Skip to content

ياردەمدە ئۇيغۇريار

ياردەمدە ئۇيغۇريار

ئۇيغۇريار قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇريار كېڭەش ھەيئىتىگە سۇنغان خۇلاسە دوكىلاتىم

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى بۇندىن بىر يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە جامائەتكە سۇنۇلغان ئىدى. پىلاندا توققۇز تۈرلۈك خىزمەتنى نىشان قىلغان بولساقمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى فامىلە قوللىنىشىقا ياردەم، ئانا تىل ئوقۇتىشىغا ياردەم، تەرجىمە ۋە نەشرىياتچىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم، مۇھتاجلارغا ياردەم ۋە تۇل-يېتىملەرگە ياردەم ئەمەلگە ئاشتى. ئۇيغۇريار قۇرۇلغاندا بىز ئويلاشمىغان تۈرلەردىن ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل ۋە مائارىپتىن مەسلىھەت، بالىلارنىڭ ئانا تىل توپى قۇرۇش، دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەشكىللەش، ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەمكارلىقى، ئانا تىل كۆرىكى دېگەن تۈرلەر قوشۇلۇپ داۋام قىلماقتا.

مەنچە بىر يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغىنى مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان قېرىنداشلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەش ۋە تۇتقۇننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈش بولدى. بۇ خەۋەر ئېنگىلىزچە يۈزدىن ئارتۇق مەتبۇئاتتا خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا ب د ت خىزمەت تىلى قىلغان ئالتە خىل تىلدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنى قاپلىدى.

بىز يەنە قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدىكى(سەفاكۆيدىكى) تۇللار ۋە يېتىملارنىڭ سانىنى، جايىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئىھتىياجىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە جامائەتنىڭ يارىدىمى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشتۇق.

چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەپلىك قىيىنچىلىقلار ئېغىرلاشتى. مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش مەسىلىسىمۇ سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسىمۇ ھەممىسنىڭ ئەمەس. شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بۇ ھەقتىكى ياردەملەرنى ئۇيغۇريارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتىمىز.

 بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرانتلارنى تاللاپ چىقتۇق ۋە ئۇلارنى مۇكاپات بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز. 2018-يىلدىن باشلاپ يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش ئالدىدا تۇرىمىز. بۇندىن كېيىن تەربىيەمىزدە بولۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى نەتىجىلىرى بىلەن ياردەم بەرگۈچى قېرىنداشلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە ئەمەلىي جاۋاپ بەرگەيمىز.

بۇ بىر يىل جەريانىدا قىلغان خىزمەتلەرنى ئۈچ چوڭ تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇلار ياردەم، مائارىپ ۋە تاراتقۇ خىزمەتلىرى. بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئۈچ خىزمەتنى داۋام قىلغاندىن باشقا زۆرۈر ئىھتىياج بولغاندا زۆرۈر تەدبىرلەرنى جامائەت سۇنىمىز ۋە باشقا يېڭى خىزمەتلەرنى قوشۇپ داۋام قىلغايمىز. 

بۇلتۇر مۇشۇ كۈنلەردىكى ۋەدىمىزدە بىر يىللىق ئىجتىھاتتتىن كېيىن ئۇيغۇلارنىڭ خەلقئارالىق فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولغان بولساقمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغانلىقى، قولىمىزدىكى ياردەم پۇلىنىڭ كىمگە بېرىلىشى ھەققىدە بىز ئېنىق ۋەدە بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن مۇنداق بىر ئورگان ئۈچۈن ئاجرىتىلغا پۇل يوق، بۇنداق ئورگاندا ئىشلەيدىغان مۇئاشلىق خادىم، ئورگاننىڭ چىقىمى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىش شارائىتمىز يوق. شۇڭا بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشماي قالدى. شۇڭا بۇ توغرىدا جامائەتنىڭ ئۆزرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ئىزاھات: مەن ئۇيغۇريارنىڭ پىلانلىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 2017-يىللىق خىزمەتلەردىن مۇشۇنچىلىك مەلۇمات بەردىم. ئۇيغۇريارنىڭ يىللىق خىزمەت دوكىلاتى ۋە 2018-يىللىق پىلانى مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

2017-يىلى 27-دېكابىر ئەنقەرە