بۇ يىل قەھرىمان قىزىمىز رىزۋانگۈل تۇغۇلغانغا 100 يىل بولدى. ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي مەھەللىسىدە 2026-يىلى 17-ئاۋغۇست قەھرىمانىمىزنىڭ يۈز يىللىقى بالىلار دراممىسى ئارقىلىق خاتىرىلەندى. ھىرا ئىش بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى ھىرا ئانا تىل مەكتىپى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلار قاتناشتى.
ئاۋۋال مەكتەپ مۇدىرى لوقمانجان ھىرا ئەپەندى مىللى قەھرىمان رىزۋانگۈلنىڭ كىملىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە قەھرىمانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
خەلقىمىزنىڭ قەھرىمانى ، پەخىرلىك قىزى رىزۋانگۈل ھاشىم1926- يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى چېلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1932- يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن، باشلانغۇچ مەكتەپنى غۇلجىدا تاماملاپ،1940- يىلى ئۈرۈمچىدە ئوقوغان، 1943-يىلى غۇلجىغا قايتىپ خىزمەتكە چۈشكەن. 1944-يىلى ئىلىدا باشلانغان شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئىنقىلاپ يېڭى باشلىنىپ ئالتىنچى كۈنى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ قورال ئېتىشنى ئۆگەنگەن ۋە قىسقا مۇددەتلىك سېستىرالار كۇرسىغا قاتناشقان. شۇندىن كېيىن ئالدىنقى سەپتە جەڭلەردە بولغان.
1945-يىلى 13-يانۋار غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا رىزۋانگۈل ئالدىنقى سەپتە ۋىژىلداپ ئۇچۇپ تۇرغان دۈشمەن ئوقلىرى ئارىسىدىن يارىدار ئەسكەرلەرنى بىخەتەر يەرگە ئاپىرىپ داۋالاش جەريانىدا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇ شېھىت بولغاندا تېخى ئەمدىلا 19 ياش ئىدى.
پائالىيەتتە رىۋانگۈلنىڭ يۇقۇرىقى كەچمىشى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، تەتىلدە ئانا تىلىدىن ئوزۇق ئالغان غۇنچىلار قەھرىمانغا بېغىشلانغان شىئېرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئاخىرىدا ھىرا مەكتىپىدە ئانا تىل دەرسىگە قاتناشقان ئالتە قىز ئوقۇغۇچى ئورۇنلىغان «رىزۋانگۈل» ناملىق درامما خاتىرىلەشنى جانلاندۇرغان مەزمۇن بولدى.
بىنادا توك قېچىپ قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانغا قارىماي ئىككى سا ئەت داۋاملاشقان پائالىيەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
ئوقۇغۇچىلار دراممىنى كۆرۈپ گويا رىزۋانگۈلنى كۆرگەندەك، بۇندىن 80 يىل بۇرۇنقى غۇلجا شەھرىگە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇلاردا بولۇشقانلقىنى ئىزھار قىلىشتى.
پائالىيەتكە قاتنتشقان ئاتا ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە درامما ئىنتايىن ھاياجانلىق ئورۇنلانغان، سەھنىدىكى رىزۋانگۈل ئوبرازىمۇ ئىنتايىن جانلىق ئوينالغان. ئۇلار كىچىك تىپتىكى بۇ دىراممىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ يۈرەكلىرى تېترىگەنلىكىنى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى، دراممانىڭ ئۆزىنى ئەينى ۋاقىتتىكى شىددەتلىك ئوقلار ئۈچۇپ يۈرگەن جەڭ مەيدانىغا، رىزۋانگۈلنىڭ ئوق تىگىپ يەرگە يېقىلغان ۋاقتىغا باشلاپ بارغانلىقىنى ئېيتىشتى.
ھىرا مەكتىپىنىڭ بۇ تەتىللىك ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئۇيغۇريارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. مەزكۇر پائالىيەتنىمۇ ئۇيغۇريار تەشەببۇس قىلغان. فىلىمنى ھىرا ئانا تىل مەكتىپى ئىشلىدى.

