Skip to content

تۆتىنچى باب «ئىككى ئورۇندۇقتا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ»

The Gift
ھەدىيە
ئېدىس ئېگىر (Edith Eger)
تۆتىنچى باب «ئىككى ئورۇندۇقتا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ»
The Gift: 12 Lessons to Save Your Life
Edith Eger
Chapter 4 ONE BUTT, TWO CHAIRS

تۆتىنچى باب «ئىككى ئورۇندۇقتا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ»

مەخپىيەتلىكنىڭ تۈرمىسى

«ئىككى ئورۇندۇقتا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار.

پەردازلىق ھايات سىزنىڭ «تۈرمە»دە ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى. بۇ «تۈرمە» سىزنى ھەقىقىي ئۆزىڭىزگە قارشى پەرقلىق بىر يوسۇندا ياشاشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ.

ئەركىن بولغاندا چىن ياشىيالايسىز، تەسەۋۋۇردىكى كىملىك بىلەن رېئال ئۆزلۈكنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ھەقىقىي ھالىتىڭىزگە يېقىنلىشالايسىز ھەم ئۇنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلالايسىز.

*   *   *

روبېن مېنى ئىزدەپ كەلگەندە تۇرمۇشى بۇزۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، يولدىشىنىڭ چېكىدىن ئاشقان تەلەپلىرى ئۇنى چارچاتقان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ، ئۆيى مېھىرسىز تۆت تامغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. روبېن ئۈچۈن بىر كۈننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشمۇ ھەشەم بىر ئىش ھېسابلانغاچقا، بۇرۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىستىكىدە، ئۇ باشقا بىر ئەر بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتنىڭ قاينىمىغا پېتىپ قالىدۇ.

تالاغا قاراپ قېلىش خەتەرلىك ئويۇنغا ئوخشايدۇ. يېڭىدىن سۆيگۈ دېڭىزىغا غەرق بولغاندىكى ھېسسىيات تولىمۇ ھاياجانلىق بولىدۇ. سۆيگۈنى بىلەن بىللە بولغاندا ئاشخانىدىكى ئەخلەتنى تۆكۈش، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ، ئەكېلىش توغرىسىدا سۆزلىشىش ھاجەتسىز. مەسئۇلىيەتنى ئەمەس كۆڭۈل ئېچىشنىلا مەقسەت قىلغان مۇناسىۋەتنىڭ نېمە قىيىنى بولسۇن؟! ئەمما بۇ خىل مۇناسىۋەت ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ. روبېن تالاغا قاراپ قالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى قايتا قوزغىلىپ، ئۈمىد ۋە ئېنېرگىيەگە تولىدۇ. مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشكە بولغان ئېھتىياجى سىرتتىن بولسىمۇ قاندۇرۇلغاچقا، ئۆيدىكى تاپا – تەنىلەرگە بەرداشلىق بېرىشىمۇ ئاسانغا توختايدۇ، لېكىن ئاشنىسى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا روبېننى يولدىشى بىلەن ئۆزى ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىشقا قىستايدۇ.

روبېن قارار چىقىرىشقا ئىلاجسىز قالغانلىقتىن، بىر كۈنى سەھەردىلا مېنى ئىزدەپ كەلگەنىدى. ئىككىمىزنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، ئۇ توختىماي بۇ ئىككى تاللاشنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرەپلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ئاجرىشىش ئاشنىسىنىڭ كېتىپ قېلىشىنى توسۇپ قالالىغىنى بىلەن، بالىلىرىنى خار قىلاتتى. ئاجراشمىسا، ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان ئادىمىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلەتتى. قارىماققا روبېن بالىلىرىنىڭ بەختى بىلەن ئۆز ئىستىكى ئارىسىدا قىستىلىپ قالغاندەك تۇراتتى.

ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى مەسىلە قايسى ئەرنى تاللاش ھەققىدە قارار چىقىرىش زۆرۆرىيىتى ئەمەس ئىدى. روبېن ئۆزىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، يولدىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشى سەۋەب بولغان: ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، يوشۇرۇش، مەخپىيەتلىك ساقلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇنىڭ ئاشنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېسسىيات تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئىككى ئەردىن بىرنى تاللاشتا ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق مۇناسىۋەتتىكى  ئۆز خاھىشىنى، ئۈمىدىنى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەشتە گەۋدىلىنىشى كېرەك.

ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە شۇنى بايقايمىزكى، مۇھەببەت ۋە قىزغىن ھېسسىيات بىلەن باشلانغان تۇرمۇشنىڭ ئاخىرىغا بېرىپ تۈرمىگە ئوخشاپ قېلىشى ناھايىتى ئومۇملاشقان ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ قاچان ياكى قانداق قىلىپ شۇ خىل تۈرمىنىڭ بەرپاچىسى بولۇپ قالغانلىقىمىزنىمۇ سەزمەي قالىمىز. كۆپىنچە ھاللاردا ئىقتىساد، خىزمەت، پەرزەنت، ئاغرىق – سىلاق ۋە ياكى ھەمراھىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن كېلىپ چىققان بېسىم، ئەندىشە، غەزەپ ، روھىي زەخمە قاتارلىقلارغا ئەر – ئايالنىڭ بىرلىكتە، تەڭ كۈچەپ تاقابىل تۇرماسلىقى پاجىئەلىك تۇرمۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەر – ئاياللار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا بىر – بىرىدىن ياتلىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۆزئارا قاندۇرۇلمىغان ئېھتىياجلار ئۈچىنچى بىر شەخسنى چىللاپ كېلىشتەك ئەھۋاللارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.

چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ. بىر – بىرىدىن ئۇزاقلاپ كېتىشتە، ئۆزئارا يول قويماسلىقتا ئىككىلا تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. روبېننىڭ يولدىشى ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش تەرەپدارى بولۇپ، ئۇ دائىم روبېننى تەنقىدلەيدۇ، روبىندىن قۇسۇر تاپىدۇ، نەتىجىدە يولدىشىنى رازى قىلىش روبىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. دەسلىپىدە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، باشقا بىر ھۇجرىغا كىرىپ ئولتۇرۇۋېلىش، ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى روبىن ئۆزىمۇ سەزمەيدۇ. بەختسىز تۇرمۇشنى سىرتتىكىلەردىن يوشۇرۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايدۇ. كېيىن بۇ مەخپىيەتلىككە تالاغا قاراپ قېلىش قېتىلىدۇ. روبېننىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەخپىيەتلىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى، قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى، خۇشاللىقلىرىنى يولدىشىدىن ئادەت خاراكتېرلىك سىر تۇتۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

راستچىللىق ئۆزىڭىزگە سەمىمىي بولۇشتىن باشلىنىدۇ.

مەن روبېنغا ئەگەر خالىسا ئۇنىڭغا داۋاملىق پىسخىك مەسلىھەتى بېرىدىغانلىقىمنى، لېكىن ئالدىنقى شەرتنىڭ يەنىلا ئۆزىگە سەمىمىي بولۇشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاشنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىپ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم.

مەن ئۇنىڭغا ئىككى خىل مەشىقنى تاپشۇرۇق بەردىم. بىرىنچى مەشىق ئۆزىدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە سەزگۈر بولۇش، يەنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئىچكى دۇنيا ۋە كەيپىياتتىكى داۋالغۇشلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش. بىز ھېچقانداق گەپ – سۆز قىلمىغان ۋاقتىمىزدىمۇ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان بولىمىز. پەقەت ھوشىمىزدىن كەتكەندىلا بۇ خىل ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا كۈندە نەچچە قېتىم ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، ئۆزىڭىزدىن: «راھەت ھەم ئىللىقلىق ھېس قىلىۋاتامدىم ياكى مۇزلاپ، بىرەر يېرىم كۈيۈشكەندەك بولۇۋاتامدىم؟» دەپ سوراپ تۇرۇڭ.

روبېن بۇ خىل مەشىقنى ياقتۇرمىدى، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كەيپىياتىدىكى ئاستىن – ئۈستۈنلۈككە دىققەت قىلىپ تۇرۇش ئۇنىڭغا مەنپەئەت قىلىشقا باشلىدى. مەن بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئىككىنچى مەشىق — ئادەتكە دەخلى قىلىش، يەنى ئادەتلەنگەن ئىنكاس قايتۇرۇش ئەندىزىسىنى باشقا بىر خىل ئۇسۇلغا ئۆزگەرتىش مەشىقىنى بەردىم. روبېن يولدىشىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغاندا، شۇنداق قىلماسلىققا تىرىشىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى قىلىپ باقمىغان ئىشنى يەنى يولدىشىغا مېھىر بىلەن قاراشنى مەشىق قىلدى. بىر كۈنى كەچلىك تاماقتا روبېن يولدىشىنىڭ قولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتتى.

بۇلار يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېلىنغان كىچىك قەدەملەر خالاس. ئۇلار مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقارمىسا بولمايتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ بىر ياخشى باشلىنىش ئەلۋەتتە.

*   *   *

ھەقىقىي ئۆزلۈكىمىزنى يوشۇرۇش ياكى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش ھەرخىل ئاسارەتلەردىن قۇتۇلۇشىمىزغا توسالغۇ بولىدۇ. سىرلىرىمىز خۇددى گەمىدىكى تۇتقۇنغا ئوخشاش كۈچەپ دىققىتىمىزنى تارتىشقا ئۇرۇنىدۇ .

بۇ ھېسسىياتنى مەن بەك ياخشى چۈشىنىمەن. چۈنكى ئىلگىرى مەنمۇ بېشىمغا كەلگەن پاجىئەلەرنى، غەزەپ – نەپرەتلىرىمنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. بېللا ئىككىمىز مارىئاننانى ئېلىپ ياۋروپادىن ئامېرىكىغا كەلگەندە، قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچى كىملىكىمنى تاشلىۋېتىپ، نورمال ئادەم سۈپىتىدە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. كىيىم – كېچەك زاۋۇتىدا تىككۈچى بولۇپ ئىشلىگەن چاغلاردا، بالىلارنىڭ ئون قۇر ئىچ كىيىمى ئۈچۈن ئاران يەتتە سېنىت مائاش ئالاتتىم. تەلەپپۇزۇمدىن نومۇس قىلىپ ئامال بار ئىنگلىزچە سۆزلىمەيتتىم، باشقىلارنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىشىنى، يارامنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايتتىم.

نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ، كىلىنىكىلىق پىسخولوگ پىراكتىكامنى تاماملىغاندا ئاندىن قوش كىملىكىمگە تۆلەۋاتقان بەدىلىمنى تونۇپ يەتتىم. مەن ئۆزۈمنى ساقايتمىغان ئەھۋالدا باشقىلارنى داۋالاش تەمەسىدە ئىدىم. ئۆزۈم سالغان تۈرمىدە مەھبۇس ئىدىم. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە دوختۇر بولساممۇ، كۆڭلۈمدە قورقۇشتىن تىترەۋاتقان، ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆتمۈشنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان 16 ياشلىق مۇكەممەللىك تەرەپدارى ئىدىم. رېئاللىققا يۈزلىنىشنىڭ ئورنىغا، مەخپىيەتلىكنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشىدىم.

*   *   *

مەخپىيەتلىكىم ماڭىلا ئەمەس، بالىلىرىمغىمۇ چۈشىنىشىم تەس بولغان بىر رەۋىشتە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. مارىئاننا، ئاۋدۇرى ۋە جوننىڭ تېگىگە يېتىپ بولالمىغان ۋەھىمە ۋە جىددىيلىككە ئائىت ئورتاق بالىلىق ئەسلىمىلىرى بار. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ بالىلىرىدىن كەلگەن خەتلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال تىلغا ئېلىنغانىدى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ قىزى بولغان روز، ئاتا – ئانىسىنىڭ سۈكۈتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشتە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەنىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بالىلىقى گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئاتا – ئانىسى ئاۋسترىيەگە كۆچۈپ كەلگىنىدىن، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەيدىغانلىقىدىن، ئۇلارنى خاتىرجەم مۇھىتتا بېقىپ چوڭ قىلالايدىغانلىقىدىن مىننەتدار ئىدى. ئاتا – ئانىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك دائىم «شۈكرى، بىز ناھايىتى بەختلىك!» دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى، ئەمما روز ئاتا – ئانىسىنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھازىرغا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆتمۈشكە تۇتقان سۈكۈتى چوڭ سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ روزنى ئەندىشىگە سالاتتى. ئۇلار ھەر ۋاقىت ساراسىمە ئىچىدە يۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئاتا – ئانىسىنىڭ ئاسارەتكە تۇتقان سۈكۈتى ۋە ۋەھىمىسى روزغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇ دائىم ئىشلاردىن چاتاق چىقىدىغاندەك، كۈتمىگەن بىر پاجىئە يۈز بېرىدىغان ئەندىشە ئىچىدە ياشايتتى. روز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پسىخىكا مەسلىھەتچىسى ۋە ئانا بولغاندىن كېيىنمۇ نامەلۇم بىر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىدى، ئەمما ئۇ بۇ ھېسسىياتىنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەنىدى، ھەتتا كەسپىي پىسخىكىلىق مەشىقىمۇ بۇ ئەھۋالغا ياردەم قىلالمىغانىدى.

روزنىڭ كىچىك ئوغلى 19 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ئاكىسى ئىككىسىنى ۋېنگىرىيەگە ئاپىرىشنى ئۆتۈنىدۇ. ئوغلىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن بوۋا – مومىسىنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلگۈسى بار ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوڭچىل ئاشقۇنلۇقنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى ۋە تارىخنى بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان خاتالىقلارنىڭ تەكرارلىنىشى قاتارلىق ئامىللار ئوغلىنىڭ ئۆتمۈشكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغان ئىدى، ئەمما روز بۇ تەكلىپتىن ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا ۋېنگىرىيەگە بارغان، ئەمما ئۆز ئانا يۇرتىنى ياقتۇرالمىغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جايغا قايتا بېرىش ئىستىكىمۇ قوزغىلىپ باقمىغانىدى.

دەل شۇ مەزگىلدە بىر دوستى روزغا مېنىڭ تۇنجى كىتابىم «تاللاش» نى تەۋسىيە قىپتۇ. كىتابىم ئۇنىڭغا يېڭىچە غەيرەت ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆتمۈشىنى قوبۇل قىلىش جۈرئىتى ئاتا قىپتۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئوغلىنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بوپتۇ. نەتىجىدە ئوغۇللىرى بىلەن قىلغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆتمۈشىنى تونۇش سەپىرى ئۇنىڭغا چوڭ ئۆزگىرىش ھەم كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئاتا قىپتۇ.

ئۇلار بىر سىناگوگ(يەھۇدىيلارنىڭ تىلاۋەتخانىسى)دا ئۆتكۈزۈلگەن بۇداپېشتىكى نامراتلار رايونىغا ئائىت كۆرگەزمىگە قاتنىشىپتۇ. روز بۇ پۇرسەتتە تۇنجى قېتىم ئاپىسىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپتۇ. گەرچە ئۆتمۈشنى ئۆز ئەينى قوبۇل قىلىش روزغا تەس كەلگەن، ئۇنى ئازابلىغان بولسىمۇ، ئەمما زور پايدا ئېلىپ كەپتۇ. روز ئاتا – ئانىسىنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىنى بايقاپتۇ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشنى تىلغا ئېلىشتىن قېچىشىدىكى سەۋەبنىڭ روز ۋە ئۆزلىرىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپتۇ.

كۆڭۈل جاراھەتلىرىمىزنى يوشۇرۇش ياكى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش سۆيگەن كىشىلىرىمىزنى قوغداپ قالالمايدۇ. ئۇلارنى قوغداش دېگەنلىك ئۆتمۈشنىڭ جاراھەتلىرىدىن ساقىيىش ۋە ئاسارەتنىڭ تەسىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزمەسلىك دېگەنلىكتۇر. روز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆتمۈشىگە يۈزلەنگەندە ئىچكى دۇنياسىدىكى تىنچلىقنى ھېس قىلىدۇ. ئۆزىدىكى ئەندىشىنىڭ يىلتىزىنى بايقايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئازاد بولىدۇ.

*   *   *

تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، بىر ساۋاقدىشىم ماڭا ۋېكتور فرانكنىڭ «ھاياتنىڭ مەناسىنى ئىزدەش» (ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرىغا سولانغان پىسخىك دوختۇرىنىڭ كىتابى) ناملىق كىتابىنى سوۋغا قىلدى. بۇ كىتابنى ئوقۇمىغان بولسام ساقىيىشنى، ھەقىقىي ئەركىنلىك سەپىرىمنى باشلىيالمىغان بولاتتىم. مەن غەيرەت بىلەن ئۇ كىتابنى ئوقۇدۇم. دەسلەپتە بۇ كىتابنى ئوقۇماسلىققا كۆپ باھانەم بار ئىدى. ئۆزۈمگە: «باشقىلارنىڭ ئاۋسىۋېتىستىكى ئەسلىمىسىنى ئوقۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق» دەيتتىم. «مەن ئۇ يەرگە سولانغان تۇرسام، بۇ كىتابنى ئوقۇپ يارىلىرىمنى قايتا ئېچىپ نېمە قىلاي؟ قاباھەتلىك چۈشنى ئەسلەپ نېمە قىلاي؟ نېمە ئۈچۈن دوزاخقا قايتا سەپەر قىلغۇدەكمەن؟» لېكىن بىر كۈنى يېرىم كېچىدە،  ئائىلەمدىكى ھەممىسى ئۇخلاپ قالغاندا، غەيرەتكە كېلىپ كىتابنى ئاچتىم ۋە ئويلىمىغان بىر ئىشنى كۈتۈۋالدىم. مەن ئۆتمۈشۈمنىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدىم. فرانك مەن سولانغان تۈرمىلەرگە سولانغان بولۇپ، كىتابتىكى گەپلەر خۇددى ماڭا بىۋاسىتە دېيىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئەلۋەتتە ئىككىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى تامامەن ئوخشىمايتتى . فرانك جازا لاگېرىغا سولانغاندا 30 ياشتىن ئاشقان كەسپىي پىسخولوگىيە دوختۇرى ئىدى. مەن بولسام ئەمدى 16 ياشقا كىرگەن، مۇھەببەت قاينىمىغا يېڭى چۆككەن گىمناستىكا ماھىرى ۋە بالېتچى ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئورتاق قاباھەتلىك تۇرمۇشىمىز ھەققىدە يازغان بۇ كىتابى ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. مەن كىتابتىن كەلگۈسىمدىكى يېڭى ئېھتىماللىقلارنى، مەخپىيەتلىكنى يوشۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆتمۈش بىلەن تىركىشىش ۋە ئۇنىڭدىن قېچىشنى توختىتىشىم لازىملىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ يازغانلىرى، يۈزتۇرانە يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ھەقىقىي ئۆزۈمگە يۈزلىنىشكە، سىرلىرىمنى دادىل ئاشكارىلاشقا جۈرئەت تاپتىم ۋە ئىلھام ئالدىم.

*   *   *

بىز رېئاللىقنى ئىنكار قىلىش، ئۆزىمىزنى ئالداش  ۋە ئازاب – ئوقۇبەتنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مەخپىيەتلىكلىرىمىزنى ساقلىماقچى بولىمىز، ئەمما بۇنىڭ ساقىيىشىمىزغا قىلچىلىكمۇ پايدىسى بولمايدۇ.

بەزىدە ئېيتالمايدىغان ياكى ئاڭسىز سەۋەبلەر تۈپەيلى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش يولىغا كىرىپ قالىمىز. بەزىدە باشقىلار تەھدىت ئارقىلىق بىزنى سۈكۈتكە زورلايدۇ. مەيلى نېمىلا سەۋەبتىن بولمىسۇن مەخپىيەتلىك ساقلاش پايدىلىق ئەمەس، چۈنكى مەخپىيەتلىك نومۇس تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، نەتىجىدە نومۇس ھەرخىل خۇمارلىققا يېتەكلەيدۇ. ئەركىنلىك ھەقىقەتكە يۈزلىنىش ۋە راستچىل بولۇشتىن كېلىدۇ. خۇددى كېلەركى باپتا تىلغا ئالىدىغىنىمدەك، ئۆزىمىزگە بولغان چىن مۇھەببەتنى شۇنىڭدەك رازىمەنلىكنى يارىتالىغاندىلا بۇ خىل ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيمىز.

*   *   *

مەخپىيەتلىكنىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىدىغان ئاچقۇچلار: 

  • ئىككى ئورۇندۇقتا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ. ئىككى ئورۇندۇقنى يانمۇ يان قويۇڭ. ئالدى بىلەن بىر ئورۇندۇقتا پۇتلىرىڭىزنى كىرىشتۈرمەي ئولتۇرۇڭ. پۇتىڭىزنىڭ يەرگە ئەركىن تېگىشىنى، ئورۇندۇققا چۈشۈۋاتقان ئېغىرلىقىڭىزنى، ئومۇرتقىڭىز بىلەن تۇتاش داس سۆڭىكىڭىزنى، بويۇنىڭىزنى ھېس قىلىڭ. مۈرىڭىزنى يېنىك ھەرىكەتلەندۈرۈڭ . بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ. ئەمدى ئىككى ئورۇندۇققا تەڭ ئولتۇرۇڭ. پۇتىڭىز، داس سۆڭىكىڭىز، ئومۇرتقىڭىز، بويۇنىڭىز، بېشىڭىز ۋە مۆرىلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. ئىككى ئورۇندۇقتا تەڭ ئولتۇرۇشقا ئۇرۇنغىنىڭىزدا بەدىنىڭىز ۋە نەپسىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ ئەمدى دەسلەپتە ئولتۇرغان ئورۇندۇقىڭىزغا قايتىپ كېلىڭ. پۇتىڭىز ۋە داس سۆڭىكىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ. بېلىڭىزنى تىك قىلىپ ئولتۇرۇڭ. ئەمدى ئەسلىڭىزگە قايتتىڭىز.
  • سەمىمىيلىك ئۆزىڭىزگە راستچىل بولۇشتىن باشلىنىدۇ. روبېن تۇرمۇشىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرىدىغان مەشىقنى سىناپ كۆرۈڭ. كۈنىگە نەچچە قېتىم ئاڭلىق ھالدا بەدىنىڭىز ۋە روھىي دۇنيارىڭىزنىڭ كىلىماتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. ئۆزىڭىزدىن: «راھەت ھەم ئىللىقلىق ھېس قىلىۋاتامدىم ياكى مۇزلاپ، بىرەر يېرىم كۈيۈشكەندەك بولىۋاتامدىم؟» دەپ سوراپ تۇرۇڭ.
  • باشقىلارنىڭ ئالدىدا راستچىل بولۇڭ. ھەرخىل قوللاش گۇرۇپپىلىرى مەسىلىڭىزنى ھەمبەھىرلەيدىغان ھەم سىز بىلەن ئورتاق كەچۈرمىشى بار كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. مەھەللىڭىزدىن ياكى توردىن ئەھۋالىڭىزنى چۈشىنىدىغان ھەم ئۆزئارا ھېسداشلىق قىلالايدىغان كىشىلەرنىڭ يىغىلىشىنى ئىزدەڭ. يىغىلىشقا بىر نەچچە قېتىم قاتنىشىپ ئاندىن داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرماسلىقنى قارار قىلىڭ.

Chapter 4 ONE BUTT, TWO CHAIRS

The Prison of Secrets

 In Hungary we have an expression: If you sit with one butt on two chairs, you become half-assed.

If you’re living a double life, it’s going to catch up with you.

When you’re free, you’re able to live with authenticity, to stop straddling the gap between two chairs—your ideal self and your real self—and become congruent. You learn to sit fully in the chair of your own fulfillment.

* * *

Robin was struggling in the gap between two chairs when she came to see me, her marriage on the brink of collapse. She’d grown exhausted trying to live up to her husband’s exacting demands, and their marriage had become passionless and empty. She felt she needed an oxygen mask just to get through the day. In search of relief and joy, she began an affair.

Cheating is a dangerous game. Nothing is more exciting than a new lover. When you’re in a new bed, you’re not talking about who’s going to take out the garbage, whose turn it is to drive the carpool to soccer practice. It’s all pleasure, no responsibility. And it’s temporary. For a while after the affair began, Robin had felt alive to joy, more optimistic, more nourished, able to tolerate the status quo at home because her hunger for affection and intimacy was being fed elsewhere. But then her lover gave her an ultimatum. She had to choose: her husband, or him.

She booked her first session with me because she was stuck, unable to make up her mind. At her first appointment, she went around and around, detailing the pros and cons of two seemingly impossible choices. While a divorce would keep her lover from leaving, it would devastate her two children. But if she stayed in the marriage, she’d have to give up the one person who made her feel seen and cherished. It was either her kids’ happiness or her own fulfillment.

But the fundamental choice she needed to make wasn’t about which man to be with. Whatever she was doing with her husband—withdrawing, hiding, keeping secrets—she would continue to do with the lover, or in any romantic relationship, until she chose to change. Her freedom wasn’t about choosing the right man. It was about finding a way to express her desires, hopes, and fears in any relationship.

Sadly, this is a common problem. Even a marriage begun with passion and connection can grow to feel like a prison cell. It happens slowly over time, and it’s often difficult to see when and how the bars are built. There are the usual intrusions

—stress over money or work or children or extended family or illness—and because the couple lacks the time or the tools to resolve these irritations, the worry and hurt and anger build up. After a while it’s even harder to express these feelings, because they lead to tension or arguments, and so it’s preferable to avoid the topics altogether. Before two people know it, they’re living separate lives. The door is open for someone else to come in and attempt to fill what’s been lost.

When a relationship is strained, it’s not one person’s fault. Both people are doing things to maintain the distance and disputes. Robin’s husband was a perfectionist. He criticized her and was judgmental and hard to please. At first, it was tough for her to recognize that she was also doing things to damage the relationship: pulling away, going to another room, disengaging, disappearing. Most of all, keeping her unhappiness a secret. The affair was a secondary secret. The primary secret was all that she had begun habitually concealing from her husband—her daily ups and downs, sorrows and pleasures, longing and grief.

Honesty starts with learning to tell the truth to yourself.

I told Robin I would keep treating her if she liked, but only if she put the affair on hold as she worked to be in a more honest relationship with herself.

I gave her two exercises. The first I call Vital Signs. It’s a quick way of taking your own temperature, becoming aware of your inner climate and the emotional weather you’re putting into the world. We’re always communicating, even when we’re not saying a word. The only time we don’t communicate is when we’re in a coma. Several times a day, make a conscious effort to check in with your body, to ask yourself, “Do I feel soft and warm, or cold and stiff?”

Robin didn’t like discovering how often she was stiff, rigid, closed off. Over time, the act of taking her emotional temperature helped her soften. This is when I introduced the second exercise, Pattern Interruption—a way to consciously replace a habitual response with something else. When Robin felt herself wanting to withdraw or withhold from her husband, she would make a conscious effort not to disappear. She’d soften her gaze and look at her husband with loving eyes—something she hadn’t done for a long time. One evening at the dinner table, she gently reached for his hand.

It was a tiny step toward intimacy. They still had a lot of repairs to make if they were to rebuild their relationship. But they’d begun.

* * *

Healing can’t happen as long as we’re hiding or disowning parts of ourselves. The things we silence or cover up become like hostages in the basement, trying more and more desperately to get our attention.

I know because I tried to hide my past for years, to conceal what had happened to me, to hide my grief and rage. When Béla and I fled Communist Europe after the war and came to America with Marianne, I wanted to be normal. I didn’t want to be the shipwrecked person I was, a mother who was also a Holocaust survivor. I worked in a garment factory, cutting loose threads off the seams of little boys’ underwear, paid seven cents per dozen, too scared to say anything in English for fear others would hear my accent. I just wanted to fit in, to be accepted. I didn’t want people to feel sorry for me. I didn’t want my scars to show.

It wasn’t until decades later, when I was finishing my training as a clinical psychologist, that I realized the cost of my double life. I was trying to heal others without healing myself. I was an impostor. On the outside, I was a doctor. On the inside, a terrified sixteen-year-old was quaking, cloaked in denial, overachievement, and perfectionism.

Until I could face the truth, I had my secret, and my secret had me.

* * *

My secret also had my children, in ways I’m still growing to understand. The childhood memories Marianne, Audrey, and John have shared—the fear and tension they sensed under the surface without knowing what it was about—are similar to what I’ve read in letters from readers around the world who are children of Holocaust survivors.

Ruth, whose parents were Hungarian survivors, told me about the impact her parents’ silence had on her growing up. On the one hand, she had a wonderful childhood. Her father and mother were outwardly joyful and relieved to have immigrated to Australia, happy to be able to offer their children a good education, to send them to ballet and piano classes, to raise them in a peaceful environment, to celebrate their accomplishments and friendships. “We’re lucky,” they’d often say. “Thank goodness.” There was no obvious stamp of trauma.

But there was a disconnect between Ruth’s inner and outer experience. Her parents’ positivity about the present in contrast with their silence about the past left her feeling anxious. A sense of foreboding threaded its way through many experiences, however pleasurable or mundane. Picking up on her parents’ unspoken trauma and fear, she, too, developed a belief that something was wrong, that something terrible was about to happen. She became a successful psychiatrist and a mother, but no matter how accomplished she was, she harbored a chronic sense of dread and asked, Why do I feel this way? Even her professional training in psychiatry didn’t give her the right lens to understand.

When he turned nineteen, Ruth’s youngest son asked her to take him and his brother to Hungary. He wanted to learn more about his grandparents, who were no longer alive. And with the rise of right-wing extremism around the globe, and an understanding that those who don’t know history are doomed to repeat it, he felt especially committed to knowing more about the past. But Ruth balked. She’d been to Hungary as a young woman, during the height of Communism, and it had not been a pleasant experience. She had no desire to return.

Then a friend recommended a book to her—The Choice!—and reading it gave her new courage and a strong imperative to face her parents’ past. She agreed to the trip.

It turned out that retracing her parents’ past with her sons was an intensely transformative and healing experience. They visited a synagogue that houses an exhibition on the Budapest ghetto. For the first time, she saw pictures that detailed what her mother had lived through. It was painful and difficult to take in the truth. But it was also helpful and empowering. She gained insight and a new sense of connection to her parents—she understood why they’d been so reluctant to talk about the past, appreciating that they were trying to protect her, and themselves. But hiding or minimizing our truth doesn’t protect our loved ones. Protecting them means working to heal the past so we don’t inadvertently pass the trauma on to them. As Ruth confronted her family’s legacy, she was able to feel congruence within herself. To come to terms with the root of her anxiety and begin to release it.

* * *

My healing didn’t start until a fellow student at the University of Texas gave me a copy of Viktor Frankl’s Man’s Search for Meaning and I finally worked up the courage to read it. I had so many excuses, so many reasons to resist: I don’t need to read someone else’s account of Auschwitz, I told myself. I was there! Why feel the pain all over again? Why open myself up to nightmares? Why revisit hell? But when I finally cracked the book open in the middle of the night while my family slept and the house was quiet, something unexpected happened: I felt seen. Frankl had been where I’d been. It felt like he was speaking directly to me. Our experiences weren’t identical. He was in his thirties when he was imprisoned, already an acclaimed psychiatrist; I was a sixteen-year-old gymnast and ballet student dreaming of my boyfriend. But the way he wrote about our shared past changed my life. I saw a new possibility for myself—a way to give up secrets and hiding, to stop fighting and running away from the past. His words—and later, his mentorship—gave me the courage and inspiration to face and express my truth, and in speaking my secret, reclaim my genuine self.

* * *

Reckoning and release are impossible when we keep secrets—when we operate under a code of denial, delusion, or minimization.

Sometimes the demand to keep a secret is unspoken or unconscious. Sometimes others buy our silence with threats or force. Either way, secrets are harmful because they create and sustain a climate for shame, and shame is the bottom line of any addiction. Freedom comes from facing and telling the truth—and, as I’ll explore in the next chapter, this is only possible when we create a climate of love and acceptance within ourselves.

KEYS TO FREE YOURSELF FROM SECRETS

  • If you sit with one butt on two chairs, you become half-assed. Place two chairs side by side. Begin by sitting on one chair, legs uncrossed. Feel the way your feet rest against the floor. Feel your sit bones heavy on the chair. Feel your spine lengthen out of your pelvis, your head extend from your neck. Soften your shoulders away from your ears. Take a few deep, nourishing breaths, lengthening with the inhale, grounding with the exhale. Now move so you are sitting with one butt cheek on one chair, the other cheek on the other chair. Check in with your feet, your sit bones, your spine, neck, head, and shoulders. How do your body and breath feel when you straddle two chairs? Finally, return to one chair. Ground your feet and sit bones. Lengthen your spine and neck. You’re back home. Follow your breath as you realign and become congruent.
  • Honesty starts with learning to tell the truth to yourself. Try the Vital Signs exercise that Robin used to heal her marriage. Several times a day, make a conscious effort to check in with your body and take your own emotional temperature. Ask yourself, “Do I feel soft and warm, or cold and stiff?”
  • Tell the truth in the safe presence of others. Support groups and twelve- step programs can be a wonderful place to share your truth—and learn from others who are doing the same. Find a local or online meeting where you will be in the company of people who can relate to and empathize with your experience. Attend at least three meetings before you decide whether or not it’s for you.