ئابدۇللا سۇلايمان (阿布都拉·苏莱曼 Abdull Sulayman)، شائىر، تەتقىقاتچى، 1952-يىلى ئاپرىلدا چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن. 1979-يىلدىن بۇيان خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلغان. 2018-يىلى خوتەن شەھرىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇلۇپ 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىغان.
ئابدۇللا سۇلايمان تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدرىيەت ئەزاسى ئىدى. ئۇ ئېلان قىلغان شىئېرلار تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجەلىرى ئۈچ پارچە كىتاپ ۋە 21 پارچە ئىلمىي ماقالە سۈپىتىدە ھەر قايسى ئىلمى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ «يۇرۇڭقاش ناخشىلىرى»(1982)، «ھايات ئۈچىلىرى»، (1984)، «بۇ كوچىدىن ئەخمەتجان ئۆتكەن» (1986)، «بۇ مۇھەببەت، بۇ ياشلىق» (1990)، «مۇھەببەتنىڭ كۆزى يوق» (1992)، «بىر ئادەم، بىر ئالەم» (1995) قاتارلىق كىتاپلارنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ نەشىر قىلدۇرغان «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» دېگەن كىتاپ 21 قىسىم بولۇپ 2005-2011-يىللىرى ئارقا ئارقىدىن نەشر قىلىنغان.
ئابدۇللا سۇلايمانننىڭ «بۇ كوچىدىن ئەخمەتجان ئۆتكەن» دېگەن كىتابى 1944-يىلدىن 1949-يىللارغىچە غۇلجانى پايتەخت قىلىپ مەۋجۇت بولغان ئىككىنچى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرى ئەخمەتجان قاسىمىغا بېغىشلانغان.
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ قان بېسىم ۋە دىيابىت كېسىلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دوستلىرى سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
تۆۋەندىكى تەرجىمھال «تارىم» ژۇرنىلىدىن ئېلىنغان:
شائىر ئابدۇللا سۇلايمان 1952-يىلى ئاپرېلدا چىرىيە ناھىيىسىنىڭ دامىكۇ يېزىسىغا قاراشلىق تاللىق كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1963-يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1966-يىلغىچە چىرىيە ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1966-يىلىدىن 1973-يىلغىچە يېزىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1973-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1979-يىلى خوتەن ئالىي سىفەن مەكتىپىگە يۆتكەلگەن. ئۇ ھازىر ئاشۇ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات-فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
ئابدۇللا سۇلايمان ئۆسمۈرلۈك يىللىرىدا ھەم دىنىي مەكتەپ، ھەم پەننىي مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالغان ئۇ چۈشتىن ئىلگىرى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇسا، چۈشتىن كېيىن دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، «بالا تالىپ» بولغان. دىنىي مەكتەپتە يادلاش تەلەپ قىلىنىدىغان ناۋايى، سوپى ئاللايار، خوجا ھاپىز قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان غەزەل ھەم ساقىنامىلىرى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە يېڭى ئەدەبىيات بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئۇ، دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيېۋ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇپلا قالماستىن، بەلكى لۇشۈن، ماۋدۇن، گومورۇ، ئەي چىڭ، پۇشكىن، لېرمونتوۋ قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ قىزىقىپ ئوقۇغان. ئۆزگىچە مەپتۇن قىلىش كۈچىگە ئىگە بۇ ئەسەرلەر ئۇنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان. دەل مۇشۇ ھاياجان ئۇنى قولىغا قەلەم ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ دەسلەپ خەلق قوشاقلىرىغا تەقلىد قىلىپ، قىسقا-قىسقا قوشاق، بېيىتلارنى يازغان. كېيىنچە مەكتەپ ۋە يېزا تۇرمۇشىنى تېما قىلىپ يېزىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ «مۇبارەك مېھمان» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1964-يىلى «خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان.
ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئابدۇللا سۇلايماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا مول نەزەرىيىۋى بىلىم ئىگىلەپلا قالماستىن، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدىمۇ مۇئەييەن چۈشەنچە، قاراشلارغا ئىگە بولغان، بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئاڭلىقلىقى، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئۆسكەن. شائىر شېئىرىي ئىلھامنىڭ ئاجايىپ سىرلىق دۇنياسىغا دادىل قەدەم تاشلىغان ئاشۇ ئۇنتۇلماس يىللاردا تۇرمۇشنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھالىتىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «يۇرۇڭقاش ناخشىلىرى»، «ھايات ئۈنچىلىرى»، «بۇ كوچىدىن ئەخمەتجان ئۆتكەن»، «بۇ-مۇھەببەت، بۇ ياشلىق»، «مۇھەببەتنىڭ كۆزى يوق»، «بىر ئادەم-بىر ئالەم» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلار توپلاملىرى نەشر قىلىندى.
ئابدۇللا سۇلايمان بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەت ژانىرىدا مول مېۋە بېرىپلا قالماستىن، ئەدەبىيات نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ « خەلق قوشاقلىرىدىكى خوتەن دېئالېكتى»، «تىل سەنئىتى ۋە ئىجادىيەت»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا رېئالىزمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە»، «ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەبىئىي پەن»، «تەپەككۇر ئۇسۇللىرى ۋە يېزىقچىلىق» قاتارلىق 28 پارچە ئىلمىي-نەزەرىيىۋى ماقالىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى. «يېزىقچىلىق بىلىملىرى»، «يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن 636 سوئال-جاۋاب»، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرىدىن كونسۇلتاتسىيە» قاتارلىق دەرسلىك ۋە پايدىلىنىش كىتابلىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ۋە پەن-تېخنىكا، سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەر ھەمدە چوڭلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى قىلىندى.
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ قىزىقىش دائىرىسى نىسبەتەن كەڭ، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك، ئۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ ئەزەربەيجان شائىرى سەمەت ۋۇرغۇننىڭ «يىگىرمە ئالتە»، «ئانا ھەيكىلى»، «كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار» قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلىرىنى، خەنزۇ يازغۇچىسى لياڭ شياۋشىڭنىڭ «ھاراق تەسىر قىلمايدىغان ئادەم»، ئامېرىكا يازغۇچىسى مارك تېۋىننىڭ «ئۇقۇشۇلماسلىق» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئاتاقلىق تېبابەت مۇتەخەسسىسى ئابدۇراھمان بىننى رەھمىتۇللانىڭ «دەستۇر ئىلاج» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تېببىي قامۇسىنى ئۇيغۇر چاغاتاي يېزىقىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ، كىتابخانلارغا تەقدىم قىلدى. يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى يەنە ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «ئۆسۈملۈك ۋە ئىنسانلار» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدى.
ئابدۇللا سۇلايمان گۈزەللىك يارىتىدىغان مەنىۋى پائالىيەت-شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، تۇرمۇشنى تونۇشنى ۋە ئۇنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم نۇقتا دەپ قارىدى. تۇرمۇشقا ۋە گۈزەللىككە بولغان مۇشۇ ئەقىدە ئاساسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەستايىدىللىق-نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. بەزىلەر ئىلھامنىڭ رولىنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپتۈرىۋېتىدۇ. ئىلھام ئوي-پىكىردىكى سەكرەشنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى بىر بەدىئىي مۇھىت يارىتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىجادىيەتتە زور قوزغىتىش كۈچىگە ئىگە بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز، بىراق ئالاھىدە تەپەككۇرلۇق ھادىسە بولغان ئىلھامغا تەلۋىلەرچە چوقۇنىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. مەن ئىلھامنىڭ تۇغۇت ئانىسى-ئەستايىدىللىق دەپ قارايمەن. پەقەت تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، كونكرېت ئادەم، ۋەقە-ھادىسىلەرنى، تەبىئەت دۇنياسىنى ئەستايىدىل كۆزەتكەندىلا ھەم چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزگەندىلا، دەۋر، مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئېستېتىك تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان، پەلسەپىۋىلىككە باي بولغان يېڭى شېئىرىي پىكىر، يېڭى شېئىرىي ئوبرازلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ».
شائىر ئابدۇللا سۇلايماننىڭ «گۈلباغ ناخشىلىرى»، «جەنۇب غەزەللىرى»، «باغۋەنگە مۇھەببەت»، «ئۆتەڭدىكى قوڭغۇراق» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا، «بۇ كوچىدىن ئەخمەتجان ئۆتكەن»، «يۇرتۇمنىڭ كىشىلىرى»، «خىيال قەسىدىسى»، «تەبىئەت سۈرەتلىرى» قاتارلىق شېئىر، داستانلىرى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1990-يىلى ئۇنىڭ «يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن 636 سوئال-جاۋاب» ناملىق دەرسلىك ۋە پايدىلىنىش كىتابى ئاپتونوم رايون بويىچە 2-قېتىملىق مۇنەۋۋەر پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن نەتىجىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. 1993-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەتلىك گېزىت-ژۇرناللارنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى قاتارلىق 4 ئورۇن ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك ياشلار گېزىت-ژۇرناللىرى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش-مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە ئۇنىڭ «تەپەككۇر ئۇسۇللىرى ۋە يېزىقچىلىق سەنئىتى» ناملىق ماقالىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «بۇ-مۇھەببەت، بۇ-ياشلىق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن جۇڭگو يازغۇ چىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدىبلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش-مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە مۇنەۋۋەر شېئىرىي توپلام مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرى بويىچە قازانغان شان-شەرەپلىرىگە ئاساسەن 1985-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىق 8 ئورۇن تەرىپىدىن ئۇنىڭغا «چېگرا رايون مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى» مىس مېدالى، 1992-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خادىمى مۇكاپاتى بېرىلدى. «جۇڭگو ھازىرقى زامان مەشھۇر كىشىلىرى لۇغىتى»، «جۇڭگو ھازىرقى زامان مائارىپچىلىرى لۇغىتى»، «خەلقئارا شەرق ئەدەبىيات-سەنئىتى مەشھۇر كىشىلىرى لۇغىتى»، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ياش ئەدىبلىرى لۇغىتى» قاتارلىق ئىسىملىك لۇغەتلىرىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەت، ئوقۇتۇش ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە شائىر ئابدۇللا سۇلايمان ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، غەربىي شىمال يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يېزىقچىلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى. شائىر ئابدۇللا سۇلايمان يېقىندا «ئۆتەڭدىكى قوڭغۇراق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن «تىل سەنئىتى ۋە ئىجادىيەت» ناملىق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىنى نەشرگە بەردى. بىز ئۇنىڭ ئىجادىيەت، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات قەدەملىرىدىن يەنىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت ھەم شان-شەرەپ كۈتىمىز.
-ئەنۋەر ئابدۇرېھىم تەييارلىغان
–تارىم ژۇرنىلى 1994-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى.
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ ھەرخىل ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ باشقا ئەسەرلىرى تىزىملىكى:
| كىتاب-ژۇرنال ئىسمى | ماقالە ئىسمى | كىتاپ ئاپتورى | يىل | سان | ئومومى سان | |
| بۇلاق ژۇرنىلى | نەۋبەتى شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنى ھەققىدە | ئابدۇللا سۇلايمان | 1988 – يىللىق | 3 – سان | (ئومۇمىي 24 – سان) | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/Bulaq/1988/3/6.pdf |
| خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | خوتەن دىئالېكتى توغرىسىدا ئۇمۇمىي بايان | ئابدۇللا سۇلايمان | 2005 – يىللىق | 2 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/HotenPedagogika/2005/2/8.pdf | |
| بۇلاق ژۇرنىلى | نەۋبەتى شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنى ھەققىدە | ئابدۇللا سۇلايمان | 1988 – يىللىق | 3 – سان | (ئومۇمىي 24 – سان) | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/Bulaq/1988/3/6.pdf |
| خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | خوتەن دىئالېكتى توغرىسىدا ئۇمۇمىي بايان | ئابدۇللا سۇلايمان | 2005 – يىللىق | 2 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/HotenPedagogika/2005/2/8.pdf | |
| خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | خوتەن يەر ناملىرىدىكى ئەپسانە-رىۋايەت ئامىللىرى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2009 – يىللىق | 1 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/HotenPedagogika/2009/1/1.pdf | |
| خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى | خوتەن يەر ناملىرىدىكى ئىجتىمائىي، تارىخىي ئامىللار | ئابدۇللا سۇلايمان | 2010 – يىللىق | 1 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/HotenPedagogika/2010/1/1.pdf | |
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 11 (خوتەن دىئالېكتى) | خوتەن دىئالېكتى توغرىسىدا ئۇمۇمىي بايان | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/BirlahotenDealikit/1.pdf | ||
| خوتەن شەھىرى تارىخى ماتېرىياللىرى | خوتەنلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئادەتلىرى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2011 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/HotenSheherTarih/6.pdf | ||
| شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى | تەكلىماكانغا مۇھەببەت | ئابدۇللا سۇلايمان | 1997 – يىللىق | 1 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/Xjmedeniyeti/1997/1/2.pdf | |
| شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى | ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تارىنىش، ياسىنىش ئادەتلىرى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2009 – يىللىق | 1 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh1/XjijTetqiqat/2009/1/16.pdf | |
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 5 (ئەدەبىيات-سەنئەت) | ئىجادىيەت ئاسمىنىدا چاقناپ ئۆتكەن چولپانلار | ئابدۇللا سۇلايمان | 2003 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/4/10.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 5 (ئەدەبىيات-سەنئەت) | خوتەن خەلق ناخشا – كۈيلىرىنىڭ تارىخىي، بەدىئىي قىممىتى ھەم پېشىۋالار | ئابدۇللا سۇلايمان | 2003 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/4/17.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 5 (ئەدەبىيات-سەنئەت) | خوتەندە سانايىنەفىسەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2003 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/4/20.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 6 (ھېكايەتلەر) | تەكلىماكان ئوغلى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2003 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/5/16.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە تەزكىرە – تارىخقا دائىر ئەسەرلەر | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/2.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | خوتەندە يېزىلغان يەنە بىر قىسىم تەزكىرىلەر | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/3.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | ئەدەبىي كىتابلار-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/4.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | ئىلمىي، ئۇنىۋېرسال كىتابلار-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/5.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، ھۈنەر – سەنئەتكە دائىر كىتابلار-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/6.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە دائىر كىتابلار-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/7.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | بۈگۈنكى زامان تەزكىرە كىتابلىرى-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/8.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلار-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/9.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | دەرسلىك ۋە كونسۇلتاتسىيە كىتابلىرى-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/10.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | تەرجىمە ئەسەرلەر-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/11.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | قەرەللىك، قەرەلسىز (خاتىرە) ژۇرناللار-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/12.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 12 (كىتابلار ئۇچۇرى) | خوتەن رايونىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم قەدىمكى كىتابلار | ئابدۇللا سۇلايمان | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/6/13.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار 14 (كارخانىچىلار) | تۈنۈگۈنكى تىرىشچانلىقتىن بۈگۈنكى رېئاللىققىچە-خوتەن | ئابدۇللا سۇلايمان، ئابلەت ئابدۇللا | 2006 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/8/26.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار (17) -ئاۋام تېبابىتى | ئاۋام تېبابىتىنىڭ قىسىچە بايانى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2011 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/17-tom/1.pdf | ||
| دۇنيادا بىرلا خوتەن بار (20) -ئۆچمەس ئىزلار | ئۆچمەس ئىزلار | ئابدۇللا سۇلايمان | 2011 – يىل | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/qosh3/BirlaHoten/17-tom/1.pdf | ||
| شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى | چىرا ئانارى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2016 – يىللىق | 8 – سان | ئومۇمىي 615 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/2022-3/XjYaxliri/2016/8/7.pdf |
| شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى | ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىكلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى | ئابدۇللا سۇلايمان | 2001 – يىللىق | 6 – سان | ئومۇمىي 54 – سان | http://www.ewlad.biz/MaqaleAmbar/2022-3/shinjang-ijtimaiy-penlar-munbiri/2001/6/7.pdf |
| خوتەن گىلىمى | خوتەن گىلىمى | مەمتىمىن سابىر، ئابدۇۋەلى تۇرسۇن، ئابدىلبەر روزى، ئابدۇللا سۇلايمان، ئىدرىس مەتتۇرسۇن | 2012 – يىل | https://www.uyghurkitap.com/book/kitap-9922 | ||
| ئۆسۈملۈك ۋە ئىنسانلار | ئۆسۈملۈك ۋە ئىنسانلار | مەمتىمىن توختى، ئابدۇللا سۇلايمان | 1994 – يىل | https://kutuphana.uygur.com/osumluk-ve-insanlar/ |
ئىككى شېئىر
ئابدۇللا سۇلايمان
تەبىئىيلىك ئاددىي ۋە ئۇلۇغ
قار ئۇچقۇنى – نەشپۈت چېچىكى،
كائىناتقا سالغان پايانداز.
مۇز تېگىدە ئاققان سۈزۈك سۇ،
ئۆزى كۈيلەر، ئۆزى چېلىپ ساز.
2003-يىل 2-سان
تەڭرىتاغ ژۇرنىلى
قاتقان دالا سوغۇق تەپتىدە،
تىنىقلىرى پەسلىگەن گويا.
قاماللانغان تۇپراقنىڭ كۆكسى،
يىلتىزلارنىڭ ئىلكىدە دۇنيا.
قۇياش ئاجىز نۇر تۆكسە كۈندۈز،
ئېرىپ ئۆچەر چىرماش ئىزلار ھەم.
كەچتە بالدۇر ئۇخلايدۇ دالا،
ئايدىن چۆچەك تىڭشاپ، شۈمۈپ نەم.
تۇتاش ئېدىر ئاقۋاش تاغلارغا،
كۆرۈنمەيدۇ ئۇپۇقنىڭ چېتى.
چۈشەر پەسكە مۇزلۇق ئېقىنلار،
يىراقلارغا ئىنتىلگەن پېتى.
بۇ جىملىقنى بۇ ئۇز سۈرەتنى،
تارتتىم قەلب تۆرىمگە تولۇق.
قويدۇم ئاڭا مۇنداق سەرلەۋھە:
تەبىئىيلىك ئاددىي ۋە ئۇلۇغ.
تىلىكىم
جەم بولدۇق يەنە سامپۇلسامپۇل لوپ ناھىيىسىنىڭ يېزىسى.باغلىرىغا،
ئۆزىمىز نورۇز تۇرۇپ، نورۇز دېدۇق.
ئايازدىن ئامان ئۆتۈپ غەنى دەمدە،
ئارزۇلار لوقمىسىنى يەنە يېدۇق.
كۆڭلىمىز قىر ياپقان كۆك مايسىلاردەك،
چېھرىمىز جۇلا قىلدى چېچەكلەردە.
بۇ گۈزەل يۇرتقا ئەھلى جامائەتكە،
ئەكەلدۇق گۈل تولدۇرۇپ ئېتەكلەردە.
بۇ سەپتە ئېيتقان نورۇز ناخشىمىزنى،
ئاڭلىدى تاغۇ – دەريا قېنىپ – قېنىپ.
بۇ ناخشا ئۈزۈلمىدى، پەسلىمىدى،
قالمىدۇق ئېيتقان پەيتى ھەرگىز چېنىپ.
شادلانساق يايراش كۈيى ئېيتتۇق تەڭلا،
غەملەنسەك مۇڭغا تولدى ئاۋازىمىز.
تاقىمىدۇق يالغان قانات – ياسىداق پەي،
دەرمانغا تۇشلۇق بولدى پەرۋازىمىز.
ھەممىنى ئويۇن دېدۇق – ئۆتەر دېدۇق،
ئاداققى شۇ ئۆلۈمدىن باشقىسىنى.
ۋەجى شۇ، پسەنت ئەتمەس – ھودۇقماستىن،
ئېيتايلى يېڭى نورۇز ناخشىسى.
بولساقلا ئامان – ئېسەن، شۇدۇر بەخت،
كۆرىمىز، كۈلەلەيمىز بۈگۈنكىدەك.
دوستلارغا، يۇرت ئەھلىگە تىلىكىم شۇ،
ئېچىلغاي تىلەكلەردىن مىڭلاپ چېچەك.
ئەسلەمسەن ۋاپادارىم.

