تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمە «قۇرئان»دىن تاللانغان ئىسىملار
«قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى رەت ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى قاراخانلار خانلىقى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. «قۇرئان» دۇنيادا پارىس تىلىدىن كېيىنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ تۈركولوگىيەدە، «قۇرئان تۇنجى بولۇپ قاراخانىيە تۈركچەسىندە تەرجىمە قىلىنغان» دېيىلىدۇ. بۇ يەردىكى قاراخانىيە تۈركچەسى دېگەن ئىپادە بولسا ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرجىمە 11-ئەسىردە ۋۇجۇتقا چىققان بولۇپ ئەرەپچە ئايەتلەر ئاستىغا ئۇيغۇرچە سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىنىپ قىستۇرۇلغان. بۇنداق تەرجىمە ئۇسلۇبى ئۇيغۇرلاردا 1980يىللارغىچە ساقلانغان بولۇپ، شۇنداق ئۇسلۇپتا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئاننىڭ تەرجىمەلىرى خەلق ئىچىدە ساقلانغان.
تۇنجى ئۇيغۇرچە قۇرئان تەرجىمەسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋە ئەرەپچە ئۇسلۇپتىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقى مەلۇم، ئەمما قايسى يېزىقتا ئاۋۋال ئىشلەنگەنلىكىنى كېسىپ ئېيتىش تەس. بىزگە يېتىپ كەلگەن تەرجىمە مەھمۇت قەشقەرى ئىشلەتكەن ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىدا يېزىقىدا يېزىلغان. ھالبۇكى، شۇ دەۋىردە يېزىلغان ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» دېگەن كىتابىدا بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ تەرجىمەسى قەدىمكى ئۇيغۇرچە بېرىلگەن ئىدى.
شەرقى تۈركچە قۇرئان تەرجىمەسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرئاننىڭ ئىككى خىل ئاساسلىق نۇسخاسى مەۋجۇت. بىرى ئەنگىلىيەدىكى جون رىيلاندس كۈتۈپخاناسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخا، يەنە بىرى تۈركىيەدىكى تۈرك ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخا. بۇ ئىككى نۇسخا بۈگۈنكى تۈركچەگە تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئوقۇلغۇسى بېرىلگەن.
ئۇيغۇرچە ئىسىم فامىلەلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتنى باشلىغىنىمىزدا ئېسىمىزگە قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە بۇ تۇنجى تەرجىمەسى كەلدى. خەلقىمىزدە «قۇرئان كەرىم»دىن ئىسىم تاللايدىغان ئەنئەنە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى بېيىتىشتا ئانا تىلىمىزدىكى بۇ تۇنجى تەرجىمەگە مۇراجەت قىلدۇق. ئەجدادىمىزنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى تەپەككۇرى، تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ يادىكارى بولغان مەزكۇر ئەسەردىن ئىسىم قىلىپ قوللۇنۇشقا بولۇدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى تاپتۇق.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار قۇرئاندىن ئىسىم تاللىغاندا ئاللاھنىڭ 99 ئىسمىنى پەرزەنتىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشنى ياخشى كۆرۈدۇ، بىز بۇلارنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە تەرجىمەسىنى تاپتۇق. بۈگۈن ئەرەپچە قوللىنىلىۋاتقان قۇرئاندىكى موھىم ئۇقۇملارنىڭ ئۇيغۇرچە شەكلىنى بايقىدۇق. «قۇرئان»دىكى خەلقىمىزگە مۇقەددەس تۇيۇلۇپ كەلگەن ھېكمەت، ئىبرەتلىك ھادېسە ۋە ھېكايەتلەردىن ئىسىم قىلىشقا بولۇدىغان سۆزلەرنى ئۇچراتتۇق. بۈگۈن ئۇيغۇرلاردا كەڭرى قوللۇنۇلغان، سۆيۈلگەن بەزى ئىسىملارنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى تەرجىمە قۇرئاندا ساپ ئۇيغۇرچە يېزىپ قالدۇرۇلغان ئىدى. مەسىلەن، جەننەت سۆزى، ئۇيغۇرچە قۇرئاندا ئۇچماق دېيىلگەن. شەرىئەت سۆزى يارۇق يول دېيىلگەن. ئايەت سۆزى ئۈچۈن بەلگە دېگەن سۆز تاللانغان. پەيغەمبەر دېگەن سۆزگە ساۋچى، يالۋاچ دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلگەن.
تۇنجى ئۇيغۇرچە «قۇرئان» تەرجىمەسى قاراخانلار خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، «قۇتادغۇ بىلىك»كە ئوخشاشلار موھىم يادىكارلىقتۇر، ئۇنى ئوقۇش، مۇلاھىزە قىلىش، چۈشىنىش بىزنى يىلتىزىمىز بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ، پاراسەتلىك ئاتا-بوۋىلارغا تۇتاشتۇرىدۇ، غەمگۇزار ئانا-مومالارغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەجداتلاردىن قالغان، بۈگۈن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، ئورنىغا ئەرەپچە ئالماشقان سۆزلەرنى ئەسلەپ تۇرساق، ئۇلارنى پەرزەنتلەرگە ئىسىم قىلىپ قويساق، ئەجداتلارنىڭ روھىغا سىغىنغان بولۇمىز. بالىلارنى ھەر چاقىرغاندا ئەجداتلاردىن قالغان ئۆگۈتلەرنى ئەسكە ئالىمىز، ئۇلاردىن قالغان ھېكمەتنى ساقلاپ قالالايمىز، مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلالايمىز، ۋەسىيەتلەرگە ۋاپادار بولۇپ ئەمەل قىلىپ ماڭالايمىز. ئەگەر بىز قويۇشنى خالىساقلا، ئەجداتلارنىڭ مىڭ يىل بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» دە، بىز تاللاپ بولالمىغۇدەك گۈزەل، مەنەدار، ھېكامەتلىك ئىسىملار مەۋجۇت. بىز پەقەت شۇلاردىن يۈز نەچچە سۆزنى تېرىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.
مەزكۇر تۇنجى ئۇيغۇرچە «قۇرئان» تەجىمەسى 2004-يىلى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان. تەرجىمەدىكى ئەرەپچە دىنى ئۇقۇملارغا بەدەل قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزلەر دىققەت تارتقان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە بۇددىزىم ئەسەرلىرىدە قوللۇنىلىدىغان بىر قىسىم دىنى كەلىمەلەرنىڭ قۇرئاندىكى ئەرەپچە دىنى كەلىمەلەرنى تەرجىمە قىلىشتا قوللىنىلغانلىقى تەتقىقاتچىلارنى قىزىقتۈرغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ يېزىلغان ماقالىلەر خېلى بار. نېمە ئۈچۈنكى بۇ كىتاپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنمىغان بولسىمۇ تۈركچە نەشرى كىتاپخانالاردا ئۇچراپ تۇرۇدۇ. توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئېلىشمۇ مۇمكىن.
تۇنجى ئۇيغۇرچە «قۇرئان»دىن قالغان ئىسىملار
- ئارىغ: سۇبھان، پاك، مۇقەددەس
- ئاسىغ: پايدا، قازانچ،
- ئالقىش: دۇئا، سالام
- ئارىن: پاكلانماق، تازىلانماق
- ئاغىر: قىممەت، قەدرىيەت
- ئادىر: ئايرىماق، فۇرقان
- ئارىت: پاكلىماق، تازىلىماق
- ئاجۇن: دۇنيا، جاھان،
- ئايىز: شەپقەت، مەرھەمەت
- ئالاس: مەشئەل، گۈلخان، قورقۇنچ
- ئاچۇق: قۇرئاندا بەييىنە دەلىل سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن
- ئاقار: ئەرەپچە دەريا دېگەن مەنىدىكى ئەنھار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن
- ئاقاس: قىساس ئالماق، قۇرئاندا ئادالەت ۋە قىساسقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە قوللانغان
- ئانت: قەسەم سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
- ئەدگۈ: گۈزەل، ئالىپتە، نەپىس
- ئەكىن: ئوزۇغلۇق زىرائەتلەر، دانلىق زىرائەتلەر، تېرىلغۇ يەر، مۇنبەت
- ئەرەن: باتۇر، قەھرىمان، جەسۇر
- ئەرتۈر: يېتىشتۈرمەك، تەييار قىلماق
- ئەشكىن: چەبدەس، چاققان، چاپقۇن
- ئەۋرىم: دەۋىر، ئايلانماق، ئۆزگەرمەك
- ئەدىز: ئۇلۇغ، يۈكسەك
- ئەلىگ: ئەل، خەلق
- ئايت: قۇرئاندىكى قۇل بىلەن كەلگەن ئايەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن
- بەرك: مۇستەھكەم، مەزمۇت، بەركىن دەپمۇ ئېلىنغان، مەناسى ئەمىن
- بەركىل: چىڭ، چىداملىق
- بەركىن: سۇباتلىق، قەتئى
- ئازۇق: رىزىق، نىمەت
- بىلگەن: ئاللاھنىڭ ھەممىدىن خەۋەردار خابىر سۈپىتى
- بىتىك: كىتاپ، بىتمەك ئىمان مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن
- بودۇن: ئۈممەت، ئاۋام
- بورغۇ: سۇر، قۇئاندا تىلغا ئېلىنغان چالغۇ
- بەلگۈ: ئايەت،
- بەلگىل: ئەلا، ئۈستۈن
- بىتكەن: مۆمىن، مۇسۇلمان
- بىتىك: قۇرئان، فۇرقان
- بۇيان: ساۋاپ، خەيىر ئىھسان
- باسىن: باسقۇچى، يەڭگۈچى
- بەرچىن: بەرىنچى، بەرگۈچى، ئاتا قىغلۇچى
- بەدۈك: بۈيۈك، ئۇلۇغ
- يانۇت: جاۋاپ، يانۇتچى، جاۋاپ بەرگۈچى
- مۇيان:مۇيانلىق شەكلىدىمۇ كەلگەن، سەدىقەت مەناسىدا
- مەنگۈ: ئەبەدى، قالغۇچى
- مۇنسۇز: باي،
- ئەمچىل: داۋا، شىپا
- چىن: ھەقىقەت، ھەق
- پۈتۈن: مۇكەممەل، تولۇق
- ئەرىنچ: نىمەت، رىزىق، ئېرىشىلگەن ھوزۇر
- ئەسەن: سالامەت، ئىسەنلىك
- ئەتۆز: نەفىس، روھ، جان
- ئۆكۈن: تۆۋە، پۇشمان
- يۈكۈنچ: ناماز، ئىبادەت
- تاپۇغ: خىزمەت، ئىبادەت
- كۈر: مۆجىزە، كارامەت
- ئىنانچ: ئىشەنچ، ئىنان بولسا پىئېل شەكلىدە
- تانۇق: تانىق شەكلىدىمۇ يېزىلغان بولۇپ مەناسى شاھىت
- تەڭ: تەڭلىك، ئادالەت، ئادىللىق
- يازۇق: گۇناھ
- يالۋاچ: ئەلچى، پەيغەمبەر
- كۆرك: ھۆسۈن، جامال
- كەچۈرگەن: مەغپىرەتلىك، كەچۈرۈم قىلغان
- ئەردەم: پەزىلەت، ئېسىللىق، خىسلەت
- كەزىك: ۋەسۋەسە، ئىنساننى تىترەتكەن بىر تۇيغۇ، كېزىك
- كۆنى: توغرا، كۆنى يول دېمەك ھېدايەت مەناسىدا
- كۆركەم: گۈزەل، چىرايلىق
- كۆركۈم: گۈزەللىك، سۈپەت
- كۈچۈن: قۇدرەت، قۇۋەت
- كۆندۈرگەن: ھېدايەتكە باشلىغان
- كەنىش: رەھمەتى كەڭ، ئىلتىپاتلىق
- كۈۋەز: ماختالغان، ئالقىشلانغان، ماختانچاق
- كۆنۈگ: توغرا، سالىھ
- ئۇغان: ئەزىز، كۈچلۈك، مۇتلەق كۆچ ساھىبى
- سايىن: سانىغۇچى، ھېسابىنى ئالغۇچى
- يانۇرا: قايتا، تەكرار
- ئۈكۈش: نۇرغۇن، چەكسىز
- كۈدەزگەن: قوغدىغان، مۇھاپىزەت قىلغان
- ساقىش: ھېساپ، ساقىش كۈنى، قىيامەت
- ئۆرتكەن: غاپپار، يوشۇرغان مەناسىدا
- سەرگەن: سەۋىرلىك، تاقەتلىك
- ساۋجى: پەيغەمبەر، ئەلچى
- سەۋىنچ: خۇش خەۋەر، بىشارەت
- تۆرۈتكەن: ياراتقان، ئاپىرىدە قىلغان
- كىرتگۈن: ئىمان ئېيتقان، ئىتىقات قىلغان
- ئوغرا: نىيەت قىل، كۆڭلۈڭگە پۈك
- ئوغراماق: نىيەت
- ئۆگ: ئەقىل، ئۆگدۈل، مەدھىيەلەن، ئۆگلۈك ئەقىللىق
- سويۇرغا: رەھمەت، مەرھەمەت
- توقۇش: جىھات، ئۇرۇش، غازات
- ياۋۇق: يېقىن، ياندا
- ساقىن: سېغىنماق، ئەسلىمەك
- ساقىنچ: سېغىنىش، ئەسلەش
- ئوغۇش: قەبىلە، قەۋم، ئۇرۇق
- ئوزار: كېيىنكى، كەلگۈسى، ئالدىن
- ساغۇن: دوختۇر، ئۇستاز
- سۈچۈك: تاتلىق، شىرىن، لەززەتلىك
- نىشان: بەلگە، ئالامەت، بىشارەت
- پۇرقان: ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك
- پۇسان: تەخت ۋارىسى، مۇنەۋۋەر
- چورا: قەھرىمان، باتۇر
- چىدام: سەۋىر، تاقەت، غەيرەت
- تۈزۈن: سىپتا، مۆتىبەر، ئىززەتكە سازاۋەر
- تۆز: يىلتىز، مەنبە، تۆزۈن شەكلىدە سۈپەت بولۇپ كەلگەندە جەمەتى ئىززەتلىك، تەكتى ئېسىل
- توسۇن: كۆندۈرۈلمەس، بويسۇنماس، تىزگىنلەنمەس
- يالىن: ئوت، ئاتەش، يالقۇن

