Skip to content

ئۇيغۇريار خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە دوكلات

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن قېرىنداشلارنى قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىدىن ۋاقىپلەندۇرۇش، ئۇيغۇريار فوندىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇريار فوندى بولۇپمۇ، مىسىر كىرىزىسى پارتلىغاندا ئۇيغۇر ئەزەھىيلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە قۇربان ھېيتقىچە قىلىدىغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە دوكلات تەييارلىدى. 2017-يىلى 1-ئىيۇلدىن 31-ئىيۇلغىچە بۇ ئۈچ نۇقتا بويىچە تەييارلانغان دوكلاتنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز:
1.ئۇيغۇريار 2016-يىلى ئۆكتەبىر ئېيدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش بىلەن تەشكىللەنگەندىن بۇيان ياردەم قىلغۇچى بىلەن ياردەم ئالغۇچىنى ئۇچراشتۇرۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆۋرۈكلۈك قىلىش ئارقىلىق ئىككى ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردىمى قىلىۋاتىدۇ.
‹1› بۇرسادىكى بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ياردەم قىلدى.
<2> ئۇيغۇريار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياردەم ئالغۇچى بىلەن ياردەم بەرگۈچىنى ئۇچراشتۇرۇش ياكى ئۇيغۇريارغا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
2. موھتاجلارغا ياردەم تۈرى بويىچە، ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان يولدىشى مەملىكەتتە تۈرمىگە تاشلانغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئىككى پەرزەنتىنى قوشقاندا بەش پەرزەنتلىك بىر ئائىلىنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن ياردەم قىلدى.
‹1› ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر قانچە قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن ياردەم قىلدى.
3. مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلىرىگە قىلىنغان ياردەم
‹1› مىسىر كىرىزىسى پارتلىغاندا ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىندى.
بۇنىڭدا، 62 بېلەت ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆيۈپ كەتكەن بىر قانچە بېلەت بار. يەنە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قانچە كىشىگە ئىككى قېتىم بېلەت ئېلىنغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالدى.ئىلگىرى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلگەن بېلەتلەرنىڭ پۇلى تۆلەندى.
‹2› 34 كىشىگە ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ئېلىندى.
‹3› مىسىر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاخبارات خىزمەتلىرىمۇ ئاكتىپ ئىشلەندى. مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇش باشلانغاندا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.
4. مىسىردىن ۋە باشقا جايلاردىن تۈركىيەگە كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ تۈركچە ئۈگىنىشىنى يېقىندىن قوللىدى.
‹1› ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئۈچ سىنىپ كۇرستىن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشى ئۈچۈن ياردەم قىلدى.
‹2› ئىستانبۇل سەلىم پاشادا ئېچىلغان تۈرك تىلى كۇرسىنىڭ ئوقۇتقۇچى مائاشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئۇيغۇريارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان خىزمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. مىسىردا ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىگە-چاقىسىز قالغان ئاياللار ۋە بالىلارغا ياردەم قىلىش. بۇنىڭدا، خالىسا ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتكە بىخەتەر بېرىۋېلىشىغا ياردەم قىلىنىدۇ.
2. تۈرك تىلى كۇرسلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش. بۇنىڭدا، ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلىدۇ.
3. تۈرك تىلى سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش سىنىپلىرىدا ئوقۇشنى خالايدىغانلارغا داۋاملىق ياردەم قىلىش؛ بۇنىڭدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگىمۇ ياردەم قىلىنىدۇ.
4. ھەممىمىزگە مەلۇم، تۈركىيەدە ئۆز خىراجىىتى بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئائىلىنىڭ بۇ قېرىنداشلارغا بولغان ياردىمى ئۈزۈلگەنلىكتىن تۇرمۇش ۋە ئوقۇش مەسىلىلىرىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە، ھەتتا ئوقۇشنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئوقۇشىنىڭ داۋام قىلىشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ قېرىنداشلارغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىنىدۇ.
5. ئۇيغۇريارنىڭ رامىزاندىكى خەير-ساخاۋەت پىلانىنىڭ داۋامى بولغان ۋە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنىدىغان «يېتىملەرنىڭ يۈزى كۈلسۇن» پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇنىڭدا، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى يېتىم بالىلار تىزىملىككە ئېلىنغاندىن كېيىن چىقىمىنى ھېسابلاپ، ھەر بىر بالىغا بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىش ياكى ئەھۋالغا قاراپ نەق پۇل ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۈزىدە ھېيتلىق تەبەسسۇمنى جىلۋىلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن، پىداكار، مىللەتپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس قوللىشىغا موھتاجمىز. بولۇپمۇ، قۇربان ھېيتنى ئۆزىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان يېتىملەر بىلەن بىرگە خۇشال ئۆتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن ساخاۋەتلىك قوللىرىڭلارنىڭ كەڭ ئېچىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويماقچىمىزكى، ئۇيغۇريار بىلەن ياردەم توغرىسىدا ئالاقىلاشقان قېرىنداشلىرىمىزغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قولىمىزنى سوزۇپ كەلدۇق، شۇڭا ياردەمگە ئېھتىياجى بار قېرىنداشلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
6.ئىيۇل ئېيىنىڭ قىسقىچە مالىيە دوكلاتى تۆۋەندىكىچە:
1.يىغىلغان ياردەم :
<1> تۈركىيەدىكى قېرىنداشلاردىن: 6980 تۈركىيە لىراسى؛ 1300 ئامېرىكا دوللىرى؛ 300 ياۋرو
<2> ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىدىن: 7000 ئامېرىكا دوللىرى
♥> نورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتىدىن: 41350 نورۋېگىيە كرونى
<4> ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جامائىتىدىن: 6730 ئاۋسترالىيە دوللىرى
<5> كانادا ئۇيغۇر جامائىتىدىن: 4500 كانادا دوللىرى؛ 590 ئامېرىكا دوللىرى؛ 585 تۈركىيە لىراسى
<6> دۇبەيدىكى قېرىنداشلاردىن: 3000 ئامېرىكا دوللىرى
<7> گېرمانىيە كارىلسۇرۇخى ئۇيغۇر جامائىتىدىن: 1531 ياۋرو
<8> گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتىدىن: 2600 ياۋرو
<9> فىنلاندىيەدىكى قېرىنداشلاردىن: 250 ياۋرو

2.ئىشلىتىلگەن ئورۇنلار:
<1> سېتىۋېلىنغان ۋە قەرزى تۆلەنگەن ئايروپىلان بېلەتلىرى: 50684 تۈركىيە لىراسى (62 كىشىلىك بېلەت)
<2> ئېلېكترونلۇق ۋىزا: 7294 تۈركىيە لىراسى (34كىشىلىك)
♥> موھتاجلارغا ياردەم تۈرى: 2150 تۈركىيە لىراسى (ئىككى يۈرۈش ئۆي ئىجارىسى)
<4> ئوقۇشقا ياردەم تۈرى: 1002 تۈركىيە لىراسى (ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى)
<5> ئانا تىل مائارىپى تۈرى: 1705 تۈركىيە لىراسى

No automatic alt text available.