| ھەدىيە ئېدىس ئېگىر (Edith Eger) سەككىزىنچى باب ئۆزىڭىز بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟ |
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life Edith Eger Chapter 8 WOULD YOU LIKE TO BE MARRIED TO YOU? |
سەككىزىنچى باب ئۆزىڭىز بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟نارازىلىقنىڭ تۈرمىسىئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاچچىقلىنىش ۋە نارازىلىق يېقىن مۇناسىۋەتنى بۇزغۇچى ئاساسلىق ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. مەن يولدىشىم بېللانىڭ تاقەتسىز مىجەزىگە، ئۆتمۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقالماسلىقىغا، مېيىپ ئوغلىمىزغا قارىغان چاغدىكى چىرايىدا نامايەن بولىدىغان ئۈمىدسزلىكلىرىگە ئۇزۇندىن بېرى نارازى ئىدىم ۋە بۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئاجرىشىش دەپ ئويلايتتىم. بىز ئاجراشقاندىن كېيىن بولسا ئۆزىمىزنىڭ، شۇنداقلا بالىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. شۇنىڭدىلا مەن ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئاچچىقلىنىشلىرىمنىڭ بېللا بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھەل قىلىنمىغان روھى مەسىلىلىرىم ۋە قايغۇلىرىمدا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. دائىم ئىچىمنىڭ سىقىلىشىغا بېللا ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆزۈم سەۋەبچى ئىدىم. بۇداپېشتتىكى كونسۇلخانىدا ئىشلەپ، زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن، سۆيگەن يىگىتى يەھۇدى بولمىغاچقا توي قىلىشى چەكلەنگەن، ئۆمۈر بويى باشقىلارنىڭ كۈتكىنىدىن چىقىشقا تىرىشقان ئاپامغا بولغان قايغۇم، ئاتا – ئانامنىڭ تۇرمۇشىدىكى يالغۇزسىراشنى قايتىلاش قورقۇنچۇم، ئاۋسىۋېتىستا ئۆلۈپ كەتكەن تۇنجى سۆيگۈنۈم ئېرىككە ۋە ئاتا – ئانامغا بولغان ھەسرىتىم… مەن بۇ رېئاللىقلارنى قوبۇل قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئائىلە قۇرۇپ، ئانا بولدۇم. بىلىپ – بىلمەيلا ئاپام كۆز يۇمغان چاغدىكى يېشىغا – 40 ياشقا كىردىم. تۇيۇقسىز ئۆزۈم ئارزۇ قىلغاندىكىدەك ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋاقتىم يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي مەقسەت – مۇددىئايىمنى بايقاش ئورنىغا ئەركىنلىكنى بېللانىڭ ۋارقىراشلىرىدىن، مەسخىرىلىرىدىن، تېرىكتۈرۈشلىرىدىن ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرۈشلىرىدىن يىراق تۇرۇش دەپ ئويلىۋالدىم. رېئاللىق كۈتكىنىمىزدەك چىقمىغاندا ئاچچىقلىنىمىز. بۇنىڭ نەتىجىسىدە چۈشكۈنلىشىشىمىزگە باشقىلارنى سەۋەبچى قىلىۋالىمىز، لېكىن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى بوغۇۋاتقىنى رېئاللىقتىن ھالقىغان ئۈمىد كۈتۈشلەردۇر. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بىز خۇددى رومىئو ۋە جۇلىتاغا ئوخشاش بىر – بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىشمەي تۇرۇپلا تويلىشىمىز. مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ، ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە جەملىگەن ئادەم ئوبرازىغا ياكى ئائىلىمىزدە كۆنگەن تونۇش ئەندىزىنى قايتىلايدىغان بىرىنىڭ ئوبرازىغا ئاشىق بولىمىز. نەتىجىدە مۇھەببەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىملىكىمىزدىن ۋاز كېچىپ، ھېس – تۇيغۇلىرىمىزغا غەرق بولىمىز، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىقلا بولىدۇ. ھېس – تۇيغۇلار سۇسلاشقاندا بولسا ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇ ۋە ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان ھەمراھ ياكى مۇناسىۋەتنى يوقىتىپ قويغاندەك ھېس قىلىمىز. نەتىجىدە ئەسلى قۇتقۇزۇپ قېلىش مۇمكىن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ، لېكىن مۇھەببەت سىزنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزدا ئەمەس، بەلكى ئىش – ھەرىكەتلىرىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ. ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرۇپ، ئاچچىقلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ چاغدىكى ئاقىلانە تاللاش بولسا ئويغىنىش ۋە يېڭىدىن باشلاش. * * * ئۇسسۇلچى ۋە ئارتىست مارىنا تۇرمۇشىدا قايتا باشلاش مۇمكىنچىلىكى بار ياكى يوقلۇقى ئۈستىدە ئىككىلەنگەن، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغانىدى، يەنى يولدىشى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مۇناسىۋەتنى ساغلام ئىزغا چۈشۈرۈش ياكى بولمىسا ئېرىدىن ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكتىن دېرەك بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى ئۈستىدە تېڭىرقاپ قالغانىدى. _ 18 يىلدىن بېرى ئائىلىمىزدە جېدەل – ماجىرا بېسىقمىدى،_ دېدى مارىنا ئۇزۇن چېچىنى تۈگكەچ. بەزىدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا ئەۋجىگە چىققاندا، گەرچە يولدىشى ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمىسىمۇ، نەرسە – كېرەكلەرنى تامغا ئاتاتتى، مارىنا ئولتۇرغان كارىۋاتنى ئۆرۈپ ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋېتەتتى. _ ئۆيدە تۇرۇشتىن بىزار بولغانىدىم، چۈنكى يولدىشىم ھەر قېتىملىق پارىڭىمىزنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى تەنقىد قىلىشقا ئېلىپ باراتتى،_ دېدى مارىنا. يولدىشىغا قارشى چىقىشتىن ياكى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتىن قورققان مارىنا ئىززەت – ھۆرمىتىنى سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ساقلىماقچى بولىدۇ، لېكىن مارىنا بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئاخىرى چىقماس تالاش – تارتىشلارنىڭ كىچىك قىزىغا تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇ ئەمدى ئىشلارنىڭ بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، ۋاھالەنكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى، قانداق تاللاش ئېلىپ بېرىشى لازىملىقىنى بىلەلمەيۋاتاتتى. ھەربىر تاللاشنىڭ بەدىلى بولىدۇ، ئېرىشىش بار يەردە يوقىتىشمۇ بولىدۇ. ھېچ ئىش قىلماسلىقنى تاللىساق تامامەن بولىدۇ، قارار چىقارمىساقمۇ بولىدۇ. ئوخشاشلا مارىنامۇ تۇرمۇشىنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىشنى، ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشنى تاللىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. _ سىزنىڭ بىر جايغا قاپسىلىپ قېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ناچار ئەھۋالغا بەرداشلىق بېرىش مەجبۇرىيىتىڭىزمۇ يوق،_ دېدىم مارىناغا، لېكىن ئاجرىشىش ھېچ ئىش قىلماسلىقنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇشى مۇمكىن. ئاجرىشىش بىلەن نېمىگە ئېرىشىسىز؟ ئاجرىشىش ئېرىڭىز بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر ۋاراق قەغەز خالاس. ئاجرىشىش مۇناسىۋەتتىكى ھېسسيات مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت سىزگە ئوخشاش مەسىلىنى باشقا مۇناسىۋەتلەردە قايتىلاشنىڭ يوللۇق ئىمتىيازىنى بېرىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ئەركىنلىككە باشلىيالىشى ناتايىن. مارىنا ئاجرىشىش بىلەن تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قايسىسىنى تاللىمىسۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ماھىيەتتە بىرلا، يەنى تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياج ۋە ئۈمىدىنى ئاشكارىلاش، يارىسىنى داۋالاش. مارىنا بۇلارنى ئورۇندىمىغۇچە ئوخشاش مەسىلىنىڭ تەسىرىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشتىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇنىڭدىن: _ تويدىن بۇرۇن يولدىشىڭىزنىڭ مۇشۇنداق ئاچچىقلىنىدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمىدى؟_ دەپ سورىدىم. مارىنا بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: _ ياق، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئۇتۇۋالغانىدى،_ دەپ جاۋاب بەردى. مارىنانىڭ يولدىشى خۇددى مۇنەۋۋەر ئارتىسلار تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە قانداق مەپتۇن قىلىشنى بىلگەندەك، باشقىلارنى ئۆزىگە قانداق مەپتۇن قىلىشنى بىلەتتى. تويدىن بۇرۇن مارىنا يولدىشىنىڭ جەزبىدار، پەيلاسوپ، رومانتىك تەرەپلىرىنىلا كۆرگەنىدى،_ مانا ئەمدى ئويۇن ئاياغلىشىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇۋاتىمەن،_ دەپ جاۋاب بەردى مارىنا. _ ئۇنداقتا سىزنى ئاجرىشىشتىن توسۇپ قېلىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟_ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن،_ داۋاملىق تەكىتلىگىنىمدەك، ھەرقانداق ئىش – ھەرىكىتىمىز مەلۇم ئېھتىياجىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە بولىدۇ. ئەڭ قاباھەتلىك ئەھۋال، قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنىڭمۇ بىزگە مەلۇم ئۇسۇلدا پايدىسى تېگىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن ئايرىلالماسلىقىڭىز جېنىڭىزنى بېقىشقا كۆزىڭىزنىڭ يەتمىگەنلىكىدىنمۇ ياكى جېدەل ماجىرانى ياقتۇرامسىز؟ _ مەن يالغۇز قېلىشتىن قورقىمەن،_ دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى مارىنا. بوۋاق ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا تاشلىنىپ كېتىش ئەندىشىسى بىزگە ھەمراھ بولغان بولىدۇ. مارىنا ئۆزىنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى بالىلىقىنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنىڭ تاشلىنىپ كېتىشتىن ئەنسىرەش ھېسياتىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ پەرۋاسىزلىقى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ئاشكارە بولدى. مارىنا 14 ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئاپىسىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەيدۇ، ھەتتا تېلېفۇن قىلىپ ئانا – بالا ئىككىسىدىن ئەھۋالمۇ سوراپ قويمايدۇ. ئاپىسى تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قىينىلىدۇ. مارىنا ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئۇكىلىرىنى ئۇخلىتىدۇ، يېرىم كېچىدە تۇرۇپ بولكا پىشۇرىدۇ، ناشتىلىق تەييارلايدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەندە ئاپىسىنىڭ چىقارغان قارارى ئۆزىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىدۇ. ئۇ گېزىتتىكى ئېلان ئارقىلىق تونۇشقان شەرقىي گىرمانىيەلىك ئەرنىڭ يېنىغا كىچىك بالىلىرىنى ئېلىپ كۆچۈپ بارماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مارىنا ھېچقانداق ياردەمسىز ئۆزى يالغۇز قالىدۇ. ئاپىسى ئۆيىنىڭ ئېجارە توختامىنى مارىناغا قالدۇرۇپ قويۇپ، بىر يىلغىچە ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈك ئالاقە قىلمايدۇ. مارىنا كۈچلۈك ئىرادىسى، قەيسەرلىكىگە تايىنىپ قىيىنچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىدۇ. ئۇ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە باشقىلار كۆچۈپ كىرگىچە بولغان بىر قانچە ئايلا تۇرالايدۇ. يېڭى ئەر قوشنىسى ئۇنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئازدۇرماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مارىنا ئىجارە توختامىنى بىكار قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ، مەكتەپتىنمۇ چېكىنىدۇ. ئۇ غەرىبىي ياۋروپادا شەھەرمۇ – شەھەر يۈرۈپ ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. ساياھەتكە كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ بېرىدۇ، ئارتىستلار كومۇنناسىدا ياشايدۇ، ئات بېقىش ئارقىلىق ئەسلىگە كېلىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇرىدۇ. ئۇ ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ «ياخشى بالا» ئەمەسلىكىدىن كۆرىدۇ، تەدرىجىي بىنورمال غىزالىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇ يوقاپ كەتسەملا ئاتا – ئانامنىڭ نەزىرىگە ئىلىنالايمەن، دەپ ئويلايدۇ. مارىنا 16 ياشقا كىرگەن يىلى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ھاراقكەش خوجايىنى تەرىپىدىن تۇرۇۋاتقان يېرىدىن قوغلىنىدۇ. ئۇ يۈك – تاقى بىلەن ئۆي – ماكانسىز قالىدۇ. باشقا چىقىش يولى تاپالمىغانلىقتىن ئاپىسىغا تېلېفۇن قىلىپ ياردەم سورايدۇ، ئەمما ئاپىسى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى رەت قىلىدۇ. _ شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا تىكەندەك يالغۇز قالغانلىقىمغا تەن بەرگەنىدىم،_ دەيدۇ مارىنا. ئۇ 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغاندا ياخشىراق خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەپ بېرلىنغا كۆچۈپ بارىدۇ ۋە تونۇشلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىر ئويۇن قويۇش ئۆمىكىگە قېتىلىپ، ئۆمەكنىڭ كەينىدىكى بىر كونا ماشىنىغا ماكانلىشىدۇ. بۇ بىر قىز بالا ئۈچۈن ئاسان تۇرمۇش ھېسابلانمايتتى. ماشىنا ئىچىدە پار يوق ئەھۋالدا، ئۇ بېرلىننىڭ قەھرىتان قىشلىرىغا بەرداشلىق بېرىدۇ، ئۆمەكنىڭ مەشىقىگە تىرىشچانلىق بىلەن قاتنىشىدۇ، لېكىن بۇ خىل تۇرمۇش مارىناغا يېقىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلۈك ھەم ئەركىن ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى ئاچ قويۇش ئارقىلىق جازالىمىسىمۇ بولاتتى. مارىنا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم شۇنداق قىلىش زۆرۆرىيىتىنىڭ يوقلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ تۇرمۇشىدىكى مەقسەت ۋە قىزغىنلىقىنى تاپىدۇ. بۇ جەرياندا مارىنا ئۆمەكتىكى بىر ئارتىسنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ كىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شەرقىي گىرمانىيەدە چوڭ بولغان بولۇپ، ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىدىغان بىرى ئىدى. _ مېنىڭچە ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادە قىلىشنى بىلمەسلىكى ئاتا – ئانامغا ئوخشايتتى،_ دەيدۇ مارىنا چۈشكۈنلۈك بىلەن. ئۇلار ئايرىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە ئۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. گەرچە بۇ ئىشقا ئەقلىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى، ئىككىسى ئايرىلىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇ يوقىتىش مارىناغا يەنىلا چوڭ زەربە بولىدۇ. _ كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بايقايدۇ، ئۇ پۈتۈنلەي تەنھا ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى،_ دەيدۇ مارىنا ھەسرەتلىك ئۇھسىنىپ. بالىلىقىمىزدا قۇلىقىمىزغا سىڭىپ قالغان گەپ – سۆزلەر كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئىش – ھەرىكەتلىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ. بۇلار بەزىدە ئاپام دائىم دەيدىغان: «ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى » دېگەندەك گەپ – سۆزلەر ياكى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. _ قەدىرلىكىم، ئاڭلىشىمچە سىز كىمنى سۆيسەم شۇ مېنى تاشلاپ كېتىدۇ، دېگەندەك سۆزلەرگە ئىشىنىدىكەنسىز،_ دېدىم مارىناغا. مارىنانىڭ كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ ۋە خۇددى تۇيۇقسىزلا مۇزلاپ كەتكەندەك ئۆزىنى چىڭ قۇچاغلىۋالىدۇ. روھىي تۈرمىدە زىيانلىق ئۇچۇرلار بىزنى چىرمىۋالىدۇ. _ سەرگۈزەشتىلىرىڭىزدىن سىزنىڭ ناھايىتى قەيسەر ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. سىز ئىلگىرى چامادان بىلەن كوچىدا قالغان قارانچۇقسىز، ئۆي – ماكانسىز قالغان، قورقۇنچاق قىز ئىدىڭىز. ئۆلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن بولغان شارائىتلاردا نۇرغۇن قېتىم ئامان قالدىڭىز. ئەمدىكى ئۆزىڭىزگە قاراڭ. ئاشۇنداق شارائىت ئىچىدىن ھازىرقى ئۆزىڭىزنى تاۋلاپ چىقتىڭىز. سىز نېمىدېگەن قالتىس،_ دېدىم مارىناغا. مارىنا ئۆزىنى مۇھەببەتكە لايىق ئەمەس دەپ ئويلىغاچقا، بۇ كۆز قارىشىنى كۈچەيتىدىغان ھەمراھ ۋە ئەندىزىلەرنى تاللىغانىدى. بۇ خىل ئەھۋال ھەربىي ئائىلىلىرىدىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. تۇرمۇشنى يېڭىدىن باشلاش ياكى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالغاندا، يىراق ئارىلىقتىكى بىرىنىڭ سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدىغىنىغا ئىشىنىشىڭىز تەسكە توختايدۇ. ئايرىلىش ياكى ساداقەتسىزلىكنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىشىلەر مۇناسىۋەتتە بەك يېقىن بولۇپ كېتىشنى خالىمايدۇ. مارىنا ئۆزىنى بىخەتەر ۋە چوقۇنۇش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا تۇرمۇشىنى ئاچچىق چىقىرىش ۋاستىسى قىلىۋالغان بىرىگە ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. يولدىشى ئۆز ئازابىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سۆرەپ كىرىدۇ. يولدىشىنىڭ ھەل قىلىنمىغان ھېسسىيات مەسىلىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى، يەنى غەزەبلىنىشلىرى، ئەيىبلەشلىرى مارىنانىڭ «مۇھەببەتكە ئېرىشىش دېمەك ئازار يېيىش، تاشلىنىپ كېتىش دېمەكتۇر» دېگەن قارىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەستىقلايدۇ. _ بەلكىم ئىككىڭلار ئۇرۇشۇش ئارقىلىق يېقىن مۇناسىۋەتكە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئىككىڭلارنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەرىڭلارغا قاراپ باقايلى،_ دېدىم مەن. نۇرغۇن ئەر – ئاياللارنىڭ زىددىيەتنى قەرەللىك قايتىلايدىغان مۇنداق ئۈچ قەدەم باسقۇچى بولىدۇ. بىرىنچى قەدەم، ئۈمىدسىزلىنىش. بۇ ناھايىتى تېزلا ئۇلارنى ئىككىنچى قەدەم ئۇرۇشۇشقا باشلاپ بارىدۇ. ئاندىن غەزەپتىن ۋارقىراپ، چارچىغاندا ئۈچىنچى قەدەم ئەپلىشىشتە توختايدۇ. ئەپلىشىپ قېلىش قارىماققا زىدىيەتنىڭ خاتىمىسىدەك تۇيۇلغان بىلەن يېڭى زىدىيەتنىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، چۈنكى بىرىنچى باسقۇچتىكى ئۈمىدسىزلىنىش ھەل قىلىنغىنى يوق! مېنىڭ مارىناغا يۇقىرىقى ئۈچ قەدەم – باسقۇچنىڭ بىرىنچى قەدىمىدىلا توختاپ قېلىشقا ياردەم قىلىدىغان تەكلىپلەرنى بەرگۈم كەلدى. ئۇلارنى قايتا – قايتا ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاينىمىغا سۆرەپ كىرىۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ _ ئىش – ھەرىكىتىڭلار مۇناسىۋىتىڭلارغا يا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىككىڭلار قانداق ئىشلار بىلەن تۇرمۇشۇڭلارنى بۇزدۇڭلار؟_ دەپ سورىدىم. _ مەن بىرەر ئىشنى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلماقچى ياكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلىمەكچى بولغىنىمدا، يولدىشىم گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا پېتىشتىن ئاۋۋال، ئىشلارغا ئۆزىنىڭ سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ،_ دېگەنىدى مارىنا. يولدىشىنىڭ ئۆزىنى قوغداش تاكتىكىسى نەيزە ئۇچىنى مارىناغا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەش ئىدى،_ ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز،_ دەپ سورىدىم مارىنادىن. _ مەن ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈشكە باشلايمەن ياكى «بولدى قىلىڭ» دەيمەن، يولدىشىم غەزەپتىن ئېتىلىپ كېتەي دەيدۇ ۋە قولىغا چىققان نەرسىنى ئاتىدۇ، مۇشتلايدۇ ياكى تېپىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئۇلار داۋاملىق قايتىلاۋاتقان خاتالىقتىن ساقلىنىدىغان بىر ۋەزىپە بەردىم. «كېلەر قېتىم ئۇ سىزنى يەنە ئەيىپلەشكە باشلىغاندا، ئۇنىڭغا <سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا> دەڭ. ئۇ بۇ گەپكە قارشى چىقالمايدۇ. ئەلۋەتتە، سىزمۇ بۇنىڭلىق بىلەن يالغان سۆزلىگەن بولمايسىز، چۈنكى ھەممىمىزنىڭ خاتالىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ئۇنىڭغا <ھەئە، سىزنىڭ توغرا>دەڭ»، دېدىم. ناۋادا بىز مەلۇم بىر ئەيىبلەشكە قارشىلىق قىلىۋەرسەك، بۇ بىزنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپكە بىزنىڭ مەسئۇل بولىشىمىز ھاجەتسىز. _ يولدىشىڭىز سىزگە يەنە ئاچچىقلىغاندا، ئۆزىڭىزدىن ئاۋال «بۇ كىمنىڭ مەسىلىسى؟» دەپ سوراڭ. ئەگەر ئۇ راستىنلا سىزنىڭ خاتالىقىڭىز بولمىسا ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشقا ئالدىراپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. يولدىشىڭىزغا: «قارىغاندا، بۇنىڭغا خېلى ئاچچىقىڭىز كەلگەن ئوخشايدۇ» دەڭ. ئۇ ئۆز ھېس – تۇيغۇلىرىغا سىزنى سەۋەبچى قىلىپ قويغاندا، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئۇ ئۆز ھېسسىياتىغا دائىر مەسىلىلىرىنى ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەك. سىز ئۇنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىغا ئارىلاشقاندا ئۇ مەسىلىنى كۆرمەستىن دىققىتىنى سىزگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇنى قۇتقۇزۇشتىن ئۆزىڭىزنى توختىتىڭ. مارىنا بىلەن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن ئۇچراشقىنىمىزدا ئۇ ماڭا مەن كۆرسەتكەن چارىنىڭ ئۈنۈم كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جېدەل – ماجىرا خېلىلا پەسەيگەنىدى. _ لېكىن يولدىشىمغا كۆپ نارازىلىقىم بار،_ دەيدۇ مارىنا. ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئاچچىقى توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى ئىدى،_ مەن ئۇنى ھەممە ئىشقا سەۋەپچى دەپ قارايمەن. _ ئۇنداقتا ئويلىغىنىڭىزنىڭ دەل ئەكسىچە قىلىڭ. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىڭ،_ دېدىم مەن. ئۇ ھەيران بولغىنىچە قاشلىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. _ سىز ئىشلارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تاللىيالايسىز. ئۇنىڭغا ۋە ئاتا – ئانىڭىزغا رەھمەت ئېيتىڭ. بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ياخشى ئامان قالغۇچى بولىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. _ شۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلامدىم؟ بولغان ئىشلار ھەققىدە ھېچنىمە دېيىشمەمدۇق؟_ دەپ سورايدۇ مارىنا. _ ئۆتكەن ئىشلارنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىڭ،_ دېدىم مەن. كۆپىنچىمىز مېھىر – مۇھەببەتلىك ئاتا – ئانىغا ئېرىشىشكە ھەقلىق ئىدۇق، ئەمما كۈتكىنىمىزگە ئېرىشەلمىدۇق. بەلكىم ئۇلار ئالدىراش، ئاچچىقى يامان، ئەنسىز ياكى چۈشكۈن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى سۈركىلىشلەر بىلەن تولغان ياكى ئىقتىسادتا قىينالغان ۋاقىتلاردا تۇغۇلۇپ قالغان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. يەنە بەلكىم ھالىمىزدىن خەۋەر ئالغۇچىلار ئۆز پاجىئەلىرىنىڭ ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي، ئۆز مەسئۇلىيتى ۋە بىزنىڭ ئېھتىياجلىرىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئەزەلدىن بىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ: «ئىزچىل سىزدەك بالام بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم» دەپ باقمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. _ سىز ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان ئاتا – ئانىڭىز ئۈچۈن قايغۇردىڭىز. ئەمدى بولسا ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان يولدىشىڭىزغا قايغۇرسىڭىز بولىدۇ،_ دېدىم مارىناغا. قايغۇ بولغان ياكى بولمىغان ئىشلارغا يۈزلىنىشىمىزگە، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تاللاش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇتىدۇ. _ سىز ئۆزىڭىز بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟_ دەپ سورىدىم مارىنادىن. ئۇ قايمۇقۇش نەزىرىدە ماڭا قارايدۇ. _ ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىنى ياقتۇرىسىز؟ مارىنانىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ئىدى. ئېھتىمال، ئۇ سوئالىمغا قانداق جاۋاب بېرىشنى ئويلىشىۋاتقاندۇ. ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى-يۇ، سۆزلىگەنچە جانلىنىپ كەتتى. مارىنانىڭ كۆزلىرى چاقناپ، مەڭزى قىزىرىپ كەتكەنىدى. _ مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان تەرىپىمنى ياقتۇرىمەن. ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىمنى، چوققىلارغا يامىشالايدىغان جاسارىتىمنى، بەل قويۇۋەتمەس ئىرادەمنى ياخشى كۆرىمەن،_ دەپ جاۋاب بەردى. _ قەدىرلىكىم، بۇ گەپلىرىڭىزنى بىر ۋاراققا يېزىڭ ۋە ئۇنى پورتمىلىڭىزغا سېلىپ يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈڭ،_ دېدىم مەن. ئۆزىگە سەمىمىي بولۇش ناھايىتى مۇھىم. ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنى تەنقىدلەش، خاتالىق ۋە ئەيىبلەشكە دىققىتىمىزنى بېرىش شۇ قەدەر ئاسان، لېكىن ھەممىمىز ياخشى ئىنسانلار. بىز دىققىتىمىزنى بەرگەن نەرسىلەرنى كۆرىمىز، خالاس. _ ئۇنداقتا يولدىشىڭىزنىڭ قانداق ياخشى تەرەپلىرى بار؟_ دەپ سورىدىم مارىنادىن. ئۇ سەل تۇرۇۋېلىپ، خۇددى يىراقتىكى بىر نەرسىنى كۆرمەكچى بولغاندەك كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ: _ گەرچە ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئىنكار قىلالمىساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان. مەن مۆرەمنى يارىلاندۇرىۋالغاندا ئۇ ماڭا كۆپ ياردەملەشكەنىدى. ئۇنىڭ مېنى قوللايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بار، _ دېدى مارىنا. _ يولدىشىڭىز يېنىڭىزدا بولسا كۈچلىنەمسىز ياكى يوق بولسىمۇ؟ بىر مۇناسىۋەتنىڭ سىزنى خوراتقان ياكى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى ئۆزىڭىزلا قارار قىلالايسىز، لېكىن بۇ تېزلا جاۋابقا ئېرىشىدىغان سوئال ئەمەس. سىز ئۆز يارىڭىزنى داۋالىمىغۇچە، ئۆتمۈشكە سالاۋات قىلمىغۇچە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلمەيسىز. * * * ئەسلى بېللا بىلەن ئاجرىشىشىم ھاجەتسىز ئىدى، لېكىن ئاجرىشىش ماڭا بىر جەھەتتىن پايدا ئېلىپ كەلدى. يەنى ئۆتمۈش ۋە قايغۇلىرىمغا يۈزلىنىدىغان جىمجىتلىق ۋە شارائىت يارىتىپ بەردى. ئاجرىشىش مېنى ھېس – تۇيغۇ، ئاسارەت، روھسىزلىق، تەشۋىش، تەنھالىق ۋە قورقۇنچلىرىمدىن ئازاد قىلغىنى يوق. ئازاد بولۇش پەقەتلا مېنىڭ قولۇمدا، ئۆزۈملا شۇنداق قىلالايمەن. «تەشۋىشلەنگەندە كاللىڭىزغا كەلگەن خىياللاردىن پەخەس بولۇڭ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى ھەدەم ماگدا. ئۇ يەنە: «بۇنداق چاغلاردا <ئۇ دائىم ئۇنداق قىلاتتى، بۇنداق قىلاتتى، ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى> » دېگەندەك خاتا كۆز قاراشلارغا كېلىپ قالىسىز. نەتىجىدە يۈزلەنمەكچى بولغان نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنالماي قالىسىز، دېگەنىدى. ئاجراشقاندىن كېيىن مەن ھەقىقەتەن بېللانى سېغىندىم. ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشىنى، يۇمۇرىستىكلىقىنى، مېنى دائىم قاقاقلاپ كۈلدۈرۈشىنى، تەۋەككۈلچى روھىنى سېغىندىم. بىز ئاجرىشىپ 2 يىل ئۆتكەندە يارىشىۋالدۇق، ئەمما بۇرۇنقى تۇرمۇشىمىزنى قايتىلىمىدۇق. بىر – بىرىمىزدىن ۋاز كەچمىدۇق، قايتىدىن بىر – بىرىمىزنى تاللىدۇق. بۇ قېتىم ئىككىلىمىز نارازىلىق ۋە رېئال بولمىغان كۈتۈشلەردىن يىراق ئىدۇق. * * * _ يولدىشڭىز ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاچچىقلىنىشىڭىزنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولماسلىقى مۇمكىن،_ دېدىم مارىناغا. بىز باشقىلارنى ئىچىمىزدە ئاللىبۇرۇن توقۇپ بولغان ھېكايىنى سۆزلەشكە ياردەم بېرىدىغان روللارغا تەقسىم قىلىۋالىمىز. بەلكىم ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتسەك كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشقا ياردىمى تېگىشى مۇمكىن ياكى ئۇ كىشىلەرنى ئەمدى ھېكايىمىزدە كېرەك قىلمايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يېتىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ جاۋابىنى ھازىرلا تاپىسىز دېمەيمەن. ئەمەلىيەتتە ئىشلارنى ھەددىدىن زىيادە تەھلىل قىلغاندىن كۆرە قارشى تەرەپنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. بۇنىڭ جاۋابىنى پەقەت تۇرمۇشنى تولۇق ياشىغاندا، ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە يەتكەندە، ئەڭ كۈچلۈك ئۆزىڭىزنى تاپقاندا ئاندىن تاپالايسىز. نارازىلىقنىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىدىغان ئاچقۇچلار:
|
Chapter 8 WOULD YOU LIKE TO BE MARRIED TO YOU?The Prison of ResentmentThe biggest disruptor of intimacy is low-level, chronic anger and irritation. My resentment toward Béla—for his impatience and temper, for the ways he remained stuck in the past, for the disappointment that sometimes showed in his face when he looked at our son—festered for so many years that I thought the only way to be free was to divorce him. It was only after we’d split, and completely disrupted our children’s lives, not to mention our own, that I realized my disappointment and anger had little to do with Béla—and everything to do with me, with my own unfinished emotional business and unresolved grief. The suffocation I felt in our marriage wasn’t Béla’s fault; it was the price of all the years I’d spent disowning my feelings: sorrow for my mother, who gave up an independent, cosmopolitan life working for a consulate in Budapest, and gave up a man she loved but was forbidden to marry because he wasn’t Jewish, to do what others expected her to do. Fear of repeating the loneliness of my parents’ marriage. Grief over my first love, Eric, who died in Auschwitz. And grief for my parents. I got married and became a mother before I’d come to terms with my losses. And suddenly I was forty, the age my mother had been when she died. It felt like I was running out of time to live how I wanted to live: free. But instead of finding freedom by discovering my own genuine purpose and direction, I decided that freedom meant being away from Béla’s yelling, cynicism, irritation, and disappointment—from the things I imagined limited me. When we’re angry, it’s often because there’s a gap between our expectations and reality. We think it’s the other person who’s trapping and aggravating us—but the real prison is our unrealistic expectations. Often, we marry like Romeo and Juliet, without really knowing each other. We fall in love with love, or with an image of a person to whom we’ve assigned all the traits and characteristics we crave, or with someone with whom we can repeat the familiar patterns we learned in our families of origin. Or we present a false self, seeking love and a secure relationship by giving up who we really are. Falling in love is a chemical high. It feels amazing—and it’s temporary. When the feeling fades, we’re left with a lost dream, with a sense of loss over the partner or relationship we never had in the first place. So many salvageable relationships are abandoned in despair. But love isn’t what you feel. It’s what you do. There’s no going back to the early days of a relationship, to the time before you became angry and disappointed and cut off. There’s something better: a renaissance. A new beginning. * * * Marina, a dancer and performance artist, was trying to figure out if such a rebirth was possible in her marriage—whether she and her husband could move forward together in a healthy way, or if the way to freedom meant finally letting go of the relationship. “We’ve been fighting every day for eighteen years,” she told me, twisting her long hair into a loose bun. Sometimes the fights were violent. Her husband didn’t hit her, but he acted out—shoved chairs, threw his phone against the wall, overturned the bed she was sitting on. “I try to avoid being at home,” she said, “because every conversation turns into him telling me what I did wrong.” Afraid to stand up to him, afraid to walk out of the room when he was raging, she tried to maintain her dignity and keep the peace. But she was losing self-respect, feeling more and more disempowered. And she was worried about how the constant fighting was affecting their teenage daughter. She didn’t want to continue as things were, yet was unsure how to chart a path forward— unclear about her options. Every choice has a price, something you gain, and something you lose. One choice we can always make is to do nothing. To decide not to decide. To keep on going the way we are. At the other extreme, Marina could decide to leave the relationship and file for divorce. “You don’t have to be stuck,” I told her. “You don’t have to sit there in a bad situation.” However, I cautioned, a divorce can be an extreme way of continuing to do nothing. “What do you gain from a divorce? It gives you a piece of paper that says you’re now free to marry someone else.” Divorce doesn’t resolve the emotional business of the relationship. It just gives you legal permission to repeat the same pattern with someone else! It doesn’t make you free. Whether Marina decided to leave her husband or stay in the marriage, her work was the same: to uncover the needs and expectations she brought to the marriage, and to heal the wounds she had brought with her, that she would keep carrying for the rest of her life until she dealt with them. We examined her expectations first. “Did you know about your husband’s anger when you married him?” I asked. She shook her head vehemently. “He wins hearts,” she said. An accomplished actor, he knows how to make his audience fall in love with him. Before they were married, she only saw this side of him—the charmer, the philosopher, the romantic. “Now the shoes fly.” “So what keeps you there?” I asked. As I’ve said, every behavior satisfies a need. Even an imprisoning and terrifying situation can serve us in some way. “Do you need the financial security? Or maybe you need the fighting?” “I’m scared to be alone.” We all carry a fear of abandonment from infancy. But as she described her childhood in Western Europe, it was clear that her fear of abandonment had been compounded by outright neglect. When she was fourteen, her father said he could no longer stand to live with her mother, and left. He never once came back to visit his children—he didn’t even call to check in. Marina’s mother was too distraught to cope with the needs of the family, so Marina stepped in to fill the role, putting the younger children to bed, staying up late to bake bread and prepare food for the next day. A year later, when the Berlin Wall came down, her mother made her own devastating announcement. She’d met an East German man through a newspaper ad. She was moving to former East Germany to be with him, taking the younger children with her. Marina would stay behind. She’d have to fend for herself. She handed Marina the rental agreement for a room in a house and left the next day. She didn’t so much as call for more than a year. The fact that Marina survived at all is a huge testament to her inner strength and resiliency. She stayed in the rental house for a few months until new tenants moved in, including a father who tried to seduce her, coming to her room at night with a glass of wine. She broke her lease, left school, and moved from town to town throughout Western Europe, working multiple jobs, house-sitting for people away on vacation, at one point living on an artists’ commune, another time staying at a rehabilitation farm where people in recovery came to take care of horses. She developed a dangerous eating disorder, convinced that she must be a terrible person to have been left by both her parents, thinking that if she could make herself disappear, maybe her parents would finally notice she was missing. When Marina was sixteen, the owner of the rehab farm, herself an active alcoholic, turned Marina out. She stood on the street with a suitcase in each hand, homeless and alone. In despair, she called her mom and begged for help. But her mother was still steeped in her own struggle and refused. “From that moment on, I knew I was completely alone in the world,” Marina said. In her early twenties, she moved to Berlin in search of better work opportunities, and through connections began to train with a performance group, living in an old trailer in the backyard of her school. It wasn’t an easy life. The trailer was unheated. She froze her way through the fierce Berlin winters, endured rigorous training. But the new life suited her. While dancing, she felt strong and free. She couldn’t starve herself and detach from her body anymore, and for the first time, she no longer wanted to. She had discovered passion and purpose: the joy of moving her body, the power of movement and expression. She fell in love with another performer, who’d grown up in East Germany during the Cold War. It was difficult for him to communicate his emotions, to show love. “Like my parents, I guess,” Marina said ruefully. Two years after they broke up, he died by suicide. Intellectually she knew his death wasn’t her fault, that even if they’d stayed together, she couldn’t have saved him. But the loss hit her hard. “They found him a week or two after he died,” she said. “He was completely alone.” We all go into relationships carrying messages we learned in childhood. Sometimes it’s a literal phrase someone repeated—like when my mother told me, “A bad husband is better than no husband.” Sometimes it’s something we gleaned from others’ actions or the home environment. “Honey,” I told Marina, “I’m hearing that you carry a message inside—that if you love someone, they’ll leave you.” Tears sprang into her eyes. She wrapped her arms around herself as though the room had suddenly gone cold. When we’re imprisoned, it’s the damaging messages that stick. “But there’s another message I hear in your story,” I told her. “That you’re a woman of strength. Once you were that scared, lonely girl standing on the street with your suitcases. Many times you could have died, and you didn’t. Now look at you. Out of something you didn’t want, you made something good. You’re good.” Believing at a fundamental level that she wasn’t worthy of love, Marina had chosen a partner and patterns of behavior that reinforced this belief. I often see this dynamic in military marriages. When it’s only a matter of time before you’ll have to deploy or move and start your life anew, it’s hard to trust that someone will really stick with you through the distance and disruption. One way to cope with the fear of how much it will hurt to be apart—or the fear that someone will leave us or be unfaithful—is to avoid being close. Marina had married a man who charmed her into feeling safe and adored, only to use their relationship as a punching bag. He was carrying his own pain into the relationship—and his method of coping with his unresolved emotional business, to rage and blame, just reinforced Marina’s internalized message that to love is to be hurt and abandoned. “Perhaps you’re both using the fighting to fight intimacy,” I said. “So let’s look at your pattern.” Many couples have a three-step dance, a cycle of conflict they keep repeating. Step one is frustration. It’s left to fester, and pretty soon they move on to step two: fighting. They yell or rage until they’re tired, and fall into step three: making up. (Never have sex after a fight. It just reinforces the fighting!) Making up seems like the end of the conflict, but it’s really a continuation of the cycle. The initial frustration hasn’t been resolved. You’ve just set yourselves up for another go-round. I wanted to give Marina some tools to help her stop the dance at step one. What were the frustration triggers that kept launching them into the same imprisoning dance? “You’re either contributing to the relationship or you’re contaminating it,” I said. “How do each of you contaminate the marriage?” “When I want to have a discussion with him—express a feeling or bring something up—he’s afraid of being guilty, that something’s his fault.” His preferred defense was offense—to turn the tables and attack Marina with blame and criticism. “And what’s your part in it?” I asked. “I try to explain myself. Or I say, ‘Stop,’ and he explodes and starts kicking or throwing or smashing something.” I gave her an assignment, a detour to get them off the path they kept choosing. “The next time he tells you you’re wrong, your answer is ‘You’re right.’ He can’t fight with that. And you’re not lying, because everybody makes mistakes; anybody could improve. Just say, ‘Yes, you’re right.’” If we deny an accusation, we’re still accepting blame. We’re taking responsibility for something that isn’t ours. “The next time he’s angry, ask yourself, ‘Whose problem is it?’ Unless you caused the problem, you’re not responsible when he tries to put the monkey on your back. Give the monkey back. Say, ‘Sounds like you’re in a tough position. Sounds like you’re mad about that.’ When he tries to make his feelings about you, give the feeling back to him. It’s his feeling to face and you hope he’ll let go. When you step into the ring, he’s looking at you, not at his feeling. Stop rescuing him.” When Marina and I spoke a few weeks later, she said the de-escalation tools were working. Their fights had radically diminished. “But I have so much resentment against him,” she said. This time, it wasn’t his anger she wanted to talk about. It was her own. “In my mind, I make him responsible for everything.” “So do the opposite,” I said. “Thank him.” She stared at me, eyebrows raised in surprise. “You choose your attitude. So thank him. And thank your parents, too. They’re helping you become a very good survivor.” “And just ignore what happened? Leave out what they did?” “Make peace with it.” Many of us didn’t have the loving and caring parents we desired and deserved. Maybe they were preoccupied, angry, worried, depressed. Maybe we were born at the wrong time, in a season of friction or loss or financial strain. Maybe our caregivers were dealing with their own trauma, and they weren’t always responsive to our needs for attention and affection. Maybe they didn’t pick us up and say, “We always wanted a child just like you.” “You’re grieving over the parents you never had,” I told Marina. “And you can grieve over the husband you don’t have.” Grief helps us face and ultimately release what happened or didn’t happen. And it opens up space to see what is and choose where we go from here. “Would you like to be married to you?” I asked. She gave me a confused look. “What do you like about you?” She was silent, her brow creased as though taken aback, or maybe she was just searching for the words. She began hesitantly, but her voice became fuller as she spoke. Her eyes brightened and a flush rose in her cheeks. “I like that I care about other people,” she said. “I like that I have passion—that I love climbing high. I like that I don’t give up.” “Write it down, honey,” I said. “Carry those words in your purse.” Taking an honest inventory is so important. It’s easy to reach for critiques of others and ourselves, to focus on wrongs and complaints. But all of us are good. We choose what we focus on. “What’s good about your husband?” I asked. She paused, squinting slightly, as though trying to see into the distance. “He cares,” she said. “Even though he is like he is, I know he cares about me. And he’s working hard. I injured my shoulder, and he helped me. There are times when he supports me.” “Are you stronger with him, or without him?” Only you can decide if a relationship depletes or empowers you. But it’s not a question to answer quickly. You can’t know the truth about your relationships until you deal with your own wounds, until you bury and leave behind all the things from the past you’re still dragging around. * * * My decision to divorce Béla was unkind and unnecessary, but it was useful in one way: it created more silence and space for me to start to face my past and my grief. It didn’t liberate me from my emotions and trauma, from flashbacks, from feeling numb, anxious, isolated, and afraid. Only I could do that. “Be careful what you do when you’re restless,” my sister Magda had warned me. “You can start to think the wrong things. He’s too this, he’s too that, I’ve suffered enough. You end up missing the same things that drove you crazy.” And I did miss Béla. The way he danced and wore joy on his sleeve. His relentless humor, how he made me laugh in spite of myself. His steadfast appetite for risk. Two years after our divorce, we remarried. But we didn’t return to the same marriage we’d had before. We weren’t resigned to each other; we’d chosen each other anew, and this time without the distorted lens of resentment and unmet expectations. * * * “Your husband is getting your anger,” I told Marina. “But maybe he’s not the one you’re really angry with.” We cast others in the roles that help us enact the story we’ve decided to tell. When we tell a new story—when we come home to our wholeness—our relationships might improve. Or we might find that we don’t need them anymore, that they don’t have a place in the story of freedom. You don’t have to figure it out in a hurry. In fact, it’s best to stop figuring and figuring and trying to understand. It’s an answer that will come only by playing more, by living your life as fully as possible, and being who you already are: a person of strength. KEYS TO FREE YOURSELF FROM RESENTMENT
|

