Skip to content
Ababekri Abdurishit

ئابابەكرى ئابدۇرېشىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئابابەكرى ئابدۇرېشىت
شىنجاڭ پېداگوگوكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئابابەكرى ئابدۇرېشىت ئەپەندى.

1981‏-يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان ئابابەكرى ئابدۇرېشىت، 2006‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە 2009-يىلى ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملىغان. ئ‍ۇ يەنە 2009‏-2012‏-يىللىرى ئارىسىدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغان. ئۇ مانا مۇشۇ مەزگىلىدە گېرمانىيەدە بىر يىل زىيارەتچى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ئابابەكرى ئابدۇرېشىت  2013‏-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن.

ئابابەكرى ئابدۇرېشىت 2018-يىلىدىن باشلاپ جەمئىيەتتە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ 2020-يىلى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى مەلۇم بولمىغانىدى. ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 2022-يىلى ئېنىقلاشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ 13 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەللىلەندى.

ھەر خىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلىرى