Skip to content

ئۇيغۇريار فوندى ئوقۇش ياردىمىگە تاللاش ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات

سالام كۆپچىلىك، ئۇيغۇر يار فوندىمىز چەكلىك مەبلەغنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنغا ئىشلىتىش پىرىنسىپى ۋە ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ ئوقۇش ياردم پۇلىغا ئىلتىماس قىلغانلارنى تاللاش شەرتلىرىگە ئاساسەن، بۇ قېتىم ئىلتىماس سۇنغانلاردىن بىر قىسمىنى تاللاپ، ئۇلارغا ئوقۇش ياردىمى بېرىشنى قارار قىلدى. جەدىۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن باشقا، نۆۋەتتە خەلقمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپلەرنى تاللىغان،ئۈنۋېرستىتلارغا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش ۋە تەتقىقات نىشانى ئېنىق، ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، كەلگۈسىدە مۇشۇ كەسىپتە نەتىجە قازىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان، ئىلگىرى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان، پىداكارلىق روھى يۇقىرى، ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوق، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بەكرەك ئېغىر ئوقۇغۇچىلار ئالدىن تاللاندى. باشقا شەرتلىرى توشقان بولسىمۇ، تەتقىقات نىشانى ئېنىق بولمىغان، دېسىرتاتسىيە تېمىسى سەۋىيەسىگە ماس كەلمىگەنلەر، باشقا ئورگانلاردىن ياردەم ئېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق بۇنى دېمىگەنلەر، دېسىرتاتسىيە يېزىۋاتقان بولۇپ، بىر ياقتىن ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامداش ئىمكانىيىتى بولغانلار، ئۇنۋېرستىتقا كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسى يوقلار ۋاقتىنچە تاللانمىدى. شۇڭا تاللىنالمىغانلارنىڭ ئەھۋالنى توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىت قىلىمىز ھەم كېيىنكى مەۋسۈمدە قايتا ئىلتىماس سۇنۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز، ياردەمگە ئېھتىياجلىقلارنىڭ ھەر مەۋسۈمدە ئىلتىماس سۇنۇشىغا بولىدۇ.