Skip to content

ئۇيغۇرچە ئىسىم-فامىلە قوللۇنۇشتا لازىملىق مىساللار ۋە قىسقىچە چۈشەنچە

Famile

1.ئۇيغۇرچە فامىلە ۋە ئۆرنەك

فامىلە مەسىلىسى ئۇيغۇرلاردا 20-ئەسىرنىڭ يېرىمىغىچە روسچە قېلىپقا سېلىنغان بولسىمۇ ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىنمىغان. 90- يىللاردىن كېيىن بۇ مەسىلە قايتا كۈنتەرتىپكە چىققان بولسىمۇ ھېلىغىچە بىر ھاسىلات ئوتتۇرىغا چىقمىدى. بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسلار، چاقىرىقلار ۋە تەتقىقاتلار يۈكسەلگەن بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ ئىتىراپىغا ئېرىشەلمەي ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ بولۇپ تاشلىنىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردا فامىلىسىزلىك چاتىقى پاسىپورت ئېلىش كەڭرىچىلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدە ئۆز ئىسمى ئالدىدا ئاتا ئىسمى كەينىدە يېزىلغان. پاسپورت بېجىرىلگەندە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار خىتايلارنىڭ فامىلىسى ئالدىدا ئىسمى كەينىدە كېلىدىغان قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى فامىلىسى، ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىسمى قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە قىز ئوغۇل بولۇپ قېلىش، بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىسمى ئوخشاپ فامىلىسى پەرقلىنىپ قېلىش قاتارلىق خاتالىقلار كېلىپ چىقىپ پۇقرالارغا قولايسىزلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. مەسىلەن، ماھىرە ياقۇپ دېگەن قىز ياقۇپ ماھىرە بولۇپ قىز ئوغۇلغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە مىسال، گۈلناز تۇرغۇن، ئايناز تۇرغۇن دېگەن ئىككى قىزنىڭ ئىسمى فامىلىسى تۇرغۇن ئايناز، تۇرغۇن گۈلناز بولۇپ قېلىپ بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئوخشاپ قالغاندىن باشقا يات فامىلىلىك بولۇپ قالغان. بۇنداق قالايمىقانچىلىقلارنى فامىلە قوللانماي ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئىككى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا كۆچمەن بولۇپ قاڭقىپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى تەدىرىجى كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ 2009-يىلى ۋە 2013-يىللاردا كۈچەيگەن كۆچمەنلىك قىزغىنلىقىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر مالايسىيە، ئورتا ئاسىيا ۋە تۈركىيەلەرگە كۆچتى ۋە بۇ يەرلەردىن يېڭى زىللاندىيە، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە سىغىندى. بولارنىڭ بەزىسى ئاللىقاچان تۇرۇۋاتقان ئەلنىڭ پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى شۇ نەتىجىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇ ئەللەردە فامىلە ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولغاچقا پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنۇش ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار فامىلە مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.

ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا دۇچ كېلىۋاتقان فامىلە مەسىلىسىگە تۈركچىدىن مۇۋاپىق ئۆرنەكلەرنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. ھەتتا تۈركچە فامىلەلەرنى بىۋاستە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. تۈركلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلەلەرنىڭ بىرى پالان ئوغلى شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ دادىسىنىڭ يا شۇنداق بىر كىشىسىنىڭ ئىسمىغا ئوغلى سۆزىنى قوشۇپ فامىلە قىلسا بولىدۇ. ئەمما بۇ مۇستەقىل فامىلە قوللانماقچى بولغان ئۇيغۇر خانىملىرىغا ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما بۇ بىر كۆنۈش مەسىلىسى. تۈركىيەدە پالان ئوغلى شەكلىدىكى فامىلىنى قوللىنىپ ياشاۋاتقان مىڭلىغان خانىم قىزلار بار.

تۈركچىدە يەنە بىر كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلە تارىخى ناملاردۇر. بۇ تۈرك تارىخىدىكى شەخس، يۇرت، مىللەت، قەبىلە، ئۇرۇق نامىلىرى ۋە مەشھۇر تاغ، دەريا، كۆل، دېڭىز، ئېقىنلارنىڭ ناملىرىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. تۈركلەردە تارىخى شەخسلەردىن مەتەخان، ئىلتەرىش قاغان، ئوغۇزخان، بىلگە قاغان قاتارلىقلارنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان فامىلىلەر خېلى كۆپ. ئۆتۈكەن، ئورخۇن، ئىدىل، تارىم قاتارلىق تارىخى يەر، سۇ ناملىرىدىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ كۆپ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر، قارلۇق، باسمىل، ئىزگىل، چىگىل، ياغما، ئوغۇز، ئاۋار، ئۆزبەك، قاڭقىل، قىپچاق، ئاقمان، قارامان، قەبىلە قاتارلىق ئۇرۇقلارنىڭ نامىدىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ خېلى  سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

تۈركلەردە فامىلىلەر يەنە ھۈنەر، كەسىپ، ماھارەتكە ئائىت سۆزلەردىنمۇ تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، ساپانجى، كارۋانجى، بارۇتچۇ، بايراقدار، ئەلەمدار، توپچى، تۆمۈرچى، قۇشچى، تاشچى، كېمىچى، قەھۋەچى، سۇتچى، چايچى، گۈلچى قاتارلىقلار. ئاندىن تارىخى ئەمەل ناملىرىدىن كەلگەنلىرىمۇ مەۋجۇد، مەسىلەن، خاقان، ئىلك، يابغۇ، ئۆگە، تېكىن، بىلگە، ئەركىن، بۆگۈ، بۆكە، تارخان، شاد، تۇتۇق، باسقاق قاتارلىق. تۈرلۈك لەقەملەردىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ بار، مەسىلەن، سولاق (سولخاي)، چولاق، قىسقا كۈرەك، ئۇزۇن قول، سارى دۇرسۇن، داغدەلەن، چاغلايان، ئوزان، بۈيۈك، قاتارلىق.

تۈركچىدىكى يۇقارقى ئۆرنەك بويىچە ئۇيغۇرلارمۇ تارىخى شەخسلەرنى فامىلە قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن، باتۇر تەڭرىقۇت، تۇنيۇقۇق، پانتېكىن، بۇغراخان، ئارسلانخان، ئىلكخان، بازىرخان، قازىرخان قاتارلىق. تاغ، دەريا، يۇرت، ئايماق، چۆل، بوزلۇق ۋە سۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى فامىلە قىلىپ قوللانسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئاۋرال، ئالتاغ، قۇمتاي، ئەشمە، ئۆگەن، تارىم، يۇرۇڭقاش، قايدۇ، مۇزارت، سېلىنغا، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قاراسۇ، بوزدالا، بوزتاغ، سۇنتاغ، چەشتاغ، سايرام، باغراش، باغداش، ئاققاش، كۆكچە، بوزكۆل، تەكلىماكان، مۆرەن، مىڭلاق، قورغان قاتارلىق. باتۇر، يېقىشلىق جانلىقلارنىڭ ناملىرىدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، قاپلان، سىرتلان، ئارسلان، قۇلان، غونان، بۇغرا، يىلپىز، لاچىن، قۇرغۇي، بۈركۈت، شۇڭقار، ئارقار، تورغاي، ساندۇۋاچ، چاغرى، توغرۇل قاتارلىقلار.

دېمەك، ئۇيغۇرلار فامىلە قوللۇنۇشتا بۈگۈنكى تۈركچە فامىلەلەرنى ئۈلگە قىلىدىغان بولسا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇن چىرايلىق، ئىخچام ۋە ئۇيغۇرغا خاس سۆزلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇندىن باشقا تۈركلەردە  ئاۋۋال ئۆز ئىسمى، بەزىدە ئوتتۇرىدا دادا ئىسمى، ئاخىرىدا فامىلىسى كېلىدىغان ئادەت بار. بەزىدە ئاياللار ئۆز فامىلىسىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن نىكاھلىق بولغاندىن كېيىن يولدىشىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئالدىغا ئۆز فامىلىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، نۇراي ئۆزتۈرك چەلىك. بۇ يەردىكى نۇراي ئىسمى، ئۆزتۈرك فامىلەسى، چەلىك يولدىشىنىڭ فامىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە شەكلىمۇ مۇشۇ تەرتىپتە بولسا مۇۋاپىق. شۇنداقلا بۇ دۇنيادا فامىلە قوللىنىۋاتقان مىللەتلەردە ئومۇملاشقان بىر قائىدە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

2016-يىلى مارت، ئىستانبۇل.

ئاپتۇرنىڭ «ئويۇنلار ۋادىسى تۈركىيە» دېگەن كىتابىدىن. تۈركىيەدە پۇقرالىققا ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ۋە پەرزەنتلىك بولغانلار ئۈچۈن ھەدىيەم بولسۇن.

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

 

 

 

  1. ئاڭلىغانمۇ ئۇيغۇرچە ئات مۇشۇنداق

«ئىسىم ئۇيغۇرچە بولغاندا» ماۋزۇلۇق يازمام بىلەن ئۈندىدارغا يېزىش تارىخمدا رېكورت يارىتىلدى. كىشىلەردىكى ئىسىملارغا بولغان مۇنداق قىزغىنلىق مېنى يەنە بىر قەدەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپلا قويماي، ئۆز ئانا تىلىمىزدا يۈرەك پارىلىرىمىزغا ئىسىم ياساش ئارزۇسى مېنى يەنە ئىزىدىنىشكە ئۈندىدى. ئىزدەپ، ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ ياسىلىش يوللىرى ھەققىدە خېلى مەلۇماتلىق بولۇپ قالدىم. بايقىشىمچە ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئىچىدە ئەجداتلىرىمىزدىن بۈگۈنگىچە ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەنلىرىمۇ، ئوخشىمىغان دەرۋرىدە قويۇلۇپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىرىمۇ، بىزدە غايىپ بولۇپ قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردە ساقلىنىپ قالغانلىرىمۇ بار ئىكەن. خۇلاسىلەپ باقسام ئۇيغۇرچە ئىسىملار مۇنداق ئۇسۇللاردا ياسىلىدىكەن.

  1. ئوغۇللارغا ئال، قىزلارغا بەر سۆزلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدىكەن. «ئال» بىلەن ئىسىم ياساشنىڭ تارىخى خېلىلا ئۇزۇن ئىكەن. ئۇيغۇر تارىخدىكى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخانغا نەۋرە تۇغقان كېلىدىغان ئىمپىراتۇر بابۇر ھىدىستاننى فەتىھ قىلىش ئالدىدا تۇغۇلغان ئوغلىغا «ھىندال» دېگەن ئىسىمنى قويغان، مەنىسى ھىندىستاننى ئال ئىكەن. ھازىر بۇنداق ئىسىم ياساش ئۇسۇلى تۈركلەردە قولىنىلىدىكەن. بۈگۈنكى ئوغۇللارغا «ئال»، قىزلارغا «بەر» قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملارغا مۇنداق مىساللارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. قىزلارغا: ئۇزبەر، ئۈنبەر، گۈلبەر، نۇربەر، ئەلبەر، سىنبەر، چىنبەر. ئوغۇللار: ئەركال، ئۇرال، تۇرال، قۇتال، ئۈنال، ئۆزال، ئۆچال، نۇرال…
  2. قىزلارغا بىكە، ئوغۇللارغا تېكىن سۆزلىرى قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇ يەردىكى تېكىن شاھزادە، بىكە مەلىكە مەنىسىدە كېلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاشلاردا كۆلتىگىن، بىلگەتېكىن، قۇتلۇقتېكىن، يوللۇقتېكىن قاتارلىق شاھزادىلەر خاتىرىلەنگەن. بىكە سۆزى قوشۇپ ياسالغان ئىسىملار بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا ئۇنتۇلغان بىلەن تاتارلاردا مەۋجۇت بولۇپ روس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باش ئەگمەس قەھرىمان سۆيۈنبىكەنىڭ نامى بىلەن بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلمەكتە. شۇڭا تېكىن ۋە بىكە قوشۇلغان يۈكسەكلىك تۈسىدىكى ئىسىملارغا ۋارىسلىق قىلساق ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەزىزلىكى ۋە ئېسىللىقىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرغان بولىمىز. بۇ ئۇسۇلدىكى ئىسىملاردىن قىزلارغا: ئايبىكە، گۈلبىكە، جانبىكە، خانبىكە، تالبىكە، بالبىكە… ئوغۇللارغا: ئەرتىكىن، نۇرتىكىن، جانتېكىن، زورتېكىن، ئارتتېكىن، ئاشتېكىن، شاشتېكىن، كۈنتېكىن قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
  3. قىزلارغا بال (ھەسەل) ئوغۇللارغا قال قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملاردا ئوغۇللاردىن كۈتۈلىدىغان تەمكىنلىك، چىدام، غەيرەت؛ قىزلاردىن كۈتۈلىدىغان يۇمشاقلىق، ئىللىقلىق ۋە شىرىنلىك بالقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئوغۇللارغا: ئەرقال، ياشقال، ئۇتقال، يارقال، ئۇرقال، قۇچقال، بايقال. قىزلار ئۈچۈن: گۈلبال، نۇربال، ھۆربال، دىلبال، نازبال.
  4. قىزلارغا سۇ، ئۇغۇللارغا تۇر قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملاردىكى سۇ ئەسلى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۇلۇدىن قىسقىراپ كەلگەن بولۇپ گۈزەل، لىۋەن مەنىسىدە. تۈركىيە تۈركلىرىدە سۇ بىلەن قوشۇلغان قىز ئىسىملىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ مەنىدىكى سۇ سۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ «چىن تۆمۈر باتۇر» داستانىدا تىلغا ئېلىنغان مەخۇتۇمسۇلانىڭ ئىسمىدا ساقلانغان. ئوغۇللارنىڭ ئىسمىدىكى «تۇر»نىڭ ئىسىملارنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىغا قوشۇلۇپ كەلگەن شەكلى مەۋجۇت. مەسىلەن، تۇرمەمەت، تۇرەخمەن، ئامانتۇر دېگەندەك. بۇنداق ئىسىملار: بايتۇر، راستۇر، ئەرتۇر، بەكتۇر، ساقتۇر، دەستۇر، قۇتتۇر، رۇستۇر، ئاشتۇر، يەڭتۇر. سۇ قوشۇلغان قىز ئىسىملىرى: تاڭسۇ، جانسۇ، ئايسۇ، بالسۇ، ئۇزسۇ، تۈزسۇ، گۈلسۇ…دېگەندەل شەكىلدە بولىدۇ.
  5. ئوغۇللارغا تاي، قىزلارغا ناز قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. شىمال ئۇيغۇرلىرىدا بولۇپمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىدا ئوغۇللارغا تاي قوشۇلغان ئىسىملار كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ بۇنى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى تاي سۆزى ئۇيغۇردا ئەرنىڭ قانىتى بولغان ئاتنىڭ بالىسىنى كۆرسەتكەندىن باشقا كۆز ئالدىمىزغا بىر جۇشقۇن، قورقماس، تەۋەككۈلچى قىياپەتنى زاھىر قىلىدۇ. ناز سۆزىمۇ ئىنسانغا قىزلارغا ماس بىر لاتاپەتتىن بىشارەت بەرگەچكە ئۇيغۇر قىز ئىسىملىرىغا قوشۇلۇپ كەلمەكتە. بۇلارنى كېڭەيتىپ قوللانساق نۇرغۇن مەنىلىك ئىسىملارغا ئېرىشەلەيمىز. مەسىلەن، قىزلارغا: ئايناز، بالناز، ھۆرناز، گۈلناز، چىنناز، دىلناز، قۇتناز، پاكناز، شاھناش، قاشناز، ياشناز، ئۇزناز، زىلناز، خۇشناز…ئوغۇللارغا: ئەرتاي، نۇرتاي، قۇتتاي، ئالتاي، شاھتاي، ئۇتتاي، ئۇچتاي، قۇچتاي، بەگتاي، قۇرتاي…قاتارلىقلار.
  6. قىزلارغا سەن، ئوغۇللارغا سۇن قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بۇنداق ئىسىملاردىكى سۇن قوشۇمچىسىدا بىر ئارمان ئەكىس ئەتسە، سەن قوشۇمچىسىدا بىر ئامراقلىق ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەسىلەن قىزلار ئۈچۈن: تاڭسەن، ئايسەن، گۈلسەن، نۇرسەن، قۇتسەن، ئۇزسەن، نازسەن، تۈزسەن، ئىزسەن، چىنسەن، دىلسەن، پاكسەن…ئوغۇللار ئۈچۈن: ئۇرسۇن، قۇتسۇن، ئاشسۇن، تاشسۇن، يانسۇن، قۇرسۇن، ئۇتسۇن، بۇلسۇن، چاچسۇن، يارسۇن…قاتارلىق چىرايلىق مەنىدىكى ئىسىملارنى ياساپ قويۇشقا بولىدۇ.
  7. قىزلارغا بانۇ، ئوغۇللارغا بول قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. بانۇ سۆزى تارىخمىزدىكى مەرتىبىلىك ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ كەلگەن بولۇپ مەلىكە دېگەن مەنىگە ئىگە. ئوغۇللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان بول سۆزى ئارزۇنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ تۈركلەردە ئول شەكلىدە ئىسىملارغا قوشۇلىدۇ. قىزلار ئۈچۈن بانۇ قوشۇلغان ئىسىملار: نۇربانۇ، گۈلبانۇ، ئايبانۇ، نازبانۇ، ئۇزبانۇ، بالبانۇ، تالبانۇ، پاكبانۇ…ئوغۇللار ئۈچۈن بول بىلەن ياسالغان ئىسىملاردىن: ئەربول، بايبول، جانبول، بەگبول، قۇتبول، ياشبول، قۇچبول، زوربول، خاسبول…دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشقا بولىدۇ.
  8. ئوغۇللارغا بەگ، قىزلارغا بۈۋى قوشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملار. ئۇيغۇرلاردا بەگ سۆزى خۇددى تۆرە سۆزىگە ئوخشاشلا ئىسىملارغا قوشۇلۇپ ئىھتىرام، ئىززەت ۋە ئەزىزلىك مەنىسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. مەسىلەن، نۇربەگ، ھاكىمبەگ، ئەيسابەگ، شاھبەگ دېگەندەك. خانىم قىزلار ئۈچۈن قوللىنىلغان بۈۋى سۆزىمۇ ئىناۋەتلىك، ئىلىملىك، مۆھتىرەم قىز-ئاياللارنىڭ ئىسىمىغا ئۇلىناتتى. مەسىلەن، بۈۋىرابىيە، بۈۋىمەريەم، بۈۋىنۇر، بۈۋىئايشەم دېگەندەك. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېقىندىن بېرى ئوغۇللارنىڭ ئىسمىغا بەگ سۆزى قوشۇپ ئاتاش تىرىلگەن بىلەن قىزلارغا ئۇلىنىدىغان بۈۋى سۆزى تەدىرىجى ئىستىمالدىن قېلىشقا يۈزلەنمەكتە. ئۇيغۇرلارغا ئۆز بولغان بۇ ئىككى ئىسىم قوشۇمچىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى ئانا تىلغا قايتتۇرۇش تەشەببۇسى ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈردۇر. قىزلار ئۈچۈن بۈۋى بىلەن كەلگەن ئىسىملار: ئايبۈۋى، نازبۈۋى، گۈلبۈۋى، زىلبۈۋى، قىزبۈۋى، يۇلتۇزبۈۋى، تاڭبۈۋى…ئوغۇللار ئۈچۈن بەگ قوشۇلغان ئىسىملار: ئەربەگ، تۆرەبەگ، جانبەگ، ئاتابەگ، ئۇزاربەگ، ياربەگ، ئۇتاربەگ، قۇچاربەگ…قاتارلىقلار.

ئۇيغۇرچىدا يۇقارقىدەك قىز ئوغۇللار ئۈچۈن ئايرىم قوشۇمچىلار ئارقىلىق پەرقلىنىدىغان ئىسىملار بولغاندىن باشقا، قىزلارغا ياكى ئوغۇللارغا خاسلىشىپ قالغان ئورتاق قويۇلسىمۇ بولىدىغان ئىسىملارمۇ مەۋجۇت. ئادەتتە ئەڭ قىممەتلىك تاش، بويۇم ۋە مېتاللار ئاساسەن قىزلارغا ئىسىم بولۇپ خاسلاشقان، مەسىلەن، ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت، تىللا، گۆھەر، زۇمرەت، مارجان، ئەنبەر، ئۈنچە، سەدەپ قاتارلىقلار. بىر قىسىم چىداملىق مىتاللار ئوغۇللارغا ئىسىم قىلىنغان مەسىلەن، تاش، پولات، تۆمۈر، قۇيۇچ، مىسران، ئالماس، باقىر (مىس). شۇڭا بۇ ئىسىملارنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

يۇقارقىلاردىن باشقا تۈرك مىللەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇيغۇردا كۆپ قويۇلماي كېلىۋاتقان ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارمۇ بار، مەسىلەن، يامغۇر، چېچەك، تۇرنا، چىچەن، ھۇشيار، چاقماق، ياشىق، يالچىن (قىيا)، بوران، ئەسىن (شامال)، قىيان، چاغلايان (شارقىراتما) چەلىك (پولات)، چاغىر، تۇغرۇل، چىنار، پىنار (بۇلاق)، ئانار، جىنەستە، قاينار (بۇلاق)، ئەردەم، ئەرەن، ئەرگىن، ئەركۈن، ئەرتەن، ئەۋرەن، گۈلتەن، نۇرتەن، ئەلدەر، گۈلدەر، ئۆندەر، گۈلچىن، گۈلگۈن، ئىدىل، ئىلتەر، ئىلكەر، ئىزگۈ، مەنگۈ، شەبنەم، قارتال (بۈركۈت)، قۇتسال، قۇتلاي، مارال، مەرتەر، (مەرت ئەر)، ئورال، ئاۋرال، ئورخان، ئەرخان، ئۆزجان، ئۆزقان، ئۆزگۈر، ئۆزلەم، سەزگۈر، سەلىن، سەرىن، سەۋىنچ، سەۋگى، سەزگىن، سۇلماس، تاڭقۇت، تارقان، تولۇن، تۇنجاي، تۈركاي، تۈركەر، ئۈكەر، ئۇپۇق، ئۇتۇق، ئۇلۇق، ۋولقان، ئۇتقان، قۇتقاز، ئۇتقاز قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر ھاياتىدا تىرىلدۈرۈشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا يەنە كىشىلىك ئارزۇ، ئىشەنچ ۋە تەلپۈنۈشلەرنى بىلدۈرىدىغان، «غىن، قىن، غۇن، قۇن، گۈن، كۈن، ئار، ئەر، مەس، ماس، غۇر، قۇر» قاتارلىق قوشۇمچىلار بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدىغان ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارمۇ بار. مەسىلەن، ياشار، ياشنار، يانار، ئۇزار، ئۇتار، قۇتار، كۈلەر، تالماس، تانماس، قورقماس، ھارماس، تايماس، يانماس، تۇيغۇن، ئۇيغۇن، قۇرغۇن، ئۇتقۇن، قۇچقۇن، تۈرگۈن، گۈلگۈن، سەزگۈن، ئۇزغۇن، ئۇتقۇر، ئۇزغۇر، قۇرغۇر، ئالغۇر، ئاشقۇر، تاشقۇر، تاشقىن، ئاشقىن، قازغىن قاتارلىقلارنى ئۈلگە قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ياساپ پەرزەنتلەرگە قويۇش مۇمكىن.

بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارغا سۆيۈنۈپ ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرايلى ياكى ياقتۇرماي دېمەيلى، ئىسمىمىزنى ئۇيغۇرچە غۇرۇرلىنىپ قويايلى ياكى خالىماي قويمايلى بىز ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە دۇنيا بىزنى ئۇيغۇر دەپ تونۇيدۇ. بىز ئۇچراشقا ياكى ئۇچراشماي تۇرالمايدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسى يەنىلا ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار تەبىئى ھالدا ئىسمىمىزنى ئۇيغۇرچە دەپ ئويلايدۇ. يىگىنىمىز، دېگىنىمىز ۋە قىلغانلىرىمىزنى ئۇيغۇرنىڭ دەپ تونۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادا ئىنساننىڭ دائىم باشقا بىر كىشىنىڭ ياكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دۇنياسىدا، نەزەرىدە ۋە باھاسىدا ياشايدىغانلىقى ئەمەلىيەت. بىز شەھرىمىزدە بىر كىشىگە يات بولۇپ تۇيۇلساق، ئىچكىرىدە يەنە بىر مىللەتكە خەق بولۇپ بىلىنىمىز. بىز رىياللىقتا ھەم بىر شەخس سۈپىتىدە، ھەمدە بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز، دائىم ئاشۇ سۈپەتتە كۆزىتىلىپ، چۈشىنىلىپ، باھالىنىپ تۇرىمىز. بۇنداق كۆزىتىش، چۈشىنىش ۋە باھالاشلارغا بىۋاستە ئوبېكىت بولىدىغىنى ئاۋۋال بىزنىڭ ئىسمىمىزدۇر. كىشىلەر ھەمىشە ئىسمىمىزدىن ھىس قىلغىنىغا يارىشا بىزگە سەپسالىدۇ، باھالايدۇ ۋە مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا ئىسمىمىزنىڭ قانداق ئارزۇغا ئاساسەن قايسى تىلدا، قانداق قويۇلغانلىقى بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆز ئىچىمىزدە، ياتلار ئارىسىدا ۋە جاھاندا قانداق ئادەم بولۇشىمىزدا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىسمىمىز مىللىي كىملىكىمىزنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپ بولىدۇ. مەسىلەن، ئىسمى سۇتۇق ئىسىملىك بىر بالا ئىسمى يېڭىلىق تۇيۇلغان، غەلىتە ئاڭلانغان ئۆز مىللەت ياكى يات قەۋىمدىكى كىشىلەرگە دائىم تارىخىمىزنى سۆزلەشكە مەجبۇر. ھەر سۆزلىگەندە سۇتۇق بۇغراخانغا لايىق ئادەم بولۇش بۇرچىنى ھىس قىلىدۇ. يەنە ئېيتساق، ئىسمى جەسۇر بولغان بىر بالا بوشاڭلىق قىلسا، باشقىلار: «ئىسمىڭغا لايىق ئادەم بولساڭچۇ» دەيدۇ. ناۋادا بىر نەتىجە چىقارسا «ئىسمى جىسمىڭغا لايىق جەسۇر بوپسەن» دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەگەر ئۇ بالىنىڭ ئىسمى ئابلىكىم ياكى ئابدۇۋاسىت بولسىچۇ؟ كىشىلەر بۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەچكە ئۇلاردىن جەسۇر ئىسىملىك بالىدىن كۈتكەن باتۇرلۇقنى كۈتمەيدۇ. ئىنسان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ باھاسىغا سازاۋەر بولۇشقا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرگە دائىم مۇھتاج. ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا مەنىسىنى ئاڭقىرالمىساق ئۇ كىشى ھەققىدە ھىچ بىر ئارزۇ، تەلەپ ۋە تەسەۋۋۇرلاردا بولمايمىز.

ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلىدىغان بىر بالا، ئىسمى سەۋەپلىك ياخشى مۇئامىلىگە دۇچ كەلگىنىدە، مەنىسىنى باشقىلارغا ئىپتىخار بىلەن سۆزلىگىنىدە ئۆزىنىڭ  كىملىكىدىن غۇرۇرلىنىدۇ. پەرزەنتىمىزگە قويۇلغان چۈشىنىشلىك ئۇيغۇرچە ئىسىم ئەتراپتىكىلەرنىڭ بالىمىز ھەققىدە ئىجابىي باھا، ئىزگۈ تەلەپ ۋە ياخشى تەسەۋۋۇرلاردا بولۇشىغا  تۈرۈتكە بولىدۇ. بۇنىڭ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بالىنىڭ ئۆزى ھەققىدىمۇ دائىم ئاكتىپ كەيپىيات، كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئۈمىتلىك پوزىتسىيەدە بولۇشىغىمۇ يارىدىمى بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىزنىڭ «بىر ئادەمنى قىرىق قېتىم ساراڭ دېسە، بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولىدۇ» دېگىنىمۇ بىر ئادەمنى ئىلھام بېرىدىغان نامدا چاقىرىشنىڭ موھىملىقىنى ئەرسكەرتىدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە گۈزەل ئىسىملىك بولۇشى شۇ قەدەر موھىم بولغاچقا پەيغەمبىرىمىزمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە قىلىپ بېرىشى كېرەك بولغان ئەڭ موھىم ئىشلارنىڭ بىرىنجىسىنى گۈزەل ئىسىم قويۇش دەپ تەكىتلىگەن.

2015-يىل يېزىلغان

ئاپتۇرنىڭ «تەپەككۇر ۋە تۇزاق» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ قېتىم تۈركىيەدە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس سۇنغانلار مەندىن ئۇيغۇرچە فامىلە تەۋسىيە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغىنى ئۈچۈن ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

 

 

  1. ئىسىم ئۇيغۇرچە بولغاندا

كىشىلىرىمىزدە پەرزەنتلىرىگە ئات قويۇشتا ئۆزىگە ياقىدىغان ئىلىملىكلەردىن مەسلەھەت سورايدىغان ئادەت بار ئىكەن. مەندىن سورالسا ئاۋۋال ئۆزىدىن سورايمەن، چۈنكى بۇنداق سورىغۇچىلار كۆڭلىگە بىرەر ئاتنى پۈكۈپ ئاغزىمىزدىن شۇنىڭغا يېقىنراق بىر ئىسىمنىڭ چىقىشىنى كۈتىدىكەن. سورىغۇچىلار ئاساسەن قۇرئاندا بار ئىسىم بولسۇن، چىرايلىق بولسۇن، يېڭى بولسۇن، ساپ ئۇيغۇرچە بولسۇن دېيىشىدۇ. قۇرئاندا بولسۇن دېگۈچىلەر ئاساسەن ئېيتىپ بەرگەننى قويىدۇ. ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم سورىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۈنلەپ ئويلىنىپ دەپ بەرگەن ئاتلارنى قويۇشمايدۇ. بەزىلەر قۇرئاندا بار ئىسىملارنى قويدۇق دەپ «ئەلھەمدۇ»، «لەزىنە»، «ۋەنھەر» دېگەندەك ئىسىم قىلىشقا بولمايدىغان سۆزلەرنى تاللىۋېلىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ قويۇلماسلقىدا ھەرخىل سەۋەپلەر بار ئىكەن. بىرى ئىسىم قويغۇچى ئۆلىمالار، چوڭلار ۋە جامائەت ئۇنىمايدىكەن. ئۇيغۇرچە ئات سورىغان بىرەيلەننىڭ قوشماق ئوغلىغا «يارقىن، يانغىن» دېگەن ئىسىمنى دەپ بەرسەم ئىمام «قۇرئاندا يوق» دەپ قويغىلى ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن «رۇستەم، خىسراۋ» دەپ بەرسەم ماقۇل دېگەنمىش. نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئىسىمنى رەت قىلغان كىشى پارىسچە ئىسىمنى قۇبۇل كۆرىدۇ؟ ئۇلار تارىختا ئەجداتلىرىمىزغا تاجاۋۇز قىلغان ئىرانلىقلارنىڭ ئىسىملىرى ئەمەسمىدى! شۇندىن كېيىن سىناپ باقسام ئۇيغۇرچە ئىسىمنى «قۇرئاندا يوق» دەپ قويمايدىغان كىشىلەر پارىسچە ئىسىملاردىن قۇسۇر تاپمايدىكەن. مەدىرىسلەردە ئۇزۇن مەزگىل ئەرەب پارىسچە بەكرەك ئوقۇتۇلۇپ ئۇيغۇرچە ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمىغاچقا، بۇ تىللار تەدىرىجى ئۇيغۇرنىڭ دىلىنى مۇنقەرىز قىلغان بولسا كېرەك.

ئىككىنجى قىزىم تۇغۇلغاندا ئاخۇنۇم نېمە قويۇلىدىغانلىقىنى سورىدى. دەپ بېرىشىمىزگىلا «قۇرئاندا بارمۇ؟» دەپ سورىۋېدى، تۇرۇپلا قالدىم. كىمدۇر بىرەيلەننىڭ «توردا بار!» دېگىنى چاك بېسىپ ئۇيغۇرچە ئات قويۇلۇپ كەتتى. قىلىنىۋاتقان قىرائەتنى ئاڭلاپ ئولتۇرسام ئۆلىما بوۋاي دۇئانى پارىسچە ئوقۇۋاتىدۇ. دېمەك، بوۋاي پارىسچە بىلەن ئەرەبچىنىڭ پەرقىنى ئۇقمايدىكەن. «ئۇيغۇرچە دۇئا قىلساق بولمامدۇ؟» دەپ پىچىرلىۋېدىم، بىرەيلەن «بولمايدۇ، ناماز ئەرەبچە ئوقۇلغاندىكىن دۇئامۇ ئەرەبچە بولىدۇ. بۇ دۇئانى پەيغەمبىرىمىزمۇ ئۇيغۇرچە ئوقۇمىغان» دېدى. بەرھەق! رەسۇلىمىز ئۇيغۇرچە دۇئا ئوقۇمىغان، ئەمما پارىسچىمۇ ئوقۇمىغان ئىدى-دە!

ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ تاللانماسلىقىدا يەنە بىر سەۋەپ مەنانىڭ رۇشەنلىكى، ئادەتلىنەلمەسلىك، غەلىتە تۇيۇلۇش بولسا كېرەك. ھازىر مودا قىلىنىپ بالىلىرىمىزغا قويۇلىۋاتقان ئەرەب پارىسچە ئىسىملارنىڭ مەنىسى بىزگە قاراڭغۇ بولغاچقا غەلىتە تۇيۇلماي، سىرلىق، ئالاھىدە ياكى مۇقەددەس بىلىنگەن بولسا كېرەك. ئەمما قارايدىغان بولساق دائىم قويۇلىۋاتقان ئەرەبچە ئىسىملاردىمۇ ھىچقانداق پەۋقۇلاددە خىسلەت يوق. مەسىلەن، ئەنىسە قىز، نەسىمە شامال، زەيتۇنە زەيتۇن دەرىخى، رامىلە قۇم، ئوسمان يىلان بالىسى دېگەن مەنىدە. لېكىن مۇشۇ كۈنگىچە بىر ئۇيغۇرنىڭ «قۇزا»، «قۇمچاق»، «ئارمۇت»، «زەيكەش» دېگەندەك ئاتنى بالىسىغا قويغانلىقى نامەلۇم. تۈركلەردە «يامغۇر، چاقماق، بوتا، (يىلدىرىم)، سۆيگۈ، سېغىنچ (ئۆزلەم)، تىنچلىق (بارىش)، شامال (ئەسىن)، قۇياش (گۈنەش)، دەريا، مارال، جانسۇ، قىلىچ، سەرۋى، قىيا، بۇلاق، توپراق، ياپراق، سەزگۈ، ئىزگۈ…» دېگەندەك ئۇز، چۈشىنىشلىك ئىسىملار كۆپ قويۇلىدۇ، دېمەك، تۈركلەرمۇ مەنىسى مەخپى ئەرەبچە ئىسىملارنى ئەمەس؛ ئۇقۇشلۇق، ئاددى، يەڭگىل تۈركچە ئىسىملارنى تاللايدىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەرەبچە غەلىتە مەنىلىك، ھەتتا يېقىمسىز سۆزلەرنى تاللاپ ئۇيغۇرچە گۈزەل ئىسىملارنى تاللىماسلىقى كىشى ئويلاندۇرىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنياۋىيلىشىش كىشىلەرنى بىرلا رايۇنغا بېكىنىپ ياشىيالماس قىلىۋەتتى. ئۇيغۇرلارمۇ تەلەي، تىنچلىق، ھۆرلۈك نەگە قاچسا كەينىدىن قوغلاپ دۇنيانىڭ تەرەپ تەرەپلىرىگە يېيىلدى. نەتىجىدە بىزنىڭ ئاتا مىراس «ئەرەبچە» ئىسىملىرىمىز بىز ياشاۋاتقان ئەللەردىكى ئەرەپلەرگە ۋە ئەرەپچە بىلىدىغانلارغا غەلىتە تۇيۇلۇشقا باشلىدى. مەسىلەن، مەمتىلى، ئابلەت، ئالىمجان، ياقۇپجان، ئاۋۇت، ئايشەمگۈل، نۇرئامىنەم دېگەن ئىسىملار ئەسلى بىزگە قاش كۆزلىرىمىزدەكلا يارىشىپ كەتكەن. ئەمما چەتئەللەردە ئەرەبچە ئۆگىنىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە قىلغىنىمىزدا ئىسمىمىزنىڭ يا ئەرەبچە ئەمەس يا ئۇيغۇرچە ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. بەزىدە ئابدۇلئەھەد، مۇھەممەدئالى، ئابىد، ئائىشە، ئامىنە قىلىپ ئۆزگەرتىپمۇ ئالىمىز لېكىن ئۆزلىشەلمەيمىز، بىر يەرلىرىمىز كۆنەلمەيدۇ، كۆڭلىمىزنىڭ بىر يېرى ئىسىم قويغان ئاتا ئانىمىزغا يۈز كېلەلمەي يېرىم بولىدۇ. بۇ ھالدا ھەتتا بۇرۇنقى تونۇشلار، ۋەتەندىكىلەر كېلىپ بىزنى بۇرۇنقى ئېتىمىزدا سوراشتۇرسا تاپالماي قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىسمىمىز ئۇيغۇرچە بولغان بولسا ئىدى، بۇنداق دادىمىز قويغاننى بىز ئۆزگەرتىپ؛ ئەپچىل، يېقىملىق، ئاددى ئۇيغۇرچە ئاتنى ئەرەبچە مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، سوزۇپ، پالاكەت قىلىپ يۈرمىگەن بولاتتۇق. ئەمىلىيەتتىمۇ ئىسىم خەقنىڭ بولغاندىكىن توغرا خاتاسىدا شۇنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان گەپ. بۇ خۇددى خەقنىڭ چاپىنىنى سورىماي كىيىپ چىقىپ ئۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، خۈدۈكسىرەپ يۈرگەندەك ئىش.

ئەرەب پارىسچە ئىسىملارغا ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى كەلمىگەچ قوش ئىسىم بىلەن ياشاۋاتقىنىمىزمۇ ئەمەلىيەت. مەتبۇئاتلاردا ئىسىملىرىمىز مۇھەممەد توختى، ئابدۇرەئۇف، ئابدۇلئەزىز يېزىلىدۇ؛ ئائىلىمىزدە ئاتايىن بالىمىزنى يەھيا، مۇھسىنە، ئارافات دەپ چاقىرىمىز، ئەمما مەھەللىدە ۋە جەمئىيەتتە ئاۋامنىڭ تىلى كەلمىگەچ مەتتوختى، ئابدۇرۇپ، ئابلىز، يەخيا، موكسىنە، ئەرپات بولۇپ قالىدۇ. ئەسلى دانىشمەن بوۋا ۋە مىھرىبان مومىلىرىمىزمۇ ئىسىم قويغاندا مۇشۇنداق «تىلى كەلمەسلىك» ئىھتىماللىقىنى ئويلاشقان ئىكەن. «بابۇرنامە» دە بوۋىمىز بابۇر ئوغلىغا « ئوغلۇڭنىڭ ئېتىنى ئەل ئامان قويۇپسەن…لېكىن دائىم ئېيتىلىش نەتىجىسىدە كىشىلەر ئۇنى «ئەلاما» ياكى «ئېلئامان» دەۋالىدۇ.» دەپ يازغان (677-ب) دېمەك، ئىسىم قويغاندا ئاۋامنىڭ ئاغزىغا كېلىش كەلمەسلىك ھەققىدە ئويلىشىش ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمىگەن. ئەرەبلەردە كۆپ قويۇلىدىغان زەكەريا، شۇئەيىب، سوفىيان، ھۈرەيرە دېگەندەك ئىسىملار ئۇيغۇرلاردا قويۇلمىغان. سەۋەبى ئۇيغۇرچىدا تەلەپپۇزى ئازراقلا ئۆزگەرتىلسە ئىگسى خىجىل بولغىدەك سۆزلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا ئەرەبچە ئىسىم تاللىغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز ئالاھىدىكى نەزەرگە ئالغاندىن باشقا پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇرنىڭ تىلىغا ئەپ كېلىدىغان «ئانار، ئالما، جىنەستە، چىنار، بادام، ناۋات، ھەسەل، تاتلىق، نۇر، شىرىن، تىللا، ئالتۇن، كۈمۈش، تاش، تۆمۈر، پولات، قۇيۇچ، ئاي، يۇلتۇز، زېمىن، قىلىچ، سەركە، يولۋاس، ئارسلان، بۇغرا، تۇيغۇن، تۇرغۇن، تۇرسۇن، تۈرگۈن، قۇتلۇق، تۇغلۇق، ئۇلۇغ، توقسۇن، تۇردى، بەردى، ئارتۇق، ئۇتۇق، يالقۇن، ئۇچقۇن، دولقۇن، ئاشقىن، تاشقىن، ئەركىن، تەمكىن، باتۇر، پالۋان، مەرگەن، ئايقىز، بالقىز، گۈلقىز، ھۆرقىز، ئايىم، بانۇم، يىلتىز، بۇلاق، ئىرەن، شەمشات » قاتارلىق ئۇيغۇرچە مەنىدار، گۈزەل ئىسىملارنى قويۇشقان ئىكەن.

بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى «سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى» دېگەنىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ قىسقارتىلىشى ھەيران قالارلىق ھادىسە ئەمەس. مەسىلەن، مەمتاۋلا، مەتيا، ئابلىم دېگەن ئىسىملارمۇ ئەسلى مۇھەممەد ئابدۇللاھ، مۇھەممەديار، ئابدۇلھەلىم دېگەن ئەرەبچە ئاتلارنىڭ ئۇيغۇرچە قىسقارتىلىشىدۇر. ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە ئىسىملارنى قىسقا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئىسمىنى دائىم ئەركىلىتىپ، ئىخچاملاپ چاقىرىدىغان ئادەت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۇيغۇرلار ۋەتەندە ۋە مۇھاجىرەتتە يات تىلدا سۆزلەپ يات يېزىقلارنى قوللىنىشقا ھاجەتمەن. ئەرەب پارىسچە ئىسىملار ئەسلىدىنلا ئۇزۇن بولۇپ باشقا يېزىقتا يېزىلسا تېخىمۇ ئۇزۇراپ كېتىدۇ-دە خالىغانچە قىسقاراپ كېتىدۇ. بۇنى نەزەرگە ئالغاندا ئۇيغۇرچە ئىسىملار قىسقا بولۇپ ئاساسەن ئىككى بوغۇم، ئېشىپ كەتسە ئۈچ بوغۇملۇق بولىدۇ. خاتا قىسقارتىش ۋە خاتا قوللىنىش مەۋجۇد بولمايدۇ.

رەسۇلىمىز گۈزەل ئىسىملارنى تەكىتلەپ، مەنىسى چىركىن، نالايىق ئىسىملارنى يۆتكىۋەتكەنىكەن. شۇڭا ئىسىملارنىڭ ئەرەب پارىسچە ئەمەس، گۈزەل بولۇشى سۈننەتتۇر. مەلۇمكى، مەنىسى مەخپى ئىسىمدىن ھىچ بىر ئىنسان گۈزەللىك ھىس ئەتمەيدۇ. مەسىلەن، تاھىر (پاكىزە)، سەمى (ئاڭلىغۇچى)، خەلىل (دوست) دېگەن ئىسىم بىلەن پاكزات، سەزگۈر، جەسۇر دېگەن ئىسىمنى سېلىشتۇرۇپ باقساق مەنىسى چۈشىنىشلىك بولغانلىرى كىشىلەرگە گۈزەل تۇيۇلىدۇ. مەسىلەن، نۇرزىبا دېگەن پارىسچە ئىسىم بىلەن گۈزەلنۇر دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ مەنىسى ئوخشاش. سېلىشتۇرساق ئۇيغۇرچىسىىنى ئاڭلىغاندا پارىسچە ئىسىملىك قىزدىن گۈزەلرەك بىر قىزنىڭ سىماسى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.

مۇشۇلارنى ئويلاشقاندا ئاللاھ ئۇيغۇر ياراتقاندىكىن ئۇيغۇرچە ئىسىم قويساق ياخشىكەن. ئادەتلىنىلگەن پارىس ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئىبادەت ئەمەسكەن، ۋەياكى قىلمىساق گۇناھكار بولىدىغان ئىتىقادىمىز تەلەپ قىلغان بۇرچ ئەمەسكەن. ئەرەبچە ئىسىم قويۇشنىڭ دىنىمىزدا ھىچ بىر زۆرۈرىيىتى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە مۇنداق قۇسۇرلىرى بار ئىكەن.

بىرىنجىدىن، ئەرەبچە ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن. مەسىلەن، رەسۇلىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسىمى ئۇيغۇرچىدا، مەمەت، مەخمەت، مەت، مەخەم شەكلىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن. مەھمۇد دېگەن ئىسىمنىڭ مامۇت، ماخمۇت، مەخمۇت، مەخمۇ دېگەن ۋارىيانتلىرى چىققان. بۇنى ھىچ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان قەستەن قىلمىغان، پەقەت ئەرەبچە ئىسىملار ئۇيغۇرچىنىڭ فونېتىك قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىغا ئەپ كەلمگەچ ئاشۇ ھالغا كەلگەن.

ئىككىنجىدىن قىسقاراپ كېتىدىكەن. مىسال ئالساق، ئۇيغۇرچىدا ئابدۇ(بەندە) بىلەن باشلانغان ئابدۇكېرىم، ئابدۇسەمەت، ئابدۇغەنى دېگەن ئىسىملار كۆپ قوللۇنىلىدۇ. ئەمما ئىستىمالدا كۆپىنچە قىسقاراپ كېرىم، سەمەت، غەنى دېيىلىدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ بېشىدىكى بەندە مەنىسىدىكى سۆز قىسقارتىلماسلىقى كېرەك. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئادىتىدە بۇنداق قىسقارتىش ئومۇملاشقان بولۇپ يۇقارقىدىن باشقا ئىسىملاردىمۇ كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، يارىمۇھەممەدنى يارى، نۇرىمۇھەممەدنى نۇرى، گۈزەلنۇرنى گۈزەل، ھۆرجامالنى ھۆرى دېيىش ئادەتكە ئايلانغان.

ئۈچىنچىدىن خاتا تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلاردا كۆپ قويۇلىدىغان ئۆمەر، سۈمەييە، خەمىت، قازى دېگەن ئىسىملار خاتا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولۇپ ئەرەبچىدە پ، گ، چى، ڭ، ئۈ، ئۆ تاۋۇشلىرى يوق بولۇپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇۋالغانمىز. مەسىلەن، س، خ، ز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ تەلەپپۇزىنىمۇ خاتاغا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنغان. ئۆمەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغان ئەيىن دېيىلىدىغان تاۋۇش تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالغان. چۈنكى بىر مەزگىل ئەرەبچە ئۆگەنمىگەن ئادەمگە بۇ تاۋۇشلارنى توغرا چىقارماق قىيىن. يۇقارقىدەك ئەرەب تىلىدىكى بىر قانچە سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇش ئۇيغۇرچىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەرەبچە ئىسىمنى خاتا تەلەپپۇز قىلىشتىن ساقلىنىش ئاۋام ئۇيغۇرغا ئاسان ئەمەس.

تۆتىنجىدىن قائىدىسىز خاتا ياسىلىپ، خاتا بېرىكتۈرىلىدىكەن، مەسىلەن، ئابدۇنەبى، ئابدۇرەسۇل، نەبىرە، پەرىزە، زۇلقەر دېگەندەك. ئۇيغۇرلارغا رەسۇل، نەبى، فەرىز، قەرنە، زۇل دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئېنىق بولمىغاچقا، خاتا ياسىلىپ ۋە بېرىكتۈرۈلۈپ مەسۇملارچە خاتالىققا يول قويىلىدىكەن. دېمەك، ئەرەبچە ئىسىملاردىكى بۇنداق ئۆزگىرەپ كېتىش، قىسقاراپ كېتىش، خاتا تەلەپپۇز قىلىنىش، خاتا ياسىلىش ۋە خاتا بېرىكتۈرىلىش قاتارلىق قۇسۇرلاردىن ساقلىنىشتا ئۈنۈملۈك چارە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى تاللاش ئىكەن.

دۇنيا بارغانچە كىچىكلىگىلى تۇرۇپتۇ. بوسۇغىدىن ئاتلىساقلا خەق بىلەن ئۇنى بۇنى تالىشىپ قالىدىكەنمىز. ئۇيغۇرنىڭ دەپ يۈرگەن نۇرغۇن تەۋەرۈكلىرىمىزنى ئوخشاپ قالغاچقا خەق مېنىڭسىنىپ قانمايدىكەن. شۇڭا ئىسمىمىز بولسىمۇ خەق تالىشالمايدىغان ئۇيغۇرچە بولسا بولامدۇ نېمە دەپ قالىمەن. بۇلارنى مەن ئەمدى ئويلىغان بىلەن چەتئەللەردىكى بەزى ئالىملىرىمىز ئاللىقاچان ھىس قىلىغلىق ۋە ئۇيغۇرچە بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىگلىك ئىكەن. ئەرەبىستاندا رەھمەتۇللاھ ھاجى ئىسىملىك بىر پەخىرلىك ئالىمىمىز بار. ھازىر بىر نوپۇزلۇق خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتىدا تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلاتچى. بۇ زات ئەرەبچە ئەسەرلىرىدە دائىم توختاخۇن ئەركىن دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىدۇ. مەن ئۇيغۇرچىنى سۆيىدىغان ۋە ئۇيغۇرغا كۆيىدىغان بۇ كىشىنىڭ «ئىلىم ۋە ئىمان» دېگەن كىتابىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. قىبلىمىز جايلاشقان مەككىدىكى بىر ئالىم ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللىنىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىۋاتسا بىزنىڭ ئاغىزىمىز كەلمىسىمۇ، بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدىغان، ئوخشىتىپ دېيەلمەيدىغان تۇرۇپ ئەرەبچە ئىسىم قويۇشىمىز قىزىق.

ئىسمىمىز كىشىلىك ئالاقىدە ماركىمىزدۇر. ماركىمىز ئاسان ئەستە قالىدىغان، خەق دورىيالمايدىغان، تېز يازغىلى، قولاي ئوقۇغىلى بولىدىغان، يېقىشلىق بولۇشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ بىز ھەققىدىكى تۇنجى تەسىراتى ئىسمىمىزدىن باشلىنىدۇ. ئىسمىمىز قانداق ئاڭلانسا، قانداق ھىس قىلىنسا ۋە قانداق چۈشىنىلسە بىزمۇ شۇنداق مۇئامىلىگە دۇچ كېلىمىز. بىر ئۇزۇن، چۈشىنىكسىز، يېقىمسىز ئىسىمدىكى كىشى دەسلەپتە تارتىدىغان دىققەت، قازىنىدىغان ھۆرمەت بىلەن ئاسان، ئاددى، گۈزەل ئات قويۇلغان كىشىنى سېلىشتۇرساق ھاسىلات پەرقلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسىم بىزنىڭ كىملىكىمىزدۇر. ئىسمىمىزدىن بىزنىڭ مىللىي، ئىجتىمائى، مائارىپ ۋە جەمەت كىملىكىمىز بالقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ھاشىم، مەمەتساۋۇت، ئابلىكىم دېگەن ئىسىملىك كىشىلەر بىلەن جۇشقۇن، ئۆتكۈر، ئالماس دېگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلە ۋە ئىجتىمائى ئارقا كۆرىنىشى ھەققىدە قىلىنىدىغان تەسەۋۋۇر ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. يامىنى، ئاشۇنداق زور پەرق بارلىقىنى كىشىلەر كۆرمەستىن پەرەز قىلىۋالىدۇ ۋە شۇنىڭغا لايىق مۇئامىلەگە ئۆتىدۇ.

ھازىر دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ فامىلىلىك بولۇشى ئومۇملاشقان بولۇپ ئۇيغۇرلارمۇ شۇنىڭغا ئىنتىلمەكتە. بىزنىڭ بۈگۈن قويغان ئىسمىمىز بەلكىم كېلەچەكتە فامىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. فامىلە ئەجداتتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىدىغان، ئىجتىمائى ئالاقىدا قوللىنىلىدىغان، مىللىي كىملىكنى ئەكىسلەندۈرىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭدا گۈزەللىك، مىللىيلىك، ئىخچاملىق شەرت قىلىنىشى كېرەك. يازمىدىكى بايان ۋە تەھلىللەردىن قارىغاندا ئىسىملار ئۇيغۇرچە قويولسا يۇقارقى شەرتلەر قانائەتلەندۈرۈلگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرچە ئىسىم دېگەنلىك ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتكەن، ھازىر قوللىنىۋاتقان باشقا تىللاردىن كىرگەن بارلىق سۆزلەرنى، شۇنداقلا قېرىنداش تىللار بولغان تۈركچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئۆزبېكچە، تاتارچە پۈتۈن كەلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئاپتورنىڭ «تەپەككۇر ۋە تۇزاق» ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە. تۈركىيەدە پۇقرالىققا ئېرىشكەن ۋە پۇقرالىقتا ئۇيغۇرچە فامىلىگە مۇھتاج بولۇۋاتقان، پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە ئسىىم ئىزدەۋاتقانلار ئۈچۈن سوۋغام بولسۇن.

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.