ھەبىبۇللا توختى 1979- يىلى قەشقەر يېڭىساردا تۇغۇلغان. 2017-يىلى مارتتا تۇتقۇن قىلىنىپ 2017-يىلى مايدا 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1998-يىلى ئىسلام ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2002-يىلى ئىيۇلدا ئوقۇشنى تاماملىغان. 2002-يىلى ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىتى ئەرەب- ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2004-يىلى مەزكۇر ئىنىستىتۇتتىن باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2004-يىلى ئەزھەر ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئەرەپ-ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان، 2009 – يىلى 8- ئايدا «ئىمام بەزدەۋىينىڭ ئۇسۇلفىقھى كىتابىنىڭ شەرھىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە تەھقىقات» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ھەبىبۇللا توختى 2010-يىلى مەزكۇر ئىنىستېتوتنىڭ دوكتۇرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ھەمدە ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىتى ئەرەب ـ ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلـمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن «ئەقىدە – ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىدىن مەنبەلەنگەن ئىختىلاپىي مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ۋە تەدبىقات» دېگەن ئىلـمىي ماقالە تېمىسىنى سۇنغان.
ھەبىبۇللا توختى «شىنجاڭ مەدەنىيەتى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە گېزىت ژورناللاردا بىر قىسىم ماقالە ۋە شىئېرلارنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى»، «مەدەنىيەتنىڭ گىن خەرىتىسى» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ۋە ئىلمى ئەسەرلەرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئوقۇش – تەتقىقات جەريانىدا تەرجىمە -تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرغا قەدەر «سەھىھ مۇسلىمنىڭ تەرجىمە ۋە شەرھى»، «ئىسلام مەدەنىيەتى» قاتارلىق ئون پارچىغا يېقىن يىرىك ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.
2015ـيىل 9ـئاينىڭ 12ـكۈنى ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىتى ئەرەب ـ ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا دوكتۇرلۇق ئىلـمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن سۇنغان مەزكۇر ئىلـمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ بىرىنچى دەرىجىلىك شەرەپ بىلەن دوكتۇرلۇق ئىلـمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ توي قىلغان بولۇپ ئىككى بالىسى بار ئىدى. ھازىرغىچە ئايالى ۋە بالىسىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.
توردا تېپىلغان بەزى ئەسەرلىرى:
مەدەنىيەتنىڭ گىن خەرىتىسى
سەۋدالىق لەززىتى
ھەبىبۇللا توختى
ھەقىقەت ھەققىدە قىسسە
قۇياش ھەر سەھەر قاندا يۇيۇنۇپ چىققانلىقى ئۈچۈنلا مەڭگۈ پارلاق تۇرىدۇ.
قىسمەت
تىلەمچى ئەركىنلىككە مەھكۇم ، شائىر مەھكۇملۇقتا ئەركىندۇر.
مەن
پىغان رەستىلىرىدە مىليونىر ، شادلىق كوچىلىرىدا يالاڭتۆش ، ھەقىقەت بوسۇغىسىدا تىلەمچىمەن.
تەكلىماكان ،خوراز ،ئۇرۇمچى
ھەبىبۇللا توختى
چەكسىزلىك چەكسىز
چېچىلغان ماكان ،
ئاڭا تۇتاشقان ـ
ئاخىرقى زامان .
ئەجەبمۇ سىرلىق بۇ تەكلىماكان .
بۇ تەكلىماكان –
ئۇيقۇغا چۆمگەن
ئۇيقۇسىز شەھەر .
جۇشقۇن جەسەتتەك
تۇيغۇسىز شەھەر ؛
ياتار پەرۋاسىز ،
تالايدۇ بوران ،
ھۇۋلار شىۋىرغان . . .
بۇ تەكلىماكان-
كۆز ياشقا يېقىن ،!
دېڭىزدىن يىراق ؛
مەرمەر دېڭىزى ، ؛
ئاتلانتىك ئوكيان ،
بەكمۇ يىراقتا .
نەمخۇش ساھىللار ،
دالا تامىقى ،
بىر مۆتىۋەرنىڭ ئېسىل قارمىقى ،
غەمسىز ئوقۇلغان ئەركىن ناخشىلار ،
يوقتۇر بۇ يەردە .
چۈنكى بۇ قۇملۇق ماڭالماس قېيىق ،
سۇسىز چۆل دېمەك يوق ئالتۇن بېلىق .
توغراقزارلىقتا بولۇشى مۇمكىن –
پادىشا تۈلكە ، مەدىكار ئېيىق ،
بوۋام ئېيتقاندەك . –
بارخان باغرىدا ئۇيقۇچان مەھەللە .
پەرىشتە كەلسە چىللايدۇ خوراز .
جاڭگالغا ماڭار
پادىچى بالا ، بىر توپ مۆڭ كالا .
ناخشا توۋلىغاچ –
غەمكىن ئوتۇنچى ماڭار ئوتۇنغا! :
‹‹ئاھ خۇدا بەندەم دېسەڭ ،
تۇزچى ، ئوتۇنچى قىلمىغىن .
ئالتە ئېشەكنى ھەيدىتىپ ،
چۆللەردە ۋەيران قىلمىغىن››.
پۇتلىرى ھارماس ئۇلاق ،
بىلىكى ياستۇق ئاڭا .
دۆۋە قۇم دەل پەر تۆشەك ،
چىقسا ئاي – نۇرلۇق چىراق !
خوراز چىللايدۇ . . .
قۇرۇپ قالغان ئاپئاق ئىسكىلىت ،
بەكمۇ مەغرۇر ياتار ھىجىيىپ ،
ئاۋۇل تىكىپ ساتۇق بۇغرا خان –
گۈلخان سېلىپ ئۆتكەن دالىدا .
ئوتۇنچىنىڭ جەسىتى چوقۇم ،
بەش بالىسى كۇلۇڭ ئالدىدا .
تېپىلمايدۇ ئەمدى بەرىبىر ،
كەر بالانى نۇرغا تولدۇرغان –
ھۈسەينەمدەك مەڭگۈلۈك جەسەت .
بۇ قانداق جەسەت ؟
ئۇ قانداق جەسەت ؟
بولدى قويغىنا ،
جەسەتكىمۇ قىلمايلى ھەسەت .
ماڭا ئەگەشمە كۆڭۈلسىز پاراڭ ،
سورىساڭ مەن بىر سۆيۈملۈك ساراڭ .
ئىزدەپ يۈرىمەن ھېلىقى شەھەرنى ،
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەرنى .
بوۋاينىڭ سۆزى :
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام:
قوشۇن تارتقانچە كەلسە بىر جايغا ،
سېپىل ئالدىدا ئېگىز بىر مۇنار ،
مۇنار ئۈستىدە بىر سەگەك خوراز-
چىللاپتۇ ، شۇ ئان باشلىنىپتۇ جەڭ.
موماينىڭ سۆزى :
خورازسىز ئەل ئاداشقان پادا ،
ئەتراپىدا چىلبۆرى ھۇۋلار .
ئەركەك مىجەز سەگەك خورازدىن
يالماۋۇز ھەم ئىبلىسمۇ قاچار .
ئاڭلىغىن بالام ،
چىقما تالاغا نەسلىك گۇگۇمدا
توغراقلىق ئارا جىن – شاياتۇن بار .
يالماۋۇزمۇ بار –
چىنتۆمۈر ئاكاڭ چاپسا شەمشەردە ،
ھەر بىر بېشى مىڭ بوپ يارالغان .
نەۋرىسى ئېيتار :
ئېيتقىنا موما
شۇنچە كەڭرى تەكلىماكاندا
بۇرۇنلاردا يوقمىكەن خوراز ؟!
موماي كۆزىگە ياش يۇقار شۇ ئان :
كەچۈرگىن بالام جىنلار ئۆزگىرىپ-
خوراز ئالدىغا بوپ كەلگەن مېكىيان .
ئاتقان چېغى تاڭ
ئاچچىقلاپ بالا غىلتاڭ خورازلارغا ،
تاش ئاتقاچ ئاڭا ،
يالىڭاياقلا ماڭار مەكتەپكە ، !
موماي قالىدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا .
لايپاس ئاققان لاي سۇلۇق ئۆستەڭ ،
مىسىردىكى نىلغا ئوخشىماس .
نىل قۇيۇلار ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە .
بىراق ئۇ جايدا
دىللار چاڭقاق ، نىلمۇ توختىماس .
پۇراپ تۇرغان قۇمچاقلىق كۆلچەك
ئوخشىماس ھەرگىز –
ئالانىڭ ئەلچىسى ئۇلۇغ مۇساغا ،
( سالام ئۇ زاتقا)
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەردە ،
ماماتقا باي قايناق سەپەردە ،
ئۆز قوينىدىن يول بەرگەن دېڭىز –
قىزىل دېڭىزغا .
قىزىل دېڭىز مويسىپىت دېڭىز ،
دولقۇنلىرى تەلۋە قىسمەتتەك ،
سۈيى ئاچچىق چىن ھەقىقەتتەك .
قوينى داغدام يول كەلگەندە مۇسا ،
پىرئەۋىن شۇ سۇدا جېنىدىن جۇدا
تەلۋە پىرئەۋىن
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا .
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا –
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا .
ئەجەبمۇ ئاچچىق ھەقىقەت دېگەن .
بىراق بۇ جايدا ،
لاي سۇلۇق ئۆستەڭ-
كۈتەر شاۋقۇنسىز ،
خوراز چىللىسا ئېتىزغا ماڭغان –
ئورۇق ئۆكۈزنى ، غەمكىن قوشچىنى ، :
چاڭقاق پادىنى ، ؛
دەرستىن قالغان گۆدەك بالىنى .
توغراق چىراي ، قويدەك مۆڭ بالا ،
قۇلاق سال ماڭا !
سەندەك چاغدا – گۆدەكلىكىدە
بەكمۇ جەسۇر ، شوخ ئىدى مۇسا
جاۋاب :
پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ ،
مەلۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا-
باقماپتىكەن مۇسا كەبىي شوخ ،
جەسۇر ، زىرەك بىرەر مەرد بالا .
خوراز چىللىسا چىقىدۇ قۇياش ،
قانغا بوياپ چەكسىز بارخاننى .
مەكتەپنىڭ يولى يېتىمسىرايدۇ ،
‹‹ قېرى ئەپەندى›› ھالسىراپ كېلىپ –
ئۆينى سورايدۇ .
قوناقلىق بىلەن قاچىدۇ بالا ،
كۈتەر ئېتىزدا ئاتا ، قوش ، كالا .
خوراز چىللايدۇ ،
ئۆتەر يىللار
ئاۋاتلاشقانچە ھاشارنىڭ يولى .
گۈزەل ئۈرۈمچى خورازسىز شەھەر ،
مۇزدەك باغرىڭغا
ھېسسىياتسىز چۇقانلار بىلەن
غالجىرلارچە كىرەر باستۇرۇپ .
تۈتەك باسقان خورازسىز سەھەر .
ئوخشايمىز شۇ چاغ
ئۆزىمىزگە ، بىر – بىرىمىزگە ؛
ئارقا كوچاڭ قەلبىمىزدۇر دەل ،
چىرايىمىز پار – پۇر بىنايىڭ ،
نېرۋىمىزدۇر نەغمە – نەۋايىڭ! .
جاھالەتنىڭ شېرىن كەيپىدە –
ناخشا توۋلاپ تۇرۇپ چىقارغان
تىنىقىمىز تۈتەك ھاۋايىڭ
روھىمىزغا ئوخشايدۇ ئەجەب ،
بايلار كىرمەس ، مۇساپىر تولا
بەكمۇ رەڭدار غېرىب مەسچىتىڭ
سورىساڭ گەر مېنى ، مەن پەقەت ـ
قوينۇڭدىكى بىر گۆدەك بالا .
قاراپ باق ماڭا :
ئارمان قاچىلاپ خۇرجۇنلىرىمغا ،
كۆزۈمدەك خۇنۈك جەنۇبتىن كەلدىم .
ئەشۇ جەنۇبتىن ئۇزاتتى دادام
سىيلاپ بېشىمنى –
تارىخىمىزدەك قاداق قولىدا .
ئۇزاتتى ئانام ،
سۇ ۋە دۇئا ، سۈتتە يۇغۇرۇپ ،
مېھرىدەكلا ئاتەش تونۇردا –
تاۋلاپ توقاچنى .
مۇز رەڭ شەنبە ، مۇز رەڭ ياتاقتا
بۇ قۇياشسىز جۇل ئۈرۈمچىدە
ساندۇق ئۇپۇقۇم ، شۇ توقاش – قۇياش .
قالدى قەشقەردە
مەغرۇر ھېيتگاھ ،
لاي ئاققان تۈمەن ،
تەمكىن ‹‹ئوردا ئالدى››
ياسانچۇق سەمەن .
ھېيتگاھ ئالدىدا قالدى تىزىلىپ
مىسكىن مەدىكار ، ئۆكتەم تىلەمچى ،
نوچى تۇماقچى ،
چىبەرقۇت يۈزلۈك كۇلالچى بوۋاي ،
ئوغلى ھوقۇقدار قېرىماس موماي .
خىلۋەت يېزامدا
ئوماق پاقلىنىم ئوينايتتى تاقلاپ ،
كەپسىز ئوغلاقلار قېچىپ نايناقلاپ ،
قەلبىمدەك سۈزۈك ئېقىن بويىدا .
مىسكىن كەپەمدە بوۋامدىن قالغان-
قېرى خورىزىم چىللايتتى تاڭدا .
يەر شارىنىڭ قۇرغاق لېۋىگە
قىستۇرۇلغان شېرىن موخۇركا –
بەدبۇي سانائەت ،
ئاتىلىقنى ئايرىپ ئاتىدىن ،
ئاتىسىزنى يوق قىلدى تامام .
دۈمچەك بولۇپ يۆتەلگەچ شەھەر ،
ئىپلاس راكتىن بەرگەندەك خەۋەر ،
ئۈرۈمچىدىن كەتتى يىراقلاپ ،
خوراز لەرزان چىللىغان سەھەر .
گۈللۈك قەپەس كۆندۈرگەن يولۋاس ،
ئۇخلاپ ياتار بىر كۈن كەچكىچە .
مىجەزىنى يوقاتمىغان شىر –
خىرىلدايدۇ ئادەم كەتكۈچە .
گۆش چوقۇلاپ ئاۋارە بۈركۈت ،
بۆرە سۆڭەك غاجار يانپاشلاپ .
تىپىرلايدۇ مىسكىن توشقانلار ، !
قەپەسلەرنى يۇمشاق تاتىلاپ.. .
ھەشىمەتلىك قان رەڭ قەپەستە ،
مەرۋايىت دان چېچىلغان پەستە ؛
توك چۆجىسى – ئاتىسىز خورازلار !
چىللىيالماي تۇرار شۈمشىيىپ ،
توڭ قاغىدەك قىلىشىپ غاق – غاق .
چىللاپ كەتتى باشقىلار قانداق ؟ !
ھەم ئاتا ھەم ئانىسىز جانىۋار –
چىللىيالماي ، دان يەپ ، غاقىلداپ! –
ناجىنىسقا ئايلىنار شۇنداق .
1999-يىل ئاپرېل -ماي ، ئۈرۈمچى

