Skip to content

ئۇيغۇرياردىن 2017- يىللىق خۇلاسە ۋە 2018- يىللىق پىلان

ئۇيغۇرياردىن 2017- يىللىق خۇلاسە ۋە 2018- يىللىق پىلان

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىزگە ياردەمدە بولغان ۋە بولۇۋاتقان قېرىنداشلار. ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى بۇندىن بىر بىر يىل مۇقەددەم جامائەتكە سۇنۇلغان ئىدى. بۇ بىر يىل داۋامىدا بىز ھەرقايسىڭلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللشىڭلار ۋە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە بىرقىسىم ئىشلارنى قىدۇق ۋە ھەرقايسىڭلارنىڭ ئېتراپىغا ئېرىشتۇق. بىز ھازىر بۇ بىريىل جەريانىدا قىلغان ئىشلىرىمىز ۋە كېلەر يىلى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى ھەرقايسىڭلارغا قىسقىچە دوكىلات قىلماقچى.

2017- يىلى قىلغان خىزمەتلىرىمىز:

  1. فامىلە قوللىنىشقا ياردەم تۈرى. ھازىر دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك مۇقىم فامىلىسى بار، مۇشۇ فامىلىگە ئاساسەن جەمەتىنىڭ يۈز ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق تارىخىنى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ. لېكىن بىز بولساق ھازىرغىچە دادىمىزنىڭ ئىسمىنى فامىلە ئورنىدا قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز، مۇشۇ بىر ئەۋلات ئۆتسە بۇ فامىلە ئالمىشىپ،جەمەتىمىزنىڭ يۈز يىل ئەمەس ھەتتا 50 يىللىق ئىشلرىنىمۇ بىلىشكە چارىسىز قالىمىز. مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ بىز خەلقىمىزنىڭ  فامىلە قوللىنىىشغا ياردەم تۈرىنى تەسىس قىلىپ، مۇشۇ ھەقتە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق، فامىلە قىلىپ قوللىنىشقا ماس كېلىدىغان 350 دىن ئارتۇق ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىمنى توپلاپ چىقىپ،  مەنىسىنى ئىزاھلاپ ۋە مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ،تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ئۇيغۇريار تورى ۋە فېسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ مۇقىم بىر فامىلە قوللىنىشغا تۈرتكە بولدۇق.
  1. ئانا تىل ئوقۇتىشىغا ياردەم تۈرى. تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى. مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز پەرزەنتلىرنىڭ ئانا تىلىنى بىلىپ چوڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە ئاز سانلىق بولۇشى، ئۆزىگە خاس مائارىپى ۋە مۇقىم دەرسلىكى بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى پەرزەنتلەرگە ئاناتىل ئۆگىتىشتە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىىزنىڭ ئاناتىلنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى،نامراتلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل كۇرسلىرىغا ئەۋەتمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، شۇڭا بىز ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ياردەم تۈرىنى تەسىس قىلىپ، ئاناتىل ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق. بىر قانچە قېتىم پىداكارلارنى تەشكىللەپ، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە بېرىپ، مەكتەپكە بارالمايۋاتقان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدۇق،تىزىمغا ئالدۇق. تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردۇق. 2 قىسىم ئانا تىل دەرسىلىكى كىتابىنى نەشىر قىلىپ ۋە تارقىتىپ، ئاناتىل ئوقۇتۇشىدىكى دەرسلىك ئېھتىياجىنى ئاز- تولا بولسىمۇ قاندۇردۇق. تۈركىيەدىكى ئانا تىل دەرىسى تەسىس قىلىشنى خالايدىغان بىر قۇرئان كۇرسىغا 179 پارچە، ئىككى قىسىم ئانا تىل دەرسلىك كىتابىنى ھەقسىز ھەدىيە قىلدۇق. ئانا تىل ئوقۇتۇشنى خالايدىغان، ئەمما ئوقۇتقۇچىسى يوق  ئەھۋاللارغا ياردەمدە بولدۇق.

ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل ۋە ئوقۇشتىن مەسلىھەت بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاداشلار توپى، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى  توپى قۇرۇپ چىقتۇق.

  1. تەرجىمەۋە نەشرىياتچىلىق تۈرى. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلسىمۇ ئېنگىلىزچىنى بىلمەيدۇ. ياشقا چوڭراقلىرى شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدىن ئۆزخىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك بىلسىمۇ، ئەمما ئىلمىي كىتاپلارنى تازا ئوقۇپ چۈشنىپ كېتەلمەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بىلىملەرنى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىز ھەرقايسى ئەلەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم پىدائىلارنى تەشكىللەپ، بىر تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم خەلقئارالىق كېلىشىملەر، ب د ت نىڭ خىتاي ئىمزا قويغان كىشلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلىرى ۋە نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇردق. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تەرجىمىسى پۈتۈپ، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا يەنە ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۈزگەن سەككىز قىسىملىق «ئاناتىل دەرسىلىكى» نىڭ 1- ،2- قىسمىنى نەشىر قىلدۇردۇق. بىرىنجى قىسىمنىڭ باسما ھەققىنى ياردەم قىلغۇچى ۋە ئاپتور بۇ كىتاپتىن كىرگەن كىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇريار فوندىغا ئىئانە قىلىۋەتتى. بىز بۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
  2. ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم تۈرى. خىتاينىڭ قاتتىق بېسىم سىياسىتى تۈپەيلى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلدى. غەرپ ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىر ياقتىن ئىشلەپ، ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ كېتەلىسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئەھۋالى باشقىچىرەك بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ياقتىن ئىشلەپ، بىر ياقتىن ئوقۇشى تەسكەتوختايدۇ. شۇڭا بىز تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇشى ياخشى ئەمما تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە 5 نەپەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ئېيىغا 700  لىرادىن ( 4 يىلداۋام ئېتىدۇ)،3 نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانت ئېيىغا 800 لىرادىن (2يىل داۋام ئېتىدۇ) ، 2 نەپەر دوكتۇر ئاسپىرانت ئېيىغا 1200 لىرادىن (3يىل داۋام ئېتىدۇ)  ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا مىسىردىن قايتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە جەمئىيىتىگە تېزراق ماسلىشىپ، نورمال ياشىيالىشى ئۈچۈن تۈركچە ئۆگىنىشىنى مۇھىم دەپ قاراپ، ھىرا تىل تەربىيەلەش مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەمدە بولدۇق. مىسىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرس ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى كۇرۇستىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشىنى بەردۇق.

تۈرك تىلى ئۆتكىلىدن ئۆتكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلومى ۋە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئېتراپ قىلىدىغان ئۇنۋېرستىتقا كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن 5 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرستىتتا ئوقۇشىغا ياردەم قىلدۇق.

  1. مۇھتاجلارغاۋە تۇل-يېتىملەرگە ياردەم تۈرى. قەيسەرىۋە ئىستانبۇلدىكى تۇللارۋە يېتىملارنىڭ سانىنى، جايىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئىھتىياجىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە جامائەتنىڭ يارىدىمى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشتۇق. ئېغىر قىيىنچىلىقتاقالغان بىر ئائىلىنىڭ 7 ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ بەردۇق.  ئىككى ھېيتتا قەيسەرىدىكى ۋە سەفاكۆيدىكى تۇللار ۋە يېتىملەرنى يوقلاپ، ئۇلارغا ھېيتلىق بەردۇق.
  2. مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە كۈچ چىقاردۇق. بىز بۇنى بىر يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغىنى دەپ قارايمىز. 7 ئاينىڭ 4- كۈنى مىسىر ھۆكۈمىتى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزغا قارا قولىنى سوزدى. بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان خەلقىمىزگە مۇراجىئەتنامە چىقىرىش بىلەن تەڭ، ئۆزىمىزدە بار پۇلغا قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە، بېلەت ۋە ۋىزا ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزغا بېلەت ۋە ۋىزا ئېلىپ بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە تىرىشتۇق. ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ، 39 قېرىندىشىمىزغا ۋىزا ۋە 68 قېرىندىشىمىزغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ، بىخەتەر دۆلەتلەرگە كېلىۋېلىشىغا ياردەم قىلدۇق.
  3. ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق.بۇمۇ بىزنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ بىرسىدۇر. مىسىردا تۇتقۇن باشلانغاندا بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشى ئۈچۈن ھەركەت قىلىش بىلەن تەڭ بىز دەرھال ئېنگىلىزچىسى ياخشى، مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىسى بار قېرىنداشلىرىمىزنى تەشكىللەپ ئەلجەزىرە، ب ب س، بىرلەشمە ئاخبارات ئاگىنتلىقى، فرەنس 24 قاتارلىق چوڭ گېزىت ۋە تېلۋېزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەتلەرنى ۋە زۇلۇمنىڭ ئارقىسىدىكى قارا قولنى نىيىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشكە تىرىشىتۇق. بۇ ۋەقە تۈگىگەندىن كېيىنمۇ بىز بۇ ئىشنى توختىتىپ قويماي، داۋاملىق  چوڭ تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇش، تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىگە ئېنگىلىزچە يازما يوللاش قاتارلىق يوللار بىلەن خەلقىمىز كۆرۈۋاتقان چەكتىن ئاشقان زۇلۇملارنى  دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىىز.
  4. « ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدا ئاناتىل كۆرىكى ئۆتكۈزدۇق. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئانا تىل مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇش يۈزىسىدىن « ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدا ئاناتىل كۆرىكى ئۈتكۈزدۇق. بۇ كۆرىكىمىزگە پەرزەنتلىرىمىز ۋە ئاتا – ئانىلار قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ پەرزەنتلىرنىڭ ئانا تىلدىكى يازما ئەسەرلىرى، شېئىر دېكلاماتسىيەسى، ناخشا، رەسىم، ۋە باشقا گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ۋە سىنغا ئېلىپ بىزگە ئەۋەتىپ بەردى. بىزمۇ كەسىپ ئەھلىلىرىنى تەشكىللەپ،بۇ ئەسەرلەرنى باھالاپ، لايىقىدا مۇكاپاتلارنى بېرىپ، نەتىجىسىنى ئۇيغۇريار تورى ۋە فېيسبۇكلاردا ئېلان قىلدۇق. كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، شۇنداقلا ۋەتەنگە ۋە ئانا تىلغا بولغان قىزىقىشى كۈچەيگەن.

2017-يىلى قىلالمىغان خىزمەتلىرىمىز.

بىز يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىش بىلەن تەڭ دەسلەپ پىلانغا ئالغان بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالمىدۇق ياكى ياخشى قىلالمىدۇق.

  1. بۇلتۇر مۇشۇ كۈنلەردە بىر يىللىق ئىجتىھاتتتىن كېيىن ئۇيغۇلارنىڭ خەلقئارالىق فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەدىسىنى بەرگەن ئىدۇق. بىزنىڭ ئاساسلىق ياردەم ئوبىيكىتلىرىمىز تۈركىيەدە بولغىنى ئۈچۈن، قولاي بولۇشىنى كۆزلەپ «فوند» مىزنى تۈركىيەدە قۇرۇشنى ئويلاشقان ھەم مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشكەن ئىدۇق. ئەمما تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىدۇق. بىرىنجىدىن، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە دەرنەك قۇرغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ تۈركىيەدە بولۇشى، چەت ئەل نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تۈركىيە ئىقامىتى بولۇشى، دەرنەك كېڭىشىدە چەت ئەلنوپۇسىدىكىلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ  3 تىن 1 دىن ئاشماسلىقى تەلەپ قىلىنىدىكەن. لېكىن ئۇيغۇر يار فوندىنى قۇرغۇچىلارنىڭ 3 تىن 2 سى باشقا ئەللەردە ياشايدۇ ؛ئىككىنجىدىن، فوندنىڭ مۇقىم خىزمەت ئورنى بولۇشى، ئاز دېگەندە مۇقىم مۇئاشلىق بىر خادىم نورمال خىزمەت قىلىشى؛ فوندنىڭ خىزمەتلىرى مۇنتىزىم شەكىلدە يۈرگۈزۈلىشى؛ بانكىغا 60 مىڭ تۈرك لىراسى مۇقىم قويۇلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بىزگە ھەر ئايدا كېلىۋاتقان ياردەملەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس يەنە كېلىپ بۇ ياردەملەر ئاساسەن نىشانلىق بولىۋاتىدۇ، باشقا يەرلەرگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . باشقا ئازغىنە پۇل بىلەن بانكىغا قويۇلىدىغان پۇل، ئىشخانىنىڭ ئىجارىسى ۋە ۋە خىزمەتچىنىڭ مۇئاشىنى كۆتىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن؛ ئۈچىنجىدىن،فوندنىڭ ياردەم خىزمەتلىرىنى مۇنتىزىم ھالەتتە قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئەمما فوندىكى پىدائىلىرىمىز ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشايدۇ،  مۇقىم خىزمەتلىرى ۋە باقىدىغان ئائىلىسى بار، ئۇلار پەقەت دەم ئېلىش ۋاقتلىرىنى قۇربان قىلىپ ياردەم قىلىۋاتىدۇ.  شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى فوندى تۈركىيەدە تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇمكىن بولمىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىلەردىن ئەپۇ سورايمىز.. ئەمما بىز بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، باشقا ئىمكانىيىتى بار دۆلەتلەردە بولسىمۇ قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.
  1. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆز- ئارا ياردەم قىلىشى، ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن بىر ئۇچۇر تورى قۇرۇشنى پىلانلىغان. ئەمما مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىق خادىم جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق.
  2. مۇھاجىرەتتىكى ياش يىگىت – قىزلىرىمىزنىڭ بىر بىرى بىلەن تونۇشالماسلىق سەۋەبىدىن ئائىلە قۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، دىنىمىزنىڭ ئەھكاملىرى ۋە ئۇيغۇرلۇق ئادىتىمىزگە ماس ھالدا مۇشۇلارنى تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانغا ئالغان ئىدۇق. ئەمما يامان نىيەتتىكىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغۇدەك بىرەر ئۈنۈملۈك چارە تېپىلمىغانلىقتىن، ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇردۇق.
  3. چەتئەللەرگە يېڭى چىققان ياكى يات تىل سەۋىيەسى دېگەندەك بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەگرى توقاي يوللارنى ئازراق بېسىشى، ئورۇنسىز زىيانلارغا ئۇچراپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى، ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى ياخشى بىلىدىغان، ياشاش تەجرىبىسى مول قېرىنداشلىرىمىزنى تەشكىللەپ، ئۇچۇر – مەسلەھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويماقچى بولغان ئىدۇق. ئەمما بۇنداق پىداكارلىرىمىزنى تاپالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ تۈرىمىزمۇ توختاپ قالدى.
  4. تەرجىمە ۋە نەشرىياتچىلىق تۈرىمىزدە ھەرقايسى ئەللەردىكى پىداكارلىرىمىزنى تەشكىللەپ، بەزىبىر ئىشلارنى قىلغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ پىداكارلىرىمىزنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى، ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى تۈپەيلى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاپ بولالمىغانلىقتىن، بۇ تۈرنىڭ ئۈنۈمى بىزكۆزلىگەندەك بولمىدى. بۇ تۈردە بۇندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىمىز. قولىدىن تەرجىمانلىق كېلىدىغان، بىز بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ، مىللىتىمىز پايدىلىق يازمىلارنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزگە سۇنۇشنى خالايدىغان تېخىمۇ كۆپ پىدائىلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشپ،مۇشۇ تۈز ئۈچۈن بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارشى ئالىمىز.
  5. مىسىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تەشۋىقات گۇرۇپپىمىز خەلقئارادىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشپ ئەھۋاللارنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مۇخبىرلارنىڭ شاھىدلارنىڭ ئاغزىدىن ھەقىقىي خەۋەرگە ئېرىشىش تەلىپىنى ياخشى قاندۇرالمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى بىخەتەر دۆلەتلەرگە كەپ بولغانلار ئىچىدىنمۇ مۇخبىرلارنى ھەقىقىي خەۋەر بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغان شاھىتلارنى تېپىپ، ئۇلارنى مۇخبىرلارغا ئۆز كەچمىشىنى بايان قىلىپ بېرىشكە قايىل قىلىشتا قىينالدۇق. ئىسىم شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق، سۈرىتىنى چىقارماسلىق، ئاۋازىنى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش قاتارلىق شەرتلەر بىلەن تەستە قايىل قىلغان شاھىتلىرىمىزمۇ، مۇخبىر بىلەن كېلىشىپ قويغان ۋاقىت كەلگەندە تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كېتىش، تېلېفونلىرىنى ئېتىۋېلىش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقتىن، مۇخبىرلار ئالدىدا تىلىمىز قىسقا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى ھەم بېرىلگەن خەۋەرلەرنىڭمۇ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتتى. بۇندىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئىشلاردا جۈرئەتلىكرەك بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

يۇقىرىدىكى قىلالمىغان ياكى ياخشى قىلالمىغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمىز ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئۆزرىمىزنى قوبۇل قىلىشنى سورايمىز. ۋە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋە داۋاملىق ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز.

2018-يىللىق قىسقىچە پىلانىمىز:

ئۇيغۇ يارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چوڭ جەھەتتىن ياردەم، مائارىپ، تاراتقۇدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. كېلىۋاتقان يېڭى بىر يىلىمىزدا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مۇشۇ ئۈچ تۈردىكى ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز.

  1. تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، خەلقىمىزنىڭ فامىلە قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىم فامىلە قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
  2. تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاناتىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمىز.
  3. 2- قېتىملىق « ئۇيغۇرۇم ئانام» تېمىسىدىكى ئاناتىل كۆرىكىنى ئۆتكۈزىمىز.
  4. ،ئاناتىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆز- ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، كىتاپلارنى ئىشلىتىشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغاقويۇش،ئانا تىل ئۆگىتىشتىكى ياخشى مېتود،ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆز- ئارا تونۇشۇپ، دوستلىشىشى، بىر يەرگە جەم بولۇپ ھىسيات ئالماشتۇرۇشى، ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يۈزىسىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئانا تىل سەيلىسى ئۇيۇشتۇرىمىز.
  5. تەرجىمە ۋە نەشرىياتچىلىق تۈرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز. ئىككى قىسىم نەشىر قىلىنغان ئانا تىل دەرسلىكىنىڭ داۋامىنى نەشىر قىلدۇرىمىز ۋە كىرگەن كىرىمنى ئوقۇغۇچىلار، تۇل-يېتىملەر ۋە مۇھتاجلار تۈرىگە ئىشلىتىمىز.
  6. ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم تۈرىمىزنى داۋام قىلىمىز. بۇ تۈر بىزنىڭ ئاساسلىق تۈرىمىز بولۇپ، بۇلتۇرقى سان ئاساسىدا يەنە كەم دېگەندە 15 ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز. بىر ئوقۇغۇچىغا ئېيىغا تەخمىنەن 900 لىرادىن ھېسابلىغاندا جەمئى 135 مىڭ لىرا كېتىدۇ. مۇشۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ، نەتىجە قازىنىپ، مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنى داۋاملىق ماددىي جەھەتتىن قوللاپ تۇرىشىغا ئېھتىياجلىقمىز. شۇنداقلا بىلەن ياردەم بەرگۈچى قېرىنداشلارغاۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە تەربىيەمىزدە بولۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى نەتىجىلىرى بىلەن جاۋاپ بەرگەيمىز.
  7. مۇھتاجلارغاۋە تۇل-يېتىملەرگە ياردەمتۈرىنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھازىر بىز تەكشۈرۈپ، تىزىمغا ئالغان يېتىم بالا 211 نەپەر، ( پېقىرلار بەك كۆپ بولغانلىقتىن تىزىمغا ئېلىشقا ئامالسىز قالدۇق) بۇلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارغا قولىمىزدىن كېلشچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز. ھېيت ئايەم كۈنلىرى يوقلاپ، يەنە ھەر بىر بالىغا ئاز دېگەندە 30 لىرا ( 10 دوللار ياكى 10 ياۋرو) دىن ھېيتلىق بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. خەلقىمىزنىڭ نەزىر، زاكات، سەدىقە ۋە رامازاننىڭ فىترىسى ئۈچۈن تەييار قىلغان پۇللىرىنىمۇ ساۋاپلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ھېسابىنى بېرىمىز.
  8. خەلقمىز كۆرۈۋاتقان زۇلۇملارنى داۋاملىق دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كۈچەيمىز. ھەرقايسى چوڭ مەتبۇئاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى مەتبۇئاتتىن چۈشۈرمەسلىككە تىرىشىمىز.
  9. ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇپ، مىسىر ۋەقەسىگە ئوخشاش تاسادىپى ھادىسىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن تاسادىپى كۈلپەتلەرنى ئاز – تولا بولسىمۇ يەڭگىللىتىشكە تىرىشىمىز.

بۇ پىلانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىمىزدا كۆپ قىيىنچىلىقلار كۆرۈلىشى مۇمكىن.  قېرىنداشلارنىڭ بىزگە دۇئا، ياردەم ۋە تىلەكلەر بىلەن يېقىن تۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.