Skip to content

«ئوغۇزنامە»دىن قالغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

«ئوغۇزنامە»دىن قالغان ئۇيغۇرچە ئىسىملار

«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى، ئەتراپنى ۋە تەبىئەتنى تونۇغانلىقىنىڭ ھېكايەسى، بۇ داستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنىڭ ھېكايەسى. ئۆزىنى تونۇشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا باش بولۇپ دۇنياغا رىقابەت ئېلان قىلغان ئوغۇزنىڭ ئايخاندىن تۇغۇلغانلىقىدىن بىلىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆزىگە باش بولغان كىشىنىڭ نەسەبىنى ئايغا، زۇلمەت كېچىلەرنى ئاياقلاشتۇرغۇچى يورۇقلۇق، بەخت نىشانىغا باغلىغان. دېمەك، ئۇيغۇرلار بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ يېتەكچىسىنى دۇنيانى يورۇتقۇچى، كېچە زۇلىمىتىنى يەڭگۈچى بىر يورۇقلۇققا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغان. يېتەچكى ئۇيغۇرغا ئۆزىنى قانداق ئىسپاتلايتتى؟ ئىقتىدارى، ماھارىتى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن. ئوغۇزغان ئەلنى ۋەيران قىلىۋاتقان تاق مۈڭگۈزلۈك ۋەھشى قىياتنى يېڭىپ ئەلنى ئامان قىلىدۇ. كۆكتىن چۈشكەن نۇر ئىچىدىن چىققان، زېمىندىن ئۈنگەن دەرەخ كاۋىكىدا يېتىلگەن قىزلار بىلەن توي قىلىدۇ. دېمەك، يېتەكچى ئەلنى ئامان قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن كۆكنىڭ ۋە زېمىننىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇدۇ. ئۇيغۇرلاردا قەھرىمان ماھارىتى بىلەن ئەلنىڭ، مۇھەببىتى بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىتىراپىغا ئېرىشىپلا بولدى قىلمايدۇ. ئۇ جاھانغا تەرتىپ ئ‍ورنىتىشى، نىزام بېكىتىشى كېرەك. ئوغۇزنىڭ ئۆز سۆزى بويىچە، «ئۇيغۇرلارغا خاقان بولغانكەنمەن، دۇنيانىڭمۇ خاقانى بولۇشۇم كېرەك».

«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ ئورمانلاردا ھايۋانلار ۋە قۇشلارنى ئوۋلاپ، يىرتقۇچلاردىن ئ‍ۆزىنى قوغداپ ياشىغان، تېرىمچىلىق بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنقى ھاياتىدىن ئۇچۇر بەرگۈچى ھېكايە. ئەسەرئۇيغۇرلارنىڭ ئورتا ئاسىيادىن چىقىپ ياۋلارنى يېڭىپ كۆچلىنىش، يۈرۈشكە ئاتلىنىپ دۇنياغا كېڭىيىش، قوشنا ئەللەرنى ئاغزىغا قارىتىپ ھۆكۈمران بولۇش ئارزۇسىنى ۋە شۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇۋەپپەقىيەت مۇساپەسىنى بايان قىلغان تۇنجى ئەسەر.

«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن ئەسەر بولۇپ ئەڭ ئاز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ يادنامىسى. ئۇنىڭدا ئوغۇزنىڭ ئانىسىغا خان دېيىلىشىدىن ئۇيغۇرلاردا ئاياللارنىڭ خان بولۇش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلىنىدۇ. ئەمما بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ قاچان يېزىلغانلىقى، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. 1980-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان، بىز پايدىلانغان بۇ كىتاپ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا تۇرپاندىن تېپىلغان نۇسخانى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھازىر فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدىكى «پۇقرالار كۈتۈپخاناسى» ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخادۇر.

ئوغۇز دېگەن سۆز ئانا تىلىمىزدا تۇنجى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ھېلىمۇ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاغزى تەگكەن تۇنجى يۇتۇم سۈتنى ئوغۇز دەيمىز. ئوغۇز داستانىنى ئۇيغۇرچە ھېكايە قېلىپىنىڭ، داستان ئۇسلۇبىنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن تۇنجى مۇكەممەل يازما شەكلى دېيىشكە بولۇدۇ. شۇڭا ئۇنى بالىلارغا ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشكە ماس كېلىدۇ.

داستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كىشىنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ كامالىغا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى چىرايىغا، تۇرۇقىغا، ئىقتىدارىغا، پەزىلىتىگە، مۇھەببىتىگە قانداق ئۆلچەم قويۇدىغانلىقى، ئۇلارنى قانداق تەرىپلەيدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇدۇ. ئەسەردە ئوغۇزنىڭ يورۇق بىر نەسەپتىن تۇغۇلۇشى، يىگىت بولۇپ سىنىلىشى، ۋەھشى مەخلۇقنى يېڭىپ ئەلگە تونۇلۇشى، ئۆيلىنىپ سۆيۈلىشى، ئەلنى باشلاپ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشى ۋە ئاخىرىدا ئەلگە داستىخان سېلىپ بەختنى ئۈلەشتۈرۈشى باسقۇچلارغا بۆلۈنۈپ رېتىملىق، ساپ، گۈزەل سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە بۇ باسقۇچلار ھەر بىرىمىزنىڭ بىز كەلگۈسى ئەۋلادىمىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئەكىس ئەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا يۇقارقى باسقۇچلارنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئەسەردە قوللىنىلغان سۆزلەردىن پەرزەنتلەرگە ماس نۇرغۇن گۈزەل، يېقىملىق ۋە مەنىدار ئىسىملار چىقىدۇ:

  1. ئاداق، ئەسلى مەنىسى ئاياق، بۈگۈنكى مەنىسى ئاداققى، ئاداققىچە يەنى مەڭگۈ
  2. ئايىغ، ئېيىق، كۆچمە مەنىسى كۈچلۈك
  3. ئالتۇن، ئالتۇن، نەسەبى ئېسىل، خان جەمەتى دېگەن مەنادا
  4. ئامراق، دوست، يېقىن، ئاغىنە
  5. ئاتەش، ئوت، يالقۇن، گۈلخان
  6. ئارا، ئوتتۇرا، ئارا
  7. ئاتلان، يولغا چىقماق، يۈرۈش قىلماق
  8. ئاشار، ھالقىماق، ئاشماق، ئارتماق
  9. ئايان، نۇرلۇق، رۇشەن، ئايان
  10. ئارتۇق، تولۇق، باي، ئوشۇق
  11. ئەلكۈن، ئاۋام، ئەل، جامائەت
  12. ئەمگەك، جاپا، مىھنەت
  13. ئەردەن، گۆھەر، قىممەت
  14. ئەرىز، باتۇر، يۈرەكلىك
  15. بارغۇ، غەنىمەت، ئولجا
  16. بارقان، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئافرىقا
  17. باشار، يەڭمەك، ئۇتماق
  18. بەدۈك، بۈيۈك، ئۇلۇغ
  19. بەگ، ئەمەلدار، ھۆرمەتلىك
  20. بەرك، مۇستەھكەم، چىڭ
  21. بەلگۈ، بەلگە، نىشان
  22. بەرگ-بەرگۈ، تارتۇق، ئىلتىپات
  23. بىلگۈر، چىچەن، بىلىۋالغۇچى
  24. بىلگە، دانىشمەن، ئەقىللىق
  25. بىركە، قىيىن، ئازاپ
  26. بودا، كۆزى يورۇماق، يەڭگىمەك
  27. بۇغا، بۇغا
  28. بۇيان، بەخت، تەلەي، ئامەت
  29. ئىلچى، ئەلچى، دېپلۇمات
  30. ئىتىل، ۋولگا دەرياسى، دەريا
  31. يانقۇ، ئەكىس سادا، قايتقان ئاۋاز
  32. يارلىق، ئەمىر، پەرمان، بۇيرۇق
  33. يىدا، نەيزە،
  34. كېڭەش، مەسلىھەت، سۆھبەت
  35. كۆڭۈل، كۆڭۈل، تۇيغۇ
  36. كۆرگۈر يوليورۇق، ئەمىر
  37. كۆرلۈ-كۆركەم، چىرايلىق
  38. كۈمۈش، كۈمۈش
  39. قاغان، خاقان، خان
  40. قاغىز، باتۇر، غەيرەت، قەيسەر
  41. قاغار، قار، قان ئۇچقۇنى
  42. قارلۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلەسى
  43. قاغۇل، توقماق، كالتەك
  44. قالاچ، ئىراندىكى بىر تۈرك قەبىلە
  45. قالىق، ئىشىك
  46. قالقان، قالقان، مۇداپىئە
  47. قامۇغ، بارلىق، ئاۋام
  48. قانقا ھارۋا
  49. قىلىچ، قىلىچ، قۇرال
  50. قۇغۇل، يورۇق، رۇشەن
  51. قۇلان، ئاتنىڭ بىر تۈرى، ياۋا ئات
  52. قۇلاچ، غۇلاچ
  53. قورغان، چىدىر، ئاۋۇل
  54. قۇت، بەخت، دۆلەت
  55. مەڭگۈ، ئاداققى
  56. مۈرەن، دەريا، ئېقىن
  57. نۆكەر، نەۋكەر، ئەسكەر
  58. ئوغۇز، كىشى ئىسمى
  59. ئوردا، قەسىر
  60. ئورمان، دەرەخزار
  61. ئۆگۈت، نەسىھەت، ھېكمەت
  62. ئۆگۈز، دەريا، مۈرەن
  63. ئۆڭلۈك، ھىراي، رەڭ
  64. ئۆزە، ئۈستۈن، يۇقۇرى
  65. چامات-چىمات، غەزەپ
  66. چەبەر، چىۋەر
  67. چىراغ، چىراي، سىما
  68. چۇبۇيان لەززەتلىك
  69. سارۇن ياپماق، يوشۇرۇن
  70. سەۋىنچ، شاتلىق، مەمنۇن
  71. سويۇرغا، ئىنئام، تارتۇق
  72. سۈرمە، شاراپ، ئىچكۈ
  73. تالاي، دېڭىز، ئوكيان، چوڭ دەريا
  74. تامغا، تامغا، نىشان
  75. تارتۇق، ھەدىيە
  76. تەلىم، كۆپ، باي
  77. تۆرە، قانۇن، ياساق
  78. تۇغ، بايراق
  79. تۈشمەل، ۋەزىر
  80. تۈزۈن، دۇرۇس، ئادىل، چىرايلىق، تۈز، لىللا
  81. ئۇقۇش، ئەقىل، ئۇقۇشلۇق ئەقىللىق
  82. توقۇش، جەڭ، ئۇرۇش
  83. ئۇز، نازۇك، چىرايلىق
  84. ئۈنچە، مەرۋايىت
  85. شۇڭقار
  86. شاشقۇ ھەيرانلىق
  87. يايلا، ئاتلارنىڭ يايلاسى
  88. ياقۇت، ياقۇت قىممەتلىك قىزىل تاش
  89. يارىل، نۇر چاچماق، يورۇق
  90. يارۇق، نۇر، يورۇق
  91. ياغىز، باتۇر، مۇنبەت، كۈچلۈك
  92. يۇلدۇز، يۇلتۇز
  93. سۇلۇ، سۇلا، چىرايلىق، گۈزەل
  94. يالىن، چوغ، ئوت
  95. يالنۇق-يالڭۇق، ئىنسان، ئادەم
  96. قانقىل، بىر ئۇيغۇر قەبىلە
  97. سۈنگۈر، نەيزە
  98. قۇغۇل، يورۇق
  99. ئۇران، بەلگە، پارول، شۇئار
  100. تاۋراق، تېز، چاققان
  101. مۇزتاغ، بۈگۈنكى مۇزتاغ
  102. تاپۇغ، خىزمەت، ئىبادەت
  103. قورقماس، قورقمايدىغا، قورقۇسىز
  104. باسمىل، ئۇيغۇر قەبىلە
  105. بىلىگ، بىلىم، مەلۇمات
  106. يوسۇن، ئۇسۇل، چارە
  107. كۆكيال، بۆرە يايلاسى