Skip to content

كەچۈرۈڭلار بالىلار

كەچۈرۈڭلار بالىلار

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

(«ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر كۆرىكىنىڭ نەتىجىسى 10-دېكابىر ۋاقتىدا ئېلان قىلىنماي كېچىكىپ كەتتى. سەۋەبى بالىلارغا ئېلىنغان سوۋغات ۋە سوۋغاتقا زىننەتلىنىپ ھەدىيە قىلىنىدىغان ئۇيغۇريارنىڭ لوگوسى ھەققىدە كۆپ مۇنازىرە قىلىنىپ ۋاقىت سۈرۈلۈپ كەتتى)

كۆرەك قىلدۇق كېلىڭ دەپ،
بىزگە ئەسەر سېلىڭ دەپ،
سوۋغات بار تېز ئېلىڭ دەپ،
ۋەدىمىزدە تۇرمىدۇق
كەچۈرۈڭلار بالىلار.
كۆرەك ئەمەس كىچىك ئىش،
خاتا بولدى كېچىكىش،
كۆرۈلمىسۇن تېرىكىش،
ۋەدىمىزنى ئاقلايمىز،
كەچۈرۈڭلار بالىلار.
بۇ كۆرەكتە ئۇتتۇڭلار،
كۆپ مۇكاپات قۇچتۇڭلار،
ماتەمدە كۈچ قوشتۇڭلار،
بىز سىلەردىن ئۈمىتۋار،
كەچۈرۈڭلار بالىلار.