رەھىم ياسىن قاينامى 2017-يىلدىن بۇيان ئىز دېرەككسىز غايىپ بولغان ئەدىپلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قانچىلىك كېسىلگەنلىكى، ھازىر قايسى قاماقتا جازا ئۆتەۋاتقانلىقى نامەلۇم.
رەھىم ياسىن قاينامى (بەزى يەرلەردە رەخىم ياسىن قاينامى دەپ ئېلىنغان)، 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى قورغاس ناھىيسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئائىلىسىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن يۇقىرىلاپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئەدەبىيات ۋە شېئىردىن ۋاز كېچىپ باقمىغان. ئۆزى مۇستەقىل ھالدا قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئۆگىنىپ 1996-يىلى شېئىرىيەت دۇنياسىدا ئەسەر ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان. ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپلىگەن شېئىرلارنى يېزىش بىلەنلا توختاپ قالماي، شېئىر يېزىش ئۇسلۇبىنى بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق، توختىماي، بوشاشماي تىرىشىش روھى باشقا شائىرلارغىمۇ ئىلھام بولغان.
ھازىرغىچە «سۇ يۈزىگە يېزىلغان خەت»، «مېنى چاقىرغان سەنمۇ» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىغان. ھەر قايسى گېزىت -ژۇرناللاردا «قىز قەلبىدە ياشىماق»، «توي قىلامسىز»، «نالەشلەر پايانى»، «چاقنىماقتا تىلنىڭ سۆڭىكى»، «يۇلتۇز رىسالىسى» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە نەسىرلىرى ئىلان قىلىنغان . بىر قىسىم كوللېكتىپ توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇتۇلۇپ كېتىشتىن بۇرۇن ئاپتۇر «مەلىكە ئورمانلىقىدىكى قۇشلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى مۇھاجىرەتتىكى بىر زىيالىغا ھاۋالە قىلغان. كىتاب ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
شائىرنىڭ توردىن تېپىلغان بەزى ئەسەرلىرى:
مايىمخان

