Skip to content

«ئۇيغۇرۇم – ئانام» ئانا تىل كۆرىكى باھالاش خۇلاسىسى

«ئۇيغۇرۇم – ئانام» ئانا تىل كۆرىكى باھالاش خۇلاسىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئاناتىل مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇش يۈزىسىدىن، «ئۇيغۇرۇم ئانام» ئانا تىل كۆرىكىگە مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار چاقىرىقىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پەرزەنتلىرىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىزگە ئەۋەتتى. بىز 2017 – يىلى    12- ئاينىڭ 15- كۈنىگە قەدەر جەمئى 14 پارچە ناخشا ۋە دېكلاماتسىيە، 40 پارچە تۈرلۈك رەسىم ۋە گۈزەل – سەنئەت ئەسىرى، 3 پارچە ئەدەبىي ئەسەر تاپشۇرۇۋالدۇق. بىزگە ئەسەر ئەۋەتكەن بۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ كىچىكى ئۈچ ياش، چوڭى 12 ياش بولۇپ، بۇلار ئۆز يېشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئىشقا بەكمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، شۇنداقلا  بىزنى قوللىغان، پەرزەنتلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن، ۋاقىت چىقىرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ناخشا، دېكلاماتسىيەلىرىنى، رەسىم ۋە گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرىنى سىنغا ئېلىپ ۋە سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكەن ئاتا -ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

كەسىپ ئەھلىلىرىمىز بۇ ئوماقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېرىنمەستىن، ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقتى ۋە باھا بەردى.كۆپچىلىكنىڭ باھالىشى نەتىجىسىدە كىچىك ناخشىچىلىرىمىزدىن:

نەفىسە ھەسەن ( 8 ياش، تۈركىيە)  ۋە ئوغلىمىز ئۇكاشى ھەسەن (7 ياش، تۈركىيە) لەرگە قوشماق قوزا مۇكاپاتى؛

نەفىسە ھەسەن ( 8 ياش، تۈركىيە) ،سۈمەييە(تۈركىيە)ۋە ئوغلىمىز ئابدۇمالىك(تۈركىيە)لارغا مېھرىبان ئاققۇلار مۇكاپاتى؛

شامەرد شاخېلىل ( 5.5 ياش، گوللاندىيە) غا ناخشىچى تورغاي مۇكاپاتى؛

ئەسرا مۇھەممەد ( 2.5 ياش،كانادا) كە كىچىك بېلىجان مۇكاپاتى؛

مەرۋە(كانادا)گە ئاق بۆجەن مۇكاپاتى بېرىلدى.

كىچىك دېكلاماتسىيەچى ۋە دىكتورلىرىمىزدىن:

يۈسۈف مەھمۇد ( 3 ياش، ئاۋسترالىيە) قا باتۇر ئارسىلان مۇكاپاتى؛

ئەييۇپ يۈسۈف (5 ياش، ئاۋسترالىيە ) كە ئوماق قوزا مۇكاپاتى؛

فىردەۋس لۇتپۇللا( ئاۋسترالىيە) غا جەسۇر كۆكبۆرە مۇكاپاتى؛

ئابدۇللا مەھمۇد ( 9 ياش، ئاۋسترالىيە) قا جەسۇر پاقلان مۇكاپاتى؛

مەدىنە ( 5 ياش،نورۋېگىيە ) گە ئوماق توشقان مۇكاپاتى؛

ئۆتكۈر ئابدۇرېھىم كۆكتۇغ ( 8 ياش، نورۋېگىيە) قا ئويچان تىيىنچاق مۇكاپاتى؛

كۈرەش ئابدۇرېھىم كۆكتۇغ ( 4 ياش، نورۋېگىيە) قا ئويۇنچى ئوغلاق مۇكاپاتى؛

مۇنىرە يۈسۈف ( 8 ياش، ئاۋستىرالىيە) گە زېرەك بۇلبۇل مۇكاپاتى بېرىلدى.

كىچىك رەسساملىرىمىزدىن:

مۇھەممەد ئەمىن ھەسەن ( 8  ياش،تۈركىيەدىن) گە چاتما رەسىم ئۇستىسى مۇكاپاتى؛

تۈركىزات شۆھرەت ( 10 ياش، تۈركىيە) كە پەن – تېخنىكا، فانتازىيە رەسسامى مۇكاپاتى؛

ئائىشە ( 8 ياش، تۈركىيە) گە رەڭلىك قەلەم ئۇستىسى مۇكاپاتى؛

ئەسما ( 7 ياش، تۈركىيە) غا مەنزىرە رەسىم ئۇستىسى مۇكاپاتى؛

نەفىسە ( 10ياش، تۈركىيە) گە كارتون رەسىم پىشۋاسى مۇكاپاتى؛

مەسئۇدە (10 ياش، تۈركىيە) كارتون پىشۋاسى مۇكاپاتى

ئەلمىرە ( 6 ياش، كانادادىن) گە ھەيكەلتاراش ئۇستىسى مۇكاپاتى؛

ۋىسالە( 11 ياش ) گە ئابىستراكىت رەسىم ئۇستىسى مۇكاپاتى؛

خەدىچە ئابدۇلئەزىزگە پورتېرىت رەسىم ئۇستىسى مۇكاپاتى؛

مەرىفەت قارۇق ( 10 ياش، تۈركىيە)، مۇخلىسە فەرھاد ( 7 ياش، تۈركىيە)، سۇتۇق شۆھرەت( 3 ياش، تۈركىيە)، ئەلف ( 7 ياش،كانادا)، مەريەم فارۇق ( تۈركىيە)، ئەسما خوتەن ( تۈركىيە)، رەھىمە( تۈركىيە)، ساھىپنىسا ( 8 ياش)، ئەسما قاراخان، ئەزھەر، خالىد قاسىملارغا ئوماق رەسسسامچاق مۇكاپاتى بېرىلدى.

(بىر قىسىم رەىسىملەرگە ئاپتورنىڭ ئىسمى يېزىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسەرئىگىسىنى بىلىشكە ئامالسىز قالدۇق. شۇڭا بۇ يەردە ئىسمى ئاتالماي قالغانلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىت قىلىمىز.)

كىچىك قەلەمكەشلىرىمىزدىن مەسئۇدە ئابدۇۋەلى، خەدىچە ئابدۇلئەزىر ۋە يۈنۈس ئەمرەلەرگە يورۇق يۇلتۇز مۇكاپاتى بېرىلدى.

بۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ئەقىللىق، زېرەكلىكى، يات تىل مۇھىتىدا  ياشاۋېتىپمۇ ئانا تىلىنى شۇنداق ياخشى سۆزلىشى،ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بۇجەھەتتە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغانلىقى ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى باھالىغۇچىلىرىمىزنى شۇنداق سۆيۈندۈردى ۋە ھاياجانلاندۇردى. شۇنداقلا بىزنىڭمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئاللاھ خالىسا بۇ ئانا تىل كۆرىكىمىزنى كېلەر يىلىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. ئاتا – ئانىلارنىڭ بىزنى ۋە پەرزەنتلىرىنى مۇشۇنداق داۋاملىق قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇريار فوندى

2017 – يىل 12- ئاينىڭ 20 – كۈنى