Skip to content

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

Zulpiqar Barat Ozbash

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2001- يىلى «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» دەرسلىكى (تۆت قىسىم) ۋە «جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى» قاتارلىق بىر يۈرۈش دەرسلىكلەرنى تۈزگەن. ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتودى، ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمسى ۋە ئۆزگىچە مېتودتا تۈزۈلگەن «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» ناملىق دەرسلىك كىتابلىرى بىلەن كەڭ تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2007- يىلى «فورد خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 2009- يىلى 12- ئايدا ماگستېرلىق ئۇنۋانىغا، 2013- يىلى 5- ئايدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان.

زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» دېگەن ئىككى كىتابى نەشىر قىلىنغان ۋە باشقا بىرقىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ياكى كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنغان (مەسىلەن: نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكا يازغۇچىسى تونى مورىسسوننىڭ «جان قوزام» رومانى). ئۇ 2018-يىلى سىنتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغان. ۋەتەندىن ئېلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بورتالا تۈرمەسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى دېيىلمەكتە.

توردا تېپىلغان بەزى كىتابلىرى:

What Sociologists Say
جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش 2015- يىلى 10- ئايدا نەشىر قىلىنغان. ISBN: 978-7-228-14598-0
On the Margins of Self
ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، ئاۋازلىق كىتاب، باشقا ئۇلىنىش 2011-يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلىنغان. ISBN: 978-7-5631-2464-0
Beloved
جان قوزام، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش 2014- يىلى 10- ئايدا نەشىر قىلىنغان. ISBN: 978-7-228-17834-6
The Wandering English Course
سەرخۇش ئىنگلىز تىلى (بىرىنچى قىسىم)، باشقا ئۇلىنىش، (ئىككىنچى قىسىم)، باشقا ئۇلىنىش 2014- يىلى 10- ئايدا نەشىر قىلىنغان. ISBN: 7-5370-4699-9.
The Soulful Wandering English Grammar
جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى، باشقا ئۇلىنىش 2004- يىلى 5- ئايدا نەشىر قىلىنغان. ISBN: 7-5372-3768-9.

توردىكى بەزى ماقالىلىرى:

قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى، باشقا ئۇلىنىش

مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك، باشقا ئۇلىنىش

ئۈستۈن ئوقۇرمەن قانداق بولىدۇ؟، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

ئاتام ئېيتقان بايىقى

كوللېكتىپ ئاڭسزلىق ۋە كوللېكتىپ پاراسەت

ئېرنېست ھېمىڭۋاي ۋە «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلات»

ئاقارتىش جاراھىتى ۋە ئاددىي ئەقىل

كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىز ۋە پوزىتسىيىمىزدىكى سەۋەنلىكلەر ھەققىدە

 

ھەر خىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلىرى