Skip to content
داۋۇت ئوبۇلقاسىم

داۋۇت ئوبۇلقاسىم، يازغۇچى، تەرجىمان، تەتقىقاتچى. 2018-يىلى فېۋرالدا قومۇل شەھرىدىكى ئۆيىدىن ئايالى رەيھانگۈل مەمەت بىلەن بىللە تۇتۇپ كېتىلگەن. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 2016-يىلى سېنتەبىردە باشلانغان زور تۇتقۇندا 2006 يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيەتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالەسى سەۋەپلىك سوراق قىلىنغان ۋە بىر قانچە كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

داۋۇت ئوبۇلقاسىم  1967-يىلى قومۇلدا تۇغۇلغان. 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1988-يىلى 15-ئىيۇن كۈنىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلارنىڭ بىرى بولغانلىقتىن نازارەتتىن قۇتۇلالمىغان. 1990-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن باشلاپ يېزىقچىلىق، سودا ۋە ئۇيغۇر تېبابەت تەتىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1998-يىلدىن باشلاپ شىركەت قۇرۇپ نەشرىيات سودىسى، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 2000-يىللاردىن كېيىن «شىنجاڭ مەدەنىيەتى» ژورنىلىدا «بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېرەك»، «ئۇيغۇرلاردا تەبى پەن روھى» دېگەن ماقالەلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «قومۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا «قانداق قىلىش كېرەك» دېگەن ماقالەسى ئېلان قىلىنغان.  پىلانلاپ، تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان كىتاپلار: «ھاياتقا تەھلىل قىسمەتكە ئاچقۇچ»، «تېبابەت قانۇنى»، «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلىسەپە»، «مۇستەقىللىق داۋاسىمۇ بۆلگۈنچىلىك ماجراسىمۇ» (2001)، «سوفىيەنىڭ دۇنياسى»، «تېرە پۈتۈك» (2013)، «تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا».

داۋات ئوبۇلقاسىم 2001-يىلدىن باشلاپ كۆكنۇر بىئو تېخىنىكا شىركەتىنى قۇرۇپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2014-يىلى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەت پەلىسەپەسى» دېگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان.

داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ ھەرخىل ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى

ئاپتورنىڭ توردىن تېپىلغان بەزى كىتاب ۋە ماقالىلىرى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.