Skip to content

ئۇيغۇريار ئوقۇش ياردەم تۈرىدىن خۇلاسە

خۇلاسە :
ئۇيغۇريار ئوقۇش ياردەم تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە بىر قاتار باھالاشلاردىن كىيىن ئىككى نەپەر دوكتور ئاسپىرانتى، ئۈچ نەپەر ماگېستىر ئاسپىرانتى، بىر نەپەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋە يەتتە نەپەر تولۇق ئوتتۇرا ۋە تۈركچە كۇرس ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇريار نىڭ ئوقۇش ياردەم تۈرىگە ئېرىشتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا ئېيىغا 1200 لىرا ئوقۇش ياردىمى بېرىلىپ (بىر ئوقۇش يىلىدا 8 ئاي) ئوقۇش پۈتتۈرگىچە داۋاملىشىدۇ (ئۈچ يىل).
ماگېستىر ئاسپىرانتلىرىغا ئېيىغا 800 لىرا ئوقۇش ياردىمى بېرىلىپ (بىر ئوقۇش يىلىدا 8 ئاي) ئوقۇش پۈتتۈرگىچە داۋاملىشىدۇ (ئىككى يىل).
تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېيىغا 700 لىرا ئوقۇش ياردىمى بېرىلىپ (بىر ئوقۇش يىلىدا 8 ئاي) ئوقۇش پۈتتۈرگىچە داۋاملىشىدۇ (تۆت يىل)
تۈركچە كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېيىغا500 ـ 750 لىراغىچە ئوقۇش ياردىمى بېرىلىپ 2017 يىلى ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
(ئەسكەرتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكرېت قىيىنچىلىقى ۋە باشقا ئورۇنلاردىن ياردەم ئېلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بەزى ياردەم سوممىلىرى تەڭشەلدى)

يۇقارقى تەپسىلاتلار بويىچە ئۇيغۇريار يۇقارقى ياردەم تۈرىگە ئېرىشكەن
ئوقۇغۇچىلارغا بىرىنچى ئوقۇش يىلىدا (2018ـ يىلى ئىيۇنغىچە) جەمئىي 46960 لىرا ئوقۇش ياردىمى تارقىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن كىيىنكى يىللاردىكى ئوقۇش ياردىمى ئۇيغۇريار كەلگۈسىدە جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلغان ياردەم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە يېڭىدىن ياردەم تۈرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار … قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق بولغاچقا شۇ ۋاقىتتا باشقىدىن خامچوت قىلىنىدۇ.

ئىزاھات : قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن باشقا دۆلەت پۇللىرى بىر تۇتاش تۈرك لىراسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ھىسابات قىلىندى.

كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت !

ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇريار
2017ـ يىلى 28ـ ئۆكتەبىر