| ھەدىيە ئېدىس ئېگىر (Edith Eger) ئون ئىككىنچى باب غەزەپسىز كەچۈرۈم بولمايدۇ |
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life Edith Eger Chapter 12 THERE’S NO FORGIVENESS WITHOUT RAGE |
ئون ئىككىنچى باب غەزەپسىز كەچۈرۈم بولمايدۇئەپۇ قىلالماسلىقنىڭ تۈرمىسىكىشىلەر دائىم مەندىن ناتسىستلارنى قانداق قىلىپ ئەپۇ قىلىۋېتەلىگەنلىكىمنى سورىشىدۇ. مەندە باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇلارنى روھىي پاكلىنىشقا ئېرىشتۈرىدىغان ئىلاھىي كۈچ يوق، لېكىن ئۆزۈمنى ئازاد قىلىش قولۇمدىن كېلىدۇ. سىزمۇ ھەم شۇنداق قىلالايسىز. ئەپۇ قىلىش بىزگە زىيان سالغان، ئازار بەرگەنلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان ياخشىلىقتۇر. ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق ئۆتمۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئازابتىن خالىي بولالايمىز. ئەپۇ قىلىشقا بولغان يەنە بىر خاتا چۈشەنچە بولسا، ئەپۇ قىلىشنى ئازار بەرگۈچىدىن يىراقلىشىش، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاش دەپ چۈشىنىۋېلىشتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەنگە سالاۋات قىلىش ھەقىقىي ئەپۇدۇر. سىز بىرىنى «ئەپۇ قىلالمايمەن، كەچۈرەلمەيمەن» دېگىنىڭىزدە ئۆزىڭىز ئارزۇلىغان تۇرمۇشقا قارشى ئېنىرگىيە خورىتىشقا باشلايسىز. بىرسىنى ئەپۇ قىلىش ئۇنىڭ سىزگە داۋاملىق ئازار بېرىشىگە يول قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئازار سەل قارايدىغان نەرسە ئەمەس، لېكىن بولغۇلۇق بولدى، سىزدىن باشقا ھېچكىم ئۇ يارىنى ساقايتالمايدۇ. * * * ئەلۋەتتە، ئازار يېگەن قەلىبنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. يارىنىڭ بىر كېچىدىلا ساقىيىشىنى كۈتۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھەققانىيەت، ئۆچ ئېلىش، ئەپۇ، ھەتتا ئېتىراپ قىلىشقا بولغان ئىستەكلىرىمىز ئەسلىگە كېلىش يولىمىزدا بىزگە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن. بىز ئازاد بولۇپ خېلى يىللارغىچە ئاتا – ئانامنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان جوسىف مېنگىلانىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشنى خىيال قىلاتتىم. ئۇ ئۇرۇشتىن كېيىن پاراگۋايغا قېچىپ كەتكەنىدى. خىيالىمدا، بىر مۇخپىر سىياقىغا كىرىپ ئۇنى ئىزدەپ تاپاتتىم ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ: «مەن ئاۋسىۋېتستا سەن ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينىغان ھېلىقى قىز شۇ. سەن ئاپامنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ» دەيتتىم. بۇ گەپلەرنى دېگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭ چىرايىدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرگە سىنچىلاپ قارايتتىم، ئەمدى ئۇ ھېچيەرگە قېچىپ كېتەلمەيتتى. مەن ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى يۈزىگە سالماقچى بولاتتىم. ئۇنى ئاجىز، ئۆزۈمنى كۈچلۈك ھېس قىلماقچى بولاتتىم، لېكىن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش مەقسىتىمگە يېتەلمەيتتىم، چۈنكى مەن باشقىلارغا ئازار بېرىشنىڭ يارامنى ساقايتالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. بۇ خىيالەن ئۆچ ئېلىش ماڭا خېلىغىچە قانائەت، يېنىكلىك ھېس قىلدۇرغان بولسىمۇ، غەزەپ ۋە قايغۇمنى يوقىتالمىغانىدى، پەقەت غەزەپ ۋە قايغۇمنىڭ پارتلىشىنى ئارقىغا سۈرگەنىدى، خالاس. باشقىلار رېئاللىقىڭىزغا شاھىت بولۇپ، ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىدە سىزنىڭ ئاسارەتتىن ئەسلىگە كېلىشىڭىز شۇنچە ئاسانغا توختايدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەدلىيە، ئۇرۇش جىنايىتى سوتى، ھەقىقەت ۋە ياراشتۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق جەريانلار بولغاندا، جىنايەتچىلەر قىلمىش ئەتمىشلىرى ئۈچۈن جاۋابقا تارتىلىپ، چاۋىسى خەلقى ئالەمگە يېيىلىدۇ. لېكىن تۇرمۇشىڭىز باشقىلاردىن مەلۇم نەرسىگە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىك تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ. تۇرمۇشىڭىزنىڭ تىزگىنىكى ئۆز قولىڭىزدا. * * * مېنىڭ تۆۋەندە دېمەكچى بولغانلىرىم بەلكىم سىزنى ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن. غەزەبلەنمەي تۇرۇپ ھەقىقىي كەچۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇزۇنغىچە غەزىپىمنى كونتىرول قىلىشقا ئاجىز كەلدىم ھەم بۇنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ خالىمايتتىم. غەزىپىمنى كونتىرول قىلالماسلىقىم مېنى ئەنسىرتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا چارىسىز يۈردۈم. غەزىپىم بىر باشلانسا ئۇنى بېسىشىم مۇمكىن بولمايدىغاندەك بىلىنەتتى. ئۇ مېنى خورىتىشقا باشلىدى. بىراق مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، چۈشكۈنلۈكنىڭ ئەكسى ئۆزىنى ئىپادىلەشتۇر. سىز بوشىتىۋالغان نەرسىلەرگە قارىغاندا ئىچىڭىزدە قاپسىلىپ قالغان نەرسىلەر سىزنى كېسەل قىلىدۇ. كەچۈرۈش دېمەك ئۆتكەنگە سالىۋات قىلشتۇر، مەن غەزىپىمنى ھېس قىلىپ ئىپادىلىمىگىچە ئۆتكەنگە سالاۋات قىلالمايتتىم. مەن ئاخىرى پىسخىكىلىق دوختۇرۇمدىن ئۈستۈمگە چىقىپ ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم. بۇنداق بولغاندا مەن ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىپ ئىچىمدىكى چوقانلىرىمنى چېرقىراش ئارقىلىق چىقىرۋېتەلەيتتىم. غەزەپنى ئىچىگە يۇتۇش كىشىنى تۈگەشتۈرۋېتىدۇ. ئەگەر غەزىپىڭىزنى ئاكتىپ ۋە ئاڭلىق ھالدا ئىپادىلىمىسىڭىز، ئۇ ئىچىڭىزدە قاپسىلىپ تۇرىۋېرىدۇ. بۇ سىزگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە غەزەپنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىشمۇ پايدىلىق ئەمەس. ئورۇنسىز ئاچچىقلانغان شۇ پەيىتتە ئىچىڭىزنى بوشىتىۋالغاندەك قىلسىڭىزمۇ، بۇنىڭ زىيىنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە بولىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزۇنغا داۋاملاشقاندا سىز شۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالىسىز. ئەمەلىيەتتە بولسا سىز بۇ ئارقىلىق ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايسىز. زىيانلىق بىر دەۋرىيلىككە قاپسىلىپ قالىسىز خالاس. ئاچچىق بىلەن ھەپىلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنى يېتەكلەپ بوشىتىۋېتىش. بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى ئاساندەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن سىز كىچىكىڭىزدىنلا «ياخشى بالا»، «گەپ ئاڭلايدىغان بالا» بولۇشقا كۆندۈرۈلۈپ، ئاچچىقلىنىش يول قويۇلمايدىغان، ھەتتا خاتا دەپ قارىلىدىغان مۇھىتتا ۋەياكى باشقىلارنىڭ ئاچچىقى ئاستىدا چوڭ بولغان بولسىڭىز، ئاچچىقنى ھېس قىلىش ۋە ئىپادىلىشڭىز ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. لېنانىڭ يولدىشى ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش ۋە مۇنازىرىسىزلا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا لېنا بۇ تۇيۇقسىز يوقىتىشتىن تېڭىرقاپ قالغان ئىدى. گەرچە ئاجرىشىپ بىر يىلدىن كېيىن لېنا خىزمىتىدە ئۈزۈپ چىقىپ، 3 بالىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان، ئۆزىنى چىرايلىق ياساپ يۈرگەن، ھەتتا قايتا مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىدەك ئاسارەتتىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. «مەن يوقىتىپ قويغۇم يوق نەرسىنى يوقىتىپ قويدۇم. ئۇ چاغدا مېنىڭ ھېچقانداق تاللاش ھوقوقۇم يوق ئىدى» دەيدۇ لېنا. ئۇ چوڭقۇر قايغۇ، ئۆكۈنۈش ۋە خىجىللىق تۇيغۇلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئۆزىدە ئەسلى بار دەپ قارىمىغان كۈچ ۋە ئېنىرگىيە بىلەن بالىلىرىنى باققان، ئاجرىشىش ئىلشىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. لېكىن بۇ جەرياندا لېنا غەزەپ ھېس قىلمىغان. لېنا نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئامراق ھاممىسىنىڭمۇ ئاجراشقىنىغا شاھىت بولغان ئىدى. ھاممىسى ئۆزىنى ھەممە ئىشتىن تارتىپ، نەچچە يىللارغىچە غەزىپىىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرگەن. ئۇ بىر كۈنلەردە ئېرىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتكەن. بىراق نەتىجىدە ھاممىسى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن كەچۈرۈمنى ساقلىيالماي راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. لېنا ھاممىسىدەك كۈنگە قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئورمانلىققا كىرىپ ئۆزى تېخى ھېس قىلىپ بولالمىغان غەزىپىنى بوشىتىۋېلىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ بىر چىغىر يولغا ئەگىشىپ ئورمانلىق ئىچىگە ماڭغان، ۋە دەرەخلەر ئارسىدا تۇرۇپ ۋارقىراشقا تەييارلانغان. بىراق بىر نېمە بوغىزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك ۋارقىرىيالمىغان. ئۇ ئۆزىنى غەزەپلىنىشكە قانچە زورلىغانسېرى ھېچنىمىنى ھېس قىلالمىغان. «مەن قانداق قىلسام غەزىپىمنى ھېس قىلىپ ئۇنى ئىپادىلىيەلەيمەن؟ غەزەپلىنىشتىن شۇنچىلىك قورقىمەن. ئۇنى ھېس قىلغۇم يوق.» دېدى لېنا ماڭا. «ئالدى بىلەن غەزەپلىنىشنى نورمال، يوللۇق ئىش دەپ قوبۇل قىلىڭ» دېدىم ئۇنىڭغا. غەزەپ ئىنساننىڭ نورمال ھېسسياتى. ئىنسان بولغان ئىكەنسىز غەزەپلىنىش ھوقوقىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بىز غەزەپنى بوشاتماستىن ئىچىمىزدە ساقلىساق، ئۆزىمىزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ئىنكار قىلغان بولىمىز. مۇكەممەلچىلەر ئەنە شۇنداق ئىچىدە ئاچچىقلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ رېئاللىقنى ئىنكار قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ئالداپ ھېچنىمە بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىمىز. بۇ خىل ھالەت ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چىرقىراپ ياستۇقىڭىزنى مۇشتلاڭ. دېڭىز بويى ياكى تاغ چوققىسىغا يالغۇز چىقىپ ۋارقىراڭ. تاياقتىن بىرنى ئېلىپ كۈچەپ يەرگە ئۇرۇڭ. بىز يالغۇز قالغاندا ناخشا ئېيتىمىز، نېمە ئۈچۈن يالغۇز قالغاندا ۋارقىرىساق بولمىغۇدەك؟ دېرىزىنى ئېچىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ، ۋە نەپىسىڭىزنى ئۇزۇن ھەم ئاۋازلىق قويۇپ بېرىڭ. ئەگەر بىرەر بىمارىم ئىچىدىكىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ھالدا يېنىمغا كەلسە مەن ئۇنىڭغا «مېنىڭ بۈگۈن قاتتىق ۋارقىرىغۇم كېلىۋاتىدۇ. مەن بىلەن بىللە ۋارقىرامسىز؟» دەپ سورايمەن ۋە بىمارىم بىلەن تەڭ ۋارقىرايمەن. ئەگەر يالغۇز ۋارقىراشتىن قورقسىڭىز بىرەر دوستىڭىز ياكى پسىخىكا مەسلىھەتچىسى بىلەن قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئىچىڭىز بوشاپ قالىدۇ. ھېسياتىڭىزنىڭ داۋالغۇشى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىۋاتقان، رەھىمسىز رېئاللىقنى ئىپادىلەۋاتقان ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاش سىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپلا قالماي يەنە سىزنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئىچىڭىزدىكىنى يوشۇرماي، ئۆزىڭىز ئۈچۈن دەس تۇرۇپ «مەن ئىلگىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىدىم. لېكىن مەن زىيانلانغۇچى ئەمەس، مەن دېگەن مەن» دەڭ. ئاچچىقلىنىش ئەسلى ھېس – تۇيغۇرىمىزنى مۇداپىئە قىلغۇچى ساۋۇتتۇر. بىز غەزەپ ئارقىلىق قەلبىمىزگە يوشۇرۇنغان قورقۇنچ ياكى قايغۇنى ھېس قىلالايمىز. شۇندىلا ئەڭ قېيىن بولغان ئىش – ئۆزىمىزنى كەچۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. * * * مەن بۇ كىتابنى يېزىشنى ئەمدى باشلىغان چاغلار ئىدى. ئاۋغۇسىت ئايلىرىنىڭ بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆيگە قايتىقاندا، ئىشىك ئالدىدا بىر ناتونۇش كىشىنى ئۇچىراتتىم. ئۇنىڭ مەيدىسىگە قادىۋالغان كېنىشكىسىدىن خېلى رەسمىي خىزمەت قىلىدىغان بىرىدەك كۆرۈنەتتى. «مەن سۇ ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن. ئۆيىڭىزنىڭ سۇ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى كەلدىم» دېدى ئۇ ماڭا. مەن ئىشىكنى ئېچىپ ئۇنى ئاشخانىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ تۇربىنىڭ ۋە مونچىنىڭ سۈيىنى ئېچىپ باققاندىن كېيىن «مەن باشلىقىمغا تېلېفۇن قىلمىسام بولمىغۇدەك. ئۆيىڭىزدىكى سۇنىڭ مېتال تەركىبى يۇقىرىدەك قىلىدۇ» دېدى. ئۇ تېلېفۇن قىلىپ بىر خىزمەتدېشىنى ياردەمگە چاقىردى. ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭغا ئوخشاش كىيىنىۋالغان ۋە خىزمەت كىنىشكىسى تاقىۋالغان بىرسى يېتىپ كەلدى، ئۇلار مونچىنىڭ تۇربىسىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، ئۇچامدىكى سائەت، بەلۋاغ ۋە زىبۇ زىننەت قاتارلىق بارلىق مېتال بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىشنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە زەنجىر ۋە بىلەيزۈكۈمنى ئېلىۋەتتىم. لېكىن ئۈزۈكۈمنى ئېلىش تەسكە توختىدى. بوغۇم ياللۇغى تۈپەيلى بۇ ئۈزۈك بارمىقىمغا كىچىك تەڭشىگۈچ ئارقىلىق دەللا لايھىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭسىز ئۈزۈكنى ئىششىپ كەتكەن بوغۇملىرىمدىن ئۆتكۈزۈش تەس ئىدى. قولۇمنىڭ ئاغرىقى تۈپەيلى مەن ئۇ ئىككى ئەر كىشىنى ئۈزۈكنىڭ تەڭشىگۈچىنى ئېلىۋېتىشكە ياردەمگە چاقىردىم. ئۇلار يەنە مۇنچا تۇربىسىنى ئېچىپ بىر نېمىلەرنى قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ماڭا سۇخانا تۇربىسىنى ئېچىپ سۇ رەڭگىنىڭ كۆككە ئۆزگىرىشىنى كۈتۈشۈمنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك سۇ تۇربىسىنى ئېچىپ ساقلىدىم. خېلىغىچە ساقلاپ سەل سەگىگەندەك بولدۇم ۋە مونچىغا يۈگرەپ كىرىدىم. ئۇلار زىبۇ – زىننەتلىرىمنى ئېلىپ غايىب بولغان ئىدى. ساقچىلار نامى پۇر كەتكەن قېرىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش گۇرۇھىنىڭ يېڭى نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى شۇنداق ئەخمەق ھېس قىلدىم. ھەرقېتىم ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئەخمەق ھەم كىشىلەرگە ئاسان ئىشىنىدىغانلىقىمنى ئويلىغىنىمدا بىئارام بولاتتىم. ئۇلارنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرگەننى ئاز دەپ زىبۇ-زىننەتلىرىمنى قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگىنىمنى قارا! ئۇلارغا پۇل چېكى يېزىپ بەرمىگەنلا يېرىم قاپتۇ، دېدىم ئۆزۈمگە. بىراق ساقچىلار ۋە بالىلىرىم بۇ ئىشقا باشقىچە نەزەردە قارىدى، ئۇلار «ھېلىمۇ قارشىلىق كۆرسەتمەپسىز» دېدى. گەرچە ئوغرىلار زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ مېنى يارلاندۇرمىغان ئىدى. ئەگەر قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسام ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەر ئىش كېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك «ئەخمەقلىقىم» تۈپەيلى ئامان قالغان بولىشىم مۇمكىن. گەرچە بۇنداق ئويلاش پايدىلىقتەك قىلسىمۇ، مېنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئۆزگەرتەلمەيتتى. مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئېگە، قىممەتلىك نەرسىلەر، بولۇپمۇ بېللا مارىئاننانىڭ تۇغۇلغىنىنى تەبرىكلەپ ماڭا سوۋغا قىلغان، مەن چېخوسلوۋاكېيەدە مارىئاننانىڭ زاكىسىغا يوشۇرۇپ چېگرادىن ئۆتكەن بىلەيزۈكنى يوقۇتۇپ قويۇش ماڭا ئېغىر كەلدى. گەرچە ئۇ بىر ئاددىي نەرسە بولسىمۇ، ئۇ مەن ئۈچۈن تەبرىكلەش ۋە كۈرەش قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھاياتلىق، ئانىلىق، ئازاتلىقنىڭ سېمۋۇلى ئىدى. بىلەيزۈكۈمسىز بىر ئەزايىمنى كەمدەك ھېس قىلدىم. غەزەپتىن كېيىنكى ۋەھىمە ھېسسياتى مېنى چىرمىۋېلىشقا باشلىدى. خېلى كۈنلەرگىچە ئۇ ئوغرىلارنى قايتىپ كېلىپ مېنى ئۆلتۈرۋېتىشى مۇمكىن دەپ خىيال قىلاتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ ئىپلاسلارنى يوقۇتۇش، جازالاش ئىستىكىم كۈچىيەتتى. «ئاناڭ سېنى مۇشۇنداق تەربىيىلىگەنمۇ؟ بۇنىڭدىن خىجىل بولمامسەن؟» دەپ ئۇلارغا خىي الىمدا ۋارقىرايتتىم. بۇلاردىن سىرت يەنە نومۇس ھېسسياتىممۇ كۈچىيەتتى. مەن ئىشىكنى ئۇلارغا ئۆزۈم ئېچىپ، دېگىنىنى قىلدىم. ئۈزۈكۈمنى ئالالمىغاندا ھەتتا ئۇلارنى ياردەمگە چاقىردىم. مەن تەسەۋۇرۇمدىكى بۇ ئاجىز، باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىپ كېتىدىغان ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم. لېكىن بۇ ماركا، تامغىلارنى ماڭا چاپلاۋاتقىنى، مۆھۈر قىلىپ بېسىۋاتقىنى دەل ئۆزۈم ئىدىم. دېمەكچى بولغىنىم، ھاياتلىق ماڭا ئىنسانلىق، نۇقسان ۋە پۈتۈنلۈكتەك ئەسلىم بىلەن ئۆزۈمنى سۆيۈش ئەركىنلىكىنى بېرىشنى توختاتمىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى كەچۈرۈپ، ئۆتمۈشۈمگە سالىۋات قىلىشنى تاللىدىم. مېنىڭ ياشايدىغان تۇرمۇشۇم، قىلىدىغان خىزمىتىم، بەھىرلەيدىغان مۇھەببىتىم بار. مېنىڭ ۋەھىمە، غەزەپ ۋە نۇمۇسقا زايە قىلىدىغان ۋاقتىم يوق، مېنى بۇلىغان ئۇ ئىككى ئوغرىغا زىبۇ-زىننەتتىن ئارتۇقىنى بېرىشنى خالىمىدىم. ئۇلارغا ئەمدى ھېچنىمە بەرمەيمەن. * * * يېقىندا ياۋروپاغا قىلغان زىيارىتىمدە قىزىم ئاۋدۇرى بىلەن ئامىستىردامدا ئاننى فرانك خاتىرە ئۆيىدە سۆز قىلىدىم ۋە قىزغىن ئالقىش، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇم. گوللاندىيە دۆلەتلىك بالېت ئۆمىكىنىڭ سابىق بالېتچىسى ئېگىن دى جون مېنىڭ ئاۋسىۋېتىسدا مېنگىلا ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينىغان ۋەقەلىكىمدىن ئىلھام ئېلىپ بىزگە بىر مەيدان ئويۇن قويۇپ بېرىدىغان بولدى. بۇ ئويۇن 2019 – يىلى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، مېنىڭ گۈنىسكىرچېندا ئازاد بولغانلىقىمنىڭ 74 – يىللىق خاتىرە كۈنۈم، شۇنداقلا گوللاندىيەگە نىسبەتەنمۇ دۆلەتلىك خاتىرە كۈنى قويۇلغان ئىدى. بۇ كۈنى گوللاندىيەلىكلەر جازا لاگېرىدا قازا تاپقان ۋە ئامان قالغۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئىككى مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى. ئاۋدۇرى ئىككىمىز تىياتىرخانىغا يېتىپ بارغاندا خۇددى چولپانلاردەك قارشى ئېلىنىپ، دەستە-دەستە گۈللەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. كىشىلەر بىز ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىپ، بىزنى قۇچاقلاشتى. گوللاندىيە پادىشاھى ۋە خانىشى ئويۇنغا كېچىكىپ قالغانلىقتىن بىزگە ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرى بېرىلدى. بۇ ئويۇن ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېسىل ھەم قەدىرلىك كەچۈرمىشلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەن ئېگىن دى جوننىڭ كۈچى، سالاپىتى، قىزغىنلىقى، شۇنداقلا «جەننەتتىن دوزاخقا چۈشكەن» دىكى تەسۋىرلىرىدىن ھەيرانۇ-ھەس قالدىم. ئويۇندىكى مېنگىلا ئوبرازىمۇ مېنى چۆچۈتكەن ئىدى. ئۇ بىر ئاچ قالغان ئەرۋاھتەك مېنىڭ ئوبرازىمغا يېقىنلىشاتتى-يۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەيتتى. ئويۇن ئاخىرلىشىپ ئارتىسلار ئېگىلىپ تازىم قىلغاندا تىياتىرخانىدا گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئالقىشلار پەسىيەي دېيىشىگە گۈلدەستىلەر قۇچىقىغا لىق تولغان ئېگىن دى جون سەھنىدىن چۈشۈپ، ئۇدۇل ئاۋدۇرى ئىككىمىزنىڭ ئالدىغا كەلدى. سەھنە چىرىغى بىزگە توغۇرلاندى. ئېگىن دى جون كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ مېنى قۇچاقلىدى ۋە قولىدىكى ئەڭ چوڭ گۈلدەستىنى ماڭا سوۋغا قىلدى. تىياتىرخانا ئىچىدىكىلەر بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندى. بىز سىرتقا چىققۇچە مەن نەملەنگەن كۆزۈم بىلەن يولنى ئېنىق كۆرەلمەي قالغانىدىم. مېنىڭ غەزەپ ۋە قايغۇدىن قۇتۇلىشىمغا، ئۆزۈمنى مېنگىلا بىلەن گېتلىرنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئازاد قىلىشىمغا، ئامان قالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى كەچۈرۈشۈمگە نۇرغۇن يىللار كەتتى. لېكىن شۇ كۈنى تىياتىرخانىدا قىزىم بىلەن ئولتۇرۇپ ھاياتىمدىكى ئەڭ قاباھەتلىك ئۆتمۈشنىڭ سەھنىدە قايتا ئەكىس ئېتىشى بىلەن شۇ نۇقتىنى قايتا چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئۆزىنى كىشىلەرنىڭ ھايات-ماماتىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىغان مېنگىلا ئەسلى مەندىنمۇ ئارتۇق مەھبۇسلۇققا مەھكۇم ئىكەن. چۈنكى مەن گۇناھسىز ھەم ئەركىن، ئەمما ئۇ دەل ئەكسىچە. سىزنى كەچۈرەلمەسلىكنىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىدىغان ئاچقۇچلار:
|
Chapter 12 THERE’S NO FORGIVENESS WITHOUT RAGEThe Prison of Not ForgivingPeople often ask how I can ever forgive the Nazis. I don’t have the godly power to anoint anyone with forgiveness, to spiritually cleanse others for their wrongs. But I have the power to free myself. So do you. Forgiveness isn’t something we do for the person who’s hurt us. It’s something we do for ourselves, so we’re no longer victims or prisoners of the past, so we can stop carrying a burden that harbors nothing but pain. Another misconception about forgiveness is that the way to make peace with someone who has harmed us is to say, “I’m done with her.” It doesn’t work that way. It’s not about cutting someone out. It’s about letting go. As long as you say you can’t forgive someone, you’re spending energy being against rather than being for yourself and the life you deserve. To forgive isn’t to give someone permission to keep hurting you. It’s not okay that you were harmed. But it’s already done. No one but you can heal the wound. * * * This kind of release doesn’t come easily. It’s not an overnight process. And lots of things get in the way. A desire for justice, or revenge, an apology, even just acknowledgment. For years I maintained the fantasy of tracking down Josef Mengele in Paraguay, where he fled after the war. I’d pose as a sympathizer, a journalist, to gain access, and then I’d walk into his house and look him in the face and say, “I’m the girl who danced for you in Auschwitz. You murdered my mother.” I wanted to see the look on his face, the truth land in his eyes, no place to run. I wanted him to stand before his wrongs, defenseless. I wanted to feel strong and triumphant because he was weak. I wasn’t after revenge, not exactly. Somehow I sensed that making someone else hurt wasn’t going to take away my pain. But for a long time, this fantasy gave me such satisfaction. Except that it didn’t take away my rage and grief—it just deferred them. It’s easier to release the past when others see your truth, tell the truth. When there’s a collective process—restorative justice, war crimes tribunals, truth and reconciliation committees—through which perpetrators are accountable for the harm they inflicted and the court of the world holds the truth to the light. But your life doesn’t depend on what you get or don’t get from someone else. Your life is your own. * * * What I say next might surprise you. There’s no forgiveness without rage. For many years I had tremendous problems with anger. I wouldn’t acknowledge it. It terrified me. I thought that I’d get lost in it. That once it started, it was never going to end. That it would totally consume me. But as I’ve said before, the opposite of depression is expression. What comes out of our body doesn’t make us ill. What stays in there does. Forgiveness is release, and I couldn’t let go until I gave myself permission to feel and express my rage. I finally asked my therapist to sit on me, to hold me down so I had a force to push against, so I could release a primal scream. Silent rage is self-destructive. If you’re not actively, consciously, intentionally releasing it, you’re holding on to it. And that’s not going to do you any good. Neither is venting anger. That’s when you blow your top. It might feel cathartic in the moment, but others foot the bill. And it can become addictive. You’re not really releasing anything. You’re just perpetuating a cycle—a harmful one. The best thing to do with anger is to learn to channel it, and then dissolve it. It might sound simple enough. But if you’ve been taught to be a “good girl” or a “good boy,” taught that anger is unacceptable or frightening, if you’ve been hurt by someone else’s rage, it isn’t easy to let yourself feel—much less express—your anger. When Lena’s husband suddenly told her with no explanation, no discussion, that he wanted a divorce, she was shocked by loss. A year later, she’s coping admirably, staying on top of work, supporting and loving her three kids, even beginning to date again, sporting a chic haircut and bold earrings. Yet she feels stuck on the inside, unable to move past the feeling that she’s been cheated by life. “I lost something I didn’t want to lose,” she said. “I wasn’t given a choice.” She went through feelings of deep sadness, grief, and guilt. She summoned strength and energy she didn’t know she had to support her children, proceed with the pragmatic matters of the divorce. But through it all, she couldn’t feel any anger. She’d witnessed a favorite aunt go through a similarly rattling divorce many years earlier, had watched her aunt recede from the world, holding her breath for decades, waiting for her ex- husband to realize he’d made a mistake and beg to come back. She’d died of cancer, still waiting for her husband to return. Haunted by her aunt’s sorrow, Lena took herself for a walk in the woods one day, wanting to release the rage she knew must be lurking within, even if she couldn’t feel it. She followed a trail deep into the forest, and stood among the trees, all alone, prepared to let herself scream as loudly as she could. But the scream wouldn’t come. She was blocked. The more she tried to embrace her anger, the more numb she felt. “How can I feel and express my anger?” she asked me. “I’m so scared of feeling it. I don’t want to feel it.” “First, legitimize it,” I told her. You have a right to feel rage. It’s a human emotion. You are human. When we can’t release anger, we’re either denying that we were victimized, or denying that we’re human. (That’s how a perfectionist suffers. Silently!) Either way, we’re denying reality. Making ourselves numb, pretending to be fine. This doesn’t set you free. Scream and pound your fists into a pillow. Go to a beach or mountaintop alone and yell into the wind. Grab a giant stick, smash and beat the ground. We sing alone in the car. Why not scream alone? Roll up all the windows, take a giant breath, and when you exhale, give it voice, let it crescendo into the world’s longest and loudest scream. When a patient comes to see me, looking rigid or masked, I say, “I feel like screaming today. Shall we scream?” And we do it together. If you’re afraid to scream alone, find a friend or therapist to scream with you. It’s such a release! And it’s so profound, even exhilarating, to hear your own unadulterated voice, charged with feeling, expressing its most difficult truth. To hear yourself unmasked. To stand up, claim your space, say, “I was victimized, but I’m not a victim. I am me.” Anger is a secondary emotion, a defense, armor we put up around the primary feeling underneath. We burn through anger so we can get to what’s underneath: fear or grief. Only then can we begin the hardest work of all. Forgiving ourselves. * * * One Friday afternoon in August, shortly after I’d started drafting chapters for this book, I came home to find a man at my front door. He was dressed in khakis and a polo shirt, an official-looking ID badge clipped to his chest. “I’m here from the water company,” he said. “I have to check your water for contamination.” I let him inside, brought him to the kitchen. He turned the water on, checked the faucets in the bathrooms, and then told me, “I need to call in my supervisor, we could have a problem with metals.” He used his cell phone to bring in a colleague for support. A man wearing the same outfit and badge arrived, they tried all the faucets again, and then told me I’d need to remove anything on my body that was metal. Watches, belts, jewelry. I took off my necklace and bracelet. The rings were more difficult. Because of my arthritis, my rings have been modified with little pins so I can unclasp them, otherwise I’d never be able to slide them over my swollen joints. But arthritis also makes it difficult to pull the pins. I asked the men to help me. They tested the faucets again and performed some kind of treatment on the water. Go to the bathroom sink, they told me, and run the water until it turns blue. I walked down the hall, turned the water on, watched it flow, waited and waited. Then I knew. I hurried back to the kitchen, but they were already gone—along with my necklace and bracelet and rings. The police said I’d been the latest target of a well-known elder abuse scheme. I felt so foolish and gullible to have been taken in by the ruse. I cringed every time I thought of how stupid and trusting I’d been. I let them in, I let them walk through my house, I handed them my jewelry. I might as well have written them a check! The police—and my children—see it differently. Thank goodness you obeyed, they say. They took things, but they didn’t hurt me. If I’d tried to resist, they could have tied me up, or worse. Doing everything they asked without a fuss might have saved my life. This perspective is helpful. But it doesn’t take the feelings away. The loss of things I’ve valued and held dear—especially the bracelet, the one Béla gave me to celebrate Marianne’s birth, that I’d smuggled out of Czechoslovakia by hiding it in her diaper. It’s just an object, yet it stands for something more, for life, motherhood, freedom—all things worth celebrating and fighting for. My arm feels naked without it. Then there was fear. For days I had an obsessive feeling that they were going to come back and kill me so I wouldn’t talk. Then there was the desire to chew out the criminals, to punish them, diminish them. “Is this how your mother raised you to be?” I imagined yelling. “Aren’t you ashamed?” And then there was my shame. I opened the door. I answered their questions. I followed their commands, held out my hand so they could unclasp my ring. I hated the version of me that I saw. Vulnerable. Frail. Gullible. But the only one putting those labels on me was me. What I’m saying is that life keeps giving me opportunities to choose freedom—to love myself as I am: human, imperfect, and whole. So I forgave myself, releasing them so I can release me. I have life to live and work to do and love to share. I don’t have time to hold on to the fear or anger or shame anymore, to give anything else to two people who already stole something from me. I won’t give them another inch. I won’t hand my power away. * * * During my recent visit to Europe, Audrey and I went to Amsterdam, where I spoke at the Anne Frank House, and then was honored in the most spectacular way. Igone de Jongh, the prima ballerina of the Dutch National Ballet, choreographed and performed a piece inspired by my first night in Auschwitz when I danced for Mengele. The performance was on May 4, 2019, the seventy-fourth anniversary of my liberation at Gunskirchen, and a day of national remembrance in the Netherlands. The whole country observes two minutes of silence in honor of those who died in the camps and those who survived. When Audrey and I arrived at the theater, we were welcomed like celebrities, applauded, given flowers. People wept and embraced us. The king and queen were late to the performance, and we were offered their seats. The performance itself was one of the most exquisite and cherished experiences of my life. I was completely overwhelmed by the strength, grace, and passion of Igone de Jongh, by the depiction of beauty and transcendence—in hell. Even more overwhelming was the portrayal of Mengele. He was a hungry ghost, sad and empty, approaching and approaching me, his prisoner, but never fulfilled, trapped by his need for power and control. The performers took their bows and the audience rose in thunderous applause. Just as the clapping was beginning to die down, Igone de Jongh, her arms full of flowers, came down from the stage and walked directly to where Audrey and I were sitting. A spotlight beamed down on us. The ballerina embraced me, tears in her eyes, and then gave me her biggest bouquet. The theater exploded in emotion. I couldn’t see to walk when we left our seats, my eyes still too full of tears. It took me so many years to work through my anger and grief, to release Mengele and Hitler, to forgive myself for having survived. But in the theater with my daughter, watching one of the darkest moments of my past brought to life on the stage, I knew again what I realized that night in the barracks—that while Mengele had all the power, while day after day he chose with his grotesquely wagging finger who would live and who would die, he was more a prisoner than I was. I was innocent. And free. KEYS TO FREE YOURSELF FROM NOT FORGIVING
|

