Skip to content

ئىستىقبال ئۇيغۇرياردا بىخلىنىدۇ

ئىستىقبال ئۇيغۇرياردا بىخلىنىدۇ

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۇيغۇريار فوندىمىز، ياردەم، مائارىپ ۋە ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ يېقىندا بىر يۈرۈش خۇش خەۋەرلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
1. بىخ مۇكاپاتى. 19-ئاۋغۇست كۈنى دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ تەقدىم قىلىشىدا ئىككى مەيدان لېكسىيە ئۆتكۈزۈشنى ۋە تۈركىيەدىكى ياراملىق بىخلارنى تاللاپ مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدۇق. بىخ مۇكاپاتىغا تاللانغان بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن نۇقتىلىق پىلانغا كىرگۈزۈلىدۇ ۋە كېلەچەكتە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ.
2. ئۇيغۇريار ئىستىقبال مۇكاپاتى. بۇ مۇكاپات تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەرەققىياتلىق ئەللەردە يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. فوندىمىز ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرى ۋە ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە، كورېيە، سىنگاپور، تەيۋەن، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئەللەردىكى مەكتەپلەردىن چاقىرىق قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تاللاپ مۇكاپات تارقىتىدۇ. مۇكاپات شەرتىگە توشمايدىغان، ئەمما تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىدۇ. (بۇ تۈردە بىر ئوقۇغۇچى قەرزگە ئىلتىماس سۇنۇپ تەستىقلاندى)
3. ئۇيغۇريار ھۈنەر مۇكاپاتى. بۇ مۇكاپات تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلارنى ھۈنەر ئارقىلىق چىقىش يولى تېپىشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇكاپاتقا تاللانغانلارغا ھۈنەر ئۆگىنىش مەزگىلىدىكى ئۈچ ئايدا ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى مۇكاپات تەرىقىسىدە ئايغا بۆلۈپ تارقىتىلىدۇ.
بىخ مۇكاپاتىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكى رەسىمدە ئوچۇقلاندى. ئىستىقبال ۋە ھۈنەر مۇكاپاتى شەرتلىرى پات يېقىندا ئۇيغۇريار ئورگان تور بېتىگە قويۇلىدۇ. ئىستىقبال مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەگەر شەرتلەر ئېلان قىلىنغىچە تەخىر قىلالمىسا تىزىملاتقاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئىلتىماس قىلىش ئادرېسى: [email protected]
www.uyghuryar.org
ئۇيغۇريار فوندى
2018-يىلى 9-ئاۋغۇست