تۇرسۇنجان مۇھەممەت 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى گۇلاخما يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1983-يىلدىن 1991-يىلغىچە چىرا ناھىيەسىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1991-يىلدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە قاراشلىق «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ ئىجادىيىتى 1987-يىلى باشلانغان بولۇپ، «ھۈنەر ئالماشتۇرۇش» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي سەھنىگە كىرگەن. 2016-يىلغىچە «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيەتى»، «تەڭرىتاغ» «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ئەدەبى ژورناللاردا ئۇنىڭ 150 ھېكايەسى، 14 پوۋېستى ئېلان قىلىنغان. ئۈچ رومانى ۋە ماقالە ئوبزۇرلىرى ئېلان قىلىنغان.
تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ «ھىجران»، «جەزىرە»، «كۈز يامغۇرى» قاتارلىق رومانلىرى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى نام قازانغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىنغان. بەزى ئەمگەكلىرى كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «جاھاننىڭ ئېتىكى كەڭرى»، «قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى»، «قىيادىكى ئاي» قاتارلىق ئەسەرلىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «ئانا قەدرى»، «قۇرۇلتاشتىكى كۈنلەر»، «ئەلۋىدا كىرپىك»، «شەيتانكەرىش» قاتارلىق ئەسەرلىرى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
تۇرسۇنجان مۇھەممەت 2020- يىلى «تېرورلۇققا قۇترىتىش» بىلەن قارىلىنىپ 18 يىللىق كىسىلگەن بولۇپ، خوتەندە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى
رومانلار: «ھىجران» (ئىككى توملۇق، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، «جەزىرە»، «كۈز يامغۇرى»، «قايتىش»، «مېھىر بۇلىقى»
- پوۋېست توپلاملىرى: «قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى»، «كۇھىقاپتىكى تەبەسسۇم»، «سېھىرلىك نەي»، «ۋىجدان كۆزى»، «سۈكۈتتىكى ھويلا»، «ئالۋۇن»
- ھېكايىلەر توپلاملىرى: «ئەل ئايىغى بېسىققاندا» (ئا. قادىرى بىلەن)، «تۈندىكى پەرىشتە»، «تەشنالىق»
تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى
- «جەزىرە»، «قىيادىكى ئاي»، «يېڭى تاۋۇس ئەللەيىن»، «بۇ چۈش ئەمەس»، «شىۋىرغانلىق كېچە»، «توزغاق»، «تەۋەرۈك ئۇستۇرا» قاتارلىق ئەسەرلىرى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغان
مۇكاپاتلىرى
2006-يىلى «جاھاننىڭ ئېتىكى كەڭرى»، «قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى»، «قىيادىكى ئاي» ناملىق 3 پوۋېستى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
2006-يىلى «ئانا قەدرى»، «قۇرۇلتاشتىكى كۈنلەر»، «ئەلۋىدا كىرپىك»، «شەيتانكەرىش» قاتارلىق جەمئىي 8 پارچە پوۋېست-ھېكايىلىرى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
- 2006-يىلى «خەتەرلىك ئۈچىنچى باسقۇچ» قاتارلىق بىر قانچە ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەھرىرلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
- 2007-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى 555-سان نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن
- 2008-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى باھالاش پائالىيىتىدە «نەتىجە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن
-2009-يىلى «ھىجران» ناملىق ئىككى توملۇق رومانى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن
ئەزالىقلارى ۋە ۋەزىپىلىرى
- جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسى
- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسى
- ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى ئەزاسى
- ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى 6-، 7-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى
- خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مۇئاۋىن باش كاتىپى
- خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى باش كاتىپى

