Skip to content

ئۇيغۇريار تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى

ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلاشتى!

ئۇيغۇريار فوندى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن تۈركىيەدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
2017-يىلى تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى سەۋەپلىك، تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش قارار قىلىندى
تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەنلەر ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا دەرس نەتىجىلىرى ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغان قېرىنداشلاردىن ئالدىنقى مەۋسۈملەرگە مۇناسىۋەتلىك دەرس نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يېڭى ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنغانلاردىن ئالىي مەكتەپ دەرس نەتىجىسى، ماگىستىرلىققا قوبۇل ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. ماگىستىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلمىي ماقالە يېزىش باسقۇچىغا كىرگەنلەر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن دوكتۇرا يېتەرلىك باسقۇچىدىن ئۆتكەن ياكى ماقالە يېزىش باسقۇچىدىكى قېرىنداشلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ئۆزىگە ماس كەلگەننى چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىپ، تولدۇرۇپ، ئىمزالاپ ۋە سكەنېرلەنگەن ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى ئاستىدىكى ئىلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.
دوكتۇر، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس جەدۋىلى: چۈشۈرۈڭ
تولۇق كۇرس ئوقۇچىلىرى ئىلتىماس جەدۋىلى: چۈشۈرۈڭ
ئوقۇش ياردەم سوممىسى 720-1200 لىرا ئەتراپىدا بولىدۇ. يىلدا 8 ئاي بېرىلىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئۆكتەبىرگىچە.
تىزىملىتىش ئادرىسى: www.uyghuryar.org
ئىلخەت : [email protected]

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھىچ بىر شەكىلدە ئاشكارىلانمايدۇ، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئىلان قىلىنمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار خاتىرجەم ئىلتىماس قىلىۋەرسە بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىش بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ، تەۋسىيە قىلغۇچى كەم قالغانلار جۈمە كۈنىگىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.

2 thoughts on “ئۇيغۇريار تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى”

  1. ئاخىرلاشتىمۇ ياكى ھازىر ئىلتىماس قىلساق بولامدۇ؟ مەن بۇنىڭدىن بۈگۈن خەۋەر تاپتىم. قەيسەرىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان، ئىش تاپالماي ئىقتىسادىي جەھەتتە سەل قىينىلىپ قالدىم. بولسا بىراز ياردەم ئالالىسام ياخشى بولاتتى. رەھمەت

Comments are closed.