| ھەدىيە ئېدىس ئېگىر (Edith Eger) بەشىنچى باب سىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم رەت قىلالمايدۇ |
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life Edith Eger Chapter 5 NO ONE REJECTS YOU BUT YOU |
بەشىنچى باب سىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم رەت قىلالمايدۇنومۇس ۋە گۇناھ تۈرمىسىقىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى گۇناھكار ھېسابلايتتىم، بۇ گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى يېڭىش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل سەرپ قىلدىم. 1969 – يىلى، 42 ياشلىق كۆچمەن ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى قولۇمغا ئالدىم. مەكتەپ ھاياتىنى قايتا باشلاش ۋە ئىنگلىزچە ئۆگىنىش مەندىن غايەت زور غەيرەت ۋە دەسمايە تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىدە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردۈم، ئەمما نومۇس تۇيغۇم سەۋەبلىك ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانىدىم. ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا مەنمۇ باشقا ئامان قالغۇچىلارغا ئوخشاش ئېغىر گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا بەند ئىدىم. ھەدەم ماگدا ئىككىمىزنىڭ ئازاد بولغىنىغا 24 يىل بولغان بولسىمۇ، «نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئانام، بوۋا – مومام ۋە باشقا 6 مىليون خەلق ئىچىدىن مەن قۇتۇلۇپ قالدىم؟» دەپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەيتتىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك تەبرىكلەش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا ھەققىم يوقتەك، پېشكەللىكلەر مېنىڭ خاتالىقىم تۈپەيلى بولغاندەك ھېس قىلاتتىم. بىر كۈنلەردە باشقىلارنىڭ ساقايمىغان يارامنى بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئۆزىنى ئەيىبلەشتىن، بولغان ئىشلارغا ئۆزىنى سەۋەبچى دەپ ئىشىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بىلەن پۇشايماننى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. پۇشايمان خاتالىق سادىر قىلغاندىكى نورمال ھېس – تۇيغۇ. ئۇ قايغۇغا ئوخشاپراق قالىدۇ. پۇشايمان ئۆتمۈشكە سالاۋات قىلىش ۋە ئۆزىڭىزنى شۇ ئىشقا نىسبەتەن ئۆكۈنۈشكە يول قويۇش دېمەكتۇر. پۇشايمانلىرىم، ئۆكۈنۈشلىرىم، كەچۈرمىشلىرىم، شۇنداقلا تاللاشلىرىمنىڭ يىغىندىسى مېنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇردى، بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئۆكۈنۈش ھازىرغا تەۋە. ئۇ كەچۈرۈم ۋە ئەركىنلىك بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بىراق گۇناھ تۇيغۇسى ئۆكۈنۈشكە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىڭىزنى ئاقسىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆزىڭىزنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشتىن كېلىپ چىققان نومۇس تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. سىز ئۆزىڭىزنى ئەرزىمەس دەپ قارىسىڭىز، نېمىلا قىلىڭ ياكى نېمىگە ئېرىشىڭ، قىممىتىڭىزنى ھەرگىز تاپالمايسىز. گۇناھ بىلەن نومۇس تۇيغۇسى كىشى زېھنىنى ناھايىتى خورىتىدۇ، ئەمما بۇ ھېس – تۇيغۇلار بىزنىڭ كىملىكىمىز ئەمەس. ئۇلار ئۆزىمىز تاللىۋالغان ۋە ئۆز جايىمىزدا قاپسىلىپ قېلىشىمىزغا سەۋەبچى بولغان تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت خالاس. تۇرمۇشىڭىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ئەركىنلىكى ھەرزامان ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا. ئىلگىرى مەن بىر يىغىندا لېكسىيە سۆزلەپ يېرىمىغا كەلگەندە، ناھايىتى نوپۇزلۇق بىر ئەرباب زالدىن چىقىپ كەتتى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم ۋە ئىچىمدە: «لېكسىيەنى ياخشى سۆزلىيەلمىدىم، مەن بۇنداق چوڭ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشقا ئەرزىمەيتتىم، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلالمىدىم» دېگەنگە ئوخشاش ئۆزۈمنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرنى قايتىلاشقا باشلىدىم، لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇ كىشى يىغىن زالىغا قايتىپ كىردى. ئۇ ئەسلى سۇ ئىچىش ياكى ھاجەتخانىغا كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى، بىراق مەن شۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزۈمنى جازا سۇپىسىغا چىقىرىپ بولغانىدىم. ھېچكىمدە نومۇس تۇيغۇسى تۇغما بولمايدۇ، لېكىن كۆپىنچىمىزگە نومۇس تۇيغۇسى بالدۇرلا سىڭدۈرۈلىدۇ. چوڭ نەۋرە قىزىم لېندىسىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە «تالانتلىقلار»سىنىپىغا بۆلۈنگەن ئىدى (لېكىن بالىلارنى بۇنداق تۈرگە ئايرىش مېنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ، چۈنكى ھەممە بالىدا ئۆزگىچە تالانت ۋە ئىقتىدار بار). دەرس باشلانغاندىن كېيىن، لېندىسي بەزى دەرسلەرگە يېتىشەلمەي قالغان، شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىمى ئۇنى «كىچىك سۆرەلمە ۋاگون» دەپ ئاتىغان. قەدىرلىك لېندىسىي بۇ گەپنى ناھايىتى كۆڭلىگە ئالغان ۋە ئۆزىنى بۇ سىنىپقا تەۋە ئەمەستەك، ئەرزىمەس بىر بالىدەك ئويلاشقا باشلىغان. ئۇ ھەتتا سىنىپتىن چىقىپ كېتىشكە تەييار بولغان. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ لېندسىينىڭ كىملىكىنى بەلگىلەش ئىمتىيازىنىڭ يوقلۇقىنى نەۋرە قىزىمغا ئەسكەرتتىم. نەتىجىدە لېندىسىي سىنىپتىن چىقىپ كەتمىدى. يىللار ئۆتۈپ ئۇ پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش ئىمتىھانىدا «سۆرەلمە ۋاگون ماتورغا ئايلانغاندا» ناملىق ماقالە يازدى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. ئۈچ ياش ۋاقتىمدا كۆزۈمنىڭ ئالغايلىقى تۈپەيلى ئۆزۈمدىن نومۇس قىلاتتىم. كۆزۈمنى داۋالاپ ساقايتىش ئوپېراتسىيەسىدىن ئىلگىرى ھەدىلىرىم مېنى قوشاققا قېتىپ «سەت» دەپ زاڭلىق قىلىشاتتى. ھەتتا ئاپاممۇ: «ھېلىمۇ كاللاڭ ئىشلەيدۇ، بولمىسا بۇ چىرايىڭ بىلەن قانداقمۇ قىلار بولغۇيتتۇق؟» دېگەنىدى. بۇنداق باھالار بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئازابلىق ۋە ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدىغان ئۇچۇرلار ھېسابلىنىدۇ، لېكىن مەسىلە باشقىلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىدە ئەمەس، مېنىڭ ئۇ سۆزلەرگە ئىشىنىشنى تاللىغانلىقىمدا ئىدى. مەن ئۇ سۆزلەرگە ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇردۇم. مارىئاننا ۋە روب بالىلىرى بىلەن لاجوللادا تۇرۇۋاتقاندا، مەن ھەر دۈشەنبە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەچلىك تاماق ئېتىپ بېرەتتىم. بەزىدە ئامېرىكىچە تاماق ئەتسەم، بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ۋېنگىرىيەچە تاماقلىرىمىزنى ئېتەتتىم. ئۇ چاغلاردا دۈشەنبە مەن ئۈچۈن بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىت ھېسابلىناتتى، ئوماق نەۋرىلىرىمگە قاراپ ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئەزادەك ھېس قىلاتتىم. بىر كۈنى كەچ ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتاتتىم، كورا ۋە قازاندا تاماقلار قايناپ پىشىۋاتاتتى. قىزىم مارىئاننا چىرايلىق يىپەك كاستۇم يوپكىسىنى كىيگىنىچە ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلدى ۋە ئاشخانىغا كىرگەندە دەرھاللا ئىشكاپتىن تۇۋاقلارنى چىقىرىپ كورا ۋە قازانلارنىڭ ئاغزىنى يېپىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى. مەن پەقەت ئۇلارغا ياردەملىشىپ يۈكىنى يېنىكلىتىپ بەرمەكچى، ئۇلارنى خۇشال قىلماقچى ئىدىم. ئۇ بولسا خاتا قىلغانلىقىمنى ماڭا كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتاتتى، لېكىن كاللامدىكى بۇ ئويلارنىڭ مارىئاننادىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ مەغلۇبىيەتچى پىسخىكىسىدىن كېلىۋاتقىنىنى ئاڭقىرىشىمغا خېلى ۋاقىت كەتتى. مەن زەخمىلەنگەنلىكىمگە مۇكەممەللىك بىلەن قارشى تۇرماقچى، نومۇس تۇيغۇمنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلماقچى بولاتتىم، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن، بىز پەقەت ئادەتتىكى ئىنسان خالاس، ئىنسانچىلىقتا مەغلۇبىيەت دائىملىق مېھمان. ئەركىنلىك – ئەيىب – نۇقسانلىق ئۆزىمىزنى تولۇق قوبۇل قىلىش ۋە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش ئېھتىياجىدىن ۋاز كېچىشنى كۆرسىتىدۇ. * * * تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، گۇناھ ۋە نومۇس تۇيغۇسى سىرتتىن ئەمەس، ئۆزىمىزدىن كېلىدۇ. بىمارلىرىم ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ئازابلىق ئاجرىشىش ياكى ئايرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا داۋالانغىلى كېلىدۇ. ئۇلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا، ئۈمىد، غايە ۋە كۈتۈشكە سىمۋول قىلىنغان مۇناسىۋەتنىڭ يوقالغانلىقىغا قايغۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار قايغۇسىنى ئەمەس، رەت قىلىنغانلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. «ئۇ مېنى تاشلىۋەتتى، رەت قىلدى» دېيىشىدۇ، ۋاھالەنكى، «رەت قىلىنىش» بىز خالىغىنىمىزغا ئېرىشەلمىگەندىكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كەشىپ قىلىۋالغان سۆز خالاس. كىم ھەممە ئادەمنى بىزنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك دەپتىكەن؟ قايسى تەڭرى ئىشلارنىڭ دائىم بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن؟ ئەمەلىيەتتە سىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم رەت قىلالمايدۇ. ئىشلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆزىڭىز تاللاڭ. بىر غەلىبىلىك نۇتۇقتىن كېيىن بەزى قاتناشقۇچىلار كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، يۈزتۇرانە رەھمىتىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرى: «نۇتۇقىڭىز ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى» دېيىشىمۇ، يەنە بەزىلىرى كېلىپ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭىز، بىراق…» دېيىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق شارائىتتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مېنىڭ كونتروللۇقىمدا بولىدۇ. مەن ئۆزۈمدىن خۇدۈكسىرەپ: «نېمىنى خاتا قىلىپ قويغاندىمەن؟» دەپ ئويلىساممۇ، ياكى تەنقىدنىڭ مەن بىلەن ئەمەس بەلكى تەنقىدلىگۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، قارشى تەرەپنىڭ نۇتۇقتىن كۈتكەندەك نەرسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ياكى تەنقىد بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئەقىللىق ھەم ئىمتىيازلىق كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىشنى تاللىساممۇ بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزۈمدىن: «بۇنىڭدىن ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئىجادىيەتكە پايدىلىق نەرسىگە ئېرىشەلەمدىم؟» دەپ سورىيالايمەن. مەيلى باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلاي ياكى قىلماي، ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۆز يولۇمنى داۋاملاشتۇرالايمەن. نومۇسنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلساق، باشقىلارنىڭ كىملىكىمىز ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسىغا يول قويمايدىغان بولىمىز. ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىمىزگە قانداق گەپ قىلىشنى مۇئامىلە قىلىشنى تاللىيالايمىز. بىر كۈندە ئۆزىڭىزگە ئىشلەتكەن گەپ – سۆزلىرىڭىزگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ. نېمىلەرگە دىققىتىڭىزنى بېرىۋاتقانلىقىڭىزغا زەن سېلىڭ. دىققىتىڭىزگە ئېرىشىۋاتقان ئىشلار كەيپىياتىڭىزنى، كەيپىياتىڭىز ئىش – ھەرىكىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، لېكىن سىزنىڭ مەلۇم ئۆلچەم ياكى سىزگە سىڭدۈرۈلمەكچى بولغان ئىدىيە بىلەن ياشىشىڭىز شەرت ئەمەس. نومۇس تۇيغۇسى تۇغما بولمايدۇ، چۈنكى سىز ئەسلىدىنلا گۈزەللىك، مۇھەببەت، خۇشاللىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن تۇغۇلغان. سىز ھەرۋاقىت سىرتتىن سىڭدۈرۈلگەن ناتوغرا ئىدىيەلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىڭىزگە ھەقىقىي ئىگە بولالايسىز. * * * مېشىل ئېسىنى بىلگەندىن بېرى، يولدا ئۇنى ئۇچراتقانلىكى ئادەم «مەنمۇ سىزدەك چىرايلىق بولۇپ قالغان بولسامچۇ» دەيتتىكەن. ئېگىز بوي، زىلۋا، گۈزەل تاشقى قىياپىتى، كەسپىي مۇۋەپپەقىيىتى، چىقىشقاق مىجەزى بىلەن ئۇ سىرتتىن مۇكەممەل كۆرۈنسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆرتىنىشىنى بىلمەيتتى. قارىماققا ناھايىتى مېھماندوست، ئۆزىنى باشقىلارغا ئاتىۋەتكەن، قولى ئوچۇق، لېكىن ئۆزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمايدىغان مېشىل، كىشىگە ناھايىتى تىرىشچان، ئايالىغا مېھىر مۇھەببەت ۋە رومانتىك تۇرمۇش ئاتا قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان يولدىشىنىڭ، يالغۇز قالغاندا ئايالىنى خۇددى ئۇنىڭ خوجايىنى ياكى ئاتا – ئانىسىدەك باشقۇرۇشى ھەتتا پۇلدىن تارتىپ ۋاقىتقىچە قانداق سەرپ قىلىشىغا ئارىلىشىۋېلىشى… بۇ خىل ساغلام بولمىغان ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتنى مەن ئەمەلىيىتىمدە تالاي قېتىم كۆردۈم. ئېرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا باش ئېگىش ۋە ماسلىشىشنى تاللىغانلىقتىن، مېشىل بارغانسېرى قورامىغا يەتكەن ئادەملەردىكى مۇستەقىللىقنى يوقىتىپ، ھەممە ئىشتا يولدىشىغا بېقىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ بىردىن بىر كونترول قىلالايدىغان يېمەكلىكتىنمۇ ئۆزىنى تارتىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئاچلىق ئارقىلىق ئۆزىنى ھالسىزلاندۇرۇپ ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولىدۇ. ئەھۋال ئېغىرلاشقاندا يېگۈسى كەلگەن نەرسىلەرنىمۇ يېيەلمەيدۇ، ئۇنىڭ بەدىنى ئوزۇقلۇقلارنى رەت قىلىشقا باشلايدۇ. مېشىل بۇرۇنقى پسىخىكا دوختۇرىنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندىلا ئوزۇقلىنىشى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشقانىدى، لېكىن ئۇ ئائىلە تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ياردەم سوراپ كەلگەنىدى. يولدىشىنىڭ پەرۋاسىز، قوپال مۇئامىلىلىرى ئۇنى بەئەينى ئاچچىقى يامان دادىنىڭ يۈرەكزادە بالىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. مېشىل ئۆزىنىڭ ئاجىز بالا بولماستىن، كۈچلۈك، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئەمما يەنىلا يولدىشىغا قارشى چىقىشتىن قورقاتتى. يولدىشىنىڭ كونترول قىلغۇسىز ئاچچىقى بالىلىرىنى قورقۇتۇشقا باشلىغاندا، مېشىل ئاندىن ئۆزىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى. مېشىلنىڭ ئۆزى ئۈچۈن دەس تۇرۇشى، نومۇس تۇيغۇسىغا يۈزلىنىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئاچلىق ئارقىلىق ئاغرىقنى يەڭگىللىتىدىغان قىلمىشلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرگۈسى يوق ئىدى. قايتىدىن نورمال غىزالىنىشقا باشلىغاندا، ئۇ ئۇزۇندىن بېرى يوشۇرماقچى بولغان جاراھەت ۋە ئازاب تۇيغۇلىرى دولقۇندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ. بالىلىقتا ئۇچرىغان جىنسىي زوراۋانلىق، پەرۋاسىز ئانا، تاياق، دەشنام بىلەن ئۇنى جازالايدىغان ئاتا – ئانا… ھەممىسى قوشۇلۇپ مېشىلنى ئۆز ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئەرزىمەسكە چىقىرىشقا مەجبۇرلىغانىدى. قورقۇنچ ۋە ئازابنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە كۆپ غەيرەت كېتىدۇ. ئۇ پەقەت بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كەلگەندىلا بۇ ئىشلارنى قىلالايدۇ. مىشىل ھەر قېتىم بۇ خىل تۇيغۇلارنى ھېس قىلىشقا باشلىغاندا، ئۆزىنى ئاچ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا تاقابىل تۇرماقچى بولاتتى، يەنە ھېس قىلغاندا ئۆزىنى داۋاملىق ئاچ قوياتتى… بۇ جەريان ئادەملەرنىڭ تاشلىنىپ كېتىشكە بولغان زور قورقۇنچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. _ مەن ھەمىشە ماڭا كۆيۈنىدىغان، ئېھتىياجىمنى چۈشىنىدىغان، مېنى ھەقىقىي ئۆزلۈكۈم بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىمەن،_ دەيدۇ مېشىل،_ كىچىك ۋاقتىمدا مۇئەللىمنىڭ يېنىدا ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. چوڭ بولغاندىن كېيىن، پىروفېسسۇرۇم ۋە پسىخىكا دوختۇرۇمدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىزدىدىم. مەن دائىم ماڭا يۆلەنچۈك بولالايدىغان بىر ئادەمنى ئىزدەيتتىم. 40 ياشلىق ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ بىخەتەر ۋە كۆيۈنۈشكە ئېرىشكەن ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلالىسام بولاتتى، بىراق مەن يەنىلا دائىم ئۆزۈمنى مېھىر – مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولىدىغان، مەلۇم بىر قىلمىشىم تۈپەيلى تاشلىنىپ كېتىدىغان سەككىز ياشلىق قىزدەك ھېس قىلىمەن. _ ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىزنى تاشلاپ كەتمەيدىغىنى پەقەتلا ئۆزىڭىز. قەدىر – قىممىتىڭىزنى تاشقى دۇنيادىن ئىزدەمسىز ياكى ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنى ئۆگىنەمسىز، بۇ نۇقتىنى قارار قىلىش ئۆز ئىلكىڭىزدە. مېشىل داۋالانغان ئۈچ يىلدىن بېرى ئۇنىڭدا زور ياخشىلىنىش بولدى. ئۇ ساغلام غىزالىنالايدىغان، ھەددىدىن زىيادە چېنىقمايدىغان بولدى. ئۇ يەنە يولدىشىنىڭ تەنقىدى كۆڭلىگە كەلگەندە، نارازىلىقىنى ئېيتالايدىغان بولدى. شۇنداقلا قورقۇنچىنى يېنىكلىتىدىغان كىچىك تاكتىكىلارنىمۇ ئۆگەندى. ئەڭ مۇھىمى مېشىل «بۇ مېنىڭ خاتالىقىم، مەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيمەن، ئىشلار بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولۇشى مۇمكىنتىغۇ!» دەيدىغان زەھەرلىك ئويلاردىن كېلىپ چىققان نومۇس تۇيغۇسىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەندى. مېشىل ماڭا: _ ئۆزۈمدىن نېمە ئۈچۈن ئىشلارنى باشقىچە قىلىپ بېقىش يولىنى تاللىمىغان بولغۇيتتۇم، دەپ سورايمەن. ئىشلارنىڭ خاتالىقىم تۈپەيلىدىن بولمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە بۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنەلمەيتتىم،_ دېگەنىدى. تەپەككۇرىڭىزنى كونترول قىلماقچى بولسىڭىز، ئىش – ھەرىكەتلىرىڭىزگە زەن سېلىڭ. ئاندىن ئۇلارنىڭ سىزنى كۈچلەندۈرۈۋاتقان ياكى ئاجىزلاشتۇرىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ. بىرەر گەپ قىلىشتىن بۇرۇن، بولۇپمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ئاۋۋال: «بۇ مېھىرلىك ۋە سۆيگۈلۈك سۆزلەرمۇ؟» دەپ سوراڭ. مېشىلنىڭ بالىلىقى ئۇ جىنسىي ۋە جىسمانىي خورلۇققا ئۇچرىغاندىن باشلاپ ئاخىرلاشقانىدى. مېشىل شۇ چاغدا ئەمدىلا 8 ياشتا بولۇپ، 8 ياش مېڭىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسىمى يېتىلىپ، لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمىز شەكىللىنىدىغان ۋاقىت. بۇ چاغدا بىز ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى چۈشىنىشكە ئىنتىلىمىز، لېكىن بىر قىسىم ئىشلارنى ھەرقانچە قىلساقمۇ چۈشىنەلمەيمىز. بەزىدە پەقەت باشقۇرۇشىمىزدا بولمىغان، بىز سەۋەبچى بولمىغان ھەم تاللىمىغان ئىشلارنى كونترول قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىۋالىمىز. _ خورلىنىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشنى توختىتىپ، ئىشنى ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىن باشلاڭ. ماڭماقچى بولغان يولىڭىزنى بېكىتىڭ،_ دېدىم مېشىلغا. _ ئاھ ياخشىلىق!_ دېدى مېشىل كۈلۈپ تۇرۇپ،_ باشقىلارغا شۇنداق تەبىئىيلا ياخشىلىق قىلالايمەن – يۇ، ئۆزۈمگە شۇ مۇئامىلىنى قىلالمايمەن. ھاياتىمدا ياخشىلىققا ئەرزىيدىغىنىمغىمۇ گۇماندا بولىمەن. خۇشال بولۇشقا ئەرزىمەيمەن، دەپ ئويلايمەن. _ مەن ئىلگىرى شۇنداق قىلاتتىم، دېيىشنى تاللاپ، يېڭىچە تەپەككۇر ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرسىڭىز تامامەن بولىدۇ. سىزگە كېرەك بولغىنى يول قويۇش. ئۆزىڭىزگە «مەن ئۆزۈمنىڭ خۇشال بولۇشىغا يول قويىمەن»، دەڭ،_ دېدىم مېشىلغا. ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ يىغلاشقا باشلىدى. _ قەدىرلىكىم، ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا تاشلاپ بەرمەڭ. ۋاھالەنكى، ئۇ ھېس – تۇيغۇلىرىنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، «ئىشلار بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدىغۇ!» دەپ ئويلاش ئارقىلىق، بېشىغا كەلگەنلىرىنى ئەرزىمەس ئىشلار قاتارىغا چىقارماقچى بولغانىدى. ئاتا – ئانىسى ئۇنى پالاق بىلەن ئۇرغاندا، «ھەنىم بولسا ئۇلار يانغان تاماكىنى بىلىكىمگە ياقمىدى!» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيتتى. مېشىلغا «مەن مۇنداق قىلىشىم كېرەك!» دېگەندەك بۇيرۇقلاردىن ۋاز كېچىشنى، ئۆزىگە ياخشى سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى ئېيتتىم. _ ئۆزىڭىزگە ئېيتقان سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. يارلانغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىپ، نېمىلەردىن ۋاز كېچىشنى ۋە نېمىلەرنى تولۇقلاشنى قارار قىلىڭ. سىز ئازابلىرىڭىزنى ۋە ئېھتىياجىڭىزنى كىچىكلىتىشكە كۆنۈپ كېتىپسىز. ئەمدى يېڭىچە بىر خىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. نومۇسنىڭ ئورنىغا «ھەئە مەن قىلالايمەن!» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى باشلاڭ،_ دېدىم ئۇنىڭغا. * * * بىر قېتىملىق نۇتۇق ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي رايونىغا بارغىنىمدا، ئىللىق بىر ئائىلە كىشىلىرى مېنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. تاماق ئىنتايىن ئوخشىغان بولۇپ، پارىڭىمىزمۇ كۆڭۈللۈك بولۇۋاتاتتى، لېكىن ساھىبخاننىڭ قىزىنى ماختىشىم بىلەن ئانىسى مېنى ئۈستەل ئاستىدىن پۇتۇمغا تېپىپ ئىشارەت قىلدى. تاماقتىن كېيىن قەھۋە ئىچكەچ قىزنىڭ ئانىسى پىچىرلاپ: «قىزىمنى ماختىماڭ، مەن ئۇنىڭ ھاكاۋۇر چوڭ بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن» دېدى. كەمتەر بولۇش مەقسىتىدە، گاھىدا ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، كەمتۈك ھېسابلاش قاتارلىقلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىمىز، لېكىن ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزغا سۆيۈپ تۇرۇپ: «مەن بەك قالتىس، مەن نېمىدېگەن قالتىس!» دەيدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. ئۆزىنى سۆيۈش پۈتۈنلۈك، ساغلاملىق ۋە خۇشاللىقنىڭ ئاساسىدۇر، شۇڭا ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ! بۇنىڭ ئۆز مەپتۇنلۇق بىلەن پەرقى بار. يارىلىرىڭىز ساقايغاندا شۇنى بايقايسىزكى، سىز باشقا بىر ئادەمگە ئايلانمايسىز، بەلكى ھەقىقىي ئۆزىڭىز، يەنى بېجىرىم، گۈزەل، سۆيگۈ ۋە خۇشاللىق ئۈستىگە تۇغۇلغان ئۆزىڭىزنى بايقايسىز. * * * گۇناھ ۋە نومۇس تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىدىغان ئاچقۇچلار:
|
Chapter 5 NO ONE REJECTS YOU BUT YOUThe Prison of Guilt and ShameIt took me decades to forgive myself for surviving. I graduated from college in 1969. I was forty-two years old, a mother of three, an immigrant. It had required significant courage and resources to learn English and return to school. And I was graduating with honors! But I didn’t go to my graduation ceremony. I was too ashamed. Like many survivors, in the years after the war I’d grappled with crippling guilt. It had been twenty-four years since my sister Magda and I were liberated. But I still couldn’t understand why I had lived when my parents and grandparents and six million others had perished. Even an occasion of celebration and accomplishment was tainted by my certainty that I was damaged goods, unworthy of joy, that every bad thing was somehow my fault, that it was only a matter of time before everyone discovered how broken I was. Guilt is when you blame yourself, when you believe something is your fault. It’s important to separate guilt from remorse. Remorse is an appropriate response to a harmful mistake we’ve made or a wrong we’ve committed. It’s more akin to grief. It means accepting that the past is the past, that it can’t be undone, and allowing yourself to feel sad about it. I can feel remorse and recognize that all I’ve lived through, all the choices I’ve made, have brought me to today. Remorse is in the present. And it can coexist with forgiveness and freedom. But guilt keeps you stuck. It’s rooted in shame—when you believe “I’m not worthy”; when you think that you’re not enough, that nothing is enough, no matter what you do. Guilt and shame can be extremely debilitating. But they’re not real assessments of who we are. They’re a pattern of thought that we choose and get stuck in. You always have a choice about what to do with the information life hands you. I once gave a lecture at a conference, and midway through my presentation, a dignified-looking man walked out. I almost froze on the stage, caught up in a barrage of negative self-talk: “I’m no good. I don’t deserve to have been invited to present at this conference. I’m out of my league.” A few minutes later, the auditorium door opened, and the same man came back in and sat down. He’d probably just gotten up to have some water or use the restroom, but by that time I’d already put myself under the guillotine. No one is born with shame. But for many of us, the shame message starts early. When Lindsey, my oldest grandchild, was in elementary school, she was placed in a class for “talented and gifted” children (the very notion of this label frustrates me —all children are talented and gifted, one-of-a-kind diamonds!). She sometimes had trouble keeping up, and her teacher began to call her “my little caboose.” Precious Lindsey took her teacher’s words to heart. She became convinced that she wasn’t capable enough to be in the class, that she didn’t belong, that she wasn’t worthy. She was ready to drop out. But I talked to her about the importance of not letting her teacher define her. So she stayed in the class. And years later, when she wrote her college admittance essay, she titled it, “When the Caboose Became the Engine.” She graduated with honors from Princeton. My shame messages began early, too, at age three, when I became cross-eyed. Before I had surgery to correct my eye, my sisters would sing cruel songs: you’re so ugly and puny you’ll never find a husband. Even my mother would say, “It’s a good thing you’re smart, because you have no looks.” These were difficult messages, and hard to unlearn. But ultimately the trouble wasn’t what my family told me. The trouble was that I believed it. And kept believing it. When Marianne and Rob and their kids lived in La Jolla, I used to go to their house every Monday to cook dinner. Sometimes I made American food, sometimes Hungarian. It was the highlight of my week, nourishing my grandchildren, feeling a part of their daily lives. One evening I was in the kitchen with pots bubbling and pans sizzling on the stove. Marianne came home from work in her beautiful silk suit and immediately began pulling lids out of the cupboard, matching each one to the correct pot. My heart sank. I was trying to be helpful, to make my family happy, and there she was, showing me that I wasn’t doing it right. That I wasn’t good enough. It took me a while to realize that the message of my failure wasn’t coming from Marianne—it was coming from me. To counteract my belief that I was damaged, I strove for perfection, believing I could achieve and perform my way out of shame. But we’re human, no more, no less, and human means fallible. Freedom lies in accepting our whole, imperfect selves and giving up the need for perfection. * * * Ultimately, guilt and shame don’t come from the outside. They come from the inside. Many of my patients seek out therapy when they’re going through a painful divorce or breakup. They’re grieving the death of a relationship, and the disappearance of all the hopes, dreams, and expectations it represented. But usually they don’t talk about the grief—they talk about the feeling of rejection. “He rejected me.” “She rejected me.” But rejection is just a word we make up to express the feeling we have when we don’t get what we want. Who said everyone should love us? Which god said that we should get what we want, when we want it, how we want it, the way we want it? And who said that having it all is any guarantee? No one rejects you but you. So choose the meaning you make. When I give a speech and receive a standing ovation and embrace a hundred people afterward who greet me with tears and say, “You changed my life,” and then one person shakes my hand and says, “Your talk was very good, but…,” I can choose how I respond. I can fall into a pit of insecurity, thinking, “Oh my god, what did I do wrong?” Or I can recognize that the critique might have more to do with the people offering it than with me—with the expectations they brought to the lecture, or with the way they feel strong and intelligent by finding something to criticize. Or I can ask myself, “Is there anything helpful here that can support my growth and creativity?” Whether I plan to integrate the feedback, or release it, I can say, “Thank you for your opinion” and move on. If we’re to live free of shame, we don’t let others’ evaluations define us. And most of all, we choose how we talk to ourselves. Spend a day listening to your self-talk. Pay attention to what you’re paying attention to—that’s what you reinforce. These thoughts will influence how you feel. And how you feel is going to dictate how you act. But you don’t have to live by these standards and messages. You weren’t born with shame. Your genuine self is already beautiful. You were born with love and joy and passion, and you can rewrite your internal script and reclaim your innocence. You can become a whole person. * * * For as long as Michelle can remember, when people met her on the street they’d say, “I would give anything to be you.” Tall, thin, beautiful, professionally successful, with a lovely, soft energy that people wanted to be near, she was picture-perfect on the outside—and dying inside. Countless times I’ve seen this devastating dynamic in my practice: driven husband, wife who is a very good actress—the “hostess with the mostest.” She’s faultlessly kind and generous to others, but not a very good caretaker to herself. He’s an actor, too, very loving and romantic when company is there, but in private, becoming more like her boss or parent, telling her what she should and shouldn’t do, how she should spend her time and money. By pleasing, placating, and accommodating in reaction to the husband’s dominance, the wife abdicates her adult power, lets him make all the decisions. And then gets even by depriving herself of food because it’s the one thing she can control. She detaches from and minimizes her feelings of powerlessness by literally minimizing herself—making her body smaller and smaller. In the direst cases, even when she wants to start eating again, she can’t. Her body rejects the nutrients. Michelle had a very entrenched eating disorder by the time she began therapy (not with me—with a wonderful practitioner in her city). But it wasn’t anorexia that drove her to seek help—it was problems in her marriage. Her husband was often dismissive and unkind, leaving her feeling like a scared kid with an angry dad. She knew rationally that she was a strong, successful, middle-aged woman, not a powerless child. But inside, she was terrified to stand up to him. When his outbursts of anger began to worry and frighten their children, she knew she needed new tools. But learning to stand up for herself meant opening up her intense shame—all the pain she was trying to hold down by starving. When she started eating again—a process I always recommend doing under supervision of a medical doctor or in a specialized in- or outpatient program—all the trauma and feelings she’d tried to keep at bay rose up like a tidal wave. Childhood sexual abuse, a mother who was dismissive and emotionally cut off, parents who punished her with beatings, or worse, turned her invisible, not speaking to her at all, treating her as if she wasn’t there. It was overwhelming to feel the terror and pain, to let the past in. She could only do it in small doses. She’d allow herself to feel, and then starve herself, allow herself to feel, then starve again. The process brought up an excruciating fear of abandonment. “I’ve always clung to the people I feel care about me, that see me, hear me, accept the real me,” Michelle said. “When I was a kid, it was a teacher I felt safe with. As I got older, it was a professor, then my therapist. There’s always a person I’m anxiously attached to. Logically, as an adult in my forties, I know I’m safe and cared for. Yet often I feel like that eight-year-old girl again, terrified that I’m going to lose love, terrified that I’m going to do something that’ll make others not care about me.” Remember, you’re the only one you’ll never lose. You can look outside yourself to feel cherished—or you can learn to cherish yourself. Three years since beginning therapy, Michelle has made tremendous progress. She’s eating healthy foods in healthy portions. She’s no longer exercising in excess. She’s able to tell her husband when his criticism is hurtful, and use mindfulness techniques to ease the fear responses in her body. And she continues to work on releasing the shame she carries, shame that emerges in three harmful thought patterns: it’s my fault, I don’t deserve it, and it could have been worse. She told me, “I keep thinking, ‘Why didn’t I do things differently?’ Logically, I know it wasn’t my fault, the things that happened to me, but there’s a part of me that’s still struggling with really believing it.” If you want to take charge of your thinking, first examine what you’re practicing, and then decide: is it empowering or depleting me? Before you say anything, especially to yourself, ask, “Is it kind and loving?” Michelle’s childhood ended when the sexual and physical abuse began when she was eight, just at the age when our frontal lobes begin to develop, and we start to think logically. We want to understand things. But certain things we’ll never understand. Sometimes we develop guilt in order to gain a sense of control over things that are completely out of our control, that we didn’t cause or choose. “Stop trying to find a reason for the abuse,” I said, “and start practicing kindness. Pick an arrow that you follow.” “Ah, kindness,” she said, letting out a low laugh. “Being kind to others has always come naturally. But being kind to myself is a struggle. At some level, I think I don’t deserve the goodness in my life. I don’t fully believe it’s okay for me to be happy.” “You can say, ‘That used to be me.’ And regain power over your thinking. One word is all you need: permission. I give myself permission for pleasure.’” She began to cry. “Honey, take back your power.” But she was using minimization instead, telling herself things could be so much worse. Even though she got hit with a paddle, at least her parents didn’t put cigarettes out on her arm, she’d tell herself. I told her to get rid of the “shoulds.” To make her language kinder. “Tune in to the way you speak to yourself,” I said. “Acknowledge you were wounded. And then choose what you let go and what you replenish. You got in the habit of minimizing your pain, and wanting to make yourself smaller. Now build a new habit. Release shame by replacing it with kindness, by making sure your dialogue is full of ‘yes I am, yes I can, yes I will!’” * * * While visiting the Midwest once on a speaking tour, I was invited to eat dinner with a lovely family. The food was earthy and delicious, the conversation pleasant, but when I complimented the daughter, the mother kicked me under the table. Later, over coffee and dessert, she whispered, “Please don’t lavish praise on her. I don’t want her to grow up conceited.” In trying to keep our children or ourselves modest, we risk making ourselves less than we really are—less than whole. It’s time to give yourself a kiss on the hand and say, “Attaboy! Attagirl!” Loving yourself is the only foundation for wholeness, health, and joy. So fall in love with yourself! It’s not narcissistic. Once you begin to heal, what you discover will not be the new you, but the real you. The you that was there all along, beautiful, born with love and joy. KEYS TO FREE YOURSELF FROM GUILT AND SHAME
|

