Skip to content

مەھمۇت قەشقەرىدىن قالغان ئىسىملار

مەھمۇت قەشقەرىدىن قالغان ئىسىملار

مەھمۇت قەشقەرىدىن قالغان ئىسىملار

ئۇيغۇرلاردا بالىلارغا ئىسىم قويغاندا ئۇلۇغلاردىن، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالىدىغان، كىتاپلارغا مۇراجەت قىلىدىغان ئۇدۇم بار. مۇشۇ ئۇدۇمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتە تۇغۇلۇۋاتقان پەرزەنتلەرگە قويۇلۇشقا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئىزدەش جەريانىدا بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ كىتابى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»كە قاراپ چىقتىم. نەتىجىدە بۈگۈنمۇ قويۇشقا بولۇدىغان ئىسىملارنى بايقاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.

ئالدى بىلەن بوۋىمىز دەۋرىدە قانداق ئىسىملار قويۇلغان بولغىيدى دەپ ئىزدىنىپ باقتىم. دىۋاندا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئۇ دەۋىرلەردە كۆپرەك قويۇلغان ئىسىملار تۆۋەندىكىچە. 1. قۇشلارنىڭ ئىسمىنى قويغان. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا قۇش روھقا، ئەركىنلىككە، ھوزۇرغا، بەختكە، مۇھەببەتكە سىمىۋۇل قىلىنغان ئىكەن. مەسىلەن، چاغرى؛ مەناسى بۈركۈت. لاچىن؛ بۈگۈنكى لاچىن. 2. بالىلارنىڭ قورقماس ئادەم بولسۇن دېگەن مەقسەتتە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن، بارس، مەناسى يولۋاس. 3. پەرزەنتلەرنى چىداملىق بولسۇن دېگەن نىيەتتە ھەر خىل مىتاللار ۋە قۇراللارنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن بازغان، پالتا، سۈنگۈر مەناسى نەيزە. 4. تەبىئەتتىكى يۈكسەكلىكنى ئىپادە قىلىدىغان، ئىنسانغا ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىدىغان ئىسىملارنى قويغان، مەسىلەن، ئېدىز، مەناسى يۈكسەك، تۆپە، تۆپىلىك. 5. تۈرلۈك ئىنسانى خىسلەتلەرنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن، ئەردەم؛ مەناسى گۈزەل ئەخلاق، مۇكەممەل پەزىلەت. 5. تۈرلۈك دەرەخلەرنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن، ئارتۇچ، مەناسى قارىغاينىڭ بىر تۈرى. 6. ئالىملارنىڭ، شاھلارنىڭ، خانىشلارنىڭ، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى ۋە قەھرىمانلىق، بىلىم، ئىقتىدارغا ئائىت سۆزلەر ئىسىم قىلىپ تاللانغان، مەسىلەن، بەركە، بىر پادىشاھنىڭ ئىسمى؛ سەلجەن، بىر ئايال شاھنىڭ ئىسمى. ئەرتوڭا، تۇنيۇقۇق؛ بىر ئالىمنىڭ ئىسمى.

تۆۋەندە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىن ئېلىنغان ئىسىملار ۋە ئۇلارنىڭ مەناسىنى تىزىپ چىقىمىز.

  1. ئالپ، باتۇر، قەھرىمان
  2. ئالپاغۇت، قەھرىمانلار، يېڭىلمەس كۈرەشچىلەر
  3. ئاجۇن، جاھان، دۇنيا
  4. ئالمىلا، ئالما
  5. ئالپامىش، يالغۇز دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىدىغان، يېڭىلمەيدىغان باتۇر
  6. ئارماغان، ھەدىيە، سەپەردىن يانغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا قىلغان ھەدىيەسى
  7. ئايلا، مەناسى ئاچا، ھۆرمەتلىك ئايالنىمۇ كۆرسىتىدۇ
  8. ئاغىچا، بۈگۈنكى ئاچا سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى
  9. بال، ھەسەل
  10. بالتۇ، بۈگۈنكى پەلتۇ
  11. بەركىن، كۈچلۈك، ساغلام
  12. بەنگۈ، مەنڭگۈ
  13. بەركە بىر شاھنىڭ ئىسمى
  14. بىلگە، بىلىملىك
  15. بۆكە، ئەۋرەنمۇ دېيىلىدىغان ئەجدەرھانىڭ ئىسمى، باتۇر، كۈرەشچى مەناسىمۇ بار.
  16. چاغرى، يىرتقۇچ قۇش. دوغانمۇ دېيىلىدۇ. شۇڭقار، بۈركۈت، قارتالمۇ قويۇلغان
  17. چالغاي، قۇش پېيىنىڭ ئۇچى
  18. كۆلمەن، كىچىك كۆل
  19. چارۇن، چىنار دەرىخى
  20. چىلگۈ، تۇرۇق ئات
  21. چۇۋغا، كەشپىياتچى، رەھبەر، بايقىغۇچى، قوللانما
  22. ئەجە، مەناسى خانىش، ياشتا چوڭ ئاچا،
  23. ئەدىز، يۈكسەك يەر، ئاشقىلى بولماس تاغ
  24. ئەدگۈ، گۈزەل، چىرايلىق
  25. ئەردەم، بۇ پۈتۈن ئەخلاقلارنىڭ مۇجەسسەمى، بىر ئىنسانننىڭ پۈتۈن پەزىلىتىنىڭ ئىپادىسى
  26. ئەرگۈز، باھاردا تاغلاردىن چۈشكەن سۇ، تۇنجى ئېرىگەن سۇ
  27. ئەرىنچ، ھوزۇر، بەخت
  28. ئەسەن، گۈزەل كەيپىيات، خاتىرجەملىك
  29. ئەسىن، يېنىك شامال، مەيىن شامال
  30. ئەۋرەن، ئەجدەرھا، كائىنات
  31. لاچىن، يىرتقۇچ قۇش، ئۇرۇشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن كىشى
  32. قاردۇ، مەناسى مۇز دانە، بۈگۈنكى خوتەندە بۈگۈن يېيىلىدىغان بىر ئۇسسۇلۇق
  33. سۆكمەن، دۈشمەن سېپىنى يېرىپ يەڭگۈچى قىسىم، زەربىدار قىسىم ۋە شۇ قىسىمنىڭ ئەسكىرى
  34. تادغۇن، بىر دەريانىڭ ئىسمى، بۈگۈنكى تازغۇن دەرياسىنىڭ ئىسمى، قەشقەردە
  35. تادۇ، ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى، مىزاج، تۆت تادۇ دەيمىز ئادەتتە
  36. تالۇ، تاللانغان، مۇنەۋۋەر
  37. تۈمەن، قەشقەردە مەۋجۇت دەريا، تامان دەپمۇ تەلەپپۇز قىىنغان تارىختا.
  38. تاڭ، سەھەردىكى شامال
  39. تاڭسۇق، تاڭسۇمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەناسى ئاجايىپ، ھەيرانلىق قوزغايدىغان، ئۆزگىچە
  40. تارخان، مەناسى، بەگ، بىر ئۇنۋان
  41. تەرىن، مەناسى تىرەن، چوڭقۇر، ئەنگىن-كەڭرى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئەنگىن كەڭرى
  42. تەركەن، ئايال ھۆكۈمدار
  43. ئايبەرك، كۈچلۈك ۋە گۈزەل
  44. تۇغرۇل، بۈركۈتنىڭ بىر تۈرى
  45. تولۇن، مەناسى تولۇن ئاي
  46. تۇسۇ، شىپا، داۋا، شىپالىق سۇ
  47. تۈنەر، تۈندىكى ئەر
  48. ئۇرغا، چوڭ، شاخلىق بىر دەرەخ، بۈگۈن ئۇرقۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ
  49. ئۈلكەر، ھۈكەر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى، بىر ئۇرۇش تاكتىكاسى
  50. خۇمارۇ، قۇمارۇ تەلەپپۇز قىلىنىشىمۇ بار، مىراس، ئەنئەنە مەناسىدا
  51. ياغىز، ئاتلارنىڭ بىر رەڭگى، چىلان تۇرۇق
  52. يامغۇر، قۇت مەناسى بار كۆچمە مەنا
  53. يالغا، ئاشىلمىغان تاغ
  54. يانقۇ، ئەكىس سادا
  55. ياشىن، چاقچماق
  56. ياشرۇ، مەناسى يۇشۇرۇن، ئۆزگىچە
  57. يەلگىن، ھەم سەيياھ، ھەمدە چاققان مەناسىدا
  58. ئەلبىك، ئەلنىڭ بېگى
  59. يەرچى، تەجرىبىلىك رەھبەر
  60. يىلتىز، يىلتىز دېگەندىن باشقا، ئىنساننىڭ يىلتىزى فامىلە مەناسىمۇ بار،
  61. يىغاچ، ياغاچ مەناسىدا
  62. يۇلا، مەناسى چىراق، پەنەرگە ئوخشايدىغان بىر چىراق، روھ مەناسىمۇ بار
  63. يالۋاچ، مەناسى ئەلچى
  64. ياۋۇز، مەناسى باتۇر
  65. يالقىن، مەناسى يالقۇن
  66. بارقىن، مەناسى سەپەرچى، يولۇچى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.