«ئۇيغۇرۇم – ئانام» ئانا تىل كۆرىكى باھالاش خۇلاسىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئاناتىل مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇش يۈزىسىدىن، «ئۇيغۇرۇم ئانام» ئانا تىل كۆرىكىگە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار چاقىرىقىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پەرزەنتلىرىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىزگە ئەۋەتتى. بىز 2017 – يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنىگە قەدەر جەمئى 14 پارچە ناخشا ۋە دېكلاماتسىيە، 40 پارچە تۈرلۈك رەسىم ۋە گۈزەل – سەنئەت ئەسىرى، 3 پارچە ئەدەبىي ئەسەر تاپشۇرۇۋالدۇق. بىزگە ئەسەر ئەۋەتكەن بۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ كىچىكى ئۈچ ياش، چوڭى 12 ياش بولۇپ، بۇلار ئۆز يېشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئىشقا بەكمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، شۇنداقلا بىزنى قوللىغان، پەرزەنتلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن، ۋاقىت چىقىرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ناخشا، دېكلاماتسىيەلىرىنى، رەسىم ۋە گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرىنى سىنغا ئېلىپ ۋە سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكەن ئاتا -ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.