سېتىۋالدى كېرىم 1970-يىلى 1-ئىيۇندا ئاتۇش شەھرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىدا تۇغۇلغان. 1993-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرستىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ ،ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان، بۇ مەكتەپتە ئىزچىل تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن.
سېتىۋالدى كېرىم ئوقۇتۇشتىن سىرت، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ «تارىم»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق ئەدەبى ژورناللاردا شىئېر ۋە ھېكايەلەرنى، «شىنجاڭ مائارىپى» قاتارلىق ژورناللاردا ماقالەلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «دەز كەتكەن ئەڭگۈشتەر» ناملىق كىتابى، 2003-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مېنىڭ يېڭى دەرسخانام» دېگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان.
1992-يىلى سېتىۋالدى كېرىمنىڭ « كىچىك مەزىننىڭ يۈرەك ساداسى» ناملىق ئەسىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تۈنجى نۆۋەتلىك « غۇنچە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ «قالتىس ئېشەك» ناملىق ھېكايىسى 2014-يىلى « يېڭى ئەسىر تارىم مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۇ 2015-يىل 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان.
سېتىۋالدى كېرىم 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 2018-يىلى 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھازىر ئاتۇشتىكى بىر تۈرمەدە جازا مۇددىتى ئۆتىمەكتە.

