Skip to content

ئۇيغۇريار ھىساباتلىرى ۋە پىلانلار

ئۇيغۇريار ھەققىدە - About Uyghuryar / Uyghur Hjelp

ئۇيغۇريار ھىساباتلىرى ۋە پىلانلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار :
تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى مىسىردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ھەققىدە جامائەتكە بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان ئىدۇق. مۇراجىئەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىز قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ قۇۋۋەتلىدى ۋە خالىسانە ياردەم قىلدى. شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ۋە شۇلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ياخشىلىقلاردىن كۆپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈش يۈزىسىدىن تۆۋەندىكى قىسقىچە خۇلاسىنى جامائەتكە سۇندۇق ( قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن باشقا پۇل بىرلىكلىرى بىر تۇتاش تۈركىيە لىراسىغا سۇندۇرۇپ ھىسابات قىلىندى. )

مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە (2017ـ07ـ03 تىن 2017ـ07ـ08 گىچە ھىسابىمىزغا كىرگەن) يىغىلغان پۇل جەمئىي 32003 لىرا بولۇپ، بۇنىڭدىن 15156 لىرا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن (جەمئى24 كىشىلىك)، 2592 لىرا ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن (جەمئى 12 كىشىلىك)، 10650 لىرا باشقا قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىدە ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىپ بولغان، ئەمما ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم ئۈچۈن (تەخمىنەن ئون كىشىلىك) ئىشلىتىلدى.

ياردەم يەنە داۋاملىق توپلىنىۋاتىدۇ، جاي-جايلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. تۈركىيە، ئامېرىكا ، كانادا ، ئاۋستىرالىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا جايلاردىكى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇل ئەۋەتكەنلىك تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولساقمۇ خەلقئارالىق پۇل يۆتكەش ۋاقتى (4ـ5 كۈن) سەۋەبلىك پۇل تېخى ھىسابىمىزغا كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنى بۇ خۇلاسىگە كىرگۈزمىدۇق، ئەمما بۇ چاقىرىققا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشقان، بىزنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان تۈركىيەدىكى بارلىق ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىزغا ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر مەشرىپىگە ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىگە ،گىرمانىيە كارىلسۇرۇخى ئۇيغۇر جامائىتىگە ، كانادا ، ئاۋستىرالىيە، گوللاندىيە ، فىنلاندىيە ، دۈبەي قاتارلىق يەرلەردە ياشاۋاتقان ياردەمسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە شۇنداقلا بىز نامىنى ئاتاشقا ئۈلگۈرمىگەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق مىللەتسۆيەر ئەزىزلەرگە سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەممىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن !

ھىساباتىمىزدىكى ئاشقان پۇلنى ۋە بۇندىن كېيىنكى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ياردەمنى تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا ئىشلىتىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز:
1. ھەر خىل يوللار بىلەن مىسىردىن باشقا بىخەتەر دۆلەتلەرگە بېرىۋالالىغان ۋە بۇ جەرياندا قەرز بولۇپ قېلىپ قەرز تۆلەش ئىمكانىيىتى بولـمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەرزىنى تۆلىشىگە ياردەم قىلىش؛
2. مىسىردىن باشقا يەرلەرگە كېتىش جەريانىدا ئائىلە ئەزالىرى بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپمۇ ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ باشپاناھسىز قالغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك تۇرالغۇ جاي ۋە باشقا جىددىي ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەمدە بولۇش؛
3. مىسىردىن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى تۈرك تىلى كۇرسىغا، ھەر خىل كەسپىي كۇرسلارغا تىزىملىتىش، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بېرىش ۋە باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسى بولۇپ قوبۇل قىلىنغانلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بېرىش؛
4. ئوقۇش جەريانىدا نەتىجىسى ياخشى، ئەمما تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
5. مىسىردىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۇرسلار ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياكى بار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تۆلەپ بېرىش؛

يۇقارقىلار پەقەت مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يىغىلغان پۇللارنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى بولۇپ تەپسىلىي خۇلاسە جامائەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە يەنە شۇنى ئەسكەرتمەكچىمىزكى؛ ئۇيغۇريار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋاكالەتچى ئەزالىرى ئارقىلىق ياردەم توپلىغاندا ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇريارغا پۇل ئەۋەتكەنلىك ئىسپاتى/تالونىنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى (ياكى رەسىمىنى) ئۇيغۇريارغا ئەۋەتىپ بېرىشىنى ۋە بىر نۇسخىسىنى ئۆزلىرى ساقلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھېساباتنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ۋە ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇيغۇريار ياردەم قىلغۇچىلارغا ۋە كەڭ جامائەتكە قەرەللىك ھىساب بېرىپ تۇرىدۇ ۋە بۇ جەريانىدا ياردەم ئالغۇچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇلارنىڭ ھەرقانداق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قەتئىي ساقلىنىدۇ. بۇندىن باشقا ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ياردەم توپلاش پائالىيەتلىرى ئۇيغۇريار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

مېديا خىزمەتلىرى

بۇ قېتىملىق مىسىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كىيىن مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاللاھ بۇ ئىشقا كۈچ چىقارغان بارلىق تەشكىلات ۋە قېرىنداشلىرىمىزدىن رازى بولسۇن. جۈملىدىن ئۇيغۇريارمۇ بۇ ئىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا تۇتۇپ جىددىي بىر خەلقئارالىق مېديالار بىلەن ئالاقە قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Associated press)، ئەنگىليە رادىيو شىركىتى (BBC) كۆزەتكۈچى گېزىتى (The Guardian)، فرانسىيەنىڭ ئاخپارات ئاگېنتلىقى (A F P )، قاتارنىڭ ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيەسى … قاتارلىق بىر قاتار خەلقارالىق چوڭ مېديالار بىلەن ئالاقىلاشتى ، ئۇچۇر ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى ، نەتىجىدە بۇ ۋەقە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنىپ، نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى (New York Times)، ۋاشىڭتون پوچتىسى گېزىتى (Washington post)،ئامېرىكا رادىيو شىركىتى خەۋىرى (ABC News) قاتارلىق خەلقارا خاراكتېرلىك مەتبۇئاتلاردا كۈچلۇك دىققەت قوزغىدىٜ ئۇندىن سىرت يەنە نۇرغۇن رايون خاراكتېرلىك مېديالارنى ئۇچۇر ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، زىيارەت قوبۇل قىلدى. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty international) كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights watch) قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئىشنىڭ تەرەققىياتىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېزدىن قارار ئېلىشغا مەلۇم دەرىجىدە كۈچ چىقاردى (ئۇلىنىشلىرى كەينىدە ئايرىم بېرىلدى.)

بۇ جەرياندا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغىمۇ ئۇچرىدۇق: خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ئورگانلار بىلەن بۇنداق كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىشىشىمىز تېخى تۇنجى قېتىم بولغاچقا، بەزى يېتەرسىزلىكلەر ۋە بىھۇدە ئەمگەكلەردىن خالىي بولالمىدۇق. ئۇنىڭدىن سىرت، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇۋاھلىق بېرىپ، ئەھۋال چۈشەندۈرۈشىدىن باش تارتىشىمۇ نۇرغۇن كېچىكىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەتتا بەزى مېديالار پاكىت تولۇق بولمىغانلىقتىن خەۋەر بېرىشتىن باش تارتتى. ئەمما، پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەمكارلىقىدا مۈرىنى-مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ، بۇ قىيىنچىلىقلارنى بىرمۇ بىر يەڭدۇق. ئىككى كۈن ئاۋۋال مىسىردا قوغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىمىز يوللىغان بىر قىسىم رەسىم ۋە ۋىدېئولار پولاتتەك پاكىت سۈپىتىدە بۇ ۋەقەنى دۇنياغا تونىتىشتا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. قىسقىسى، ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ئۇچۇر جېڭى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم ۋەقەلەرنى خەلقئارا تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا تونىتىشنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچىمىز، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدا ئەگەر پاكىت بولغۇدەك يىپ ئۇچى، رەسىم، ئنن-سىن قاتارلىق پاكىت ماتېرىياللىرى بولسا بىز بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ مەخپىيەتلىكى قاتتىق قوغدىلىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
[email protected]

ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇريار

2017 ـ يىل 9 – ئىيۇل

مېديا ئۇلىنىشلىرى :

https://m.cn.nytimes.com/africa/20170707/egypt-muslims-uighurs-deportations-xinjiang-china/zh-hant/

http://www.aljazeera.com/amp/news/2017/07/fear-panic-egypt-arrests-chinese-uighur-students-170707051922204.html

https://www.google.com.tr/amp/abcnews.go.com/amp/International/wireStory/egyptian-police-detain-chinese-uighurs-wide-sweep-48468417

https://www.google.com.tr/amp/www.nydailynews.com/amp/newswires/news/world/egyptian-police-detain-chinese-uighurs-wide-sweep-article-1.3305326

http://www.dailyinterlake.com/article/20170706/AP/307069959

http://nationalpost.com/pmn/news-pmn/egyptian-police-said-to-detain-chinese-uighurs-in-wide-sweep/wcm/f999dbbf-17a2-466a-ab22-7f54b8371735

https://www.washingtonpost.com/world/middle_east/egyptian-police-said-to-detain-chinese-uighurs-in-wide-sweep/2017/07/06/fc45c242-623b-11e7-80a2-8c226031ac3f_story.html?utm_term=.7bf1e824b562

http://hosted.ap.org/dynamic/stories/A/AS_CHINA_EGYPT_UIGHURS_DETAINED?SITE=CAANR&SECTION=HOME&TEMPLATE=DEFAULT

http://www.thestandard.com.hk/breaking-news.php?id=92938

https://www.middleeastmonitor.com/20170706-egypt-rounding-up-uyghur-students-for-deportation/

https://www.dailysabah.com/mideast/2017/07/06/at-least-70-uighur-students-detained-in-egypt-to-be-deported-to-china

http://global.dwnews.com/news/2017-07-07/59824183.html

http://www.bbc.com/arabic/amp/middleeast-40525052