| ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى يۇۋال نوھ خارارى (Yuval Noah Harari) خاتىمە: تەڭرىگە ئايلانغان جانلىق |
Sapiens: a brief history of humankind Yuval Noah Harari. Afterword: The Animal that Became a God |
تۈگەنجە: تەڭرىگە ئايلانغان جانلىقيەتمىش مىڭ يىللار ئىلگىرى، ئىنسانلار(Homo sapiens) ئافرىقىنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئۆز ئىشى بىلەنلا ھەلەك بولىدىغان ئېتىبارسىز جانلىق ئىدى. كېيىنكى نەچچە مىڭ يىلدا ئۇلار ئۆزلىرىنى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ خوجايىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ۋەھىمىسىگە ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ئىلاھقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇلار مەڭگۈ قېرىماسلىقنىلا ئەمەس، بەلكى ئىلاھىي يارىتىش ۋە يوقىتىش قابىلىيىتىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشكە ھازىلاندى. بەختكە قارشى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار(sapiens)نىڭ ھاكىمىيىتى ھازىرغىچە بىز پەخىرلەنگۈدەك بىرەر چوڭ ئىش قىلمىدى. بىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى كونترول قىلالىدۇق، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق، شەھەر، ئىمپېرىيە قۇردۇق ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق سودا تورى شەكىللەندۈردۇق. ئەمما دۇنيادىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئازايتتۇقمۇ؟ ئىنسانىيەتنىڭ كۈچلىنىشى شەخسنىڭ پاراۋانلىقىدىن دىرەك بەرمىدى. ئىنسانلارنىڭ ھاكىمىيتى باشقا ھايۋانلارغا غايەت زور ئازاپ ئېلىپ كەلدى. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا بىز ئاخىرى قەھەتچىلىك، ۋابا ۋە ئۇرۇشنى ئازايتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ھەقىقىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شۇنداقتىمۇ باشقا ھايۋانلارنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز سۈرئەتتە ناچارلاشماقتا، ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسېلىشى تېخى يىقىنقى گەپ ۋە كۈچسىز بولۇپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانىيەت ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلىشقا قادىر بولسىمۇ نىشانى ئىنىق ئەمەس، ئىلگىرىكىدەكلا رازىمەنمۇ ئەمەس. بىز قولۋاقتىن باشلاپ كېمە، پار پاراخوتى، ئالەم كېمىسىگىچە تەرەققىي قىلدۇردۇق، ئەمما تەرەققىي قىلىپ نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىز ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك، ئەمما بۇ كۈچ بىلەن نېمە قىلىشنى بىلمەيمىز. تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، ئىنسانلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىز ياراتقان ئېلاھلار ۋە فىزىكا قانۇنىيەتلىرى بىلەن ياشىساقمۇ، بىراق ھېچكىمگە مەسئۇل بولمايمىز. نەتىجىدە ھايۋانلارغا ۋە ئەتراپتىكى ئېكولوگىيىلىك سىستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىمىز، ئۆزىمىزنى راھەتلەندۈرۈش ۋە كۆڭلىمىزنى خوش قىلىشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە رايىمىز يوق، شۇنداق بولسىمۇ قانائەت ھېس قىلمايمىز. دۇنيادا نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان قانائەتسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز ئىلاھ(ئىنسان)لاردىنمۇ خەتەرلىك جانلىق بارمۇ؟ |
Afterword: The Animal that Became a GodSEVENTY THOUSAND YEARS AGO, HOMO sapiens was still an insignificant animal minding its own business in a corner of Africa. In the following millennia it transformed itself into the master of the entire planet and the terror of the ecosystem. Today it stands on the verge of becoming a god, poised to acquire not only eternal youth, but also the divine abilities of creation and destruction. Unfortunately, the Sapiens regime on earth has so far produced little that we can be proud of. We have mastered our surroundings, increased food production, built cities, established empires and created far-flung trade networks. But did we decrease the amount of suffering in the world? Time and again, massive increases in human power did not necessarily improve the well-being of individual Sapiens, and usually caused immense misery to other animals. In the last few decades we have at last made some real progress as far as the human condition is concerned, with the reduction of famine, plague and war. Yet the situation of other animals is deteriorating more rapidly than ever before, and the improvement in the lot of humanity is too recent and fragile to be certain of. Moreover, despite the astonishing things that humans are capable of doing, we remain unsure of our goals and we seem to be as discontented as ever. We have advanced from canoes to galleys to steamships to space shuttles — but nobody knows where we’re going. We are more powerful than ever before, but have very little idea what to do with all that power. Worse still, humans seem to be more irresponsible than ever. Self-made gods with only the laws of physics to keep us company, we are accountable to no one. We are consequently wreaking havoc on our fellow animals and on the surrounding ecosystem, seeking little more than our own comfort and amusement, yet never finding satisfaction. Is there anything more dangerous than dissatisfied and irresponsible gods who don’t know what they want? |

