Skip to content

قەدىمكى ئەپسانەلەردىن قالغان ئىسىملار

قەدىمكى ئەپسانەلەردىن قالغان ئىسىملار

ئۇيغۇرلار تەۋە بولغان تۈركى خەلقلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن قەۋىملەرنىڭ نۇرغۇن ئەپسانەلىرى ئاغزاكى شەكىلدە دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ھەمدە تۈرلۈك كىتاپ، ھۆججەت ۋە تاش پۈتۈكلەردە ساقلانغان. ئەپسانەلەردە دۇنيا، تەبىئەت ۋە زامان تەڭرىلەر، مۇئەككەللەر ۋە روھلار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەچكە ئەھمىيەتلىك ئىسىملار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم غەزىنەسىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق ئەپسانەلەردىن تاللانغان، ئىسىم قىلىپ قويۇشقا ماس كېلىدىغان، ئاڭلاپ مەناسىنى ئاڭقارغىلى بولىدىغان يۈزگە يېقىن سۆزنى تاللاپ چىقتۇق. ئەگەر بۇنداق ئىسىملار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشسە داۋاملىق ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ، گۈزەل ئىسىملارنى سۇنغايمىز.

    1. ئاغال، ئاغا سۆزى بىلەن يىلتىزداش، مۇقەددەس، قۇتسال، ئۇلۇغ
    2. ئاغان، كاتتا، ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك
    3. ئاباي، بەرپاچىل تەڭرى، ئاسرايدىغان، قوغدايدىغان
    4. ئابرا ياكى ئاۋرا، ئەجدەرھاغا ئوخشايدىغان يوغان بىر جانلىق، بەلىكىم كىت بولۇشى مۇمكىن
    5. ئاۋرال، ئىلىدىكى بىر تاغ، ئابرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن
    6. ئابزار، ئۆي ۋە ھويلالارنى قوغدايدىغان روھ
    7. ئازاق ياكى ئاداق، ئاتالغان، نەزىر قىلىنغان
    8. ئافرا، ئابرا ياكى ئاپرا، تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئافراسىياپ
    9. ئالپەر، ئافراسىياپنىڭ يەنە بىر ئىسمى، ئالپەر تۇڭا
    10. ئاغاچ، دەرەخ، قەدىمكى تۈركلەردە بەرپالىق مەنبەسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانغان
    11. ئاغا، چوڭ، ئۇلۇغ، بۈيۈك
    12. ئاغار-ئاقار، جانلىقلار مۇئەككىلى
    13. ئاغىل، چارۋا مال مۇئەككىلى
    14. ئاغۇش، تۆمۈرچى قەھرىمان، دۇنيادىكى تۇنجى تۆمۈرچى
    15. ئاكا-ئاقا دېڭىز تەڭرىسى
    16. ئاقچور-ئاقچورا ياخشى روھ، ئىزگۈ روھ
    17. ئالچىن، ياشام روھى، تەبىيەتكە جان بەرگەن روھ
    18. ئالاس، مىللەت، قەۋىم، ئاتەش، مەشئەل
    19. ئالبان، بىر قەبىلە نامى
    20. ئالاي، يۇرت تەڭرىسى، ۋەتەن مۇئەككىلى
    21. ئالما-ئالمان، مىۋەلەرنىڭ تۇنجىسى، مۇقەددەس مىۋە
    22. ئالتاي-ئالتان، مەناسى ئالتۇن، قىممەتلىك مىتال
    23. ئاما-ئاماي، مەناسى ئاباي بىلەن ئوخشاش
    24. ئامرا-ئامراق سۆزىنىڭ يەنە بىر شەكلى، مەناسى ئاشىق
    25. ئاندار، ئاتەش مۇئەككىلى
    26. ئاران، ئالتۇن مۇئەككىلى
    27. ئارات، ئىزدىگەن، ئىزدەنگەن، بايقال كۆلىدا ياشايدىغان بىر كاتتا بېلىق
    28. ئارچا، قاراغاينىڭ بىر تۈرى
    29. ئاسار-ئاسرىماق، ئاسرىغۇچى
    30. ئاسىنا-ئاچىنا، چىشى بۆرە
    31. ئاشۇر، ئاشقۇچى، يۈكسەلگۈچى
    32. ئارغان، ئاتنىڭ بىر تۈرى
    33. ئاققۇلا، خاننىڭ ئامراق ئېتى
    34. ئاتاي-ئاتا، بۇ سۆزدىن يەنە ئاتاخان، ئاتامان، ئاتاقام، ئاتابېك، ئاتاساغۇن تۈرلەنگەن
    35. ئاۋۇل-ئاۋلا-ئايىل، قىشلاق مۇئەككىلى، يېزا
    36. ئايچا، ھېلال ئاي، يېڭى تۇغقان ئاي
    37. ئايبار، تولۇن ئاي، تولغان ئاي
    38. ئايپارا ھېلال ئاي
    39. ئايلا-ئاۋلا، ئاچا، قىز قېرىنداش، ئاينىڭ ئەتراپىدىكى تۇمان
    40. ئاياس-ئاياز، مېھراپ، سوغۇق تەڭرىسى
    41. ئايدىن، ئايدىڭ، يورۇق
    42. ئايدان، ئوغاق ئاي، يېرىم ئاي
    43. ئازىغ-ئايىغ، ئېيىق، كۈچلۈك
    44. ئايقۇن، كۈچ تەڭرىسى
    45. ئايسار، ئۆزگەرتكۈچى، يېڭىلىغۇچى
    46. ئايزىت، گۈزەللىك تەڭرىسى
    47. ئادا-ئاسا-ئازا، روھ، تىن، جان، ئارال
    48. ئازمان، ئوغۇزنامەدىكى قىياتقا ئوخشايدىغان كۈچلۈك ھايۋان
    49. ئازنا-ئاينا پۇرسەت تەڭرىسى
    50. بالبال، مازارتاش، سىنتاش، مازار تەڭرىسى
    51. بالتاي-شىرىن، چۈچۈك، سۆيۈملۈك
    52. بانۇ، ئايال كۈرەشچى، ئايال باتۇر
    53. باران، ئۆينى قوغدىغۇچى مۇئەككەل
    54. باسات، باشلىغۇچى، رىۋايەتتىكى بىر قەھرىماننىڭ ئىسمى
    55. بايار، بايلىق، رىزىق،
    56. بايچار، قۇربانلىق، قۇربان، بايچارماق، قۇربان كەسمەك
    57. بايقار-بايلىقىنى ئورتاقلاشقان، تەقسىم قىلغان، بايقىغان
    58. بايىندىر، بىر قەبىلە ئىسمى
    59. بايرام، قۇتلۇق كۈن، تەبرىك
    60. بەدۈك-بەدىك، ئۇسۇل،
    61. بەركە، بىر شاھنىڭ ئىسمى
    62. بەركەن، ئادالەت تەڭرىسى
    63. بەركىن، كۈچلۈك، مۇستەھكەم، بۈگۈنكى بەك سۆزىنىڭ يىلتىزى
    64. بەنگۈ، مەڭگۈ، ئاداققىچە
    65. بەرگۈ-ئىلھام، رىغبەت،
    66. بەيرەك، بەگ ئوغلى، بەگ ئەۋلادى
    67. بودۇن، خەلق، ئاۋام
    68. بوغۇن، ئەۋلات، نەۋرە
    69. بوغان، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك، كۈرەشچى
    70. بوران، يامغۇر تەڭرىسى
    71. بوزوق، بىر قەبىلە ئىتتىپاقى
    72. بۆكۈ-بۆكە، باتۇر، كۈچلۈك
    73. بۆرتە-بۆرتەچىن ئەپسانەلەردىكى بۆرە
    74. بۆرە، تۇتىم، تۈركلەرنىڭ بەلگەسى
    75. بۇلاق، قاينار، بۇلا، پىنار، يول دەپمۇ كېلىدۇ
    76. بۇلۇت، بۇلۇت، بۇلۇنچ ۋىجدان دېگەن مەناسىمۇ بار
    77. بوتا، تۆگە بالىسى، كۆزى چىرايلىق بالا
    78. بۇيان، ساۋاپ، ئىھسان، بەخت
    79. بۈركۈت، قارتال، شۇڭقار
    80. بۈيۈ، سىھىر، ئەپسۇن
    81. بۈيۈك-بۈدۈك، ئۇلۇغ كاتتا
    82. چاقاي، چاقماق تەڭرىسى
    83. چاقماق، يىلدىرىم،
    84. چەۋگەن، ئاتقا مىنىپ ئوينايدىغان توپ
    85. چورا، بۈركۈت تىپىدىكى قۇش. ئاقچورا
    86. دېڭىز-تەڭىز بۇنىڭ چىڭگىز شەكلىمۇ بار
    87. دىرەن، تىرەن، چوڭقۇر مەناسىدا
    88. دولاي، تولاي، تولغان، يوغان، يېتىشكەن
    89. دولۇن-تولۇن تولغان، پۈتۈنلەشكەن
    90. دوقسۇن-توقسۇن، تويغان، قانائەتلىك، توق
    91. دومرۇل-تومرۇل، قەھرىمان
    92. دوغرۇل-تۇغرۇل، باتۇر، يىگىت
    93. دۇيار-تۇيار-تۇيغۇر، تۇيغۇن، سەزگۈر
    94. دولغۇن-تولغۇن-تولغىن-يېتىشكەن، تولغان
    95. دەمىر-تۆمۈر، مۇستەھكەم
    96. دۇرغان-تۇرغان، تەمكىن، سەۋىرچان،
    97. ئەۋرەن رىۋايەتتىكى بىر قۇش، ئەجدەرھا
    98. ئەكىن، مۇنبەت يەر، مول ھوسۇللۇق يەر
    99. ئەجەي، ھاۋا ئانانىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
    100. ئەمرە، سۆيۈملۈك، ئاشىق، ئامرا بىلەن ئوخشاش
    101. ئەمگەل-ئەمگەي بوۋاقلارنى قوغدايدىغان مۇئەككەل
    102. ئەمگە-بوۋاقلارنى قوغدايدىغان روھ
    103. ئەردەن، قىممەتلىك، ئەزىز
    104. ئەربۆكە، باتۇر، پالۋان
    105. ئەرەن-ئەرمىش، ئەۋلىيا، خىزىر
    106. ئەركە، نازلىق، جىلۋەلىك
    107. ئەسىن، ئىلھام، شامال
    108. ئەتىن گۈلدۈرماما تەڭرىسى
    109. ئىرماق، دەريا
    110. ئىدىل-ئىتىل دەريا، ۋولگا دەيارنىڭ ئىسى
    111. ئىشەنچ-ئىمان، ئىنانچ
    112. ئىزگۈ-گۈزەل، نەپىس، سۈپەتلىك
    113. قارلىغاچ، سۇندۇۋاچمۇ دېيىلىدۇ
    114. قارتال، بۈركۈتنىڭ بىر خىلى
    115. قارلۇق، بىر تۈرك قەۋمى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق غولى
    116. قاتاي تۆمۈرچى مۇئەككىلى
    117. قاي، داستان مەناسىدا
    118. قايرا بەرپاچى تەڭرى
    119. قىيات بىر خىل كۈچلۈك ھايۋان
    120. قىيان، تاغدىن كەلگەن كۈچلۈك ئېقىن، قارا سەل
    121. قىلىچ، ئوغۇللاردا كۆپ قويۇلىدىغان ئىسىم
    122. قورقۇت، قۇت بەرگۈچى، قۇتنى قوغدۇغۇچى