رىۋايەتلەردىن تاللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار
مۇھاجىرەتتە پەرزەنتىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم تاللايدىغان ئاتا-ئانىلار بارغانچە كۆپلەۋاتقانلىقى كۆزۈتىشىمدىن مەلۇم. ئانا بولغۇسى خانىملار ۋە ئاتا بولغۇسى ئەپەندىلەرنى مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن، بىر قانچە ئايلاردىن بۇيانقى ئىزدىنىشلەر، سېلىشتۇرۇشلار ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە رەتلەنگەن تۆۋەندىكى ئىسىملارنى سۇندۇم. بۇلار ئۇيغۇرچە ئەپسانەلەردىن، ئۇيغۇرلار بىلەن مەنبەداش باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىن تاللانغان ئىسىملاردۇر.
ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن بۇ ئىسىملارنى تاللىغاندا مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىلدى. بىرى قىسقا بولۇش، يەنە بىرى دۇنيادىكى چوڭ تىللاردا يازماققا قولاي بولۇش، ئېغىزغا ئاسان كېلىدىغان، تەلەپپۇزغا قولاي بولۇش، ئۈچىنچىسى گۈزەل، يېقىملىق، يېڭى مەنىلىك بولۇش. بۇ ئىسىملارنى رەتلەپ ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ياش ئاتا ئانالار بىلەن مەسلىھەتلەشتىم ۋە ئۇلارنىڭ تەكلىپ، تەلەپلىرى بويىچە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئەللەردىكى مىللەتنىڭ تىلىدا تەلەپپۇز قىلغىلى بولمايدىغان، ئاسان ئەستە قالمايدىغانلارنى شاللىۋەتتىم. بەزى ئىسىملارنى تەقلىت قىلىپ ياسىدىم.
- ئايزىت، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا بەخت ئىلاھى.
- ئايدا گۈزەل
- ئامرال سۆيۈنۈش
- ئارغۇن، پاك
- ئۇمۇل ئۈمىتلەنمەك
- ئۇيۇل ئۆملەشمەك
- تۇغرۇل بۈركۈتنىڭ بىر تۈرى
- كۈبەي، بايلىق مالائىكەسى
- ئۇماي، تۇغۇت ئىلاھى، ساغلاملىق مالائىكەسى
- ئۈلكەن، تەڭرى
- ئاباي-يەر يۈزىنىڭ قوغدىغۇچىسى،
- ئالقىن، ھەسەن ھۈسەن مەنىسىدە، ئۇماي يەرگە چۈشمەك ئۈچۈن ئالقىننى مىنەرمىش.
- ئەلەك، بۇمۇ قوغدىغۇچى روھ
- مارال، كىشى كېيىك، تۇتىم
- ئەمچىل داۋا
- ئالغۇر باتۇر
- قۇتاي قۇتلۇق، بەختلىك
- قايرا تەڭرىلەرنىڭ ئاتاسى، ئىلھام بەرگۈچى
- مەرگەن قايرانىڭ ئوغلى، مەرگەن
- تۈرگەن كۆپەيتكەن
- تايغا ئورمان تەڭرىسى
- ئالغا نىشان
- بايات تەڭرى
- بايان بەخت
- ئۇران توتېم، بەلگە
- تاغخان ئوغۇزخاننىڭ ئوغلى
- بۇلۇت كۆك تەڭرىنىڭ تېنى
- بۈركۈت
- قارتال بۈركۈت
- مەركۈت كۈن ئىلاھى، كۈن قۇشى، شامانلارنىڭ ئاتىسى
- بۆكۈ باتۇر
- ئاياز ئالەم
- ياندار ياردەمچى
- يانقۇ ئەكىس سادا
- ئەجە تۇنجى ئايال
- تۆرۈن تۇنجى ئەر
- تۆرگەن تۆرەلگەن
- بىكە خانىم، ئايال
- بۈرچە بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى
- دورا، ئەڭ يۈكسەك يەر
- قىرات، ئاتلارنىڭ ئىسمى، ئاسمان
- يۇرۇن ئاق
- يۇلقۇن كۈرەش
- تالاي دېڭىز
- لاچىن
- تارچىن بىر خىل دەرەخ
- ئابرا، ئاۋرا سۇ پەرىسى
- ئاياس ئالەم، بۇلۇتسىز ھاۋا
- ئالاس دۇئا،
- ئالقىش، تىلەك،
- ئالغۇن كۈچلۈك
- ئاراي تەمىن، ئېغىر بېسىق
- ئارال
- ئارچىن، پاكىزە
- ئارىسقان كىچىك كۆلەمدىكى ئورمان
- ئايا ياي
- بارلۇق باي
- بارس يولۋاس
- بايزىن، قوغدىنىدىغان يەر
- بارلاس بىر قەبىلە
- بەلتىر دەريالار بىرلەشكەن يەر
- ئالپاغۇت
- بۇزقان قار بوران
- يەشىن يامغۇر
- يالقىن يالقۇن
- يالچىن چاقماق
- جەرەن
- قايدار داستانچى
- قايا، قىيا
- جەم غەنىمەت
- يۇلا روھنىڭ بىرى تۈرى
- يوسۇن قانۇن قائىدە
- يۈرەن پىيادە
- چاچقۇ
- تۇيغۇ
- چەينە بىر گۈلنىڭ ئىسمى
- ئىمگە، بەلگە
- ئەرەن
- ئەرەناي
- ئەرگىن يېتىشكەن، تولغان
- قىيات ئوغۇزنامەدە چىقىدىغان كۈچلۈك بىر ھايۋان
- قىران كۈچلۈك، قىرغۇچى
- ئىلغىن باتۇر، ئوۋچى
- قاي داستان، ناخشا
- تۆرە
- توڭا ياكى تونا
- ئەرتونا بىر قەھرىماننىڭ ئىسمى
- ئىدىل دەريا
- ئىمىل شىمالدىكى بىر دەريا
- تۇمان
- تولۇن
- تۇرنا
- تۇتقۇ ھەدىيە
- تۈگەل مۇكەممەل
- تۈپەل سەۋەپ
- تۈنەر، تۈننى يەڭگەن ئەر
- ئۇترۇ قارشى
- ئۇتقۇ غەلىبە
- قۇتقۇ بەخت
- قۇتان پەختكە ئېرىشكەن
- ئەۋرەن كاتتا
- ياشىن چاقچماق
- يىلپىز
- ئەرەنتىر زۆھەل، بىر يۇلتۇزنىڭ نامى
- سەكەنتىر بىر يۇلتۇزنىڭ نامى
- ئەرقام ئەر دوختۇر
- ئەرقان باتۇر
- ئەردەن گۆھەر
- ئەرلەن قەھرىمان
- ئەركەش كۈچلۈك
- ئۇزاي گۈزەل ئاي
- قايران قايتتۇرغان، ياندۇرغان، توسقان
- سۇيلا خەۋەر بەرگۈچى روھ
- يوقان يەر ئىلاھىنىڭ كاتتىسى
- قامان سېھرىگە، بىلىملىك
- يادا بىر تاش، دۇئا قىلسا يامغۇر ياغدۇرغىلى بولارمىش
- باسات تىنچلاندۇرغۇچى
- سالۇر بىر قەبىلە ئىسمى
- بايىرقۇ قەبىلە ئىسمى
- بايندىر قەبىلە ئىسمى

