Skip to content
Zakirjan Mijit

1976-يىلى 11-ئايدا ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدە تۇغۇلغان.

1993-يىلى شىخەنزە ئۈنۋېرسىتىتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ 1998-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ بىڭتۈۋەن دارىلمۇئەللىمىندە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇنىڭ شىئېر ئىجادىيىتى ئوقۇتقۇچىلىق دەۋرىدە چېچەكلەپ مىۋە بەرگەن. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ كىلاسسىك خىتاي شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىشتىكى سەۋىيەسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن، ھەمدە لۈشۈن نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا تەرجىمانلىقتا تەربىيەلەنگەن.

زاكىرجان مىجىت بىرىنجى قېتىم 2006-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇندىن كېيىن خىزمەتتىن قوغلانغان. شۇ مەزگىللەردە دىيارىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان. بۇ مەزگىللەردە خىتايچە كىلاسسىك شىېرلارنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبەردە ئېلان قىلغان. «مەدەنىيەت بوستانى» پىراگراممىسىغا قاتنىشىپ يەتتە ئەجدادىنىڭ شەجەرىسىنى بىلىدىغان كىشى سۈپىتىدە ۋە ناتىقلىقى بىلەن داڭق قازانغان. ئۆزىنىڭ گەپتانلىقى، دۇتارغا ماھىرلىقى، شىئېرىيەتتىكى تالانتى بىلەن ئاۋامنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى يەنە بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ سىياسىي مەھبۇسلۇققا دۇچار بولغاندىن كېيىن «ئىخلاس» يىمەكلىك زاۋۇتىدا باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان خىزمىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ تەڭرىتاغ تەرجىمە شىركىتىنى قۇرغان.

زاكىرجان مىجىت 2017 -يىلى تۇتۇپ كېتىلىپ 15 يىل كېسىلگەن.

زاكىرجان مىجىتنىڭ ئايالى بېلىقىز تۆمۈرمۇ 2016- يىلنىڭ ئاخرلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقى نامەلۇم.

بىلىقىز تۆمۈر قۇمۇل ئاستانە يىزىسىدىن. 1995-يىلى قەشقەردىكى ئابلىمىت داموللام ئاچقان تىل تېخنىكوم مەكتىپىگە بېرىپ ئەرەبچە كەسپىدە ئوقۇغان. 2011 -يىلى ئەر ئايال ئىككەيلەن «غەم قىلماڭ» دىگەن كىتابنى ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. كىتاپ ئىستانبۇلدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.

توردا تېپىلغان بەزى ئەسەرلىرى:

«ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى — ئۇچۇر – پىسخىكا ئۇرۇشى» ئاپتورى: ۋ. ئا. لىسچكىن(رۇسىيە) مۇھەررىرى: زاكىرجان مىجىت