| ھەدىيە ئېدىس ئېگىر (Edith Eger) يەتتىنچى باب ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز ھاجەتسىز |
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life Edith Eger Chapter 7 NOTHING TO PROVE |
يەتتىنچى باب ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز ھاجەتسىزجاھىللىق ۋە قاتماللىقنىڭ تۈرمىسىبىر جۈپ ئاشىق – مەشۇق ئەزەلدىن سوقۇشۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، «سىلەردە يېقىنچىلىق كەم ئىكەن» دېگەنىدىم ئۇلارغا. زىددىيەت ئىنسانلىقنىڭ ئىپادىسى. زىددىيەت، توقۇنۇشتىن ساقلانماقچى بولغىنىمىز ئەمەلىيەتتە تىنىچلىقتىن يىراقلاپ، زۇلۇمغا يېقىنلىشىۋاتقىنىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر. بىزنى زىددىيەت ئەمەس، بەلكى قاتمال تەپەككۇرىمىز قىيىن ئەھۋالغا قويىدۇ. قاتمال تەپەككۇرنى ئىلغا قىلىشىمىز ئاسانغا چۈشمەيدۇ، چۈنكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ ياخشى نىيەتنىڭ تونىغا ئورۇنۇۋالغان بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ياردەم سورىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار جۈپتى، ئاتا – ئانىسى ياكى بالىلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى پىكىرلىشىشتە، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى تېپىشتا، قىسقىسى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا قىينىلىدۇ، ئەمما داۋالاش جەريانىدا ئۇلارنىڭ توقۇنۇشنى قانداق ھەل قىلىشقا كۆڭۈل قويماستىن، بەلكى مېنىڭ ياردىمىمدە باشقىلارنى ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايقايمەن. ئەگەر سىز ئاللىبۇرۇن باشقىلار ھەققىدە مەلۇم بىر خىل كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈپ بولغان ياكى باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان بولسىڭىز، ھەرگىز ئەركىن بولالمايسىز. ھەقىقىي ئەركىنلىك ئىشلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشتەك تاللاش ھوقۇقىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشلىنىدۇ. بىمارلىرىم ھەمىشە: «ئۇنىڭ مۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، لېكىن سىز باشقىلارنىڭ نېمىگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز، ئەكسىچە نېمىنىڭ سىزگە ماس كېلىدىغانلىقىغىلا ھۆكۈم قىلالايسىز. زىددىيەتنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، باشقىلار توغرا، دەپ تونۇغاننى ئىنكار قىلماسلىق. مىسالغا مەن گۆشلۈك ساندۋىچنى ياخشى كۆرسەم، بىر دوستۇم ماڭا «ئۇنى قانداقمۇ يېيەلەيسىز؟ يېيىش ئەمەس، گۆشلۈك ساندۋىچنى ئويلاشمۇ كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرىدۇ» دېسە، مېنىڭ توغرا سېنىڭ خاتا دېگىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆزىگە توغرا، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە توغرا. باشقىلارنىڭ ئوي – پىكرىگە قوشۇلۇشىڭىز ھاجەتسىز، ئۆز كۆزقارىشىڭىزنى ئىنكار قىلىشىڭىزمۇ ھاجەتسىز. مېنىڭلا توغرا دېگەن ئويدىن ۋاز كەچسىڭىز ھەقىقەتەن يېنىكلەپ قالىسىز. ئۇرۇشتىن نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ، ئۆتمۈشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشۇم ئۈچۈن چوقۇم ئاۋسىۋېتىسقا بىر قايتىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلغىنىمدا، ھەدەم ماگدانىمۇ بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلدىم. ماگدا ئىككىمىز جازا لاگىرىدا بىر – بىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ، داۋاملىق ياشاشقا تۈرتكە بولۇپ كەلگەنىدۇق. ئاتا – ئانىمىز ئۆلتۈرۈلگەن شۇ جايغا ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقۇم، ئۆتمۈشكە تەڭ يۈزلىنىپ، قاباھەتكە: «بىز سەندىن غالىب كەلدۇق!» دەپ جاكارلىغۇم بار ئىدى، لېكىن ھەدەم مېنى ئەخمەقلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدى. كىمنىڭمۇ دوزاخقا يېنىپ بارغۇسى كېلىدۇ؟ دۇنيادا مەن بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى تەڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ھايات قېلىشىمغا تۈرتكە بولغان ھەدەم ئوخشاش بىر ئىشقا پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە ئىدى. بۇ ئىككى قارارنىڭ توغرا – خاتالىقىنى ئايرىش تەس ئىدى. ئىككىلىمىزلا نۇقسانلارغا تولغان گۈزەل ئىنسانلار بىز، شۇڭلاشقا ئۆز ئالدىمىزغا توغرا قارار چىقاردۇق، دەپ قارايمەن. نەتىجىدە ئاۋسىۋېتىسقا ئۆزۈم يالغۇز بېرىپ كەلدىم. مېنىڭچە بۇ خىرىستىيانلار دائىم دەيدىغان «بىر مەڭزىڭگە كاچات يېگەندە، يەنە بىر مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر» ئىبارىسىنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىشى. يۈزىڭىزنى يەنە بىر تەرەپكە بۇرىغىنىڭىزدا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاراش پۇرسىتىگە ئېگە بولىسىز. رېئاللىقنى ۋە باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، لېكىن ئىشلارغا باشقىچە پوزىتىسيە تۇتالايسىز. ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلالايسىز. بۇ خىل ماسلىشىشچانلىق دەل كۈچلەنگەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى مەكتەپكە قايتىشنى ئويلاشقىنىمدا، يولدىشىمنىڭ قوشۇلماسلىقىدىن، ئائىلىگە ۋاقىت ئاجرىتىلماسلىقىمغا نارازى بولۇشىدىن، باشقىلارنىڭ مېنى «دوكتۇر»، ئۇنى «ئەپەندى» دەپ ئاتىشىنى ياقتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرگەنىدىم، لېكىن بىر پۈتۈن ئىنسان، قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھېچكىمنىڭ رۇخسىتىگە ئېھتىياجلىق بولمايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇشىڭىزنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەڭ. قارارىڭىزنى خۇددى مەندەك «مەن مەكتەپكە قايتىپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىشنى قارار قىلدىم» دەپ جاكارلاڭ. باشقىلارغا يېتەرلىك ئۇچۇر ۋە ئەركىنلىك بېرىڭ، ئۇلارمۇ ئۆز ئېھتىياجلىرىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، ئەندىشىلىرىنى ئەركىن ئىپادىلىسۇن. زىددىيەت ئىچىدە ئەركىن بولۇشنىڭ ئاچقۇچى شۇكى – ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان كۆز قارىشىڭىزنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنى كونتىرول قىلىش خاھىشىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ. باشقىلارنى كۈتكىنىڭىزدىن چىققاندىلا قوبۇل قىلىش ئەمەس، ئۇلارنى ئەسلى تەبىئىتى بىلەن قوبۇل قىلىش بۇنىڭغا ياردەم قىلالايدۇ. مېنىڭ بىر بىمارىم ھەمىشە قىزى بىلەن چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بىر قېتىم ئۇلار ماشىنا ھەيدەش ئىشىدا خاپىلىشىپ قالغاندا، قىزىنىڭ ئۇنىڭغا يېنىپ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىشى ئۇنى قاتتىق خاپا قىلغان بولۇپ، ئۇ مېنى «قازى»لىققا قويۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن گۇناھنىڭ قىزىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىمنى، ئۆزىنىڭ تەرىپىنى ئېلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدى، ئەمما بىز «سەن ئۇنى قىلدىڭ، بۇنى قىلدىڭ» دېگەندەك ئەرز – شىكايەتلەر بىلەن ئۆزىمىز ياكى باشقىلارنى كۈچلەندۈرەلمەيمىز. ھېچكىم تەنقىد بىلەن كۆكلىمەيدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. باشقىلارنى ئەيىبلىمەسلىك قارىماققا باشقىلار ئۈچۈن پايدىلىقتەك تۇرغىنى بىلەن، ھەقىقى مەنپەئەتلىنىدىغىنى ئۆزىمىز. بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۈمىدلەردىن خالى بولۇپ، ئىشلار كۈتكىنىمىزدەك چىقمىغاندا ئاچچىقلىنىشتىن، ئۈمىدسىزلىكتىن ساقلىنالايمىز. مەن ھەممە ئادەمگە مېنى خاپا قىلىش ئىمتىيازىنى بېرىۋەرمەيمەن، چۈنكى ئاچچىقلىنىشنىڭ ئازابىنى تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈم. ساغلام بولمىغان زىدىيەت ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە تاللىشىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. بىر يىلى يازدا يولدىشىم بېللا ئىككىمىز ياۋروپاغا ساياھەتكە باردۇق. پارىژدىكى مەزگىلدە بولشىئوي بالېت ئۆمىكىنىڭ پارىژدا ئويۇن قويىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈش مېنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرىقى ئارزۇيۇم ئىدى. بېللا مەن ئۈچۈن بىر ئويۇن بېلىتى سېتىۋېلىپ، مېنى تىياتىرخانىدا قالدۇرۇپ ئۆزى سىرتقا چىقىپ كەتتى. دەسلەپتە مەن ئۇنى يەنە بىر تال بېلەت سېتىۋالىدىغان پۇلى يوق ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. ئويۇننىڭ يېرىمىغا كەلگەندە سىرتقا چىقىپ، ئۇنى داۋامىنى بىللە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدىم. «تىياتىرخانىدا بوش ئورۇن جىق ئىكەن، يەنە بىر بېلەت سېتىۋالسىڭىز ئويۇننى تەڭ كۆرەيلى» دېدىم ئۇنىڭغا، لېكىن بېللا كىرگىلى ئۇنىمىدى. «رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئىلگىرى ماڭا قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم، ئۇلارغا بېرىدىغان بىر تىيىن پۇلۇم يوق» دېدى ئۇ. بېللا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆتمۈشتىن ئۆچ ئالالايمەن، دەپ ئويلىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىشقا باشلىدىم ۋە ئۇنى قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندەپ: «بۇ بالىتچىلارنىڭ سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق» دېدىم. ئەلۋەتتە، مەن ئۇنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتەلمىدىم. تىياتىرخانىغا قايتىپ كىرىپ ئويۇننىڭ ئاخىرىنى ئۆزۈم ئۈچۈن ھوزۇرلىنىپ كۆردۈم. بىر جەھەتتىن يولدىشىمنىڭ نەپرەت تۈپەيلى مۇشۇنداق گۈزەل بىر مەيدان ئويۇندىن مەھرۇم قالغانلىقىغا ئەپسۇسلانسام، يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزۈمنىڭ قارارىنى ئۇنىڭكىدىن ياخشى دەپ كېسىپ ئېيتالمايتتىم. بېللانىڭ تاللىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن توغرا، مېنىڭكىمۇ ئۆزۈمگە توغرا ئىدى. كۆپىنچىمىز مەلۇم نەرسىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلىپ ياشايمىز. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا خۇمار بولۇپ قالىمىز، لېكىن سىز بۇنداق ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا ۋەياكى ئۆزىڭىزنى ئەڭ مۇنەۋۋەر دەپ قاراش قاينىمىغا كىرىپ قالسىڭىز، مەۋھۇملۇق ئىچىگە قاپسىلىپ قالىسىز. ئىنسان بولغان ئىكەن چوقۇم خاتالىشىدۇ. ياردەمگە ئېھتىياجى يوق ئىنسان مەۋجۇد ئەمەس. شۇنداقلا قىممىتىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىزمۇ ھاجەتسىز، پەقەت ئۆزىڭىزنى ئەسلىڭىز بىلەن، تەبىئىتىڭىز بىلەن، مۇكەممەلسىزلىكىڭىز بىلەن قوبۇل قىلىپ، سىزگە ئوپمۇئوخشاش يەنە بىر ئىنساننىڭ مەۋجۇد بولمايدىغانلىقىنى تەبرىكلىيەلىشىڭىزنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. قائىدە – نىزاملىرىڭىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇڭ. ئەگەر ھەمىشە ئۆزىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولسىڭىز، مەھبۇستىن پەرقىڭىز بولمايدۇ. بۇ پىرىنسىپ باشقىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىسى ھەتتا زىيانكەشلىكى ئالدىدىمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ. دوستۇمنىڭ قىزى يەسلىدىن كۆڭلى ناھايىتى يېرىم ھالدا قايتىپ كېلىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنى «كۆرۈمسىز» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دوستۇم مەندىن قانداق قىلغاندا قىزىنىڭ بۇنداق توقۇنۇشقا يۈزلىنىشىگە ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى سورىدى. ئۆزىمىزنى ئاقلاش ئېھتىياجىمىزدىن ۋاز كېچىشنى بىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. ھەممىمىز باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ باققان بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما بىرەسى سىزنى كۆرۈمسىز دېسە، كۆرۈمسىز ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماڭ. سىز سادىر قىلمىغان گۇناھتىن ئۆزىڭىزنى ئاقلىشىڭىز ھاجەتسىز، بولمىسا بۇ ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى «ئارغامچا تارتىشىش»قا ئايلىنىپ قالىدۇ. بوزەك قىلغۇچى سىزگە بىر ئارغامچا تاشلىسا، سىز بىر ئۇچىنى ئېلىپ كۈچەپ تارتسىڭىز، ئىككىلىڭلارلا چارچاپ كېتىسىلەر، شۇڭا باشقىلار تاشلىغان ئارغامچىغا نەزىرىڭىزنى سالماڭ ۋە ئۆزىڭىزگە: «ئۇ قانچە ئەزۋەيلىگەنسېرى مەن شۇنچە ئازادىلىك ھېس قىلىمەن» دەڭ. بۇ ئىشنىڭ سىزگە قاراتمىلىقى يوقلىقىنى ئەسكەرتىڭ، چۈنكى بىرسى سىزنى «كۆرۈمسىز» دەپ ئاتىغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، خالاس. مەن ئىلگىرى جوھاننىسبۇرگدىكى ساتياگراخا زالىدا لېكسىيە سۆزلىگەنىدىم. بۇ جاي موگاندا گەندىنىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسى بولۇپ، ھازىر مۇزېي ۋە ساناتورىيەگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. گەندى بىر تامچە قان ئاققۇزماستىن، ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتمىغان ئاساستا بېرتانىيە ئىمپېرىيسىنى تىز پۈكتۈرگەنىدى. بۇ مېنىڭ ئاۋسىۋېتىسدىن ھايات قېلىش چارىلىرىمدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇ يەردىكى ھەر بىر دەقىقىدە «سەن ئەرزىمەس، سەن مەينەت» دېگەندەك ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھاقارەتلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايتتىم. زۇلمەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۆلۈمدەك تۇيۇلاتتى، لېكىن مەن بۇ ئاھانەتلەرنىڭ ئىچكى دۇنيارىمنى بۇلغىشىغا يول قويمىدىم. مەن ناتسىستلارنى ئۆزۈمگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇستەھكەم بىر تۈرمىنىڭ مەھبۇسلىرىدەك ھېس قىلاتتىم. بۇ نۇقتىنى مېنگىلا ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينىغان شۇ كېچە چۈشەنگەنىدىم. گەرچە مېنىڭ جىسمىم ئۆلۈم لاگېرىغا سولانغىنى بىلەن روھىم ئەركىن ئىدى، ئەمما مېنگىلا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ھەرزامان قىلمىش – ئەتمىشلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايتتى. مەن قورقۇنچ ۋە ئاچلىقتىن ھالسىرىغان بولساممۇ، روھىيتىمدە ماڭا تىنچلىق بېغىشلايدىغان بىر ئورۇن بار ئىدى. ناتسىستلارنىڭ كۈچى مۇنتىزىم ئىنسانسىزلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش بەدىلىگە كەلگەن. مېنىڭ كۈچۈم ۋە ئەركىنلىكىم بولسا روھىيتىمدىن كېلەتتى. * * * جويى قاتمال تەپەككۇردىن غەلبىلىك بۆسۈپ چىقىشنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسى بولالايدۇ. ئۇ ئۇزۇن يىل ئېرىنىڭ زوراۋانلىقى ئاستىدا ياشايدۇ. ئېرى ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ، نەشتەردەك سۆزلىرى بىلەن دىلىغا ئازار بېرىدۇ، ئىقتىسادتىن قىسىدۇ، ھەتتا داۋاملىق تاپانچىنى بېشىغا تەڭلەپ تەھدىت سالىدۇ. جويى شۇ ئازابلىق كۈنلەرنى، ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا دېيىشىشكەن گەپلىرى، قىلىشقان ئىشلىرىنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يېزىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئۆز ئەينى خاتىرلەپ مېڭىش ئىدى. مەن دائىم بىمارلىرىمغا ھەرقانداق مۇناسىۋەتتە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ھامان قارشى تەرەپتىن ئايرىلىپ كېتىشى لازىملىقىنى جېكىلەيمەن. «ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىش ئورنىغا ياكى دوست، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇڭ. بالىڭىز بولسا ئۇنىمۇ بىللە ئېلىۋېلىڭ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم سوراڭ» دەپ مەسلىھەت بېرىمەن. ئەگەر تۇنجى قېتىم زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندا يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلسىڭىز، قارشى تەرەپ خاتالىقىنى ھەرگىز تونۇپ يېتەلمەيدۇ. زوراۋانلىققا ئۇچراۋەرگەنسىېرى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشىڭىز تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. زوراۋانلىق كۆپەيسە كۆپىيىدۇكى ھەرگىز ئازايمايدۇ. نەتىجىدە خورلاشنىڭ پىسخىكىڭىزغا بولغان زىيىنى، يەنى زوراۋاننىڭ سىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشىيالماسلىققا، شۇنداقلا خورلۇققا ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەندۈرۈشى شۇنچە ئاسانغا چۈشىدۇ. زوراۋان بىلەن بىر مىنۇت ئۇزۇن بىللە بولسىڭىز، خەتەرمۇ شۇنچە چوڭىيىدۇ. سىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ ئەتىۋارلىق، ئەزىز! ھەرقانداق خورلۇققا لايىق ئەمەسسىز. بىراۋنىڭ سىزنى ئۇرۇشى سىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نېمىگە يۈزلىنىۋاتقىنىڭىزنى تونۇپ يېتىسز. ئايرىلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ، ئەمما ھەمراھىڭىزنىڭ زوراۋانلىقىنى تونۇپ يېتىشىڭىزنىڭ ئۆزى مەسىلىنىڭ يېرىمىنى ھەل قىلغىنىڭىزغا باراۋەر. خورلاش قانچە يوشۇرۇن ۋە پىسخىكىلىق بولغاندا كۆرگەنلىرىڭىزدىن شۇنچە گۇمانلىنىسىز. ئۆزىڭىزدىن «بۇ ئىشلار راستىنلا مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋاتامدۇ؟» دەپ سوراپ قالىسىز. ئەگەر بىراۋ سىزگە جىسمانىي زوراۋانلىق قىلغان بولسا، بۇنى پەرق ئەتمىكىڭىز ئوڭاي، لېكىن روھىي جەھەتتىكى خورلۇقنى پەرق ئېتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. روھىي جەھەتتىكى خورلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلۇش جويىغا تەس كېلىدۇ. بۇ خورلۇققا ئۇچرىغۇچىلار يولۇقىدىغان يەنە بىر ئومۇمىي ئەھۋال، شۇنداقلا بىر قورقۇنچلۇق، ئادەم ئىشىنىشنى خالىمايدىغان رېئاللىق. جويى يولدىشىنىڭ ھامان بىركۈنى ئۇنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاخىرى ئاجرىشىدۇ. نەتىجىدە يولدىشى ھاراقكەشلىكتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. يولدىشى ئۆلگەندىن كېيىن جويى غەزەپلىنىشكە باشلايدۇ. ئۇ يولدىشىنىڭ بىر كۈنلەردە خاتالىقىنى تونۇپ، قىلغان – ئەتكەنلىرىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى، شۇ ئارقىلىق يولدىشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمدى بولسا ئۇنىڭ بۇ ئارزۇلىرى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايتتى. ئۇ ئۆتمۈشىگە توغرا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئىلگىرى يازغان كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇشنى قارار قىلىدۇ. خاتىرىنى ئوقۇۋېتىپ جويى ئۇچرىغان خورلۇقلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ يولدىشغا قىلغانلىرىدىن چۆچۈپ كېتىدۇ. _ ھەمىشە يولدىشىم مېنى خورلىدى دەپ ئويلايتتىم، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆپ ئازار بېرىپتىمەن،_ دەيدۇ جويى،_ مەن بالىلارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇپتىمەن، بالىلىرىمنى قورال ئورنىدا ئىشلىتىپتىمەن. يولدىشىمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ئىنكار قىپتىمەن. مەن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزۈمگە باشقا چىقىش يولى قالدۇرماپتىمەن. ئەمدى بۇرۇنۇمنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىدا مېنىڭمۇ چوڭ مەسئۇلىيىتىم بار ئىكەن. ساغلام بولمىغان مۇناسىۋەتلەر كۆپىنچە مۇرەككەپ كېلىدۇ. گەرچە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭمۇ سەۋەبى بار، دېيىش توغرا بولمىسىمۇ، ئەمما چاۋاك بىرلا قولدىن چىقمايدۇ. بىر بۆلەك مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئىككىلا تەرەپنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەن ئەلىسىن بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ ئاجىراشقىنىغا 12 يىل بولغانىكەن. ئۇ زوراۋانلىققا تولغان بىر بۆلەك مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا ئۈلگۈرۈپ، يولدىشى سېن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. سېن قۇتقازغۇچى، ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى، رىغبەتلەندۈرگۈچى سۈپىتىدە ئەلىسىنگە بېخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ، ناخشىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، كەسپىي دەرسلەرگە قاتنىشىشقا، داڭلىق مۇزىكانتلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. سېن گەرچە سېخىي ۋە كۆيۈمچان بولسىمۇ، ئەلىسىننى كونترول قىلىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ئەلىسىن سېنغا يۆلىنىۋېلىشقا كۆنۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سېننىڭ ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋېلىشىغا نارازى بولىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۇ تاماق تاشلاش ئارقىلىق سېندىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ. ئەلىسىن غىزالىنىش قالايمىقانلىشىش تۈپەيلى ئۈچ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى يارلاندۇرۇشى توختاپ قالمايدۇ. ئۇ قول – پۇتلىرىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغاندا سېن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ ۋە باشقا ئاياللار بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ 18 يىلغا سوزۇلغان تۇرمۇشى ئاخىرقى چەككە يېتىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاياغلاشقىلى 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۆچمەنلىكى پەسەيمەستىن، داۋاملىق بىر – بىرىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىشىدۇ. مىسالەن، ئەلىسىن تا ھازىرغىچە سېن ئىككىسى تەڭ يازغان ناخشىنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەن ئەلىسىنگە ئەگەر توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلسا، توقۇنۇشنىڭ سەۋەبىنى ئەمەس، ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئامىللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. _ سىز ئۈچۈن پايدىسىز كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۇشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟_ دەپ سورىدىم ئەلىسىندىن. ئەلىسىن سىېننىڭ ئەيىبى ۋە ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ كاللىسىدا توختىماي سېننى سوتقا تارتاتتى، ئىچكى دۇنياسى بولسا سوت زالىغا ئايلانغان ئىدى، ھالبۇكى، بۇ يەڭگىلى بولىدىغان جەڭ ئەمەس ئىدى. _ قەدىرلىكىم، سىزنىڭ خۇشال – خۇرام ياشىغىڭىز بارمۇ ياكى پەقەتلا ئۆزىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ ياشىغىڭىز بارمۇ؟_ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. باشقىلارنى كونتىرول قىلىش خاھىشىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش. كۈچلىنىشنىڭ جىسمانىي قۇۋۋەت ياكى ھۆكۈمران بولۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ھەقىقىي كۈچلىنىش سىزنىڭ ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىڭىزنى تونۇپ يېتىشتىن، ھاياتىڭىزغا، تاللاشلىرىڭىزغا ئىگە بولۇشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. كۈچلۈك بولۇش ئىشلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرالايدىغان ئىقتىدارىڭىزنىڭ بارلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر سىز كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە توغرا بولۇشنى ئىستىسىڭىز، ئاق كۆڭۈل بولۇشنى تاللاڭ، چۈنكى ئاق كۆڭۈل بولۇش ھەمىشە توغرا تاللاشتۇر. * * * قاتمال تەپەككۇردىن قۇتۇلۇش بىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر قىلىپلا قالماي، يەنە دۇنيا قارىشىمىز ۋە ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. ئەلىسىن قاتماللىقتىن ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئالدىنقى يولدىشى بىلەن بولغان چەك – چىگرانى ئېنىق ئايرىدى، كەسپى ناخشىچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە يېڭى بىر شىركەت بىلەن توختاملىشىپ، سەييارە ئويۇن قويۇشنى پىلانلاشقا باشلىغانىدى، لېكىن كۈتمىگەن ئىككى ئۆزگىرىش ئەلىسىننىڭ تەستە قولغا كەلتۈرگەن روھىي تىنچلىقىنى بۇزدى. ناخشا ئېيتقاندا ئاۋازىنىڭ كونتىرولسىز تىترىشى ئۇنىڭ كەسپىگە خىرىس ئېلىپ كەلگەننى ئاز دەپ يەنە دۈمبىسىنى يارىلاندۇرىۋالغانىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا، باغۋەنچىلىك، يوگا قاتارلىق قىزىقىشلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئەلىسىننىڭ نورمال سۆزلىشىدىنلا تارتىۋاتقان ئاغرىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. _ ئىشلىرىم ئاخىرى ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىغانىدى. ئەمدىلىكتە سەييارە ئويۇن قويۇش پىلانىممۇ سۇغا چىلاشتى،_ دېدى ئەلىسىن. ھايات ئادالەتسىزلىكلەرگە تولغان بولىدۇ. يارىلانغاندا ئاچچىقلىنىشقا، ئەنسىرەشكە ۋە ئازابلىنىشقا تامامەن ھەقلىقمىز، لېكىن ھەرقانداق ئادالەتسىزلىككە ياكى كۈتمىگەن ھادىسىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. _ بەدىنىڭىز يارىلانغاندا ئۆزىڭىزنى جازالاشتىن، يارىڭىزغا قېيداشتىن، زورۇقتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. بۇنداق چاغدا ئۆزىڭىزگە «مەن بەدىنىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە زەن سېلىۋاتىمەن» دەڭ،_ دېدىم ئەلىسىنغا. ئەلىسىن قاتمال، بېكىنمە ھالەتتىن جانلىق، ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈش مەشىقىنى راۋاجلاندۇردى. ئۇ ئازابلىرىنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش ياكى رېئاللىقنى ئىنكار قىلىشنى ئەمەس، مەسىلىلەرنى ئۆز ئەينى بويىچە قوبۇل قىلىشنى تاللىدى ۋە شۇنىڭ قەدىمىنى ئالدى. _ مەن جىسمانىي يارىدىن بىزار، ئۇ مېنى ئازابلايدۇ، تۇرمۇشۇمغا قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ،_ دېگەنىدى ئەلىسىن. مەشىقنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ قارشىلىشىشتىن توختاپ، ئۆزىگە زەن سېلىشقا، بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قىزىقىشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىدىن: «سەن ماڭا نېمە دېمەكچى؟ ماڭا نېمە ئەڭ پايدىلىق؟ ئۆزۈم ئۈچۈن، كۈچلىنىشىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر نېمە؟» دەپ سورايدىغان بولدى. خېلى ئۇزۇنغىچە بەدىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنى، يەنى رېتىمنى ئاستىلىتىپ، دەم ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئەلىسىن بەدىنىنىڭ ئىشارەتلىرىگە قۇلاق سالدى، نەتىجىدە دۈمبىسىنىڭ ئاغرىقى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئۇ ئەسلىگە كېلىشكە پايدىلىق يوگا دەرسلىرىنى سىناپ باقتى. يوگا پالىزىغا قايتا چىققىنىدا بەدىنىنىڭ تېخىمۇ جانلىق ھەركەتلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى زورۇقتۇرماي ئىچكى دۇنياسىنىڭمۇ ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى «ئىشلارنى توغرا قىلىش»نىڭ ئېنىقلىمىسى ئۆزگەرگەنىدى. ئەلىسىن دۈمبىسىنى يارىلاندۇرۋېلىشتىن بۇرۇن دائىم مەلۇم نەرسىنى، يەنى قىيىن ھەرىكەتلەردە ئۇزۇن ۋاقىت تەڭپۇڭلۇق ساقلاپ تۇرالايدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا ئورۇناتتى. ھازىر بولسا ئۇنداق ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇپراتمايدىغان بولدى. بېشىمىزغا كەلگەن مۈشكۈلات، ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى ياقتۇرۇشىمىز ھاجەتسىز، لېكىن رېئاللىق بىلەن قارشىلىشىشنى توختاتساق، جايىمىزدا توختاپ قالغاندىن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىمىز. جويىمۇ ئەلىسىنغا ئوخشاش بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتى. ئۇ ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇزۇنغىچە ياخشى ۋە يامان، زىيان سالغۇچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئاق ۋە قارىغا ئوخشاش قاتماللىقنىڭ تۈرمىسىگە چۈشۈپ قالغانىدى، چۈنكى ئۇ ئىشلارغا مۇتلەق نەزەردىلا قارايتتى، توغرا بىلەن خاتانىڭ، ئاق بىلەن قارىنىڭ ئارىسىدىكى باشقا مۇمكىنچىلىكلەرنى كۆرەلمەيتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىگە قارشى ھەرقانداق ئادەمگە تاقەت قىلالمايتتى. جويى تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئۆزىنىڭمۇ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ داۋاملىق توغرا بولىۋەرمەيدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بايقىغاندا، ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەندەك، ئاق ۋە قارىدىن باشقا رەڭلەرگىمۇ دىققىتىنى بېرىشكە باشلىدى. ئۇ قاتماللىقتىن ئازاد بولغاندا، تۇرمۇش ئۇنىڭغا تېخىمۇ گۈزەل بىلىنىدىغان بولدى. * * * ئەۋرىشىملىك كۈچتىن دېرەك بېرىدۇ. مەن بۇنى گېمناستىكا ماھىرى ۋاقتىمدا ئۆگەنگەنىدىم. بۇمۇ شارائىتىم يار بەرسىلا ئۇسسۇل ئوينىغىلى بېرىشىمنىڭ، ھەربىر نۇتۇقۇمنى پۇتۇمنى ئېگىز ئېلىش بىلەن باشلايدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى. ئەۋرىشىملىك جىسمانىيىتىمىزگە ۋە روھىيىتىمىزگىمۇ پايدىلىق. سىز ئەۋرىشىم بولغاندا ئاندىن كۈچلىنەلەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، پەيلىرىڭىزنى سوزۇڭ. روھىيىتىڭىزدىمۇ تەپەككۇرىڭىزنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى يەنى ماسلىشىشچانلىقىنى ساقلاش چېنىقىشى قىلىپ تۇرۇڭ. سىزنى قاتماللىقنىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىدىغان ئاچقۇچلار :
|
Chapter 7 NOTHING TO PROVEThe Prison of RigidityWhen a couple tells me they never fight, I say, “Then you don’t have intimacy, either.” Conflict is human. When we avoid conflict, we’re actually moving closer to tyranny than to peace. Conflict itself isn’t imprisoning. What keeps us trapped is the rigid thinking we often use to manage conflict. The prison bars of rigid thinking can be hard to recognize because they’re often gilded in good intentions. Many people seek me out for therapy because they want to improve their relationships—to find a better way to communicate with their partners or children, to have more peace and intimacy. But often I discover that they’re not in therapy to learn how to negotiate conflict; they want my help in convincing others to conform to their point of view. If you come in with an agenda, if you’re keeping score or trying to change someone else, then you’re not free. Freedom is when you embrace your power to choose your own response. My patients say it all the time: “I want him to…” or, “I want her to…” But you can’t want something for another person. You can only discover what’s right for you. This is one of the most important tools for managing conflict: stop denying someone else’s truth. I love a good tongue sandwich. But my friend says, “How can you eat that? I get sick just thinking about it.” So who’s right? He’s right for him, and I’m right for me. You don’t have to agree. You don’t have to give up your truth—and please don’t ever do that! Freedom comes in letting go of the need to be right. When I realized decades after the war that in order to heal I had to go back to Auschwitz and face the past, I invited my sister Magda to come with me. We had kept each other alive when we were prisoners; we had been each other’s reason to live. I wanted to go back with her to the place where our parents were murdered. To face what happened, to grieve, to be at the site of constant terror and death and say, “We made it!” But she thought I was an idiot. Who would willingly return to hell? My sister, the only person on the planet who shared so much with me, the person to whom I credit my very survival, had a completely different response to our common experience. And neither one of us is wrong or right, better or worse, healthier or unhealthier. I’m right for Edie, Magda’s right for Magda. We are both human— beautiful and fallible, no more, no less. And we’re both right. I went back to Auschwitz alone. This is what I think Jesus meant when he advised us to “turn the other cheek.” When you turn the other cheek, you look at the same thing from a new perspective. You can’t change the situation, you can’t change someone else’s mind, but you can look at reality differently. You can accept and integrate multiple points of view. This flexibility is our strength. It’s what allows us to be assertive—not aggressive or passive or passive-aggressive. When we’re aggressive, we decide for others. When we’re passive, we let others decide for us. And when we’re passive-aggressive, we prevent others from deciding for themselves. When you’re assertive, you speak in statements. When I wanted to go back to school, I was afraid of Béla’s opinion, afraid he would resent my time away from the family, afraid he wouldn’t like us being introduced as “Dr. and Mr. Eger.” But when you’re a whole person, an adult, you don’t have to ask anyone’s permission. So don’t put your life in someone else’s hands. Just make a statement: “I’ve decided to go back to school and get my doctorate.” Give the other person the information and freedom they need to be assertive about their wants and hopes and fears. The key to maintaining your freedom during a conflict is to hold your truth while also relinquishing the need for power and control. It helps when we can meet others as they are, not as we expect them to be. I have a patient who is often in conflict with his teenage daughter. One session, he was upset because when they’d escalated into a fight about whether or not she could use the car, his daughter blew up at him, calling him names and using profanity. He wanted me to be the judge, to hear the evidence and pronounce his daughter guilty, to take his side. But we don’t empower others—or ourselves—when we launch into complaints, when we say here’s-what-you-did this, here’s-what-you-did that. No one grows with criticism. So eliminate it. No criticism. None, ever. We do this for others, but most of all for ourselves, so we can live free of unrealistic expectations, and free of the anger that comes when our expectations are not met. I’m very selective about who’s going to get my anger, because when I’m angry, I’m the one who suffers. Unhealthy conflict has everything to do with being locked in a better-than, less- than mind-set. When Béla and I were traveling in Europe one summer, we discovered that the Bolshoi Ballet tour was scheduled to come through Paris while we were there. I’d always dreamed of seeing them perform. Béla bought me a ticket and dropped me off at the theater, but wouldn’t go inside. I thought it was about the money—that he didn’t want to spend more on a second ticket. I came out at intermission, entranced by the performance, and encouraged him to come in for the second half. “There are open seats,” I said. “Get a ticket and come enjoy this with me.” But he wouldn’t go in. “I don’t give money to Russians,” he said. “Not after what the Communists did to me in Czechoslovakia.” He’d convinced himself that this was how he could avenge the cruelties and imprisonment he’d suffered. I argued with him, urged him to reconsider, told him, “These artists have nothing to do with what happened to you.” But of course I couldn’t change his mind. I went back into the theater and enjoyed the rest of the performance, for me. On one hand, it’s too bad he couldn’t set aside his judgment and anger, and sit with me in the dark, enjoying something breathtakingly beautiful. On the other hand, I can’t say my way was better than his way. Béla’s way was better for Béla, my way was better for me. Many of us live as though we have something to prove. We can become addicted to having the last word. But if you’re trying to prove that you’re right or you’re good, you’re trying to make yourself into something that doesn’t exist. Every human is fallible. Every human makes mistakes. You’re not helpless—and you’re not a saint, either. You don’t have to prove your worth. You can just embrace it, celebrate that you’re imperfect and whole, that there will never be another you. Drop the agenda. If you have something to prove, you’re still a prisoner. This is even true in the face of someone else’s unkindness or persecution. My friend’s daughter came home from kindergarten very upset because her classmate had called her “poopy-face.” My friend asked me how she could help her daughter deal with the conflict. It’s important that we give up the need to defend ourselves. We’re all probably going to face bullies. But if someone calls you a poopy- face, don’t say, “I’m not a poopy-face!” Don’t defend yourself against a crime you never committed. It just becomes a power struggle. The bully throws you a rope, you pick up the other end, and you’re both tugging and exhausted. It takes two to fight. But it takes one to stop. So don’t pick up the rope. Tell yourself, “The more he talks, the more relaxed I become.” And remind yourself that it’s not personal. When someone calls you “poopy-face” he’s really talking about how he sees himself. I lectured once at the Satyagraha House in Johannesburg—a home where Mohandas Gandhi once lived, now a museum and retreat center. He was able to bring the British Empire to its knees, without any bloodshed, without the rhetoric of hate. This is one of the ways I was able to survive Auschwitz. I was surrounded every moment by dehumanizing words—you’re worthless, you’re dirty, the only way you’ll leave this place is as a corpse. But I didn’t let the words penetrate my spirit. Somehow I was blessed with the insight that the Nazis were more imprisoned than I was. I first understood this the night I danced for Mengele. My physical body was trapped in a death camp, but my spirit was free. Mengele and the others would always have to reckon with what they’d done. I was numb with shock and hunger, I was terrified of being murdered, but I still had an inner sanctuary. The Nazis’ power came from systematic dehumanization and extermination. My strength and freedom were within. * * * Joy is a wonderful role model for how to dissolve rigid thinking. For many years, she was married to an abusive man. He treated her with disdain and contempt, hurting her verbally and financially, regularly threatening her with a gun to her head. She survived by keeping journals, meticulously cataloguing their interactions, what each of them said and did. It was a bid for sanity—keeping track of the truth day by day. When I work with a patient who is in an abusive relationship, I always say: If your partner ever hits you, leave right away. Go to a transitional living center. Stay with a friend or relative. Take the kids, ask for help, and get out. If you don’t leave the first time, the abuser isn’t going to take you seriously. And each instance of abuse will make it harder and harder to leave. The violence will usually get worse the longer you stay. And it will get more difficult to reverse the psychological aspects of the abuse, the things the abuser wants you to believe—that you’re nothing without him, that when he hits you, it’s your fault. Every minute you stay, you’re putting yourself in harm’s way. You are much too precious for that! When someone hits you, it’s an instant wake-up call. You know what you’re dealing with. It isn’t easy to leave, but once you have the awareness of your partner’s capacity and tendency for violence, the problem is 50 percent solved. When the abuse is more covert and psychological, you may doubt what you see. You may ask, “Is this really happening to me?” If someone physically harms you, you know. Yes, it’s happening. Yes, I’ve got to go. Without the physical scars of abuse, it was difficult for Joy to leave the relationship. (This is another common experience for people trapped in an abusive dynamic—the fear, and too often the reality, that we won’t be believed.) Eventually, realizing it was only a matter of time before her husband acted on his threats, Joy divorced him, and he slowly drank himself to death. After he died, anger boiled through her. She had been clinging to the hope that one day he might apologize for the years of unkindness—recognize his mistakes, admit she was right to have left him. When he died, she had to accept that she’d never get an apology. She’d never get to win the fight. In an effort to make peace with the past, she went back to the journals she’d kept. What she read shocked her—not how cruel her husband had been, but how cruel she had been to him. “I bullied my husband,” she said. “I was thinking, ‘He’s abusing me,’ but I was doing it right back to him. Keeping the kids from him, denying him things, using the kids as tools to get to him, just because I wanted to hurt him. I was so desperate. I thought there was no other way out. I couldn’t see beyond the terrible situation. But he wasn’t the only one making trouble in our marriage. I was, too.” Many volatile relationships are complicated. While nothing excuses domestic violence or abuse, there often isn’t a right person and a wrong person, a good spouse and a bad spouse. Both partners are contaminating the relationship. When I met Alison, she’d been divorced for twelve years. Sean, her ex, had entered her life shortly after the end of a tumultuous relationship with a guy who split her lip open during a fight, and then, when she left him, broke into her house and slashed her mattress apart with a knife. Sean swooped in like a savior—a caretaker and cheerleader who helped her feel safe and also helped launch her singing career, managing her tours and recording contracts, setting her up with master classes and performances with legendary musicians. Though generous and caring, Sean could also be controlling. Alison relied on him, yet resented him for being in charge of her life, and she began to retaliate, vying for control by starving herself. She was hospitalized three times for an eating disorder, but the self-harm only escalated. When she began burning herself on the arm and leg, Sean lost hope. He had an affair, and then another, and eventually ended their eighteen-year marriage. More than a decade later, Alison was still fighting with him. Over intellectual property rights to the songs they’d written together. Over his unfortunate attempt to seduce the student she’d sent to him for professional advice. Their marriage had ended long ago, but they were still locked in a power struggle, both making harmful choices. I told Alison if she wanted to bring an end to the hostilities, she needed to look not at the causes of the conflict, but at the maintainers. “How are you maintaining a point of view that isn’t serving you anymore?” I asked. Alison was preoccupied by the desire to prove Sean’s guilt and her innocence. She essentially had him on trial in her mind, her inner life an ongoing courtroom drama. But it was an unwinnable fight. “Honey,” I told her, “you can be dead right—and you’re still dead. So do you want to be happy, or do you want to be right?” The best way to let go of the need for control is to become powerful. Power has nothing to do with brawn or domination. It means you have the strength to respond instead of react, to take charge of your life, to have total ownership of your choices. You are powerful because you’re not giving your power away. If you take back your power and still want to be right, then choose to be kind, because kindness is always right. * * * Limbering up our thinking can not only alter our relationship, but change our perceptions, the way we see and feel in the world. As Alison began to free herself from the prison of rigidity, she was able to draw clearer boundaries with her ex and find renewed agency in her career, and she began planning an international tour. But then two physical challenges emerged suddenly and disturbed her hard-won peace. She developed a severe vocal tremor that made singing a challenge and threatened her career; and she injured her back. It hurt to go about her daily activities, and the things she did for fun and self-care—gardening, yoga—were unavailable until she healed. Her face was drawn into a stiff grimace, and I could hear her pain in the jagged way she spoke. “I was doing so well,” she said. “And now I’ll probably have to cancel my tour.” Life isn’t fair. And when we’re hurting, our anger, worry, and frustration are completely legitimate. But we can face any circumstance, however unpleasant or unjust, with rigidity or flexibility. “When your body hurts,” I told her, “don’t punish it, or resent it, or demand things of it. Say, ‘I’m listening.’” Alison developed a practice to move from rigidity to flexibility. She started with a statement of the problem, not minimizing or denying her pain or frustration. “I don’t like it,” she said. “It hurts. It’s inconvenient.” Then she stopped resisting and resenting her body, and started listening. She became curious. “What do you want to tell me?” she asked. “What’s in my best interest? What serves and empowers me now?” For a while, her body told her the same thing: slow down. Rest. So she listened, and eventually her back began to improve. She was able to try a restorative yoga class. Back on the mat, she found that she was able to move more gently and mindfully now that she was less preoccupied with pushing herself and more attuned to her inner experience. Her definition of “getting it right” had changed. Before she hurt her back, she had something to prove—how long she could hold a difficult arm balance, how deeply she could twist. Now she was less imprisoned by expectations. We don’t have to like the difficult or painful things that happen to us. But when we stop fighting and resisting, we have more energy and imagination to move forward, instead of nowhere. Joy discovered this, too. Like Alison, she’d been stuck in the prison of rigid thinking for years after her divorce, trapped in the mind-set of dichotomies: good/bad, right/wrong, victim/victimizer. Because she saw things in such stark and absolute terms, the stakes were always high—all or nothing, life or death, with nothing in between. This made any conflict, even a minor dispute, feel treacherous. Because there was no room in her mind-set for nuance or complexity, Joy couldn’t bear for anyone to disagree with her. “They might as well be pointing at me and saying, ‘You’re fat, you’re ugly, you’re worthless,’” she said. When she discovered a more complex truth—that she had also been culpable in her marriage, that she wasn’t always right—something remarkable happened. Her vision seemed to change. She could perceive colors more intensely. Freed from her black-and-white thinking and rigid interpretation of the past, the world appeared more vivid and vibrant. She drove her children crazy, pointing at flowers—yellow, red, purple, blue—saying, “Look at that! Look! Look!” * * * Flexibility is strength. I learned it when I was training as a gymnast, and it’s why I go swing dancing as often as my body can handle, why I end each speech with a high kick. And it’s true for the psyche as well as for the body. You’re strong when you’re supple and limber. So get up each morning and stretch. Develop the mental range of motion that keeps you free. KEYS TO FREE YOURSELF FROM RIGIDITY
|

