگىتىش.
4-(0-3)ياشلىق باللار ئۈچۈن باشقا تىلدىكى ۋىدېئولاردىن پايدىلىنىپ، باللارنىڭ تىل چىقىش مەزگىلىگە ئەسقاتىدىغان سىن ئىشلەپ قانالغا قويۇش.
5-بىزدە بار بولغان باللار ناخشىلىرى ھەم باللار قونچاق كىنولىرىنى رەتلەپ، ھەپتىدە بىر قېتىم چىقىرىش.
6-ۋەتەندىكى ھازىرر چىقىۋاتقان باللار ناخشىلىرى ھەم باللار پىروگراممىلىرىنى قويۇش.
7- باللار چۆچەكلىرىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى قويۇش، ئىشلەش.
8-باللارغا تونۇتۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى، تاماقلىرى، كىيىم- كېچەكلىرى… قاتارلىقلارنى رەسىم كىرىشتۈرۈپ قىسقا سىن ئىشلەپ، قويۇش.
9-باللارغا ئۇيغۇر تارىخىنى قىسسە شەكلىدە يەتكۈزۈش، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكايەسىنى باللار تىلىدىن ئوقۇتۇپ، ھەم رەسىم كىرىشتۈرۈپ ھەپتىدە بىردىن قويۇش.
قانالغا ئەزا بولۇشىڭىزنى، ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى كۈتىمىز.

