Skip to content

ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملاردىن تەۋسىيە

رىۋايەتلەردىن تاللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

رىۋايەتلەردىن تاللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

مۇھاجىرەتتە پەرزەنتىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم تاللايدىغان ئاتا-ئانىلار بارغانچە كۆپلەۋاتقانلىقى كۆزۈتىشىمدىن مەلۇم. ئانا بولغۇسى خانىملار ۋە ئاتا بولغۇسى ئەپەندىلەرنى مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن، بىر قانچە ئايلاردىن بۇيانقى ئىزدىنىشلەر، سېلىشتۇرۇشلار ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە رەتلەنگەن تۆۋەندىكى ئىسىملارنى سۇندۇم. بۇلار ئۇيغۇرچە ئەپسانەلەردىن، ئۇيغۇرلار بىلەن مەنبەداش باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىن تاللانغان ئىسىملاردۇر.

ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن بۇ ئىسىملارنى تاللىغاندا مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىلدى. بىرى قىسقا بولۇش، يەنە بىرى دۇنيادىكى چوڭ تىللاردا يازماققا قولاي بولۇش، ئېغىزغا ئاسان كېلىدىغان، تەلەپپۇزغا قولاي بولۇش، ئۈچىنچىسى گۈزەل، يېقىملىق، يېڭى مەنىلىك بولۇش. بۇ ئىسىملارنى رەتلەپ ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ياش ئاتا ئانالار بىلەن مەسلىھەتلەشتىم ۋە ئۇلارنىڭ تەكلىپ، تەلەپلىرى بويىچە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئەللەردىكى مىللەتنىڭ تىلىدا تەلەپپۇز قىلغىلى بولمايدىغان، ئاسان ئەستە قالمايدىغانلارنى شاللىۋەتتىم. بەزى ئىسىملارنى تەقلىت قىلىپ ياسىدىم.

  1. ئايزىت، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا بەخت ئىلاھى.
  2. ئايدا گۈزەل
  3. ئامرال سۆيۈنۈش
  4. ئارغۇن، پاك
  5. ئۇمۇل ئ‍ۈمىتلەنمەك
  6. ئۇيۇل ئۆملەشمەك
  7. تۇغرۇل بۈركۈتنىڭ بىر تۈرى
  8. كۈبەي، بايلىق مالائىكەسى
  9. ئۇماي، تۇغۇت ئىلاھى، ساغلاملىق مالائىكەسى
  10. ئۈلكەن، تەڭرى
  11. ئاباي-يەر يۈزىنىڭ قوغدىغۇچىسى،
  12. ئالقىن، ھەسەن ھۈسەن مەنىسىدە، ئۇماي يەرگە چۈشمەك ئۈچۈن ئالقىننى مىنەرمىش.
  13. ئەلەك، بۇمۇ قوغدىغۇچى روھ
  14. مارال، كىشى كېيىك، تۇتىم
  15. ئەمچىل داۋا
  16. ئالغۇر باتۇر
  17. قۇتاي قۇتلۇق، بەختلىك
  18. قايرا تەڭرىلەرنىڭ ئاتاسى، ئىلھام بەرگۈچى
  19. مەرگەن قايرانىڭ ئوغلى، مەرگەن
  20. تۈرگەن كۆپەيتكەن
  21. تايغا ئورمان تەڭرىسى
  22. ئالغا نىشان
  23. بايات تەڭرى
  24. بايان بەخت
  25. ئۇران توتېم، بەلگە
  26. تاغخان ئوغۇزخاننىڭ ئوغلى
  27. بۇلۇت كۆك تەڭرىنىڭ تېنى
  28. بۈركۈت
  29. قارتال بۈركۈت
  30. مەركۈت كۈن ئىلاھى، كۈن قۇشى، شامانلارنىڭ ئاتىسى
  31. بۆكۈ باتۇر
  32. ئاياز ئالەم
  33. ياندار ياردەمچى
  34. يانقۇ ئەكىس سادا
  35. ئەجە تۇنجى ئايال
  36. تۆرۈن تۇنجى ئەر
  37. تۆرگەن تۆرەلگەن
  38. بىكە خانىم، ئايال
  39. بۈرچە بىر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى
  40. دورا، ئەڭ يۈكسەك يەر
  41. قىرات، ئاتلارنىڭ ئىسمى، ئاسمان
  42. يۇرۇن ئاق
  43. يۇلقۇن كۈرەش
  44. تالاي دېڭىز
  45. لاچىن
  46. تارچىن بىر خىل دەرەخ
  47. ئابرا، ئاۋرا سۇ پەرىسى
  48. ئاياس ئالەم، بۇلۇتسىز ھاۋا
  49. ئالاس دۇئا،
  50. ئالقىش، تىلەك،
  51. ئالغۇن كۈچلۈك
  52. ئاراي تەمىن، ئېغىر بېسىق
  53. ئارال
  54. ئارچىن، پاكىزە
  55. ئارىسقان كىچىك كۆلەمدىكى ئورمان
  56. ئايا ياي
  57. بارلۇق باي
  58. بارس يولۋاس
  59. بايزىن، قوغدىنىدىغان يەر
  60. بارلاس بىر قەبىلە
  61. بەلتىر دەريالار بىرلەشكەن يەر
  62. ئالپاغۇت
  63. بۇزقان قار بوران
  64. يەشىن يامغۇر
  65. يالقىن يالقۇن
  66. يالچىن چاقماق
  67. جەرەن
  68. قايدار داستانچى
  69. قايا، قىيا
  70. جەم غەنىمەت
  71. يۇلا روھنىڭ بىرى تۈرى
  72. يوسۇن قانۇن قائىدە
  73. يۈرەن پىيادە
  74. چاچقۇ
  75. تۇيغۇ
  76. چەينە بىر گۈلنىڭ ئىسمى
  77. ئىمگە، بەلگە
  78. ئەرەن
  79. ئەرەناي
  80. ئەرگىن يېتىشكەن، تولغان
  81. قىيات ئوغۇزنامەدە چىقىدىغان كۈچلۈك بىر ھايۋان
  82. قىران كۈچلۈك، قىرغۇچى
  83. ئىلغىن باتۇر، ئوۋچى
  84. قاي داستان، ناخشا
  85. تۆرە
  86. توڭا ياكى تونا
  87. ئەرتونا بىر قەھرىماننىڭ ئىسمى
  88. ئىدىل دەريا
  89. ئىمىل شىمالدىكى بىر دەريا
  90. تۇمان
  91. تولۇن
  92. تۇرنا
  93. تۇتقۇ ھەدىيە
  94. تۈگەل مۇكەممەل
  95. تۈپەل سەۋەپ
  96. تۈنەر، تۈننى يەڭگەن ئەر
  97. ئۇترۇ قارشى
  98. ئۇتقۇ غەلىبە
  99. قۇتقۇ بەخت
  100. قۇتان پەختكە ئېرىشكەن
  101. ئەۋرەن كاتتا
  102. ياشىن چاقچماق
  103. يىلپىز
  104. ئەرەنتىر زۆھەل، بىر يۇلتۇزنىڭ نامى
  105. سەكەنتىر بىر يۇلتۇزنىڭ نامى
  106. ئەرقام ئەر دوختۇر
  107. ئەرقان باتۇر
  108. ئەردەن گۆھەر
  109. ئەرلەن قەھرىمان
  110. ئەركەش كۈچلۈك
  111. ئۇزاي گۈزەل ئاي
  112. قايران قايتتۇرغان، ياندۇرغان، توسقان
  113. سۇيلا خەۋەر بەرگۈچى روھ
  114. يوقان يەر ئىلاھىنىڭ كاتتىسى
  115. قامان سېھرىگە، بىلىملىك
  116. يادا بىر تاش، دۇئا قىلسا يامغۇر ياغدۇرغىلى بولارمىش
  117. باسات تىنچلاندۇرغۇچى
  118. سالۇر بىر قەبىلە ئىسمى
  119. بايىرقۇ قەبىلە ئىسمى
  120. بايندىر قەبىلە ئىسمى

مەھمۇت قەشقەرىدىن قالغان ئىسىملار

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرلاردا بالىلارغا ئىسىم قويغاندا ئۇلۇغلاردىن، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالىدىغان، كىتاپلارغا مۇراجەت قىلىدىغان ئۇدۇم بار. مۇشۇ ئۇدۇمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتە تۇغۇلۇۋاتقان پەرزەنتلەرگە قويۇلۇشقا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئىزدەش جەريانىدا بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ كىتابى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»كە قاراپ چىقتىم. نەتىجىدە بۈگۈنمۇ قويۇشقا بولۇدىغان ئىسىملارنى بايقاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.

ئالدى بىلەن بوۋىمىز دەۋرىدە قانداق ئىسىملار قويۇلغان بولغىيدى دەپ ئىزدىنىپ باقتىم. دىۋاندا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئۇ دەۋىرلەردە كۆپرەك قويۇلغان ئىسىملار تۆۋەندىكىچە. 1. قۇشلارنىڭ ئىسمىنى قويغان. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا قۇش روھقا، ئەركىنلىككە، ھوزۇرغا، بەختكە، مۇھەببەتكە سىمىۋۇل قىلىنغان ئىكەن. مەسىلەن، چاغرى؛ مەناسى بۈركۈت. لاچىن؛ بۈگۈنكى لاچىن. 2. بالىلارنىڭ قورقماس ئادەم بولسۇن دېگەن مەقسەتتە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن، بارس، مەناسى يولۋاس. 3. پەرزەنتلەرنى چىداملىق بولسۇن دېگەن نىيەتتە ھەر خىل مىتاللار ۋە قۇراللارنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن بازغان، پالتا، سۈنگۈر مەناسى نەيزە. 4. تەبىئەتتىكى يۈكسەكلىكنى ئىپادە قىلىدىغان، ئىنسانغا ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىدىغان ئىسىملارنى قويغان، مەسىلەن، ئېدىز، مەناسى يۈكسەك، تۆپە، تۆپىلىك. 5. تۈرلۈك ئىنسانى خىسلەتلەرنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن، ئەردەم؛ مەناسى گۈزەل ئەخلاق، مۇكەممەل پەزىلەت. 5. تۈرلۈك دەرەخلەرنىڭ ئىسمى قويۇلغان، مەسىلەن، ئارتۇچ، مەناسى قارىغاينىڭ بىر تۈرى. 6. ئالىملارنىڭ، شاھلارنىڭ، خانىشلارنىڭ، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى ۋە قەھرىمانلىق، بىلىم، ئىقتىدارغا ئائىت سۆزلەر ئىسىم قىلىپ تاللانغان، مەسىلەن، بەركە، بىر پادىشاھنىڭ ئىسمى؛ سەلجەن، بىر ئايال شاھنىڭ ئىسمى. ئەرتوڭا، تۇنيۇقۇق؛ بىر ئالىمنىڭ ئىسمى.

تۆۋەندە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىن ئېلىنغان ئىسىملار ۋە ئۇلارنىڭ مەناسىنى تىزىپ چىقىمىز.

  1. ئالپ، باتۇر، قەھرىمان
  2. ئالپاغۇت، قەھرىمانلار، يېڭىلمەس كۈرەشچىلەر
  3. ئاجۇن، جاھان، دۇنيا
  4. ئالمىلا، ئالما
  5. ئالپامىش، يالغۇز دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىدىغان، يېڭىلمەيدىغان باتۇر
  6. ئارماغان، ھەدىيە، سەپەردىن يانغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا قىلغان ھەدىيەسى
  7. ئايلا، مەناسى ئاچا، ھۆرمەتلىك ئايالنىمۇ كۆرسىتىدۇ
  8. ئاغىچا، بۈگۈنكى ئاچا سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى
  9. بال، ھەسەل
  10. بالتۇ، بۈگۈنكى پەلتۇ
  11. بەركىن، كۈچلۈك، ساغلام
  12. بەنگۈ، مەنڭگۈ
  13. بەركە بىر شاھنىڭ ئىسمى
  14. بىلگە، بىلىملىك
  15. بۆكە، ئەۋرەنمۇ دېيىلىدىغان ئەجدەرھانىڭ ئىسمى، باتۇر، كۈرەشچى مەناسىمۇ بار.
  16. چاغرى، يىرتقۇچ قۇش. دوغانمۇ دېيىلىدۇ. شۇڭقار، بۈركۈت، قارتالمۇ قويۇلغان
  17. چالغاي، قۇش پېيىنىڭ ئۇچى
  18. كۆلمەن، كىچىك كۆل
  19. چارۇن، چىنار دەرىخى
  20. چىلگۈ، تۇرۇق ئات
  21. چۇۋغا، كەشپىياتچى، رەھبەر، بايقىغۇچى، قوللانما
  22. ئەجە، مەناسى خانىش، ياشتا چوڭ ئاچا،
  23. ئەدىز، يۈكسەك يەر، ئاشقىلى بولماس تاغ
  24. ئەدگۈ، گۈزەل، چىرايلىق
  25. ئەردەم، بۇ پۈتۈن ئەخلاقلارنىڭ مۇجەسسەمى، بىر ئىنسانننىڭ پۈتۈن پەزىلىتىنىڭ ئىپادىسى
  26. ئەرگۈز، باھاردا تاغلاردىن چۈشكەن سۇ، تۇنجى ئېرىگەن سۇ
  27. ئەرىنچ، ھوزۇر، بەخت
  28. ئەسەن، گۈزەل كەيپىيات، خاتىرجەملىك
  29. ئەسىن، يېنىك شامال، مەيىن شامال
  30. ئەۋرەن، ئەجدەرھا، كائىنات
  31. لاچىن، يىرتقۇچ قۇش، ئۇرۇشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن كىشى
  32. قاردۇ، مەناسى مۇز دانە، بۈگۈنكى خوتەندە بۈگۈن يېيىلىدىغان بىر ئۇسسۇلۇق
  33. سۆكمەن، دۈشمەن سېپىنى يېرىپ يەڭگۈچى قىسىم، زەربىدار قىسىم ۋە شۇ قىسىمنىڭ ئەسكىرى
  34. تادغۇن، بىر دەريانىڭ ئىسمى، بۈگۈنكى تازغۇن دەرياسىنىڭ ئىسمى، قەشقەردە
  35. تادۇ، ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى، مىزاج، تۆت تادۇ دەيمىز ئادەتتە
  36. تالۇ، تاللانغان، مۇنەۋۋەر
  37. تۈمەن، قەشقەردە مەۋجۇت دەريا، تامان دەپمۇ تەلەپپۇز قىىنغان تارىختا.
  38. تاڭ، سەھەردىكى شامال
  39. تاڭسۇق، تاڭسۇمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەناسى ئاجايىپ، ھەيرانلىق قوزغايدىغان، ئۆزگىچە
  40. تارخان، مەناسى، بەگ، بىر ئۇنۋان
  41. تەرىن، مەناسى تىرەن، چوڭقۇر، ئەنگىن-كەڭرى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئەنگىن كەڭرى
  42. تەركەن، ئايال ھۆكۈمدار
  43. ئايبەرك، كۈچلۈك ۋە گۈزەل
  44. تۇغرۇل، بۈركۈتنىڭ بىر تۈرى
  45. تولۇن، مەناسى تولۇن ئاي
  46. تۇسۇ، شىپا، داۋا، شىپالىق سۇ
  47. تۈنەر، تۈندىكى ئەر
  48. ئۇرغا، چوڭ، شاخلىق بىر دەرەخ، بۈگۈن ئۇرقۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ
  49. ئۈلكەر، ھۈكەر يۇلتۇزنىڭ ئىسمى، بىر ئۇرۇش تاكتىكاسى
  50. خۇمارۇ، قۇمارۇ تەلەپپۇز قىلىنىشىمۇ بار، مىراس، ئەنئەنە مەناسىدا
  51. ياغىز، ئاتلارنىڭ بىر رەڭگى، چىلان تۇرۇق
  52. يامغۇر، قۇت مەناسى بار كۆچمە مەنا
  53. يالغا، ئاشىلمىغان تاغ
  54. يانقۇ، ئەكىس سادا
  55. ياشىن، چاقچماق
  56. ياشرۇ، مەناسى يۇشۇرۇن، ئۆزگىچە
  57. يەلگىن، ھەم سەيياھ، ھەمدە چاققان مەناسىدا
  58. ئەلبىك، ئەلنىڭ بېگى
  59. يەرچى، تەجرىبىلىك رەھبەر
  60. يىلتىز، يىلتىز دېگەندىن باشقا، ئىنساننىڭ يىلتىزى فامىلە مەناسىمۇ بار،
  61. يىغاچ، ياغاچ مەناسىدا
  62. يۇلا، مەناسى چىراق، پەنەرگە ئوخشايدىغان بىر چىراق، روھ مەناسىمۇ بار
  63. يالۋاچ، مەناسى ئەلچى
  64. ياۋۇز، مەناسى باتۇر
  65. يالقىن، مەناسى يالقۇن
  66. بارقىن، مەناسى سەپەرچى، يولۇچى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.