Skip to content

ئونىنچى باب قەلبىڭىزدىكى ناتسىست

The Gift
ھەدىيە
ئېدىس ئېگىر (Edith Eger)
ئونىنچى باب قەلبىڭىزدىكى ناتسىست
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life
Edith Eger
Chapter 10 THE NAZI IN YOU

ئونىنچى باب قەلبىڭىزدىكى ناتسىست

ھۆكۈم قىلىشنىڭ تۈرمىسى

ئۆتكەن يىلى قىزىم ئاۋدىرى بىلەن شىۋىتسارىيەنىڭ لوزاندادىكى ۋاقتىمىزدا، ياۋروپادىكى داڭلىق سودا مەكتەپلىرىنىڭ بىرى بولغان خەلقئارالىق تەرەققىيات ۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدا  تالانتلىق بىر تۈركۈم رەھبەرلەر ۋە رەھبەر تەربىيەلىگۈچىلىرىگە نوتۇق سۆزلەش شەرىپىگە ئېرىشتىم. شۇ كۈنى كەچلىك زىياپەتتە كىشىلەرنىڭ نۇتۇقۇمغا بولغان باھاسى ۋە تەشەككۈرلىرى قەلبىمنى ئىللتىقان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچدىكى ئېگىز بويلۇق، بۈدۈر چاچلىرىغا ئاق كىرگەن، ئورۇق يۈزىنى غەمكىنلىك باسقان ۋە كۆزلىرىدىن زېرەكلىكى چىقىپ تۇرغان بىر ئادەم ماڭا ئالاھىدە تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مېنىڭ كەچۈرۈش ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىم ئۇنىڭغا بىر چوڭ ھەدىيەدەك تۇيۇلغان بولۇپ، ئۇ يىغلىغىنىچە «مېنىڭمۇ بىر ھېكايەم بار. لېكىن ئۇنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايمەن» دېدى.

ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئاۋدۇرى ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. ئىككىمىز بىر نەرسىنى، يەنى بۇ ھالەتنىڭ ئاسارەتتىن ۋە قەلىب جاراھىتىنىڭ ئېغىزدىن چىقىرىلمىغانلىقى تۈپەيلى ئېغىرلاپ كەتكىنىنى مۇقىملاشتۇرغان ئىدۇق. زىياپەتتىن كېيىن ئاۋدۇرى ئۇ كىشى بىلەن پاراڭلاشقىلى كەتتى، ۋە قايتىپ كېلىپ «ئۇنىڭ ئىسمى ئاندىرېئاس ئىكەن. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىمىسىڭىز بولمايدۇ ئاپا» دېدى.

بىزنىڭ ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇنقى كۈن تەرتىپىمىز ناھايىتى زىچ بولسىمۇ، ئاۋدۇرى ئۇ ئەر ئىككىمىزنى بىر ۋاق چۈشلۈك تاماقنى بىللە يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئاندرېئاس ناھايىتى تەمكىن ۋە ئەتراپلىق ھالدا ھېكايىسىنى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ماڭا بايان قىلدى.

ئاندرېئاس توققۇز ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە فىرانكفورتنىڭ سىرتىدىكى بىر كىچىك يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىۋاتقاندا، دادىسى ئۇنىڭغا «ئوغلۇم، قارا. بۇ يېزىدىكى بارلىق يېزا باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكى» دېگەچ بارمىقى بىلەن ھېرمان نېيمان دېگەن ئىسىمنى كۆرسىتىدۇ. «ھېرمان» ئاندرېئاسنىڭ ئوتتورانچە ئىسمى ئىدى. دادىسى بۇ ئىسىمنى كۆرسەتكەچ ھەسرەت، غەزەپ، سېغىنىش ۋە پەخىرلىنىش قاتارلىق مۇرەككەپ ھېسياتلار بىلەن «ئۇ سېنىڭ بوۋاڭ بولىدۇ» دەيدۇ.

ئاندرېئاسنىڭ بوۋىسى ئۇ تۇغۇلۇشتىن ئون يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئاندرېئاس بوۋىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تىزىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ھېكايە ئاڭلاشنىڭ قانداق ھېسسىيات ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۆيىدە ھېچكىم بوۋىسىنى تىلغا ئالمايتتى. ئۇ بارا-بارا دادىسى ۋە تاغىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى غەمكىنلىك بىلەن بوۋىسىنىڭ مۇناسىۋىتى باردەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. لېكىن ئاندرېئاس ئۇ چاغلاردا تېخى كىچىك بولۇپ، 1933- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتىكى گېرمانىيەدە رەسمىي مەمۇرىي خىزمەتكە ئېرىشىشنىڭ پەقەت بىرلا يولى بارلىقىنى چۈشەنمەيتتى.

ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندە ئىشلار بارغانسېرى روشەنلىشىشكە باشلىدى. ئاندرېئاس چىلىدە بىر يىل ئوقۇپ گىرمانىيەگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ھاراقكەش تاغىسى ھاراق بىلەن ئۇزۇن يىل كۈرەش قىلىپ ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاندرېئاس تاغىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ يەرئاستى ئۆيىنى تازلىلايدۇ. ئاندرېئاس قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى كىتاب ۋە يەشىكلەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا بۇلارنى رەتلەپ بولالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا بىر تونۇش چاپلاق چاپلانغان كونا ياغاچ چامادان ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ. ئۇ يېقىنلاپ كېلىپ بۇنىڭ چىلىنىڭ ئارىكا شەھرىنىڭ تامۇژنا چاپلىقى ئىكەنلىكىنى، چاپلاققا 1931- يىلىنىڭ تامغىسى بېسىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. چاماداندىكى خۇرۇم خەتكۈچكە بوۋىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىدى. ئاندرېئاس چىلىغا بارىدىغان ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن ئائىلىسىدىكى بىرەسىمۇ بوۋىسىنىڭ چىلىغا بارغانلىقىنى تىلغا ئالمىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ كونا چامادان ئۆزىنى شۇنچە بېئارام قىلىدىغاندۇ؟

ئاندرېئاس ئاتا – ئانىسىدىن بۇ ئىشنى سورىغاندا، دادىسى بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئاپىسى بولسا «مېنىڭچە بوۋاڭ بىر ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ، ئۇ يەرگە بىر نەچچە ئايلىق كەتكەن بولىشى مۇمكىن» دەپ مۈجىمەل جاۋاب بېرىدۇ. 30 – يىللارنىڭ بېشىدىكى گىرمانىيە ئېغىر ئىقتىسادى كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۋاتاتتى. بوۋىسى بەلكىم باشقا گىرمانلارغا ئوخشاش ئوخشىمىغان جايلاردىن پۇرسەت ئىزدىگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئاندېرىئاس مۇشۇنداق ئويلاپ ئۆزىنى قايىل قىلماقچى ۋە باشقا مۇمكىنچىلىكلەرنى كاللىسىدىن چىقىرۋەتمەكچى بولدى.

بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ ئاندرېئاس دادىسىنىڭ بىر ئاكىسدىن ئائىلىنىڭ كونا ھۆججەتلىرى ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى كۆرۈشكە رۇخسەت سورىدى. ئالتىنچى سەزگۈسى ئاندرېئاسقا ئائىلىسدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ھاراقكەشلىكى، ئاغزىدىن چىقىرىشقا قىينىلىۋاتقان ھېكايىلىرنىڭ بوۋىسى ۋە نومۇس تۇيغۇسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتاتتى.

ئاندرېئاس كونا ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى ئاختۇرغانسېرى رېئاللىق ئاشكارلىنىشقا باشلايدۇ. بوۋىسىنىڭ كونا پاسپورتىدىكى چىلى كۆچمەنلەر ئېدارىسىنىڭ تامغىسى ئۇنىڭ 1930- يىلىدىن 1931 – يىلىغىچە چىلىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. 1942- يىلى بوۋىسى فرانكفورتتا بىر چوڭ سانائەت گۇرۇھىدا ئىشخانە خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە بىر تېلېگىرامما تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. تېلېگىراممىدا «فرانكفورتتىكى ئۆيدىكى بارلىق ۋېلسىپىت ۋە بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتتىڭىزمۇ؟» دەپ يېزىلغان ۋە ئۇنىڭغا بوۋىسىنىڭ ئاكىسىنىڭ ئسمى يېزىلغان ئىدى.

ئاندرېئاس يەنە تېلېگىرامما كەلگەن ئادىرىسنىڭ مارسېلدىكى گېستاپو مەركىزى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. بوۋىسىنىڭ ئاكىسى قانداق قىلىپ نانتىستلارنىڭ تېلىگىرامما ماشىنىسىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت ئالالىغان؟ بوۋىسى نېمە ئۈچۈن گېستاپودىن شەخسىي ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالالىغان؟ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ناتسىتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زادى قانچىلىك قويۇق؟

ئاندرېئاس ھۆججەتلەر ئارسىدىن يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر دوستىدىن كەلگەن خەتنى بايقايدۇ. خەتتە بوۋىسىنىڭ ئاكىسى فىرانسىيەدىن چېكىنىش ۋەزىپىسىدە مىناغا دەسسەپ ئۆلگەنلىك خەۋىرى يېزىلغان ئىدى. پارتىلاشتا ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ماتېرىيالى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان. ئاندرېئاس يەنە بوۋىسىنىڭ مومىسىغا يازغان بىر پارچە خېتىنى بايقاپ قالىدۇ، بۇ خەت ئۇرۇشتىن كېيىنكى گىرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەھبۇسلار لاگىرىدىن ئەۋەتىلگەن ئىدى. بوۋىسى نېمە جىنايەت تۈپەيلى تۈرمىگە سولانغاندۇ؟

ئاندرېئاس تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بوۋىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ، سوتنىڭ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت تېپىلمايدۇ. بوۋىسىنىڭ ئۆتمۈشىگە ئائىت بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئاندرېئاس بوۋا-مومىسى ئۇرۇشتىن كېيىن تۇرغان ئورۇننىڭ ئارخىپ ئامبىرى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. نەتىجىدە نېپىزلا بىر ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

1927 – يىلى ئاندرېئاسنىڭ بوۋىسى ياش ۋاقتىدا يەھۇدىلارنىڭ دېرىزىلىرىگە تاش ئېتش، ئۆيىگە ئوت قويۇپ يەھۇدىلارنى يوقىتىش مەقستىدە قۇرۇلغان ناتسىتلارنىڭ تۇنجى ھەربىي ئەترىتى بولغان SA غا قاتنىشىدۇ. بۇ ئەترەت ھاسىل قىلغان ۋەھىمە ۋە زوراۋانلىق ئەينى ۋاقىتتا گېتلىرنىڭ كۈچىيىشىگە ئۇل سالغان ئىكەن. ئاندرېئاسنىڭ بوۋىسى 1930 – يىلى چىلىغا بېرىش ئۈچۈن SA دىن چېكىنىدۇ ۋە گىرمانىيەگە قايتىپ كەلگەن بىر نەچچە ئايدا SAگە قايتا كىرىپ، ئەترەت باشلىقى ۋە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. نەتىجىدە  1933 – يىلى ئۇنىڭ فىرانكفورتتىكى مالىيە باشقۇرۇش خىزمىتى تېز راۋاجلىنىپ يېزا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرلىدۇ.

«مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىپ كەلدىم. ئۇنىڭ قېنى مېنىڭ تومۇرۇمدا ئېقىپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ھېسابلىنىمەن» دەيدۇ ئاندرېئاس.

ئۇ ئۆز نەسەبىنى پاك ئەمەس دەپ قارايتتى.

ئۆتمۈش ھېلىھەممۇ قايتىلىنىۋاتىدۇ. ئاندرېئاس بوۋىسىنىڭ ئۆتمۈشىدىن خەۋەر تاپقىنىدا، ئوڭ قانات ھەرىكەتدارلىرى ئىقتىسادتا ۋەيران بولغان شەرقىي گىرمانىيەدە كۈچلىنىۋاتقان ئىدى.

«مەن كەنىتىمىزدە كۆچمەنلەرنىڭ كەينىدىن ھەيۋە قىلىپ يۈگرىگەن كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى كۆردۈم. ھەم بوۋامنىڭمۇ ئۆتمۈشتە ئوخشاش قەبىھ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم» دېدى ئاندرېئاس.

ئاندرېئاس ئوتتور ئىسمىنى «ھېرمان»دىن «خېلىس»قا ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ ئىسىم «دۇنيانى 80 كۈندە ئايلىنىش» ناملىق كىتابتىكى پېرسوناژنىڭ ئىسمى ئىدى. بۇ كىتاب كىچىكىدىنلا ئاندرېئاسنىڭ دۇنياغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغان ئىدى. ئەلۋەتتە ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بوۋىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. ئاندرېئاس «شۇنداق، مەن ھېرماننىڭ نەۋرىسى. لېكىن ئۇنىڭ نامىنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىش زۆرۈريىتىم يوق» دېگەن ئىدى.

ئاندرېئاس ئۆتمۈشنىڭ يۈكىدىن، يەنە تومۇرىدا ئېقىۋاتقان جىنايەتچىنىڭ قېنىدىن، شۇنداقلا بوۋىسىنىڭ باشقىلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكى، ئادالەتسىزلىكىدىن ئالغان پايدىسى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكىدەك ھەقىقەتنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. ناھايىتى ئەپسۇس  بۇ بارلىق گىرمانىيەلىكلەرگە ئورتاق گۇناھكارلىق ھېسياتى ئىدى. ئەگەر سىز گىرمان، ياكى خۇتۇ، ياكى ئېرقىي ئايرىمىچىلىق، قىرغىنچىلىق ۋە ياكى باشقا سېستىمىلىق زوراۋانلىق، ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋلادى بولسىڭىز، سىزگە شۇنى دەيمەنكى: زىممىڭىزدىكىسى سىزنىڭ يۈكىڭىز ئەمەس، ئەيىبنى جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ قىلمىشىڭىز ئەمەس.

«سىز قاچانغىچە ئۆتمۈشنىڭ يۈكىنى يۈدۈپ يۈرىسىز؟ سىزنىڭ كەلگۈسىدىكىلەرگە قالدۇرماقچى بولغانلىرىڭىز نېمە؟» دەپ سورىدىم ئاندرېئاستىن. «يەنە ئۆتمۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشاشنى خالامسىز؟ ياكى ئۆزىڭىز ۋە سۆيگەن كىشىلىرىڭىزنى بۇ كىشەندىن ئازات قىلىشنى ئىستەمسىز؟»

*   *   *

ياۋروپاغا ساياھەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆز قىزىمنىڭمۇ ئوخشاش مەسىلە ھەققىدە قانچىلىك ئىزتىراپ تارتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي كەلگەن ئىدىم. ئىككىلىمىز ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ئۆتمۈشۈم ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيتتۇق. قىزىم چوڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تۇنجى مەلۇماتقا يەكشەنبىلىك مەكتەپتە ئېرىشكەن ۋە قايتىپ كېلىپ بۇنى بېللادىن سورىغان ئىدى. بېللا ئۇنىڭغا جاۋابەن مېنىڭ ئاۋسىۋېتىسقا سولانغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدى. ئاۋدۇرىي شۇندىلا ئۇزۇندىن بۇيانقى سۈكۈتنىڭ تېگىدىكى ئازابنى ھېس قىلغاندەك بولدى. مەيلى ئۇ بىلىشنى خالىسۇن خالىمىسۇن، بىز ئۇنىڭغا ئۆتمۈشنى بىلىش ئىمكانىيىتى بەرمىگەن ئىدۇق.

ھەقىقەت ئاشكارلىنىپ ئۆتمۈشۈم ھەققىدە سۆزلەشنى باشلىغىنىمدا، ئاۋدۇرى ئۆتمۈشۈم ھەققىدە پەيدا بولغان ھېس-تۇيغۇلىرىغا قانداق يۈزلىنشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى. ئۇ مەن ۋە بېللانىڭ ئازابلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇنىڭ گېنىغا يۆتكىلىدىغانلىقى، ۋە ئۆزىنىڭ ئۇ ئاسارەتلەرنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ قويىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ئاۋدۇرى خېلى يىللارغىچە چوڭ قىرغىنچىلىققا ئائىت كىتاب، فىلىم، موزىي ۋە پائالىيەتلەردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان ئىدى.

بىز ئازابلىق ئەسلىمىلەرگە ۋارىسلىق قىلغىنىمىزدا كۆپىنچە مۇنداق ئىككى خىل ئىنكاستا بولىمىز، يەنى بىز ئۇنى ئېتىراپ قىلمايمىز، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىمىز، قاچىمىز ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىمىز. ئاۋدۇرى بىلەن ئاندىرېئاس ئوخشاش تىراگىدىيەنىڭ قارمۇقارشى ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرىۋاتاتتى، يەنى رەھىمسىز ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ، ئۇنى قانداق ھەزىم قىلىپ ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى ئىزدەۋاتاتتى.

*   *   *

مەن سۈكۈت ئارقىلىق بالىلىرىمنى ئازابىمنىڭ تەسىرىدىن قوغداش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆتمۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقان يەنە بىر چوڭ تەسىرىنى ئويلاشمىغان ئىدىم. 1980- يىلىنىڭ باشلىرىدا، قوڭۇر مايكا ۋە ئۆتۈك كىيىۋالغان 14 ياشلىق بىر بالا، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىسخىكىلىق داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدىمغا كەلگەن ئىدى. ئۇ كۆرەڭلىگىنىچە بارلىق يەھۇدى، نېگىر، مېكسىكىلىق ۋە ئاسىيالىىقلارنى ئۆلتۈرۈپ ئامېركىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە ۋارقىراشقا باشلىدى. مېنىڭ غەزىپىم قوزغىلىپ، ئۇنى مۈرىسىدىن سىلكىشلەپ تۇرۇپ:« مېنىڭ ئالدىمدا بۇنداق دېيىشكە قانداق پېتىندىڭ؟ مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مېنىڭ ئاپام زەھەرلىك گاز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەن!» دېگۈم كەلدى. دەل شۇنداق قىلماقچى بولغىنىمدا ئىچىمدىن «ئۆزۈڭدىكى مۇتەسسىپلىكنى تاپ» دېگەن ئاۋاز كەلدى.

بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، مەن ھەرگىزمۇ مۇتەسسىپ ئادەم ئەمەس، دەپ ئويلىدىم. مەن چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغۇچى، شۇنداقلا بىر كۆچمەن. ئاتا-ئانام ئىنسانلار ئارسىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ قۇربانى بولغان. مەن بالتىموردىكى زاۋۇتتا قارا تەنلىك خىزمەتداشلىرىمنى قوللاش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىپ قويۇلغان ھاجەتخانىنى ئىشلەتكەن. مەن يەنە دوكتۇر مارتىن لۇتىر كىڭ بىلەن تەڭ كىشىلىك ھوقوق ھەققىدە يۈرۈشكە ئاتلانغان. مەن ھەرگىزمۇ مۇتەسسىپ ئەمەس!

مۇتەسسىپلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن باشلىشىڭىز لازىم. بۇ دېگەنلىك ئۆزىڭىزدىكى يەكنەزەرلىكلەردىن، بىر تەرەپلىمە ھۆكۈملەردىن ۋاز كېچىپ، رەھىمدىللىقنى تاللاشتىن دېرەك بېرىدۇ.

مەن چوڭقۇر نەپەس ئالدىمدە، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سەمىمىيلىك بىلەن «ماڭا بۇ ھەقتە كۆپرەك سۆزلەپ بېرىڭ» دېدىم.

بۇنداق قىلىشىم ئۇنىڭ ئىدىئولوگىيەسى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن ئىدى. مانا شۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىش ئۇنى تەنھا بالىلىقى، ئاتا – ئانا مېھرىدىن مەھرۇم ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە سەل قارىلىشقا تولغان ئۆتمۈشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاشقۇن بىر گۇرۇپپىغا قېتىلىپ قېلىشىغا تۇغما نەپرەت سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. ئۇ ھەمىمىز ئىنتىلىدىغان قوبۇل قىلىنىش، دىققەت ۋە مۇھەببەتكە تەشنا ئىدى.ئەلۋەتتە، بۇ باھانە بولالمايدۇ. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان بولسام، يۈرىكىگە يىلتىز تارتقان ئېتىبارغا ئېلىنماسلىق ئۇرۇقىنى بىخلەندۈرىۋەتكەن بولاتتىم. مەندە ئۇنى ئۆزۈمدىن يىراقلاشتۇرۇش ياكى تەۋەلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللاش بار ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇ يەنىلا يەكنەزەرلىك، جىنايەت ۋە زوراۋانلىقتەك كونا سەنىمىگە دەسسەۋاتامدۇ، ياكى يۈرەك يارىسىنى ساقايتىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالدىمۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. لېكىن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ مەندەك بىرسىنى ئۆلتۈرۋېتىش نىيىتى بىلەن ئىشخانەمگە كىرىپ،كەيپىياتى ياخشىلانغان ھالەتتە قايتىپ كەتكىنىنىلا بىلىمەن خالاس.

ھەتتا ناتسىستمۇ تەڭرىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ياش بالا ماڭا قارغۇلارچە ھۆكۈمنىڭ ئورنىغا ھەمىشە ھېسداشلىق قىلىشتەك تاللىشىمنىڭ بارلىقىنى ئۆگەتكەن مۇئەللىم ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ماڭا ھەمىمىزگە ئورتاق ئىنسانلىق ۋە مۇھەببەتكە بولغان تەلپىنىشنى ئەسكەرتىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا فاشىسىزىم قايتا ئەۋىج ئالماقتا. چەۋرىلىرىم يەنىلا ئېرقىي كەمسىتىش سۆزلىرى بىلەن چاقىرىلىپ، تەپ تارتماي مەكتەپكە قورال كۆتۈرۈپ ئاپىرىدىغان،  يەكنەزەرلىك ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان دۇنيادا ياشىماقتا. دۆلەت چېگرالىرىدا تام ياسىلىپ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا رەھىمدىللىق قىلىش رەت قىلىنماقتا. بۇ خىل ۋەھىمە ۋە ئىلاجىزسىزلىق ئىچىدە، زىدىيەتنى تېرىغۇچىلارغا نەپرەتلىنىش ئاسانغا توختايدۇ. ئەمما مېنىڭ يەنىلا شۇ كىشىلەرگە،  زاكىسىدىلا كاللىسىغا نەپرەت ئۇرۇقى كۆمۈپ قويۇلغان كىشىلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ.

مەن يەنە ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقتىم. ئەگەر مەن ۋېنگىرىيەلىك يەھۇدى بولماي، گىرمان بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان بولسامچۇ؟ ئەگەر ئۆز كۆزۈم بىلەن گېتلىرنىڭ «بۈگۈن بىز گىرمانىيەنى ئېگەللىگەن بولساق، ئەتە پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمران بولىمىز» دېگىنىنى كۆرگەن بولسامچۇ؟ ئۇنداق شارائىتتا مەنمۇ تەبئىيلا گېتلىرنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان بولاتتىم.

گەرچە بىز ناتسستلارنىڭ ئەۋلادى بولمىساقمۇ، قەلبىمىزدە ناتسىستلىق مەۋجۇد.

مەيلى ئۇ قەلبىڭىزدىكى گەندى ياكى ناتسىسلىق بولسۇن،  تۇغما مۇھەببەت ياكى كېيىن سىڭدۈرۈلگەن نەپرەت بولسۇن، ئەركىنلىك دېمەك تاللاش ھوقۇقى بولۇش دېمەكتۇر.

قەلبىڭىزدىكى ناتسىستلىق سىزنى كىشىلەرگە باھا بېرىشكە، رەھىمسىزلىككە يېتەكلەيدۇ. ھەقىقىي ئەركىن بولۇش مۇمكىنچىلىقىڭىزنى تارتىۋالىدۇ، ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەن ھېلىھەم قەلبىمدىكى ناتسىستلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمەن.

ئالدىنقى كۈنى مەن بىر ئالىي دەرىجىلىك يېزا كۇلۇبىدا چۈشلۈك تاماق يىدىم، بۇ يەرگە كىرگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى مىليونېرلاردەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ، مەن نېمە ئۈچۈن بىر توپ باربى قونچاققا ئوخشايدىغان كىشىلەر بىلەن بىر چۈشتىن كېييىن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىمەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. ۋە تېزلا ئۆزۈمنى باشقىلارغا ئورۇنسىز باھا بېرىشتىن توستۇم، چۈنكى مەن يەنە كىشىلەرنى بىز ۋە باشقىلار دەپ تۈرگە ئايرىيدىغان، ئاتا-ئانامنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان تەپەككۈر ئەندىزىسىنى قايتىلاۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلغان ئىدىم. يەكنەزەرلىكىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىنىمدا، ئۇ ئاياللارنىڭ قىينچىلىق ۋە ئازابلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن چوڭقۇر پىكىر قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

يەنە بىر كۈنى ئاخشىمى ماڭا ئوخشاش قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچى قاتناشقان يەھۇدىيلار يىغىلىشىدا سۆز قىلدىم. سۆزۈمدىن كېينكى سوئال سوراش باسقۇچىدا ئۇ تەقدىرداش مەندىن «نېمە ئۈچۈن ئاۋسىۋېتىستا ئۇنچە رايىشلىق قىلىسىز؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىق قىلمايسىز؟» دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سورىدى. مەن قارشىلىق قىلسام ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇش خەۋىپىمنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم. ئۇ ۋاقتىدىكى قارشىلىق مېنى ئازات قىلالىشى ناتايىن ئىدى، ئەكسىچە ھاياتىم شۇ يەردە ئاياغلاشقان بولاتتى بەلكىم. مەن دەرھاللا ئۇ كىشىنىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرى تۈپەيلى ئۆتمۈشتىكى تاللىشىمنى يوللۇق كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. لېكىن مېنىڭ ھازىرغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تاللىشىم نېمە؟ بەلكىم بۇ دەقىقە مېنىڭ بۇ ئادەمگە رەھىمدىللىق يەتكۈزۈش پۇرستىم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن «سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆز تەجىربىلىرىڭىزنى بىز بىلەن ھەمبەھىرلەشكىنىڭىزگە رەھمەت» دېدىم.

*   *   *

بىز باھا بېرىشنىڭ تۈرمىسىگە بەنت بولغىنىمىزدا ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىمىز.

مەن ئالېكىس بىلەن ئۇچىراشقان ۋاقتىمدا ئۇ ئۆزىگە كۆيۈنۈش سەپىرىگە ئاتلانغان ئىدى. ئۇ ماڭا بېلىكىدىكى چەكمىنى كۆرسەتتى. بېلىكىدىكى «غەزەپ» سۆزىنىڭ تېگىگە «مۇھەببەت» دەپ چېكىلگەن ئىدى.

«مەن چوڭ بولغان ئائىلىدە، دادام غەزەپكە، ئاپام مۇھەببەتكە سىمۋۇل ئىدى» دەيدۇ ئالېكىس.

ئالېكىسنىڭ دادىسى ساقچى بولۇپ، ئۇ ئالېكىس ۋە ئاكىسى ئىككىسىنى ھەمىشە چىرايىڭنى ئۆزگەرتمە، ماڭا يۈك بولما، ھېسياتىڭنى ئىپادىلىمە، ھېچنىمە بولمىغاندەك تۇر، خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈڭگە بولمايدۇ، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەربىيىلىگەن ئىدى. دادىسى دائىم قىلىپ بولالمىغان خىزمىتىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەتتى. دادىسى ئاچچىقلىنىشقا باشلىغاندا  ئۇ ھۇجرىسىغا قېچىپ كىرىۋالاتتى.

«مەن دادامنىڭ ئاچچىقلىنىشىغا ئۆزۈمنى سەۋەبچى دەپ قارايتتىم. ئۇنىڭ نېمىگە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ھېچكىممۇ ماڭا <بۇنىڭغا سەن سەۋەبچى ئەمەس، سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس> دەپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۆزۈمنى دادامنىڭ غەزىپىگە سەۋەبچى، مەندە چوقۇم بىر مەسىلە بار دەپ چوڭ بولغان ئىدىم» دېدى ئالېكىس.

بۇ خىل ئۆزىگە باھا بېرىش ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەش ئالېكىسقا شۇنچىلىك سىڭىپ كەتكەنكى، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ دۇكانچىدىن ئېگىز جايدىكى مەھسۇلاتنى ئېلىپ بېرىشنى سوراشتىنمۇ قورقاتتى.

«باشقىلار چوقۇم مېنى ئەخمەق دەپ قالىدۇ دەپ ئويلايتتىم» دەيدۇ ئالېكىس.

ھاراق ئالېكىسنى چەكلىمە، ئەندىشە ۋە ۋەھىمىدىن ۋاقىتلىق ئازاد قىلىدۇ. لېكىن نەتىجىدە ئۇ ھاراق تاشلاش ئورنىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.

مەن ئالېكىس بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇنىڭ ھاراقنى تاشلىغىنىغا 13 يىل بولغان بولۇپ، يېقىندا 20 يىللىق جىددى قۇتقۇزغۇچى خىزمىتىدىن ئايرىلغان ئىدى. چۈنكى بۇ خىزمىتىدە مىيىپ قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش تەسكە توختىغان ئىدى. ئەمدى «ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىش» ئۇنىڭ يېڭى تۇرمۇش نىشانىغا ئايلانغان ئىدى.

لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغاندا بۇ نىشانغا يېتىش تەسكە توختايتتى. ئاپىسى يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئىللىق مۇئامىلە، بېخەتەرلىك تۇيغۇسى، رەھىمدىللىك ۋە مۇھەببەت بىلەن ئائىلىنىڭ تىنىچلىقىنى ساقلاپ، بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ، بىر ۋاق تاماقنىمۇ بايرامدەك تەبرىكلەشكە تىرىشاتتى. لېكىن دادىسى يەنىلا سۈكۈت ۋە غەزەپكە بەنت ئىدى. ئالېكىس ھەمىشە دادىسىنىڭ ئىش-ھەركىتىنى كۆزىتىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ غەزىپىدىن قوغدىماقچى بولاتتى.

يېقىندا بىر قېتىم ئالېكىس ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە دالا سەيلىسىگە چىقىپ، دادىسىنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھاسىغا دىققەت قىلىپ قالىدۇ.

«بىزگە يېقىن جايغا چىدىر تىكىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىدە دادام <مەن ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان ئەخمەقلەرنى كۈزىتىشكە ئامراق> دېدى. مەن مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئىدىم. دادام ھەمىشە باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا زەن سېلىپ ئۇلارنى زاڭلىق قىلاتتى. شۇڭا مېنىڭمۇ باشقىلار مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراشقا كېلىپ قېلىشىم ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. مەن ھەمىشە دادامغا دىققەت قىلىپ، ئۇنى  ئاچچىقلىنىشتىن توسۇشقا تىرىشاتتىم. مەن ئۆمرۈم بويى ئۇنىڭدىن قورقۇپ كەلدىم» دەيدۇ ئالېكىس.

«سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەم سىزگە ئەڭ ياخشى ساۋاق بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىكى نېمە سىزنى يىرگەندۈرىدۇ، بۇ سوئالنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ. تا ھازىرغىچە قانچىلىك ۋاقىتنى ئۆزىڭىزگە باھا بېرىش ۋە ئۆزىڭىزنى قورقىتىشقا سەرىپ قىلىۋاتىسىز؟» دەپ سورىدىم ئالېكىستىن.

ئالېكىس ماڭا قورقۇشى تۈپەيلى ئىسپان تىلى دەرىسىگە تىزىملاتمىغانلىقى، چېنىقىش زالىغا بېرىشنى خالىمىغانلىقىدەك ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

بىز ھەممىمىز زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار. ئىشلارنىڭ ئەسلى مەبنەسىنى، سەۋەبىنى ئىزدەشكە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلماقچىسىز؟ ئەڭ ياخشىسى ئىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ.

بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئالېكىس ماڭا ئۆزىنىڭ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئىسپان تىلى دەرىسى ۋە چېنىقىش زالىغا تىزىملاتقانلىقىنى ئېيتتى. «ئۇ يەردىكى كىشىلەر مېنى قىزغىن كۈتىۋالدى. ئۇلار ھەتتا مېنى ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كوماندىسىغا تەكلىپ قىلدى» دېدى ئالېكىس.

قەلبىمىزدىكى ناتسىستلىقتىن ۋاز كەچكىنىمىزدە، بىزنى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن توسۇپ تۇرىۋاتقان كۈچلەردىن غالىپ كېلىمىز.

مەن بۇنى ئاۋسىۋېتىستىن ئۆگەنگەن ئىدىم. ئەگەر مەن ئەسكەرلەرگە قارشى چىقسام ئۇلار مېنى ئېتىۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر قاچماقچى بولسام، تىكەنلىك سىمغا ئىلىشىپ توك سوقۇپ ئۆلگەن بولاتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن غەزىپىمنى ئىچ ئاغرىتىشقا ئۆزگەرتتىم. مەن مېڭىسى يۇيۇلغان ئەسكەرلەرگە ئىچ ئاغرىتتىم. ئۇلاردا ھەققانىيەت تۇيغۇسى قالمىغان ئىدى. ئۇلار ئاۋسىۋېتىستا سەبىي بالىلارنى زەھەرلىك گاز ئۆيلىرىگە سولاپ، دۇنيانى قۇتقۇزدۇق دەپ ئويلايتتى. ئۇلار ئەركىنلىكىنى يوقاتقان بىلەن، مەن تېخى ئازات ئىدىم.

*   *   *

لوزاننى زىيارەت قىلىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ئاۋدۇرى خەلقئارالىق تەرەقىقىيات باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىغا قايتىپ ئاندرېئاس بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەھبەرلەر پروگراممىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«بىز ئوخشاش بىر تارىخنىڭ قارمۇ-قارشى ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ چوڭ بولدۇق» دەيدۇ ئاندرېئاس. مانا ھازىر ئىككىسى ھەمكارلىشىپ بۈگۈنكى سودا رەھبەرلىرىنىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلىشىغا، ئۆتمۈشكە توغرا يۈزلىنىشىگە ۋە پارلاق كەلگۈسىگە قەدەم ئېلىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەن 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ياۋروپالىقلار بولۇپ، ئۇلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەرنىڭ كەلگەنلىكىگە قىزىققاتتى. ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق زوراۋانلىقتىن ۋەيران بولغان جايلاردىن كەلگۈچىلەر بولسا، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرگە قانداق يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقىيىشقا يول ئىزدەۋاتاتتى. بۇ ئاۋسىۋېتىستىن ئامان قالغۇچىنىڭ قىزى ۋە بىر فاشسستنىڭ نەۋرىسى ئورۇنلاشتۇرغان سۆھبەت يىغىنى بۇلۇپ، ئاسارەتتىن ساقىيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە چارىسى ھەققىدىكى گۈزەل  مىسال بولالايدۇ. بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ساقىيىمىز. ساقايغاندىن كېيىنكى ئۆزگۈرۈشلىرىمىز ۋە قالدۇرالايدىغان يېڭى مىراسلىرىمىز ئۈچۈن ساقىيىمىز.

«مەن ئىلگىرى قاباھەتكە سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان ئىدىم، چۈنكى مەن ئازابلىنىشتىن قورقاتتىم» دەيدۇ ئاۋدۇرى. ئۇ ئۆتمۈشتىن قاچقانسېرى ئۆزىنىڭ قايغۇ-ھەسرەتكە پېتىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. «ھازىر بولسا ئۆتمۈشكە قىزىقىشنى ۋە ئوخشاش يارىسى بار كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى تاللىدىم» دەيدۇ.

ئاندرېئاسمۇ ئاۋدۇرىنىڭ بۇ پىكرىگە قوشۇلىدۇ.

«مەن ئاخىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشنى بىلىشكە شۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلغانلىقىمنى چۈشەندىم. مېنىڭچە ئەجدادلىرىم ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنى ھېس قىلغىنىمدا ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىم ئاسانغا توختىدى. ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى قىلمىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىگەندىن، ھازىرقى دۇنيا تىنىچلىقىغا قانداق تۆھپە قوشالايدىغانلىقىمغا زېھنىمنى بېرىشنى ئەۋزەل كۆردۈم» دەيدۇ ئاندرېئاس.

بىز مۇھەببەت بىلەن تۇغۇلىمىز. نەپرەتنى چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۆزلەشتۈرىمىز. مۇھەببەت ۋە نەپرەتنىڭ قايسىسىنى تاللاش بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدا.

سىزنى باھا بېرىشنىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىدىغان ئاچقۇچلار:

  • ھاياتىمىزدىكى ئەڭ زەھەرلىك، يىرگىنىچلىك كىشىلەرمۇ بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستازىمىز بولالايدۇ. كېلەر قېتىم غەزىپىڭىزنى قوزغايدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزگە «ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئاددى ئىنسان» دەڭ، ھەم ئۆزىڭىزدىن «سەن ماڭا نېمە ساۋاق بەرمەكچى؟» دەپ سوراڭ.
  • مۇھەببەت تۇغما بولىدۇ، نەپرەت بولسا كېيىن ئۆزلەشتۈرىلىدۇ. چوڭ بولۇش جەريانىڭىزدا سىز ئاڭلىغان كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىشتا ئىشلەنگەن بىز ياكى ئۇلار، ئېسىل ياكى پەس، توغرا ياكى خاتا دېگەندەك سۆزلەرنى خاتىرلەپ چىقىڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئۆزىڭىزمۇ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرگە بەلگە قويۇڭ. باشقىلارغا داۋاملىق باھا بېرەمدىكەنسىز دىققەت قىلىپ بېقىڭ. بۇ خىل باھا بېرىش كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ باھا بېرىش سىزنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش تاللىشڭىز ۋە قابىلىيىتىڭىزنى چۈشەكەپ قويىۋاتامدۇ يوق؟
  • سىزدىن كېينكىلەرگە نېمىنى مىراس قالدۇرۇپ قويماقچىسىز؟ بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىلمىشلىرى ۋەياكى ئۇلارغا قىلىنغان ئىشلارنى ئەمدى ئۆزگەرتەلمەيمىز. لېكىن كېيىنكىلەرگە نېمىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇشنى بەلگىلىيەلەيمىز. مەنىلىك ئۆتتى دەپ ئويلىغان بىر ئۆمۈرنى تەسەۋۇر قىلىڭ. بۇنىڭغا ئەجدادلىرىڭىزدىن ئۆرنەك ئېلىش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشلارنىمۇ قېتىڭ. كېيىنكىلەر مەنپەئەتلىنەلەيدىغان مىراسنى قالدۇرۇڭ.

Chapter 10 THE NAZI IN YOU

The Prison of Judgment

 When Audrey and I were in Lausanne, Switzerland, last year, I gave a keynote address to an inspiring group of global executives and leadership coaches at the International Institute of Management Development, one of Europe’s top business schools. At the dinner after my address the guests stunned me with their heartfelt toasts of thanks and appreciation. One man in particular struck me. He was tall, with wavy hair beginning to gray, his thin face dominated by sad, intellectual eyes. He said that my words about forgiveness, in particular, had felt like a gift. Then he began to cry. Tears streaming down his face, he said, “I have a story, too. It is so hard to tell it.”

Audrey caught my eye. Something passed between us, a silent recognition of trauma’s collateral damage, the pain that’s passed on when a secret is kept. When the formal meal concluded, she excused herself and threaded her way through the crowded room to the man’s table. When she returned, she said, “His name is Andreas and you definitely need to hear his story.”

Our schedule was packed, but Audrey arranged for me to have a private lunch with Andreas the next day, before we flew home. In a quiet, thoughtful way, he laid out the pieces of his personal history, jigsaw moments of realization that he had put together over time.

In the first puzzle piece, he’s nine years old and stands with his father at an exhibition in a small village outside Frankfurt. “Son, this is a list of all the mayors of this town,” his father intones, pointing with a heavy finger to one name: Hermann Neumann. Hermann is Andreas’s middle name. His father’s finger taps the name, his tone a peculiar mix of sorrow, anger, longing, and pride as he says, “This is your grandfather.”

Andreas’s grandfather died a decade before he was born. He had no personal frame of reference, no idea what sort of man he’d been, what it felt like to sit on his knee or hear him tell a story. No one spoke of his grandfather. Instead there was a weighty silence in the place where the family patriarch should have been. Andreas sensed that his absent grandfather had something to do with the darkness that sometimes crept into his father’s and uncles’ eyes. He was too young to understand that there was only one way that someone would have been given a formal administrative post in Germany during the years 1933 to 1945.

It was another nine years before the next puzzle piece crystallized. Andreas had just returned to Germany after a year as an exchange student in Chile. His uncle, after years of struggling with alcoholism, had just passed away, and Andreas went to his apartment to clear out the basement storage space. He stood in the dim room, letting his eyes adjust, surveying the shelves packed with books and belongings, trying to predict how long it would take to empty them, when he saw it. An old wooden suitcase pasted with a sticker that was oddly familiar. He stepped closer, and realized it was a customs sticker from Arica, Chile, stamped with the year 1931. The leather tag on the suitcase bore his grandfather’s name. Why had no one in the family mentioned, when he left for Chile, that his grandfather had also traveled there? And why did finding the suitcase make him feel so unsettled?

He asked his parents about it. His father shrugged and left the room. His mother spoke in vague terms. “I think he was involved in something or other,” she said, “and left for a few months.” The early thirties had been a time of dire economic crisis in Germany. Maybe his grandfather had sought opportunity elsewhere, as other young Germans did during those lean years. Andreas convinced himself this was true, and did his best to ignore the nagging feeling that there was more to the story.

A few years later, he asked his father’s other brother for permission to go through old family documents and memorabilia stored in the back of his house. Instinct told him that he might find in his grandfather’s past something that could explain the trench of unrest that linked the generations of his family—his father’s and uncles’ struggles with alcohol, their shrouded, closed-off manner that Andreas sensed had something to do with shame.

He read and sorted for days, and little by little, more pieces emerged. His grandfather’s old passport, stamped by immigration in Chile, showing his arrival in 1930 and departure in 1931. A telegram sent to his grandfather in 1942 at his job in Frankfurt where he worked as an office clerk for one of the big industrial conglomerates. Have you removed all the bicycles and belongings from the house in Frankfurt? the telegram read, signed by his grandfather’s brother. A peculiar message.

Then Andreas read the return address. His great-uncle had sent the message to his grandfather from the Gestapo headquarters in Marseille. How had his great-uncle been allowed to access a Nazi Telex machine? Why had his grandfather received a personal message from a Gestapo office? How deep did his family’s Nazi connection go?

He kept digging through documents and found a letter from a family friend, notifying them that his great-uncle had died during the war on a withdrawal mission in France when his car went over a mine. No personal effects or ID tags had been recovered from the explosion. He also discovered letters from his grandfather to his grandmother, written from a prisoner-of-war camp in southern Germany after the war. What alleged or actual offenses had put his grandfather in prison?

He searched for years for more information, but hit only dead ends. Despite his grandfather’s imprisonment, there didn’t appear to be any evidence of a trial or an investigation into his grandfather’s criminal acts. In a last-ditch effort to fill in the blanks in his family’s past, Andreas contacted archives of the home state where his grandparents had lived after the war. At last, he was handed a slim file. There were only a few sheets of paper inside, including a typed chronology that filled just half the page.

In 1927, when he was twenty years old, his grandfather had joined the SA—the Sturmabteilung, the first Nazi Party paramilitary group established to persecute Jews by throwing stones through windows and setting fire to city blocks, creating a climate of fear and violence and contributing to Hitler’s rise to power. He left the SA in 1930 —the year he’d gone to Chile—only to return to Germany a few months later, rejoin the SA, and rise in the ranks to become a squad leader and a member of the Nazi Party. These decisions in 1933 facilitated his job at the finance administration office in Frankfurt, and his mayorship in the village where Andreas’s father had pointed to his name—Hermann Neumann—the four syllables that denoted the dark legacy he’d inherited.

“I share his name,” Andreas said. “My cells stem from his cells. In a foundational way, I’m a result—a product—of what happened.”

His very identity felt contaminated.

And history seemed to be repeating. At the same time that he learned the truth about his grandfather, the right-wing movement was gaining energy in an economically devastated eastern Germany.

“I saw pictures of people running after immigrants in Chemnitz,” he said, “and I knew my grandfather had done the same.”

He officially changed his middle name from Hermann to Phileas, after the character Phileas Fogg in Jules Verne’s Around the World in Eighty Days, a book that sparked Andreas’s curiosity about the world during his childhood days. The name change was an act to distance himself from his grandfather, to sever the personal connection to his grandfather’s wrongs, to say, “Yes, I am Hermann’s grandson, and I don’t need to carry his first name.”

Andreas said he is still trying to release the burden of the past—the relentless shame that he carries the blood of a perpetrator, that his very life came into being as a result of the benefits his grandfather garnered from hurting others, from injustice. It’s a collective guilt that many German people unfortunately carry. If you are German, or Hutu, or a descendant of those who enforced apartheid or genocide or another instance of systemic violence and injustice, I am telling you: it wasn’t you. Assign the blame to the perpetrators, and then decide.

“How long are you going to keep picking this up and carrying it around?” I asked Andreas. “What’s the legacy you want to pass on?”

Do you want to stay beholden to the past? Or can you find a way to release your loved ones—and yourself?

*  *  *

Until our trip to Europe, I had no idea how much my own daughter was struggling with this question.

Neither Audrey nor I remember ever speaking of my past during her childhood. She learned about the Holocaust at Sunday school and asked Béla about it. He told her I’d been in Auschwitz. Something clicked into place. She’d sensed the presence of things we weren’t talking about; she knew there was pain. Yet because she didn’t know to ask—or at some level didn’t want to know—the truth had remained hidden.

Now it was in full view. When I began to talk more openly and publicly about my past, Audrey didn’t know what to do with the feelings my history elicited in her. She wondered how my suffering, and Béla’s, too, might have transferred to her DNA, and worried she would pass the burden of trauma on to her own children. For years, she avoided books, films, museums, and events that dealt with the Holocaust.

When we carry a difficult legacy, we often react in one of two ways: we resist it or detach from it; we fight it or run away. Though from opposite sides of the same tragedy, Andreas and Audrey were walking the same path: reckoning with a brutal truth, and figuring out how to hold it and carry it forward.

*  *  *

Other than staying silent in an effort to protect my children from my pain, I hadn’t considered the broader impact of legacy until the early 1980s, when a fourteen-year- old boy came to his court-appointed therapy session wearing a brown shirt and brown boots, leaned his elbow on the table, and started ranting about how to make America white again, about how to kill all the Jews, niggers, Mexicans, and chinks. Fury swept through me. I wanted so badly to shake him, to say, “How dare you talk like that? Do you know who I am? My mother died in a gas chamber!” Just when I thought I might reach out my hands and throttle him, I heard a voice within say, “Find the bigot in you.”

Impossible, I thought. I’m not a bigot. I’m a Holocaust survivor and an immigrant. I lost my parents to hate. I used the “colored” bathroom at the factory in Baltimore in solidarity with my African American coworkers. I marched for civil rights with Dr. Martin Luther King Jr. I’m not a bigot!

But to stop bigotry means you start with yourself. You let go of judgment and choose compassion.

I took a deep breath, leaned in, gazed at him with as much kindness as I could muster, and said, “Tell me more.”

It was a tiny gesture of acceptance—not of his ideology, but of his personhood. And it was enough for him to speak a little of his lonely childhood, absentee parents, and severe neglect. Hearing his story reminded me that he hadn’t joined an extremist group because he was born with hate. He was seeking what we all want: acceptance, attention, affection. It’s not an excuse. But attacking him would only nourish the seeds of worthlessness his upbringing had sown. I had the choice to alienate him further, or give him another version of refuge and belonging.

I never saw him again. I don’t know if he continued on the path of prejudice, crime, and violence, or if he was able to heal and turn his life around. I do know that he walked in ready to kill someone like me, and he left in a softer mood.

Even a Nazi can be a messenger of God. This boy was my teacher, guiding me to the choice I always have to replace judgment with compassion—to recognize our shared humanity and practice love.

All over the world, a resurgence of fascism looms. My great-grandsons stand to inherit a world still gripped by prejudice and hate, where children yell racial epithets on the playground and carry guns to school, where nations build walls to deny asylum to fellow humans. In this state of fear and vulnerability, it’s tempting to hate the haters. But I feel sorry for people who are taught to hate.

And I identify with them. What if I’d been born a German gentile instead of a Hungarian Jew? What if I’d heard Hitler proclaim, “Today, Germany, tomorrow, the world”? I, too, could have been a Hitler Youth, a guard at Ravensbrück.

We’re not all descendants of Nazis. But we each have a Nazi within.

Freedom means choosing, every moment, whether we reach for our inner Nazi or our inner Gandhi. For the love we were born with or the hate we learned.

The inner Nazi is the part of you that has the capacity to judge and withhold compassion, that denies you the permission to be free and victimizes others when things don’t go your way.

I’m still learning to let go of my inner Nazi.

I had lunch the other day at a fancy country club with women looking like a million dollars, every one of them. Why am I spending an afternoon with people who look like Barbie dolls? I thought. Then I caught myself in the act of judging others, engaging in the same us-versus-them mentality that killed my parents. When I put my prejudice aside, I discovered that the women were deep thinkers, that they’d experienced difficulty and pain. I’d been ready to write them off out of hand.

Another evening I spoke at a Chabad where a fellow survivor was in attendance. During the question-and-answer period following my talk, he asked, “Why did you fall into line so easily in Auschwitz? Why didn’t you rebel?” His voice rose as he spoke. I started to explain that if I’d tried to fight a guard, I would have been shot right away. Rebellion wouldn’t have freed me. I’d have missed out on the rest of my life. But then I realized I was reacting to his agitation by trying to defend my choices in the past. What about the present moment? Perhaps this was the one opportunity I’d have in my life to offer this man compassion. “Thank you so much for being here,” I said. “Thank you for sharing your experience.”

*  *  *

When we live in the prison of judgment, we don’t just victimize others. We victimize ourselves.

Alex was on a journey toward self-compassion when we met. She showed me the tattoo on her arm. RAGE, it said. And then below, LOVE.

“That’s how I grew up,” she said. “My dad was rage. My mom was love.”

Her father was a police officer who raised her and her brother in a climate of wipe that look off your face; don’t be a burden; show no emotion; act like you’re fine; mistakes aren’t allowed. He often came home charged up about work, and Alex learned early to retreat to her room when his anger started to boil.

“I always thought it was my fault,” she told me. “I didn’t know what he was so upset about. No one ever told me, ‘This isn’t about you. You didn’t do anything wrong.’ I grew up thinking I was the one who made him angry, that there was something wrong with me.”

This sense of blame and judgment became so internalized that as an adult she was afraid to ask a store clerk to retrieve an item from a high shelf.

“I was sure they’d think, ‘What an idiot.’”

Alcohol provided temporary relief from her inhibitions, worry, and fear. Until she ended up in rehab.

When I spoke to Alex, she’d been sober for thirteen years and had recently left the strenuous emergency dispatcher job she’d worked at for more than twenty years, which was difficult to balance with the needs of her disabled daughter. This is a new theme in her life: to respond to herself with kindness.

And it’s a goal she feels is thwarted every time she is with her family. While her mom embodies warmth, safety, kindness, and love, serving as the family peacekeeper, able to go with the flow, dropping everything to be there for her kids and grandkids, making even a routine family dinner feel as special as a holiday, Alex’s dad is still angry and brooding. She monitors him with a watchful eye, reading his behavior so she can protect herself.

On a recent camping trip with her parents, she noticed all the negative comments her dad made about other people.

“The people next door were packing up their campsite and my dad said, ‘This is my favorite part—when I watch the idiots try to figure out what they’re doing.’ That’s how I grew up. My father watching and laughing when people make mistakes. No wonder I used to assume people were thinking terrible things about me! No wonder I used to watch him for any sign of a twitch or grimace—a clue to do whatever I could to keep him from getting angry. He scared me my whole life.”

“The most obnoxious person is your best teacher,” I told her. “He teaches you what you don’t like in him, to examine in yourself. So how much time do you spend judging yourself? Scaring yourself?”

We looked at the ways she shut herself down. The Spanish class she wanted to take but didn’t dare sign up for, the gym she was afraid to join.

We’re all victims of victims. How far back do you want to go, searching for the source? It’s better to start with yourself.

A few months later, Alex shared that she’d worked up the courage and self- acceptance to register for the Spanish class and join the gym. “I’ve been welcomed with open arms,” she said. “They’ve even recruited me to compete with the women’s powerlifting team.”

When we relinquish our inner Nazi, we disarm the internal and external forces that have been holding us back.

“Half of you is your father,” I told Alex. “Throw white light his way. Wrap him up in white light.”

It’s what I learned in Auschwitz. If I tried to fight the guards, I’d be shot. If I tried to flee, I’d run into the barbed wire and be electrocuted. So I turned my hatred into pity. I chose to feel sorry for the guards. They’d been brainwashed. They’d had their innocence stolen. They came to Auschwitz to throw children into a gas chamber,

thinking they were ridding the world from a cancer. They’d lost their freedom. I still had mine.

*  *  *

A few months after our visit to Lausanne, Audrey returned to the International Institute of Management Development to give a workshop with Andreas at the High Performance Leadership program.

“We grew up on opposite sides of the transmission line of secrets and horror,” Andreas said. Now they’re collaborating to help today’s business leaders focus on inner healing—to face the past and chart the course toward a better reality.

Among their students are Europeans, primarily from Germany and neighboring countries, who are in their thirties, forties, and fifties—a generation or two removed from WWII, curious about what happened in their families during the war. Other students are from places in Africa and southeastern Europe that have been ravaged by violence, who are figuring out how to face and release the tragedies their families have experienced—or inflicted. This workshop on inner healing, led by the daughter of a survivor and the grandson of a Nazi, is such a beautiful example of not only how to heal but why. For ourselves, and also for what our healing gives the world. For the new legacy we pass on.

“I used to participate in the silence about the past,” Audrey said. “I was afraid of the pain.” But she realized that in avoiding learning more she was holding on to grief. “Now I’d rather be curious,” she said. “And I want to help.”

Andreas agreed.

“It finally became clear to me why I invested so much time in the past,” he said. “I think my ancestors would want corrective action to happen, insofar as it’s possible. Realizing this, I’m much more at peace with them. I can stop questioning why they did what they did. I can focus on what I do now to contribute to peace.”

We’re born to love; we learn to hate. It’s up to us what we reach for.

KEYS TO FREE YOURSELF FROM JUDGMENT

  • Our best teachers. The most toxic, obnoxious people in our lives can be our best teachers. The next time you’re in the presence of someone who irks or offends you, soften your eyes and tell yourself, “Human, no more, no less. Human, like me.” Then ask, “What are you here to teach me?”
  • We’re born to love; we learn to hate. Make a list of the messages you heard growing up that divided people into categories: us/them; good/bad; right/wrong. Circle any of these messages that describe how you see the world today. Notice where you may be holding on to judgment. How is this judgment affecting your relationships? Is it limiting your choices or ability to take risks?
  • What’s the legacy you want to pass on? We can’t choose what our ancestors did, or what was done to them. But we get to create the recipe that’s handed down. Write a recipe for a life well-lived. Take the good things from your family’s past and add your own ingredients. Give the next generation something delicious and nourishing to build on.