Skip to content

ئۇيغۇريارنىڭ 2016-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىن ھازىرغىچە قىلغان خىزمەتلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە دوكلات

 

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ
وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ أَيْنَ مَا تَكُونُوا يَأْتِ بِكُمُ اللَّـهُ جَمِيعًا ۚ إِنَّ اللَّـهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ھەر كىمنىڭ يۈزلىنىدىغان نىشانى بار، (ئى مۇئمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قەيەردە بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى) ﷲ ھەممىڭلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر ( سۈرە بەقەرە، 148 )
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ئۇيغۇريار فوندى نامىدىن ھەممىڭلارغا سالام! ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2017-يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ چەت ئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا خېلى چوڭ داۋالغۇشلارنى ھاسىل قىلدى. بولۇپمۇ 2-ئىيۇلدا پارتلىغان ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىپ، قايتۇرۇۋېتىش ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە زىلزىلە پەيدا قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرھال ئىككىنچى بىر دۆلەتكە بىخەتەر بېرىۋېلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. جۈملىدىن قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى ئۇيغۇريار فوندىمۇ قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشتى.
ئۇيغۇريار فوندى مىسىر كىرزىسى پارتلىغان كېچىسى دەرھال مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىپلا قالماستىن، ئۇلارنى ئايروپىلان بېلىتى ۋە ۋىزا بىلەن تەمىنلەپ، مىسىردىن بىخەتەر ئايرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كىرىزىستە، دەسلەپكى قەدەمدە ئاساسلىقى ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، بىراق ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، بېشىغا زور قىيىنچىلىق كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتكە بىخەتەر بېرىۋېلىشىغا ياردەم قىلىپ، خاتىرجەم قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇيغۇريار فوندى بۇ دائىرىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، مىسىردا قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئايروپىلان بېلىتى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى. ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى مىللەتسۆيەر، پىداكار قېرىنداشلىرىمىز بۇ چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ئۇيغۇريار فوندى بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، كانادا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، فېنلاندىيە ۋە تۈركىيەدىكى مىللەتپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەرتلىك بىلەن سۇنغان ياردىمىگە ئېرىشتى. ساخاۋەت ئىگىلىرىنى ئىككىنچى بىر دۆلەتكە ساق-سالامەت بېرىۋالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە ئېلىنغان بېلەت سانىدىن خەۋەردار قىلىپ، «ھاردۇق چىقارغاندەك» تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئۇيغۇريار فوندى دۇنياغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە مىسىردىكى تەخمىنەن يىگىرمىگە يىقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قلىندى. ئۇيغۇريارنىڭ خەلقئارالىق داڭلىق تاراتقۇلارنى ئىسپات سۈپىتىدە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئەۋەتىلگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئاۋازلىق ھۆججەت بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى مىسىردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قىسمىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، نىيۇ يورك تايمىس، ئامېرىكا ئاۋازى، س ن ن (CNN)، ب ب س (BBC)، ئەل جەزىرە ۋە تۈركىيەدىكى ھەر خىل تاراتقۇلاردا ئۇلاپ تارقىتىلدى. بۇ يەردە قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمىزكى، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كىرزىسىنىڭ دۇنيا تاراتقۇلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە جەمئىيەتلەر، ھەتتا بەزى پىداكار كىشىلىرىمىز ئۆز ئالدىغا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. كىرزىسنىڭ دۇنيا تاراتقۇلىرىدا بۇنچىلىك كەڭ ئورۇن ئېلىشىدا ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىيالمايمىز. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىشقا خالىس كۈچ چىقارغان ھەر قايسى ئورگان-جەمئىيەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ نام شەرىپىنى زىكىر قىلالمىدۇق، بۇ كەمچىلىكىمىز سەۋەبىدىن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغاي.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر ھالدا ئىككىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكەپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم خىزمەت ئىدى. ئەلۋەتتە، ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگەپ قالمايتتى. ئۇلارنىڭ يات بىر ئەلگە ماسلىشىپ، ئۆزىگە چىقىش يولى تېپىشى، شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىسىردىن تۈركىيەگە بىخەتەر كېلىۋالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى تۈرك تىلىدا قىسقا مۇددەت بولسىمۇ تەربىيەلەپ، ئۇلارغا يات بىر ئەلدە ئۇپۇق سىزىقىنى كۆرسىتىش ئىككىنچى قەدەمدە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى ئىدى. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، مەركىزىي ئىستانبۇلغا جايلاشقان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە باشقا قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەقسىز تۈرك تىلى كۇرسى ئاچتى. ئۇيغۇريار فوندى ئۇلارنىڭ بۇ خاسىيەتلىك خىزمىتىنى يېقىندىن قوللاپ، بىر سىنىپنىڭ تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مائاشىغا ياردەم قىلدى، سەلىم پاشادا ئېچىلغان تۈرك تىلى كۇرسىنىڭ ئوقۇتقۇچى خىراجىتىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىدىن مۇھاجىرەتتىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەلۇمات بېرىشنى ئۇلارغا قالدۇرىمىز، ھەمدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە بۇ خىزمىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنداقلا باشقا جايلاردا مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن ئېچىلغان تۈرك تىلى كۇرسلىرىغا ۋەسىلە بولغان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئۇيغۇريار فوندى بۇنىڭدىن باشقا، ‹1›يولدىشى مەملىكەتتە تۇتۇلۇپ تۈرمىگە سولانغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئىككى پەرزەنتى بىلەن قوشۇلۇپ بەش پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ بىر ئايلىق ئۆي ئىجارىسى؛ ‹2›ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر قانچە قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن ياردەم قىلدى. ‹3›تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرستېتىغا ئۆتكەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردى.
ئۇيغۇرلارغا زۆرۈر كىتابلارنى تارقىتىش تۈرى بويىچە، ئۇيغۇريارنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلى ساۋادىنى چىقىرىشى ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئېلىپبەسى» نى تۈزدى. بۇ ئېلىپبە ھازىر دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغاندىن باشقا، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كىتابخانىلاردا سېتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن قىلىنغان كىرىم ئۇيغۇريارنىڭ ئوخشىمىغان ياردەم تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇريار فوندى رامىزاندا ئۆزىنىڭ ياردەم تۈرلىرىدىن بىرى بولغان ئوقۇش ياردەم تۈرى ۋە يېتىم-يېسىر، ئىگە-چاقىسىزلارغا ياردەم تۈرى دائىرىسىدە، دىنىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشنى خالىغان قېرىنداشلارنىڭ فىترە-زاكاتلىرىنى يىغىپ، ئېھتىياجلىق ئائىلە، ئوقۇغۇچى ۋە يېتىم-ېسىرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇل سافاكۆي بىلەن قەيسەرىدىكى ھۆكۈمەت قورۇسىدا تۇرۇۋاتقان يېتىم-يېسىر، ئوقۇغۇچى ۋە تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇريار فوندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلە، ئېھتىياج ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، توققۇز تۈرنى ئاساس قىلىپ يولغا چىققان ئىدى. ئۇيغۇريار ئىچىدىكى ئوقۇشقا ياردەم تۈرى 2016-يىلى 10-ئايدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش بىلەن رەسمىي باشلىنىپ، بىر يىللىق سىناق باسقۇچى بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاز بولسىمۇ ئۇيغۇرغا خىزمەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
ئۇيغۇريار فوندى مىسىر كىرزىسىدەك كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بەرمىسە، ئالدىمىزدا تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىلان تۈزدى.
1. ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىگە-چاقىسىز قالغان ئاياللار ۋە بالىلارغا ياردەم قىلىش. بۇنىڭدا، خالىسا ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتكە بىخەتەر بېرىۋېلىشىغا ياردەم قىلىنىدۇ.
2. تۈرك تىلى كۇرسلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش. بۇنىڭدا، ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلىدۇ.
3. تۈرك تىلى سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش سىنىپلىرىدا ئوقۇشنى خالايدىغانلارغا داۋاملىق ياردەم قىلىش؛ بۇنىڭدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگىمۇ ياردەم قىلىنىدۇ.
4. ھەممىمىزگە مەلۇم، تۈركىيەدە ئۆز خىراجىىتى بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئائىلىنىڭ بۇ قېرىنداشلارغا بولغان ياردىمى ئۈزۈلگەنلىكتىن تۇرمۇش ۋە ئوقۇش مەسىلىلىرىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە، ھەتتا ئوقۇشنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئوقۇشىنىڭ داۋام قىلىشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ قېرىنداشلارغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىنىدۇ.
5. ئۇيغۇريارنىڭ رامىزاندىكى خەير-ساخاۋەت پىلانىنىڭ داۋامى بولغان ۋە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنىدىغان «يېتىملەرنىڭ يۈزى كۈلسۇن» پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇنىڭدا، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى يېتىم بالىلار تىزىملىككە ئېلىنغاندىن كېيىن چىقىمىنى ھېسابلاپ، ھەر بىر بالىغا بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىش ياكى ئەھۋالغا قاراپ نەق پۇل ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۈزىدە ھېيتلىق تەبەسسۇمنى جىلۋىلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.
[10:49, 6.8.2017] باتۇر قاراخانلى : لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَـٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزكەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، نەبىيلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ﷲ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش – ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل – مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل – مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ﷲ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر ( سۈرە بەقەرە، 177-ئايەت)
وَمَثَلُ الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُمُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّـهِ وَتَثْبِيتًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌ فَآتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِن لَّمْ يُصِبْهَا وَابِلٌ فَطَلٌّ ۗ وَاللَّـهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ماللىرىنى ﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش ۋە نەپسىلىرىنى (سەدىقە – ئېھسانغا) ئادەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۇنداق خەير – ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). ﷲ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ( سۈرە بەقەرە، 265-ئايەت)
الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ماللىرىنى كېچە – كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير – ئېھسان قىلىدىغانلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم – قايغۇ بولمايدۇ ( سۈرە بەقەرە، 274-ئايەت)
لَن تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّىٰ تُنفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّـهَ بِهِ عَلِيمٌ
ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، نېمىنى سەرپ قىلماڭلار. ﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ( سۈرە ئالىئىمران، 92-ئايەت)
ئۆزئارا رەھىم – شەپقەت قىلىشتا مۇئمىنلەر بىر ۋۇجۇتقا ئوخشايدۇ. ۋۇجۇتنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىسا پۈتۈن ۋۇجۇت بىئارام بولۇپ ئويغۇنۇپ، ئۇنىڭ داۋاسى ئۈچۈن پايپىتەك بولغاندەك، مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزئارا ياردەم قىلىشى كېرەك. ( بۇخارى )
قوشنىسى ئاچ تۇرغاندا، ئۆزى توق ياتقان كىشى بىزدىن ئەمەس. ( بۇخارى )
ياخشىلىققا ۋەسىلە بولغۇچى شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ قىيىنچىلىققا يۇلۇققۇچىلارغا، چارىسىزلەرگە ياردەم قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ( ئىبنى نەججار )
ئۇيغۇريار نامىدىن بۇ پىلانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا پىداكار، مىللەتپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس قوللىشىغا موھتاجلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز. قۇربان ھېيتنى ھەممىمىزنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان يېتىملەرنىڭمۇ خۇشال ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ساخاۋەتلىك قوللىرىڭلارنىڭ كەڭ ئېچىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇريار فوندى
2017-يىل 7-ئاۋغۇست