Skip to content

ئۇيغۇرياردا ھەقسىز ئېنگىلىزچە

Elizabeth Burton
ئۇيغۇريار فوندى توردا ھەقسىز ئېچىۋاتقان ئېنگىلىزچە كۇرس تۆت يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتىدۇ. يېڭى مەۋسۇم ئۈچۈن تىزىملاش باشلاندى. دەرس ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مەركىزى ۋاقتى ئەتىگەن 10 دا، ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 6 دە باشلايدۇ (دەرس باشلاشتىن بەش-ئون مىنۇت بۇرۇن كىرىڭ)، ھەر قېتىمدا بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە داۋام قىلىدۇ. دەرس Microsoft Teams بىلەن ئۆتۈلىدۇ (بىۋاستە تور بەتتە ئېچىپ قاتناشسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ)، كۇرسنىڭ مەۋسۇمى ئۇنۋېرستىتنىڭ مەۋسۇمى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىدۇ.
دەرسنى ئامېرىكا ھوپكىنسۋىللې ئۇنۋېرىستېتى ئېنگىلىز تىلى فاكۇلتېتى پروفېسسورى، يازغۇچى ئېلزابېت بۇرتون ئۆتىدۇ. دەرس ئوتتۇرا سەۋىيەدىكىلەرنى نىشان قىلىدۇ. بىرىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇشتىن كېيىن يۇقىرى سەۋىيەگە ھالقىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار بىلەن تەمىنلىسە ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. سەۋىيە سىناشتا ئاساسلىقى ئۆگەنگەن كىتاپ، قاتناشقان ئىمتىھان، ئالغان نومۇر، قازانغان نەتىجە ئاساس قىلىنىدۇ. ئايرىم ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئېلان بېرىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. تىزىملاش ئېلخەت ئارقىلىق بولىدۇ. تىزىملاش ۋاقتى بىرىنچى ئۆكتەبىردە توختايدۇ.
دەرسكە قاتناشماقچى بولغانلار ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن: ئۆزىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، ئوقۇش تارىخى، ئېنگىلىزچە سەۋىيەسى، ئۆگىنىش مەقسىدى، مۇقىم ئالاقە ئۇسۇلى، بولۇپمۇ ئېلخەت ئادرىسى قاتارلىق ئۇچۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ئۇيغۇريار فوندىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.
ئېلخەت: uyghuryar123@gmail.com
ئىزاھات: رەسىمدىكى خانىم پروفېسسور ئېلزابېت بۇرتون.
دەرسكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلخەت يازغان ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلىمىگەن، يازغان ئىلتىماسى يۇقارقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭ خېتىگە جاۋاپ قايتۇرۇلمايدۇ.
Elizabeth Burton
Elizabeth Burton

6 thoughts on “ئۇيغۇرياردا ھەقسىز ئېنگىلىزچە”

  1. ئوينىسا ئۇيسال

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مېنىڭ ئىسمىم ئوينىسا سەۋىيەم b2. 9 سىنىپ ئوقۇغۇچىسى. دەرسكە قاتناشقىنىم ئۈچۈن بەك خۇشالمەن. رەھمەت

  2. ‎ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇۋەلى مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇىۋاتامسىز؟ ئىسمىم ماخمۇت ئىستانبۇلدا ياشايمەن، ئەسلى يۇرتۇم قەشقەر، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان، مەن دەسلەپتە ئىنگىلىسچىنى ئۈرۈمچىدە 2002-يىللىرى ئىبراھىم ھاجىمنىڭ(ئبراھىم ھاجىم رابىيە قادىر سودا سارىيىدا تىل تەربىيلەش كۇرسى ئاچقان ، كىيىن تۇتىلىپ كىتىپ بۇ كۇرىسنى ئايالى يان تەرەپتىكى يىمەك – ئىچمەك شىركىتىنىڭ بىناسىدىن سىنىپ ئجارە ئىلىپ داۋاملاشتۇرغان) ئايالى ئاچقان كۈرستا ئوقۇغان،NEW CENCEPT ENGLISH 1-2- تۈگەتكەن ، ھازىرغا قەدەر ئۇگىنىشنى تاشلاپ قويماي ئۆزلىكىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ مىڭىۋاتمەن ،تىل ئۈگىنىشتىكى مەقسىتىم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆجەيرىسى بولغان بۇ مەننى (ئۆزەمنى) تېخىمۇ كۈچلەندۈرمەك، رەھمەت سىزگە! تېلفون نۇمۇرۇم: 0538-950-1180

Comments are closed.