Skip to content
تۇرسۇن مەخمۇت

يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت (بەزىدە تۇرسۇن مەھمۇت دەپ يېزىلغان) 2028-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھازىر چەرچەن تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتىدۇ. تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن چەرچەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلەيتتى.

تۇرسۇن مەخمۇت 1968- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ باغئېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1990-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. 1989- يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا تۇنجى ھېكايىسى «داۋامى قالغان چۈش» ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست ۋە باشقا ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 6، 15، 16- قېتىملىق ئۈچ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2009- يىلى 12- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «تاغامنىڭ شاپتۇللىرى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى؛ شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «پەرىشتە يامغۇرى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى؛ 2010 – يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «گۇگۇم» ناملىق رومانى؛ 2012- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «يامغۇرلۇق يەكشەنبە» ناملىق رومانى، «قوڭۇر ئاتلىق مەپە» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيۇۋاتقان ئەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى؛ 2014- يىلى 1- ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۈچىنچى سۆيگۈ» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى؛ 2015- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «جاراھەت گۈلى» ناملىق رومانى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇزاق يول» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى؛ شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «گۈلگۈن دۇنيا» ناملىق رومانى نەشر قىلىندى. ئۇ جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بايىنغولىن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ توردىن تېپىلغان بەزى ئەسەرلىرى:
گۈلگۈن دۇنيا، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

يامغۇرلۇق يەكشەنبە، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

قوڭۇر ئاتلىق مەپە، باشقا ئۇلىنىش، باشقا ئۇلىنىش

جاراھەت گۈلى، باشقا ئۇلىنىش

تاغامنىڭ شاپتۇللىرى

ئۇزاق يول

يۈز تېرىسى

باشقا ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.