Skip to content

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2017.07

Uyghuryar hesabat

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2017.07 يازمىمىزدا ئۇيغۇريارنىڭ 2017- يىلى 7- ئايلىق يىغىلغان ياردەم ۋە ئىشلىتىلگەن ئورۇنلار توغرىسىدىكى ھىسابات كىرىم-چىقىم دوكىلاتىنى سۇندۇق.

ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى (2017.07.01 ـ 2017.07.31)

يىغىلغان ياردەم :

1. تۈركىيەدىكى قېرىنداشلاردىن : (1) 6980 تۈركىيە لىراسى (2) 1300 ئامېرىكا دوللىرى (3) 300 ياۋرو
2. ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىدىن : 7000 ئامېرىكا دوللىرى
3. نورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتىدىن : 41350 نورۋېگىيە كرونى
4. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جامائىتىدىن : 6730 ئاۋسترالىيە دوللىرى
5. كانادا ئۇيغۇر جامائىتىدىن : (1) 4500 كانادا دوللىرى (2) 590 ئامېرىكا دوللىرى (3) 585 تۈركىيە لىراسى
6. دۈبەيدىكى قېرىنداشلاردىن : 3000 ئامېرىكا دوللىرى
7. گېرمانىيە كارىلسۇرۇخى ئۇيغۇر جامائىتىدىن : 1531 ياۋرو
8. گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتىدىن : 2600 ياۋرو
9. فىنلاندىيەدىكى قېرىنداشلاردىن : 250 ياۋرو

ئىشلىتىلگەن ئورۇنلار :
1. سېتىۋىلىنغان ۋە قەرزى تۆلەنگەن ئايروپىلان بېلەتلىرى : 50684 تۈركىيە لىراسى (62 كىشىلىك بېلەت)
2. ئېلېكترونلۇق ۋىزا : 7294 تۈركىيە لىراسى (34كىشىلىك)
3. موھتاجلارغا ياردەم تۈرى : 2150 تۈركىيە لىراسى (ئىككى يۈرۈش ئۆي ئىجارىسى)
4. ئوقۇشقا ياردەم تۈرى : 1002 تۈركىيە لىراسى (ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى)
5. ئانا تىل مائارىپى تۈرى : 1705 تۈركىيە لىراسى

ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇريار
2017.08.05

 

2 thoughts on “ئۇيغۇريار ئايلىق ھىساباتى 2017.07”

  1. ئەسسالامۇئەلەيكۇم! اللە قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن رازى بولسۇن ھەم ئەجرىڭلارنى ئىككىلى دۇنيادا ھەسسىلەپ بەرسۇن.

    كىچىككىنە بىر مەسىلە بايقىغانتىم شۇنى دەپ قوياي دەپ ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇشۇم.
    بىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان قېرىندىشىمىز ئۇيغۇر يار پىلانىغا قاتنىشىن جەدىۋىلىنى تولدۇرماقچىكەنتۇق. لېكىن بلوگقا تىزىملىتىپ كىرمىسە بولمايدىكەن. ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ تىزىملىتالمىغان ئوخشايدۇ.
    مېنىڭ بىلىشىمچە ۋوردپرەسنىڭ بلوگىغا ئەزا بولغاندا ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىغا تەستىق كودى يوللاپ بېرەلمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئەزا بولالمايدۇ. شۇڭا مۇشۇ مەسىلىنى ئوڭشاپ قويغان بولساڭلا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەنتۇق..

    بۇ گۇرۇپپىدا ئىشلەۋاتقان ھەممىڭلاردىن اللە رازى بولسۇن .

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
      تىزىملىتىشتا مەسىلە يوق، باشقىلار نورمال تىزىملىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
      ئەگەر ئۇ قىرىندىشىمىز يەنىلا تىزىملىتالمىغان بولسا، ئۇ قىرىندىشىمىز ئېلخەت، ئىسىم دېگەندەك ئۇچۇرلىرىنى بۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە ياكى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بەرسە بىز تىزىملىتىپ قويايلى.
      [email protected]

Comments are closed.